首页 > شىنجاڭغا نەزەر

مازار كۆل قارا قويى

چىرا ئاممىۋى ئۇچۇر تورى :مەنبە 2011-11-03 00:00:00 :ۋاقىت

        مازار كۆل قارا قويى شىنجاڭنىڭ ئەلا، نەسىللىك سورتىغا تەۋە بولۇپ، قۇزىلاش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ٪200.15. مازار كۆل قارا قويىنىڭ يۇڭى قۇيۇق، بۈدۈر بولۇپ، تېرىسى تەلپەك ياساشنىڭ ياخشى خام ماتېرىيالى.

        مازاكۆل قارا قۇيى ئاساسلىقى چىرا يېزىسى تۆۋەنجاي كەنتى قاتارلىق يەتتە كەنىتتە بېقىلىدۇ. ئاساسلىقى قۇمۇش ۋە دېھقانچىلىقتىن يىغىۋېلىنغان ئوت- چۆپ بىلەن بېقىلىدۇ. ئىمونىت كۈچى كۈچلۈك بۇلۇش ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى. مازاكۆل قارا قۇيىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، ئىسسىققا، قورغاقچىلىققا چىداملىق، كۆپىيىش ئىقتىدارى يۇقۇرى، (بىر يىلدا ئىككى ياكى ئىككى يىلدا ئۈچ تۆل ئالغىلى بۇلىدۇ) بەدىنى پۇختا ۋە چوڭ- كىچىكلىكى نۇرمال. كۆپ قىسىم چىرا قارا قۇيىنىڭ قۇزىسىنىڭ تىرىسى سېتىلىدۇ. 10- 15 كۈنلۈك بولغان قۇزىلار ئۆلتۈرۈلۈپ، تېرىسى سۇيۇلۇپ ئېلىۋېلىنغاندىن كېيىن ئۈچ كىلوگرامدىن 5 كىلوگرامغىچە گۆش چىقىدۇ. قۇزا گۆشى يۇمران، پىششىقلاندىن كېيىنكى تەمى يىيىشلىك، خۇشپۇراق بولۇپ، پۈتۈن قوي كاۋىپى سېلىشتىكى ئالدىن تاللاش. سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ تېتىپ بېقىشىغا ئەرزىيدىغان ئېسىل يېمەكلىكى. بۇ قوي ناھىيەمىزگە بىر قەدەر ياخشى بولغان ئىقتىسادىي ئۆنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۆنۈم ئېلىپ كەلمەكتە.


 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش