首页 > شىنجاڭغا نەزەر > ئالاھىدە مەھسۇلات

تىكىلىك خوتەن قويى

چىرا ئۇچۇر تورى :مەنبە 2011-11-03 00:00:00 :ۋاقىت

       چىرا ناھىيەسى خوتەن قويىنىڭ ئەسلى سورتىنى قوغداش رايونى بولۇپ، (چاقار يېزا ئىنىلىك كەنتىدە 2000 تۇياق كۆلەمدىكى خوتەن قويى ئاساسىي توپى بار) خوتەن قويى بولسا شىنجاڭدىكى تۆت چوڭ يەرلىك ئەلاسورتلۇق قوينىڭ بىرى. يۇڭى ئەلا سۈپەتلىك گىلەم ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىيالى ۋە تەملىك گۆشى بىلەن دۇنياغا داڭلىق. بۇ قوينىڭ يۇڭى قېلىن ھەم يۇمشاق، تىۋىتى ئۇزۇن، يۇمران، نۇرلۇق بولغاچقا، خوتەن گىلىمىنىڭ ئەلا خام ماتېرىيالى بولۇپ كىلىۋاتىدۇ. خوتەن قويىنىڭ گۆشى مىزىلىك، پۇراق يوقتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن تارىختىن بۇيان خاندانلىقنىڭ تارتۇق سوۋغىتى بولۇپ كەلگەن.

       خوتەن قويى چىرا ناھىيەسىنىڭ قەدىمقى يەرلىك سورتى بولۇپ، قورغاقچىلىققا، ئاچلىققا، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك، يىرىك بېقىلىش قاتارلىق بىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان كوئېنلۇن تېغى يايلاقلىرىدا بېقىلغاچقا، ئەنئەنىۋى باقمىچىلىق ۋە مىللىي يىمەك- ئىچمەك ئۆرپ ئادىتىنىڭ تەسىرىدە ھەمدە شۇ جايدىكى خەلق بۇ قويلارغا نىسبەتەن دورىلىق داۋالاش ئېلىپ بارمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇزلۇق يايلاقتا ياشىغانلىقتىن، بۇلغانمىغان ساپ مەھسۇلات ھېساپلىنىدۇ. خوتەن قويى چىرا ناھىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئېسىل سورتى، شۇنداقلا تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋە شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق سورتى ياخشىلانغان بىر ئەلا سۈپەتلىك يەرلىك سورت. خوتەن گىلىمىنىڭ داڭقى ئاساسلىقى خام ماتېرىيال بولغان خوتەن قويىنىڭ يۇڭىدىن كەلگەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش