首页 > شىنجاڭغا نەزەر

ئۆسۈملۈك بايلىقى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2011-12-31 00:00:00 :ۋاقىت

     ئۆسۈملۈك بايلىقى _ئىنسانلارنىڭ ئۆزلەشتۈرۈپ پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىغىندىسى . شىنجاڭ مول ۋە خاس ئۆسۈملۈك بايلىقىغا ئىگە .  1. ياۋا مېۋىلىك دەرەخلەر ۋە ۋىتامىنلىق ئۆسۈملۈكلەر ، مەسىلەن : ياۋا ئالما ، ياۋا ئۆرۈك ، گىلاس ،جىغان، مالىنا ، ئازغان ، بۆلجۈرگەن ، تىكەنلىك قارىغان ، قاغا جىگدىسى قاتارلىقلار .   2. كراخمال ، شېكەر ۋە ئاقسىل تەركىبلىك ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر ، مەسىلەن : يىلانسىمان قامچا ئوت ( ئەنجىبار ) ، تاغ قامچا ئوتى ، قويانجىن ، چىڭگىلىكسىمان غاز تاپان ، ياۋا كۆك پۇرچاق ، خۇش بۇراق كۆك پۇرچاق ، بۇيا ، ئاق تىكەن ،شىنجاڭ سۇ ياڭىقى ، ئېيىق ئۇزۇمى ، ياۋروپا سۇ ئوقياسى قاتارلىقلار .  3. مايلىق ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر ، مەسىلەن : ياڭاق ، بادام ، ياۋا بادام قاتارلىقلار .  4. دورىلىق ياۋايى ئۆسۇملۇكلەر ، مەسىلەن : سوغىگۈل ،چۈچۈكبۇيا ، يەر مەدىكى ، شىنجاڭ ھىڭى ، لوپنۇر كەندىرى ، شىنجاڭ ئەڭلىك ئوتى ، تولۇق يوپۇرماقلىق مەرزەنجۇش، تاغ لەيلىسى ( قار لەيلىسى ) ، يىزىخو ئەمىنى ، قانتېپەر ، قىرىقبوغۇمسىمان چاكاندا قاتارلىقلار . 5 . خۇش پۇراقلىق ماي چىقىدىغان ياۋايى ئۆسۇملۇكلەر ، مەسىلەن : ياۋا قۇلماق ، جۇڭگو چىنىگۈلى ،سېرىق گۈللۈك قاشقابېدە ، ياۋا يالپۇز ، غۇژمەك گۈللۈك يالغان رەيھان ، جەمبىل ( كېيىك ئوتى ) ، چۆل رەيھىنى ، جۇلاغ ، سۇمبۇل ، ئىگىر قاتارلىقلار . 6 . ياۋايى تاماشا ئۆسۈملۈكلىرى ، مەسىلەن : ئىلى ياۋا كۈركۈم گۈلى ، جۇڭغار شەھدىنى ، چاي ئوت ، شىنجاڭ بوۋانىسى ، تەڭرىتاغ گۈلەمبىرى ، چوڭ يوپۇرماقلىق بەھمەن ، قوڭۇر باش ، تۈگۈنەك يىلتىزلىق چۇغلۇق قاتارلىقلار . 7 . يەم - خەشەك قىلىنىدىغان ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر ، مەسىلەن : بېدە ئۇرۇقدىشى ، قاشقابېدە ئۇرۇقدىشى ، ئۈچ قۇلاق ئۇرۇقدىشى ، ياۋا كۆك پۇرچاق ئۇرۇقدىشى ، كەتىرا ئۇرۇقدىشى ، تىپچاق ئۇرۇقدىشى، يۈننەن شەھدىنى ئۇرۇقدىشى ، قوڭۇر باش ئۇرۇقدىشى، ئارپىغان ئۇرۇقدىشى ، زەۋرەك قاتارلىق ئۇرۇقداشلارغا تەۋە ئوت - چۆپلەر . 8 . ياۋايى تالالىق ئۆسۇملۇكلەر ، مەسىلەن : قومۇش ، چىغ ، چوڭ گۈللۈك ياۋا كەندىر ، تار يوپۇرماقلىق يېكەن ، كەڭ يوپۇرماقلىق يېكەن ، بىيدايىق قاتارلىقلار . 9 . تېرە ئەيلەشكە ئىشلىتىدىغان ياۋايى ئۆسۇملۇكلەر ، مەسىلەن : شىنجاڭ بال قارىغىيى ، قارلىق چوققا شەمشادلىرى ، سۆگەت ، ئات قۇلاق قاتارلىقلار . 10 . دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە چېتىلىدىغان ياۋايى ئۆسۇملۇكلەر : بۇنىڭ ئىچىگە شال ، بۇغداي ، ئارپا ، تېرىق ، قىچا قاتارلىقلارنىڭ ياۋا تۇغقانلىرى كىرىدۇ . 11 . پىگمېنتلىق ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر ، مەسىلەن : ئوسما ، ئەڭلىك ئوت ، قىزىلگۈل قاتارلىقلار . 12 . ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ، مەسىلەن : قىچا ، قاغا جىگدىسى ، ياۋا ئالما ، بېدە ، ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلار .13 . قۇرت ئۆلتۈرىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ، مەسىلەن : ياڭاق ، يوپۇرماقسىز يالغان قىرىقبوغۇم ، ئېيىق تاپان ، بۇۋانە ، بۇيا قاتارلىقلار . شىنجاڭدا ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىشتا مۇئەييەن تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈلدى ، مەسىلەن ؛ چۈچۈكبۇيا ، تاغ لەيلىسى ( قار لەيلىسى ) ، سوغىگۈل ، ھىڭ ، ئازغان ، جىغان ، قىزىل مارال ، چاكاندا ، ئەڭلىك ئوت، توشقان زەردىكى قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىئولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتلىرى ئۇستىدىن ئومۇميۈزلۈك تەتقىقات يۈرگۈزۈلۈپ ، ئۇسسۇلۇق ، پەرداز بۇيۇملىرى ، ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرى ، يېمەكلىك ، دورا ، ھاراق-شاراب قاتارلىق كۆپ خىل مەھسۇلاتلار ئىشلەپ چىقىرىلدى.بەزى ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرى ، پايدىلىنىش دائىرىسى كەڭ بولغان ياۋايى ئۆسۈملۈكلەرگە قارىتا كۆندۈرۈپ تېرىپ ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلماقتا .

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش