首页 > شىنجاڭغا نەزەر

قىزىل تاغ

:مەنبە 2008-09-02 00:00:00 :ۋاقىت

قىزىل تاغ

  

        قىزىل تاغ ( يالقۇنتاغ دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا - شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. تۇرپاندىن شەرققە قاراپ ماڭسىڭىز، پىچانغا بارىدىغان يول ئۈستىدە 100 نەچچە كىلومېتىرغا سوزۇلغان قىزىل تاغ چوققىلىرىنى كۆرىسىز. بۇ تاغ شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 10 كىلومېتىرغا، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 500 مېتىرغا، ئەڭ ئېگىز چوققىسى 850 مېتىردىن كۆپرەككە يېتىدۇ. تاغ گەۋدىسى ئاساسەن قىزىل تاش - شېغىللاردىن تەركىب تاپقان. بۇ يەرنىڭ يازدىكى ھاۋاسى قۇرغاق ھەم ئىسسىق، كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا ئىسسىق ھاۋا ئېقىمى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەيدۇ، قىزىل تاش - قىيالار خۇددى كۈچلۈك ئوت كۆيۈۋاتقاندەك يالىلداپ كېتىدۇ، شۇڭا بۇ جاي قىزىل تاغ دەپ ئاتالغان. بۇ يەر مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ ئىسسىق رايون بولۇپ، يازدىكى تېمپېراتۇرىسى 47 گىرادۇسقا يېتىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، تاغ ئۈستىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 80 گىرادۇسقا يېتىدىكەن. شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەت تارقالغان: تەڭرىتاغدا بىر ۋەھشى ئەجدىھا بار بولۇپ، مەخسۇس قىز - ئوغۇل بالىلارنى يەيدىكەن. سۇتۇق بۇغراخان بۇ ۋەھشى ئەجدىھانى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن قاراغوجىنى ئەۋەتىپ، ئۇنى 7 قۇدۇقتا ئۆلتۈرۈپتۇ. ئەجدىھا يارىلانغاندىن كېيىن تاغ بويلاپ تولغىنىپتۇ، ئۇنىڭ قانلىرى تاغ چوققىسىنى بويىۋەتكەچكە، بۇ جاي قىزىل رەڭگە كىرىپ قالغانمىش.


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى ئويۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئېلېكترونلۇك مەمۇرىيەت ئىشخانسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش