首页 > شىنجاڭغا نەزەر > ساياھەت نوقتىلىرى

قىزىل مىڭ ئۆي

ئاقسۇ ھۆكۈمەت تورى :مەنبە 2009-03-26 00:00:00 :ۋاقىت

 


        قىزىل مىڭئۆي— دەسلەپكى مەزگىلدىكى بۇددىزىم غارلىرىنىڭ ۋەكىلى ، باي ناھىيىسى قىزىل يېزىسىنىڭ توققۇز كىلومېتىز شەرقىي جەنۇبىغا ، مۇزات دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى تىك يار ئۈستىگە جايلاشقان . غارلار شەرقتىن غەربكە ئىككى كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇۇلغان بولۇپ ، جىلغىنىڭ غەربى ، جىلغا ئىچى ، جىلغىنىڭ شەرقىي ۋە تاغ كەينىدىن ئىبارەت تۆت رايونغا ئايرىلىدۇ . رەسمىي نومۇر قويۇلغان غار 236 ، ئاساسىي جەھەتتىن غار شەكلىگە ئىگە ئۆڭكۈرلەر 334 كە يېتىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە غار شەكلى بىر قەدەر مۇكەممەل ، تام رەسىملىرىنىڭ ساقلىنىشى بىر قەدەر ياخشى بولغان غار 70 تىن ئاشىدۇ . قىزىل مىڭئۆيىنى ياساش تەخمىنەن مىلادىيە 3 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلىنپ ، 8 ~ 9 ئەسىرلەردە توختىغان بولۇپ ، ئۇ ئېلىمىزدىكى ئەڭ بالدۇر قېزىلغان چوڭ تىپتىكى غارلار توپى ھېسابلىنىدۇ . قىزىل مىڭئۆيدىكى مەدەنىيەت يالدامىلىرى بىناكارلىق ، ھەيكەللەر ، تام رەسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . 


 

 قىزىل مىڭئۆي سەنئىتى كۈسەن بۇددىزىم سەنئىتى ئەندىزىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەكىلى بولۇپ ، ئۇ بىناكارلىقتىكى مەركىزىي تۈۋرۈكلۈك غار تېخنىكىسى ، رەسساملىقتىكى رومبىسىمان تۈزۈلۈش ، سايىلاندۇرۇپ رەڭ بېرىش ۋە سىزىق بىلەن تەسۋىرلەش ئۇسۇلى ، مول ۋەقەلىك رەسىملىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . يىپەك يولىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشى ۋە دىنلارنىڭ ئالمىشىشى تۈپەيلىدىن قىزىل مىڭئۆي تارىخنىڭ چاڭ – توزانلىرىغا كۆمۈلۈپ كېتىپ ، ⅩⅨ ئەسىرگە كەلگەندە قايتىدىن بايقالدى . كېيىن روسىيە ، گېرمانىيە ، ياپونىيە ، ئەنگلىيە قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىكى ئېكسپېدىتسىيىچىلەرنىڭ تالان – تاراج قىلىشىغا ئۇچراپ ، نۇرغۇن تام رەسىملىرى بىلەن ھەيكەللەر چەت ئەلگە ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە بۇلاپ كەتكەن تام رەسىملىرى 400 كۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ . 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىن كېيىن بۇ مىڭئۆي مۇھاپىزەت قىلىندى ۋە رېمونت قىلىندى . 80 – يىللاردا چوڭ كۆلەمدە رېمونت قىلىندى . 1985 –يىلى ، كۈسەن مىڭئۆي تەتقىقات ئورنى قۇرۇلۇپ ، قوغداش ۋە تەتقىقات خىزمىتى ئېلىپ بېرىلدى . ئۇ مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ھېسابلىنىدۇ .

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى ئويۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئېلېكترونلۇك مەمۇرىيەت ئىشخانسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش