首页 > شىنجاڭغا نەزەر > ساياھەت نوقتىلىرى

ھېيتگاھ جامەسى

:مەنبە 2008-09-02 00:00:00 :ۋاقىت

  ھېيتگاھ جامەسى

       قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئىسلام بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىكى ھەيۋەتلىك ئىمارەت بولۇپ، 500 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە. مىلادى 1442 - يىلى قەشقەرنىڭ ھۆكۈمرانى مىرزا ناقىس بۇ يەرگە ئالدى بىلەن بىر جامە سالدۇرغان. كېيىن ھەر قېتىملىق كېڭەيتىش ۋە رېمونت قىلىش ئارقىسىدا، ھازىرقى شەكىل ۋە كۆلەمنى ھاسىل قىلغان. بۇ جامە مەسچىت، قارىيخانا، مۇنبەر، كۆل ۋە باشقا ئەسلىھەلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 140 مېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 120 مېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 16 مىڭ 800 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. جامە يۈزى سېرىق  خىشتىن ياسىلىپ، خىش ئارىلىقلىرى گەج بىلەن ھىملەنگەن. دەرۋازىنىڭ 2 تەرىپىدە يېرىمى تام ئىچىگە ئېلىنىپ ياسالغان يۇمىلاق تۈۋرۈك بار، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 18 مېتىردىن ئاشىدۇ. ھەر يىلى روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت يېتىپ كەلگەندە، جامە ئالدىدىكى مەيداندا ھېيت تەنتەنىسى بولىدۇ. ھېيتلىق ياسانغان ئۇيغۇر يىگىتلەر شاد - خورام ناغرا ساداسىغا جور بولۇپ ساماغا چۈشىدۇ.

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى ئويۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئېلېكترونلۇك مەمۇرىيەت ئىشخانسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش