首页 > شىنجاڭغا نەزەر > ساياھەت نوقتىلىرى

قاناس كۆلى

:مەنبە 2008-09-03 00:00:00 :ۋاقىت

 

شەرقتىكى شۋېتسارىيە دەپ نام ئالغان گۈزەل مەنزىرىگاھ

__  قاناس كۆلى

        قاناس كۆلى قاناس دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ جەۋھىرىدۇر. بۇ كۆل مۇزلۇق تەسىرىدىن پەيدا بولغان كۈچلۈك چىرىش ۋە مۇزلۇق پوستلاق ماددىلىرى تەسكەي جىلغا ئارىلىرىغا قىسىلىپ چوخچىيىپ چىقىش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن. دېڭىز يۈزىدىن 1375 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان بۇ كۆل بەئەينى ھىلال ئاينىڭ ئۆزى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5.24 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 9.1 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 90 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 4.188 مېتىر، سۇ سىغىمى 4 مىليارد كۇپ مېتىر بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى چوڭقۇر كۆللەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. كۆل ئەتراپى ياپ - يېشىل يىڭنە يوپۇرماقلىق ۋە كەڭ يوپۇرماقلىق قارىغاي بىلەن قاپلىنىپ، تاغ باغرىدىكى بىپايان يايلاق بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن. كۆكلەمدە يايلاق گۈل - چىمەنلەردىن لىباس كىيىدۇ. تاغ باغرىدا ئاپئاق تۇمان ئەگىپ يۈرۈيدۇ. يىراقتىن قارىسىڭىز ئاقباش چوققىلىق تاغ باغرىدىكى قارىغايلىق جىلغىلاردا سۈزۈك سۇلار شىلدىرلاپ ئاقىدۇ. 7-، 8- ئايلاردا دېڭىز يۈزىدىن 2030 مېتىر ئېگىز تاغ ئۈستىدىكى راۋاققا چىقىپ كۆل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغان ھەر قانداق ئادەم بۇ كۆلنىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسىدىن سۆيۈنمەي تۇرالمايدۇ، كۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت ئاستىدا رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن بۇ كۆل ھەقىقەتەن گۈزەللىكتە تەڭداشسىز. قاناستا سىز «گۆھەر نۇرى» نىڭ رەڭگارەڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلالايسىز. بۇ «گۆھەر نۇرى» نى كىشىلەر «بۇددا نۇرى» دەپ ئاتىۋالىدۇ. جاھاندا تەڭداشسىز قاناس يىلاندەك تولغىنىپ ياتقان مۇزلۇق، ياپ - يېشىل يايلاق، بىپايان ئورمانزار ۋە تاغ باغرىدا لەيلەپ يۈرگەن نېپىز تۇمانلار بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ، جەننەت مىسلى گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغان. قۇياش ئۇپۇق يېرىپ كۆتۈرۈلگەندە ياكى تۈن پەردىسى ئېتەك يايغاندا، كېمىگە ئولتۇرسىڭىز ياكى 4 - ئەگىمدىكى پەشتاققا چىقسىڭىز، كۆلنىڭ تىلسىماتلىرىنى بىلىپ باققىڭىز كېلىدۇ، تەلىيىڭىز ئوڭدىن كېلىپ قالسا ، تېخى گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ غايىپ بولىدىغان «كۆلدىكى غەلىتە مەخلۇق» نى كۆرەلەيسىز.
قاناس كۆلى مەملىكىتىمىز بويىچە ياۋروپاچە ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ھازىرلىغان تېپىلغۇسىز بىر رايون، بۇ مۇھاپىزەت رايونىدا 798 خىل ئۆسۈملۈك بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەتىۋارلىق ئۆسۈملۈك 30 خىلغا يېتىدۇ، 39 خىل ھايۋانات، 117 خىل قۇش، 7 خىل بېلىق بار، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان ھايۋانات 5 خىلغا، 2 - دەرىجىلىك مۇھاپىزەت قىلىنىدىغىنى 13 خىلغا يېتىدۇ، باشقا ئاز ئۇچرايدىغان ھايۋانات 9 خىلغا يېتىدۇ، خاتىرىلەنگەن ھاشارات ۋە زەمبۇرۇغ يېڭى خىلى 60 تىن ئاشىدۇ.
قاناسنىڭ ئاجايىپ، ئۆزگىچە، گۈزەل، رەڭدار تەبىئىي مەنزىرىسى دۆلەت رەھبەرلىرى، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ۋە ساياھەتچىلەرنى ھوزۇرلاندۇرماقتا. ئۇنىڭ جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل جاي ئىكەنلىكىنى ئومۇم ئېتىراپ قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قاناس سبىرىيە تايگا ئورمانلىقىنىڭ جۇڭگودىكى بىردىنبىر سوزۇلما بەلبېغى، جۇڭگودىكى بىردىنبىر شىمالىي پاسىلى ياۋروپانىڭ سبىرىيە رايونىنى ئىگىلىگەن ئۆسۈملۈك - ھايۋانات تارقالغان رايون، جۇڭگودىكى بىردىنبىر شىمالىي مۇز ئوكيان دەريا سىستېمىسى بولغان ئېرتىش دەرياسىنىڭ ئەڭ چوڭ تارماق ئېقىنىنىڭ مەنبەسى، جۇڭگودىكى موڭغۇللارغا تەۋە تۇۋانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىردىنبىر جاي، جۇڭگودىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن سانىلىدىغان مۇزلۇق ھېسابلىنىدۇ.
تۇۋانلار «تىۋان»، «كۆك مۇنچاق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تارىخى ئۇزاق، قەدىمكى ھۆججەتلەردە تۇۋانلار توغرىلىق خاتىرىلەر بار. بەزى ئالىملار ئۇلارنى چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈش قىلغاندا قېپقالغان بىر قىسىم قېرى، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ ئەسكەرلەرنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدۇ. قاناستا ياشاۋاتقان پېشقەدەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى بۇنىڭدىن 500 يىل مۇقەددەم سبىرىيىدىن كۆچۈپ كەلگەنلىكى، ھازىرقى رۇسىيىنىڭ تۇۋان جۇمھۇرىيىتىدىكى تۇۋانلار بىلەن بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشىدۇ. تۇۋانلار ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە تۇرمۇش ئادىتى ۋە تىلىنى ساقلاپ كەلگەن، تۇۋان تىلى ئالتاي تىل سىستېمىسىنىڭ تۈرك تىلى ئائىلىسىگە كىرىدۇ، قازاق تىلىغا يېقىن كېلىدۇ. تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتە تۇۋانلار موڭغۇللارنىڭ ئەنئەنىۋى يەرلىك بايرىمى بولغان زۇل بايرىمى <قىش كىرىش بايرىمى>، خەنزۇلارنىڭ چاغىنى ۋە تاۋۇز چاغىنىنىمۇ ئۆتكۈزىدۇ. تۇۋانلار بۇددىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۆلگەنلەرنى كۆمۈپ دەپىن قىلىدۇ. تۇۋانلار ئالتايدىكى قاناس كۆلىنىڭ تۇۋانلار كەنتى ۋە ئاق قابا تۇۋانلار كەنتلىرىدە ياشايدۇ. قاناس كۆلى تۇۋانلار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، قاناس ساياھەت رايونىدا ئۆزگىچە سېھرى مىللىي پۇراق ھاسىل قىلغان.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى ئويۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئېلېكترونلۇك مەمۇرىيەت ئىشخانسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش