首页 > ئۇچۇرلارنى ئاشكارلاش > ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى 2 - قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

:مەنبە 2008-10-13 00:00:00 :ۋاقىت

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھۆججىتى

ش ھ [2008] 6 - نومۇرلۇق



ئاپتونوم رايونىمىزدا مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى
2 - قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى
قانات يايدۇرۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:

  «مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نىزامى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن 2008 - يىلى مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى 2 - قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى ھەمدە «گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى 2 - قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (گ[2007] 35 - نومۇرلۇق) نى تارقاتتى. گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزدا مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى 2 - قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:
1. ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى ۋە ئاساسىي مەقسىتى
   مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى 2 - قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش بىر مۇھىم دۆلەت ئەھۋالى ۋە دۆلەت كۈچى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى: دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «3 كە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلمىي لايىھىلەپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، قانۇن بويىچە يولغا قويۇپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى، دۆلەت كۈچى سانلىق مەلۇماتى بىلەن تولۇق، توغرا تەمىنلەپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ماكرولۇق باشقۇرۇشى ۋە ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش. ئاساسىي مەقسىتى: دۆلىتىمىزدە 2 -، 3 - كەسىپنىڭ تەرەققىيات كۆلىمى ۋە جايلىشىش ئەھۋالىنى تولۇق ئىگىلەش؛ دۆلىتىمىزدىكى كەسىپ تەشكىلى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، كەسىپ تېخنىكىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئىگىلەش؛ دۆلىتىمىزدىكى تۈرلۈك كارخانىلار ۋە ئورۇنلارنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئېنىقلاش؛ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنى قاپلىغان ئاساسىي ئورۇنلار تىزىملىكى ئامبىرى، ئاساسىي ئۇچۇر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە ستاتىستىكا ئېلېكترونلۇق جۇغراپىيىلىك ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ستاتىستىكا ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، خەلق ئىگىلىكى ھېسابلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ ئىلمىي، توغرا ستاتىستىكىلىق ئۇچۇر مەدىتى بىلەن تەمىنلەش.
2. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئوبيېكتى، دائىرىسى، مەزمۇنى ۋە ۋاقتى
   ئاپتونوم رايوننىڭ مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى 2 - قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئوبيېكتى ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە 2 -، 3 - كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بارلىق قانۇنىي ئىگە بولغان ئورۇن، كەسپىي پائالىيەت ئورنى ۋە يەككە تىجارەتچىلەردۇر. كونكرېت دائىرىسى: كانچىلىق، ياساش كەسپى، ئېلېكتر ئېنېرگىيە، گاز، سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپى، بىناكارلىق كەسپى قاتناش - ترانسپورت كەسپى، ساقلاش ۋە پوچتا كەسپى، ئۇچۇر يوللاش، كومپيۇتېر مۇلازىمىتى ۋە يۇمشاق دېتال كەسپى ، توپ سېتىش ۋە پارچە سېتىش، ياتاق ۋە يېمەك - ئىچمەك كەسپى، پۇل مۇئامىلە كەسپى، ئۆي - زېمىن كەسپى، ئىجارىگە بېرىش ۋە سودا مۇلازىمىتى كەسپى، پەن - تېخنىكا تەتقىقاتى، تېخنىكا مۇلازىمىتى ۋە گېئو تەكشۈرۈش كەسپى، سۇچىلىق، مۇھىت ۋە جامائەت ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش كەسپى، ئائىلە مۇلازىمىتى ۋە باشقا مۇلازىمەت كەسپى، مائارىپ، سەھىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كەسپى، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش كەسپى، جامائەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي خاسلىقى، كەسىپكارلىرى، مالىيە ئەھۋالى، ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت ئەھۋالى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئېنېرگىيە سەرپىياتى، پەن - تېخنىكا پائالىيىتى ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
   ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئۆلچەملىك ۋاقتى 2008 - يىل 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ماتېرىيالنىڭ ۋاقتى 2008 - يىللىق بولىدۇ.


3
. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلى ۋە رەھبەرلىك
  مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى 2 - قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، قاتناشقۇچى تارماق كۆپ، تېخنىكا تەلىپى ۋە خىزمەتنىڭ قىيىنچىلىق دەرىجىسى يۇقىرى. گوۋۇيۈەن جايلار، تارماقلاردىن «مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، تارماقلار ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىش، جايلار دەرىجىگە ئايرىپ مەسئۇل بولۇش، ھەر قايسىسى ئورتاق قاتنىشىش» پرىنسىپى بويىچە ئەستايىدىل پائال تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇ خىزمەتنى تەشكىللەش ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى 2 - قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى (تەركىبىدىكى ئەزالارنىڭ ئىسىملىكى ئايرىم تارقىتىلىدۇ) تەسىس قىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تەشكىللەش ۋە يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسىدە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى كۈندىلىك تەشكىللىتىش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار ئۆز فۇنكسىيىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، زىچ ماسلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى بىرلىكتە ئورۇندىشى كېرەك.
   ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر) لەر مۇناسىپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئىشخانا تەسىس قىلىپ، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، شۇ جاينىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشى ھەمدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملارنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى جەريانىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك.
   كوچا باشقارمىسى ۋە ئاھالىلەر كومىتېتى، يېزا - بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىشقا ۋە ئۇنى ئەستايىدىل ماسلىشىپ ياخشى ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىشى ۋە تەشكىللىشى كېرەك.
   شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاپتونوم رايونلۇق مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى 2 - قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە بولۇپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆلچەم ۋە تەلەپ بويىچە، بىڭتۇەننىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.
4. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىراجىتى كاپالىتى
   ئاپتونوم رايوننىڭ مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى 2 - قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە كېتىدىغان خىراجىتىنى  ئاپتونوم رايون ۋە ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ ھەمدە شۇ يىللىق خام چوتىغا كىرگۈزۈپ، ۋاقتىدا ئاجرىتىپ بېرىپ، نەقلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. جايلار «مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نىزامى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ۋە دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى، مىنىستىرلىكىنىڭ «ستاتىستىكا تارماقلارنىڭ دەۋرىيلىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشى ۋە چوڭ تەكشۈرۈش خىراجىتى چىقىمى بەلگىلىمىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (د س [2003] (74 - نومۇرلۇق) نىڭ روھى بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىراجەتلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ھەمدە ۋاقتىدا تولۇق ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك.
5. خىزمەت تەلىپى
1) سانلىق مەلۇماتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى 2 - قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، تەدبىر ۋە ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. لايىھىنى ئىلمىي تۈزۈپ، سانلىق مەلۇماتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرى سۈپىتىنى تىزگىنلەش ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەرياندىكى سۈپەت باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ راست، ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
2) قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش كېرەك. بارلىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستاتىستىكا قانۇنى» ۋە «مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نىزامى» دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى ۋاقتىدا، ئەينەن تولدۇرۇشى كېرەك. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سانلىق مەلۇماتنى يالغان مەلۇم قىلىشىغا، يوشۇرۇشىغا مەلۇم قىلىشنى رەت قىلىشىغا، مەلۇم قىلىشىنى كېچىكتۈرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. ئۇنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشىغا ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك ستاتىستىكا قانۇنىنى ئىجرا قىلىش ئاپپاراتلىرى ۋە مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىدىكى قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىگە دەخلى يەتكۈزۈش ھادىسىلىرىنى قاتتىق توسۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
3) مەخپىيەت ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك. ئىقتىسادنى تەكشۈرۈشتە ئېلىنغان ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ ماتېرىياللىرى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىش مەقسىتىدە قاتتىق تىزگىنلەپ، ھەر قانداق ئورۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنى جازالاشتىكى ئاساسى قىلىنماسلىق كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش داۋامىدا خەۋەر تاپقان دۆلەت مەخپىيەتلىكىدە، مەخپىيەتلىك ۋە تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىدە، مەخپىيەتلىك ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
4) تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئاخبارات ئورۇنلىرىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. گېزىت - ژۇرنال، رادىئو - تېلېۋىزىيە ۋە ئىنتېرنېت تورى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە تەلىپىنى، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى، تەكشۈرۈش داۋامىدىكى تىپىك ئىشلار ۋە قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، كەڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە قانۇن بويىچە ماسلىشىشقا يېتەكلەپ، تەكشۈرۈش خادىملىرىنى قانۇن بويىچە خىزمەت توغرىسىدا تەربىيىلەپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

 


2008 - يىل 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى


 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش