首页 > ئۇچۇرلارنى ئاشكارلاش > ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

:مەنبە 2008-10-10 00:00:00 :ۋاقىت

 

ش ھ [2008] 5 - نومۇرلۇق


ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى
تەڭشەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئ-ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:

  دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەشنى قارار قىلدۇق. مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:
1. تەڭشەلگەن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى
1) ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى
  ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى مۇنداق 2 خىل بولىدۇ: بىرى، ئەمگەكچى شەخسى تاپشۇرغان كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى پۇلى ۋە تۇرالغۇ جامائەت فوندى قاتارلىق خىراجەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان (تۆۋەندە «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» دېيىلىدۇ) ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بولۇپ، 6 دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، ئېيىغا 670 يۈەن، 550 يۈەن، 490 يۈەن، 460 يۈەن، 430 يۈەن ۋە 400 يۈەن بولىدۇ. يەنە بىرى، «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بولۇپ، بۇمۇ 6 دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، يەنى ئېيىغا 800 يۈەن، 670 يۈەن، 610 يۈەن، 580 يۈەن، 550 يۈەن ۋە 520 يۈەن بولىدۇ (قوشۇمچە جەدۋەل -- 1 گە قاراڭ).
2) سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى توغرىسىدا
  سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى 5 دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، يەنى ھەر سائىتىگە 8 يۈەن، 7 يۈەن، 6.5 يۈەن، 6 يۈەن ۋە 5.5 يۈەن بولىدۇ (جايلارنىڭ ئۆلچىمى قوشۇمچە جەدۋەل -- 2 دە كۆرسىتىلدى).
2. تەدبىقلاش دائىرىسى
1) تەڭشەلگەندىن كېيىنكى «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» نىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى پۈتۈن كۈنلۈك ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەرگە تەدبىقلىنىدۇ؛
2) تەڭشەلگەن سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى پۈتۈن كۈنلۈك ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئەمگەكچىلەرگە تەدبىقلىنىدۇ؛
3) تەڭشەلگەندىن كېيىنكى «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» نىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى جايلار بېكىتكەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ئۆلچىمى، ئەڭ تۆۋەن كۈتۈنۈش كاپالىتى سوممىسى، ئىشتا يارىلانغان ۋە مېيىپ بولغانلار ياردەم پۇلى ۋە پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ياردەم پۇل قاتارلىق ئالاقىدار تەمىناتلارغا تەدبىقلىنىدۇ.
3. پۈتۈن كۈنلۈك ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچى نورمال ئەمگەك قىلغان شارائىتتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىگە شۇ جاينىڭ «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بويىچە مائاش بېرىدۇ ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە شەخسلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» نى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرىدۇ، ئەمگەكچىنىڭ ئەمەلىي ئالىدىغان مائاشى شۇ جاينىڭ «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» نى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولمايدۇ.
4. تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2008 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.
5. باشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ «ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ <ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بەلگىلىمىسى> نى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (ش ئە ئى [2004] 11 - نومۇرلۇق) ئى بويىچە بولىدۇ.

  قوشۇمچىسى:

1. تەڭشەلگەن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى جەدۋىلى
2. تەڭشەلگەن سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى جەدۋىلى


2007 - يىل 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى

قوشۇمچە جەدۋەل  1:

تەڭشەلگەن ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى جەدۋىلى

بىرلىكى: ئايدا/ يۈەن
رايون نامى  «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى  «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى

 قاراماي شەھىرى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى                    670                                                                         800

ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى، فۇكاڭ شەھىرى، ماناس ناھىيىسى، قۇتۇبى ناھىيىسى، شىخەنزە شەھىرى  550                                670        

ۋۇجياچۈ شەھىرى، ساۋەن ناھىيىسى، گۇچۇڭ ناھىيىسى، جىمسار ناھىيىسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، شىخو شەھىرى    490                 610 

تۇرپان شەھىرى، پىچان ناھىيىسى، قۇمۇل شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، مەكىت ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى،

 پوسكام ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى،

 يوپۇرغا ناھىيىسى، قاغىلىق ناھىيىسى، پەيزاۋات ناھىيىسى، يېڭىسار ناھىيىسى، غۇلجا شەھىرى، كۇيتۇن شەھىرى،

 كۈنەس ناھىيىسى، غۇلجا ناھىيىسى، قورغاس ناھىيىسى، توققۇزتارا ناھىيىسى                  460                                                    580

ئاتۇش شەھىرى، ئاقچى ناھىيىسى، ئاقتۇ ناھىيىسى، ئۇلۇغچات ناھىيىسى، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى،

ئاراتۈرۈك ناھىيىسى، چۆچەك شەھىرى، دۆربىلجىن ناھىيىسى، كورلا شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا ناھىيىسى،

 ئارال شەھىرى، ئالتاي شەھىرى، بۇرچىن ناھىيىسى، كۆكتوقاي ناھىيىسى، بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى، قابا ناھىيىسى،

 چىڭگىل ناھىيىسى، جېمىنەي ناھىيىسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى،

 تېكەس ناھىيىسى، نىلقا ناھىيىسى                                                       430                                                           550

بۈگۈر ناھىيىسى، لوپنۇر ناھىيىسى، چاقىلىق ناھىيىسى، چەرچەن ناھىيىسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى،

 خېجىڭ ناھىيىسى، خوشۇت ناھىيىسى، باغراش ناھىيىسى، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى، خوتەن شەھىرى،

 خوتەن ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى، گۇما ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى، كېرىيە ناھىيىسى،

 نىيە ناھىيىسى، تولى ناھىيىسى، چاغانتوقاي ناھىيىسى، توقسۇن ناھىيىسى، بورتالا شەھىرى، جىڭ ناھىيىسى،

 ئارشاڭ ناھىيىسى، باي ناھىيىسى، ئونسۇ ناھىيىسى، توقسۇ ناھىيىسى، شايار ناھىيىسى، ئاۋات ناھىيىسى،

 ئۇچتۇرپان ناھىيىسى، كەلپىن ناھىيىسى                                              400                                                              520
قوشۇمچە جەدۋەل  2:

تەڭشەلگەن سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى

بىرلىكى: سائىتىگە/ يۈەن
رايون نامى                                                                                       سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى

قاراماي شەھىرى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى                                                           8     

ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى، فۇكاڭ شەھىرى، ماناس ناھىيىسى، قۇتۇبى ناھىيىسى، شىخەنزە شەھىرى، ۋۇجياچۈ شەھىرى، ساۋەن ناھىيىسى،

 گۇچۇڭ ناھىيىسى، جىمسار ناھىيىسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى                                          7

شىخو شەھىرى، كۇيتۇن شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، كۈنەس ناھىيىسى، غۇلجا ناھىيىسى، قورغاس ناھىيىسى، توققۇزتارا ناھىيىسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى     6.5 

 كورلا شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، پىچان ناھىيىسى، ئاقسۇ شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، مەكىت ناھىيىسى، تېكەس ناھىيىسى، نىلقا ناھىيىسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى،

 پوسكام ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى، ئارال شەھىرى، قۇمۇل شەھىرى، يوپۇرغا ناھىيىسى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى،

 قاغىلىق ناھىيىسى، پەيزاۋات ناھىيىسى، يېڭىسار ناھىيىسى                                                                    6

ئاتۇش شەھىرى، ئاقچى ناھىيىسى، ئاۋات ناھىيىسى، ئۇچتۇرپان ناھىيىسى. باي ناھىيىسى، كۇچا ناھىيىسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى، خوشۇت ناھىيىسى،

 خېجىڭ ناھىيىسى، باغراش ناھىيىسى، لوپنۇر ناھىيىسى، بۈگۈر ناھىيىسى، چاقىلىق ناھىيىسى، چەرچەن ناھىيىسى، چۆچەك شەھىرى، دۆربىلجىن ناھىيىسى،

 قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى، خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى، گۇما ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى، كېرىيە ناھىيىسى،

 نىيە ناھىيىسى، ئالتاي شەھىرى، بۇرچىن ناھىيىسى، كۆكتوقاي ناھىيىسى، بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى، قابا ناھىيىسى، چىڭگىل ناھىيىسى، جېمىنەي ناھىيىسى،

 بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، ئاراتۈرۈك ناھىيىسى، ئاقتۇ ناھىيىسى، ئۇلۇغچات ناھىيىسى، تولى ناھىيىسى، توقسۇن ناھىيىسى، بورتالا شەھىرى، جىڭ ناھىيىسى،

 ئارشاڭ ناھىيىسى، ئونسۇ ناھىيىسى، توقسۇ ناھىيىسى، كەلپىن ناھىيىسى، شايار ناھىيىسى، چاغانتوقاي ناھىيىسى                      5.5 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش