首页 > شىنجاڭغا نەزەر > ئالاھىدە مەھسۇلات

چىرا قارا قۇرۇم سېرىق ئۆرۈكى

چىرا ئاممىۋى ئۇچۇر تورى :مەنبە 2011-11-03 00:00:00 :ۋاقىت

        چىرا قارا قۇرۇم سېرىق ئۆرۈكى تاغلىق رايوندىكى تۆت يېزىغا تارقالغان. تېرىلغۇ كۆلىمى 10 مىڭ 560 مىڭ تۈپ. قارا قۇرۇم سېرىق ئۆرۈكى، ئوتتۇرا ئاسىيا سورتىغا  تەۋە بولۇپ، ھۆل ۋە  قۇرۇتۇپ يىيىشتەك قوش ئالاھىدىلىككە ئىگە. مېۋىسى يۇمىلاق بولۇپ، دىئامېتىرى ئالتە مىللىيمېتىر، مېۋە دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى ئوتتۇرا ھېساپتا 43.3 گىرام، ئەڭ چوڭىنىڭ ئېغىرلىقى 60.71 گىرام. مېۋە ئېتى سۇس سېرىق رەڭلىك، قېلىنلىقى 1.14 مىللىيمېتىر. ئېتى ۋە شىرنىسى كۆپ بولۇپ، ئېرىشچان ماددىسى ٪21.6، تەمى تاتلىق، سۈپىتى ياخشى، بۇ سورتنى ھۆل يىگەندە چۈچىمەل تاتلىق، ئۇنىڭدىن باشقا گۈلە، ئۆرۈك قېقى، ئۆرۈك قىيامى، ئۆرۈك كونسىرۋاسى پىششىقلاپ ئىشلەشكە بولىدۇ. بۇ خىل ئۆرۈكنىڭ مېغىزى تاتلىق. ھۆل مېغىزىنىڭ ئېغىرلىقى 3.4 گىرام، تەمى ياخشى، تاتلىق، يىيىشلىك، بەلغەمنى بوشۇتۇپ، ھۆتەلنى توختىتىش رولى بار. قاراقۇرۇم ئۆرۈك قېقىنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ راكتىن مۇداپىئە كۆرۈش  رولىمۇ بار.



شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش