首页 > شىنجاڭغا نەزەر > ئالاھىدە مەھسۇلات

زەپە چىچىكى

چىرا ئاممىۋى ئۇچۇر تورى :مەنبە 2011-11-03 00:00:00 :ۋاقىت

       زەپە چىچىكى بولسا قىممەتلىك ئاز ئۇچرايدىغان دورا ماتېرىيالى. بازىرى ئىزچىل ئىتتىك. زەپە گۈلى ئەسلى ئوتتۇرا ئاسىيا دېڭىزى، كىچىك ئاسىيا رايونلىرىدا تېرىلغان. دۆلىتىمىز قەدىمدىن باشلاپ دورىگەرلىكتە زەپە گۈلىنى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن ھىندىستانغا ئۆتۈپ، شىزاڭ ئۆلكىسىگە كىرىپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە سېتىلغان. زەپە چېچىكى چىغىرتماق گۈل ئائىلىسىگە تەۋە ئۆسۈملۈك، ئانىلىق بوينى ۋە تۇمشۇقى دورىغا تەۋە بولۇپ، ئۇ قان پەيدا قىلىش، ئۇيۇپ قالغان قاننى جانلاندۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇش، زەھەرنى قايتۇرۇش، ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇپ ئاغرىقىنى توختۇتۇشتەك رولى بار. يۇقىرى قان بېسىم، قان تۇمۇر قېتىشىش، قاندا ماي ماددىسى يۇقىرى بولۇش، يۈرەك مىڭە قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى، ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش، ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئالاھىدە شىپالىق ئۆنۈمگە ئىگە. يەنە بۇياققا، رەڭ ماددىسىغا، تېتىتقۇ دېگەندەك سانائەت خام ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ. ناھىيەمىز 1987- يىلىدىن باشلاپ سىناق تەرەققىسىدە تېرىغان.  1993- يىلىدىن باشلاپ بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا باشلىغان. نۆۋەتتە بىر يۈرۈش مەھسۇلاتنى ئۇچۇق يەردە ۋە ئۆيدە يىتىشتۈرۈش تېخنىكىسى ۋە پەن تەتقىقات نەتىجىسى سېستىمىلىق خۇلاسىلاپ چىقىلدى. ناھىيەمىزدە زەپە ئۆستۈرۈش بازىسى 40 مودىن ئارتۇق، ئىشلەپچىقىرىلغان زەپەنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچىسىنىڭ ھەممىسى دۆلەت دورىگەرلىك ئۆلچىمىگە يەتكەن ياكى ئۇنىڭدىن ئاشقان. ناھىيەمىز ئاپتونوم رايونلۇق دورا ئىشلەپچىقىرىش ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ ئاچقان مەھسۇلاتلىرىدىن زەپە چېچىكى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش  سۇيۇقلىقى، زەپە چېيى، زەپە ھارىقى قاتارلىقلار بار.

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش