首页 > ئۇچۇرلارنى ئاشكارلاش > ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى

يولداش جۇ شياۋلېي، جاڭ يۈ، گاۋ فېڭغا «ئۈلگىلىك ئوت مۇداپىئە قوغدىغۇچىسى» دەپ شەرەپلىك نام بېرىش توغرىسىدا قارار

:مەنبە 2008-10-10 00:00:00 :ۋاقىت

 

ش ھ [2008] 2 - نومۇرلۇق

 

يولداش جۇ شياۋلېي، جاڭ يۈ، گاۋ فېڭغا «ئۈلگىلىك
ئوت مۇداپىئە قوغدىغۇچىسى» دەپ شەرەپلىك نام
بېرىش توغرىسىدا قارار

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:

   2008 - يىل 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سائەت 20 دىن 20 مىنوت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھىرى چيەنتاڭجياڭ يولىدىكى دېخۇي ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى دېخۇي خەلقئارا مەيدانى توپ تارقىتىش بازىرىغا ئوت كېتىپ، كۆپلىگەن تاۋار ۋە ماددىي ئەشيالار ئېغىر خەۋپكە دۇچ كېلىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان شىنجاڭ ئوت مۇداپىئە باش ئەترىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت مۇداپىئە تارماق ئەترىتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 84 ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى، 435 ئوفىتىسېر - ئەسكەرنى قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىغا ئاتلاندۇردى. ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت مۇداپىئە تارماق ئەترىتى ئالاھىدە چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى جۇ شياۋلېي، پراكتىكانت پەيجاڭ جاڭ يۈ، پراكتىكا قىلىۋاتقان ھەربىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى گاۋ فېڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىغا كىرىپ، قاپسىلىپ قالغان ئاممىنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىپ، قاپسىلىپ قالغان 2 كىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇپ چىقتى. ئۇلار ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىغا قايتا ئاتلىنىپ قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقاندا، ئوت كەتكەن مەيداننىڭ مۇھىتى مۇرەككەپ بولغاچقا، ھەم ئۇلار ھالىدىن كەتكەن ۋە ئىستىن زەھەرلەنگەچكە قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.
  جۇ شياۋلېي، جاڭ يۈ، گاۋ فېڭ قىسىمغا كىرگەندىن بۇيان ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «3 كە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى شەرەپ بىلىش» دېگەن تەربىيىسىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، خىزمەت ئورنى ۋە كەسپىنى قەدىرلەپ، ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، جاسارەتلىك ئىستىل يېتىلدۈرگەن. ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش داۋامىدا ئۇلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «پارتىيە، خەلقنىڭ مەڭگۈ سادىق قوغدىغۇچىسى بولۇش» تەك مۇقەددەس بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئوت مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش باش مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئوت مۇداپىئە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىنىڭ قورقماس ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھىنى نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئارىسىدا «خەلق قوراللىق ساقچىلىرى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، خەلق قوراللىق ساقچىلىرى خەلقنى سۆيىدۇ» دېگەن دەۋر ئابىدىسىنى تىكلىدى. شۇڭا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇ شياۋلېي، جاڭ يۈ، گاۋ فېڭ قاتارلىق 3 يولداشقا «ئۈلگىلىك ئوت مۇداپىئە قوغدىغۇچىسى» دەپ شەرەپلىك نام بېرىشنى قارار قىلدى.
  جايلار، تارماقلار ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار «ئۈلگىلىك ئوت مۇداپىئە قوغدىغۇچىسى» بولغان جۇ شياۋلېي، جاڭ يۈ، گاۋ فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، 3 يولداشنىڭ قەھرىمانلىق ئىش - ئىزلىرىنى جانلىق دەرسلىك قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋە قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە «3 كە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىمىزنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى لازىم.

 


2008 - يىل 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى 

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش