首页 > شىنجاڭغا نەزەر > ساياھەت نوقتىلىرى

قىزىلتاغ

:مەنبە 2008-09-03 00:00:00 :ۋاقىت

 قىزىلتاغ

     ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەركىزىدە ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ تاغ ھەر كۈنى سەھەر ۋە گۇگۇمدا قۇياش تەپتىدىن ئوتتەك قىزىرىپ كېتىدۇ. شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان بۇ تاغنىڭ ئاساسىي چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 1391 مېتىر ئېگىز. تاغ بېشى خۇددى ئارسىلاندەك كۆرۈنىدۇ، تاشلىرىنىڭ رەڭگىمۇ قىزىل، شۇڭا «ئارسىلانباش تاغ»، «قىزىل تۇمشۇق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قىزىلتاغ ئۇدۇلىدا ئارىلىقى 1000  مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان يامالىق تېغى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. تاغ باغرىدا ئۈرۈمچى دەرياسى جەنۇبتىن شىمالغا كېسىپ ئۆتىدۇ. قىزىلتاغ كۆپ يىللار مابەينىدە كۆكەرتىلدى، ھازىر «قىزىلتاغ باغچىسى» ياسالدى، باغچىدا قىزىل راۋاق، يېشىل دەرەخ، كۆك مۇنار ۋە قىزىل قىيالار ئۆزگىچە ھۆسىن قوشۇپ تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مىللىي قەھرىمان لىن زېشۈنىڭ ھەيكىلى ۋە قىزىلتاغنى كۆكەرتىش خاتىرە ھەيكىلى ياسالدى. بۇ، قەدىمكى قىزىلتاغقا ياشلىق جىلۋىسى قوشتى. قىزىلتاغ چوققىسىدىكى «نەزەر راۋىقى» غا چىقسىڭىز، چېگرىدىكى بۇ شەھەرنىڭ گۈزەل قىياپىتى ئالدىڭىزدا تولۇق نامايان بولىدۇ. قىزىلتاغ ھازىر ئۈرۈمچىنىڭ سىموۋولىغا ئايلاندى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى ئويۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئېلېكترونلۇك مەمۇرىيەت ئىشخانسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش