首页 > شىنجاڭغا نەزەر > ئالاھىدە مەھسۇلات

خوتەن قىزىلگۈلى

خوتەن ئۇچۇر تورى :مەنبە 2011-12-02 00:00:00 :ۋاقىت

خوتەن قىزىلگۈلى
  چۈەن پېڭفېي

  خوتەننىڭ ئەتىياز پەسلى قىزىلگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، يېزىلارنىڭ گۈزەل تۈسكە كىرىدىغان پەسىل.
  خوتەننىڭ قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 1500 يىل بولغان بولۇپ، يىپەك يولى ئېچىلغاندا، خوتەننىڭ يىپىكى، فار - فۇر بويۇملىرى، قاشتېشى، چېيى، دورا - دەرمەكلىرىدىن باشقا، قىزىلگۈلىمۇ رايونلار ئارا ئالماشتۇرۇلاتتى. خوتەننىڭ قىزىلگۈلى ئىزچىل ھالدا دەمەشىق سورتىدىن دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ كەلگەن. يېقىندا، شاڭخەيدىكى بىر تەتقىقات ئورنى گېننى بېكىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق خوتەن قىزىلگۈلى تۈركىيىنىڭ قىزىلگۈل سورتى بىلەن يېقىنلىشىپ قالىدۇ، ئەمما تۈركىيە قىزىلگۈلىدىن سۈپەتلىك، دەپ قارىدى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خوتەن قىزىلگۈلى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق دەمەشىق قىزىلگۈلى، بۇلغارىيە قىزىلگۈلى، فرانسىيە دوگلاس قىزىلگۈلىدىن قېلىشمايدۇ.
  خوتەن قىزىلگۈلىنىڭ سۈپىتى ھەم باھاسىنىڭ شۇنچە يۇقىرى بولۇشىنى خوتەننىڭ ئۆزگىچە قۇملۇق كېلىماتى ۋە جۇغراپىيەلىك شارائىتى بەلگىلىگەن. خوتەننىڭ ھاۋا كېلىماتى ئىچكى قۇرۇقلۇق قۇرغاق كېلىماتقا تەۋە بولۇپ، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ. شۇڭا بۇنداق ئۆزگىچە كىلىمات ۋە مۇھىتتا ئۆسكەن قىزىلگۈلنىڭ سۈپىتى، پۇرىقى، تۈرى تەبىئىيلا باشقا جايدىكى قىزىلگۈللەردىن پەرقلىنىدۇ، ئۈنۈملۈك تەركىبىمۇ يۇقىرى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى قىزىلگۈلنى تەكشۈرۈپ مۇنداق يەكۈن چىقارغان:خوتەن قىزىلگۈلىنى كۆپەيتىپ ئۆستۈرۈشتە ئىزچىل ھالدا ئەنئەنىۋى قەلەمچە قىلىپ تىكىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان ھەم كۆپ سانلىقلىرى قۇمساز تۇپراقتا ئۆستۈرۈلگەن، سورتى پەقەت بىر خىللا بولۇپ، شالغۇتلاشتۇرۇشتىن پۈتۈنلەي خالىي بولغان، ئۇنى ئۆستۈرۈشتە ئورگانىك ئۇغۇت ئىشلىتىلگەن، سانائەتنىڭ بۇلغىشىغا ئۇچرىمىغان. شۇڭا خوتەن قىزىلگۈلىدە ئىزچىل ھالدا ئەڭ دەسلەپكى ئەلا سورت ۋە سۈپەت ساقلاپ قېلىنغان.خوتەن قىزىلگۈل مېيىنىڭ تەننەرخى ئىنتايىن يۇقىرى. ھازىر بىر مىللىلىتىر خوتەن قىزىلگۈل مېيىنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1200 يۈەن بولۇپ، ئالتۇندىنمۇ قىممەت.
  خوتەن قىزىلگۈلىنىڭ ھەممە يېرى گۆھەر. گۈل چېڭىنى دەملەپ ئىچكىلى بولىدۇ، گۈل خەمىكىدىن ماي چىقارغىلى بولىدۇ، غولىنىڭمۇ دورىلىق قىممىتى بار. ئۇنىڭ دورىلىق قىممىتى، ئوزۇقلۇق قىممىتى، ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتى ۋە خىمىيە سانائىتىدىكى قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى.
  خۇشبۇي ھىدىدىن كىشىنىڭ كەتكۈسى كەلمەيدىغان جاي - خوتەننىڭ قىزىلگۈل بازىرى. 5 - ئايلاردا خوتەن شەھىرىدىكى جەمە يولىنىڭ ئىككى تەرىپىنى ئەتىگەن سائەت 7- 8 دىن بۇرۇن ئۈزۈپ كېلىنگەن يېڭى قىزىلگۈللەر دۆۋىسى ئىگىلەيدۇ، گۈلنىڭ پۇرىقى بازارنى بىر ئالىدۇ. شەبنەم كۆتۈرۈلگىچە ئۈزىۋېلىنغان قىزىلگۈل تېخى تولۇق ئېچىلمىغان بولغاچقا، پۇرىقى تاراپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭدىن ياغ كۆپ چىقىدۇ، سۈپىتى ياخشى. كىشىلەر بۇ يەردىن قىزىلگۈل سېتىۋېلىپ گۈلقەنت ياسىتىپ، ئۆيلىرىگە ئالدىراش قايتىشىدۇ. بۇ خىل گۈلقەنت يېڭى قىزىلگۈل بەرگى بىلەن ئاق شىكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئىزىش ماشىنىسىدا ئىزىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ، ئاندىن 40 كۈن ئەتراپىدا ئاپتاپتا قويسا پىشىدۇ. پىشقاندىن كېيىنكى گۈلقەنت ئادەتتىن تاشقىرى تاتلىق ۋە مېزىلىك.
  خوتەندە ھازىر قىزىلگۈل ئۆستۈرۈلگەن كۆلەم 30 مىڭ مودىن ئاشىدۇ. مەركەزلىك ھالدا قىزىلگۈل ئۆستۈرۈلىدىغان جاي - كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى. بۇ يېزىدا ھەممە ئائىلە دېگۈدەك قىزىلگۈل ئۆستۈرىدىغان بولۇپ،  پەقەت قىزىلگۈلدىنلا قىلىنغان كىشى بېشى كىرىم 1000 يۈەندىن ئاشىدۇ. بۇ يېزىدا ئىلگىرى قىزىلگۈل مەنزىرىسى بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەن، بۇ يىل يەنە خوتەن قىزىلگۈل كەسپى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى. بۇنىڭدىكى مەقسەت بايرام ئارقىلىق نام چىقىرىش ۋە قىزىلگۈل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.
  خوتەنلىكلەر قىزىلگۈلنىڭ ھەممە يېرىنى، جۈملىدىن ئىچىدىن تارتىپ تېشىغىچە، گۈل بەرگىدىن تارتىپ يىلتىزىغىچە، تاشقى كۆرۈنىشىدىن تارتىپ جەۋھىرىگىچە ياخشى كۆرىدۇ. قىسقىسى ئۇلار قىزىلگۈلنىڭ پۇرىقى ۋە گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلانغاندىن باشقا، قىزىلگۈلنى ئىستېمال قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.خوتەنلىكلەرنىڭ كۆپۈنچىسى ئۆيىدە قىزىلگۈل گۈلقەنتى، قىزىلگۈل پېچىنىسى ياساشنى بىلىدۇ. خوتەندىكى يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانسارايلارنىڭ ھەممىسى مېھمانلارغا قىزىلگۈل پەرمۇدىسى چىقىرىدۇ. ئۇنى بىر چىشلىسىلا مېزىلىك پۇراق دېماققا ئۇرۇلۇپ، ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تېخىمۇ ئېچىلىپ، يېگۈسى كېلىپلا تۇرىدۇ. قىزىلگۈل يەنە ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ياسالغان دورىلارنىڭ قان تولۇقلاش، ھۆسننى گۈزەللەشتۈرۈش، ئاياللار كېسەللىكلىرى ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش رولى بار. خوتەن قىزىلگۈل چېيىنىڭ رەڭگى ناھايىتى چىرايلىق، پۇرىقى ۋە تەمى بەك ياخشى.
  خوتەنلىكلەر بىر يىلدىكى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە قۇم - بورانلىق ھاۋارايىدا ياشىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھەر ۋاقىت قىزىلگۈل بىلەن ئۆزىنى كۈتكەچكە، ئۇلارنىڭ بەدىنى ئاجىزلاپ، ئۆمرى قىسقىراپ كەتمەيدۇ، ئەكسىچە دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى كىشىلەردىن ساغلام تۇرىدۇ ھەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ. 2004 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە تەشكىلاتى خوتەنگە تەكشۈرۈشكە كەلگەندە، خوتەننى رەسمىي ھالدا دۇنيادىكى تۆت چوڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش رايونىنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن.
  قىسقىسى، خوتەن قىزىلگۈلى خوتەنگە گۈزەللىك، خوتەنلىكلەرگە ساغلاملىق بېغىشلايدۇ.(بۈخەلچەم مەمىتىمىن تەرجىمىسى)

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش