首页 > شىنجاڭغا نەزەر

پەس نەم يەرلەرنىڭ يەر تىپى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2011-12-31 00:00:00 :ۋاقىت

       پەس نەم يەرلەرنىڭ يەر تىپى ئاساسلىقى يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن چۆكۈندىسى ۋە يەلپۈگۈچسىمان كەلكۈن چۆكۈندىلىرىنىڭ گىرۋەكلىرىگە ، تاشقىن ساھىللىرىغا ، پەس پەلەمپەي يەرلەرگە ، دەريالار ئارىلىقىدىكى ئويمان يەرلەرگە ۋە كۆل بويىدىكى تۈزلەڭلىكلەرگە جايلاشقان . يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىدىن ئاساسلىقلىرى : چىملىق ، سازلىق تۈرىدىكىلەر ، تۇپراق ئورمانلىقى ياكى چاتقاللاردىن ئىبارەت ، زەيگە ۋە شورغا چىداملىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرمۇ ئۆسىدۇ . ئاساسلىق تۇپراق تىپلىرىدىن : زەي تۇپراق ، يوشۇرۇن يېتىلگەن تۇپراق ، شاخ–شۇمبىلىق زەي تۇپراق ، شورلۇق تۇپراق قاتارلىقلار بار . پەس نەم يەرلەرنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك تىپلىرىدىن ئاساسلىقى : چىملىق ۋە سازلىق پەس نەم يەرلەر ، شور تۇپراقلىق پەس نەم يەرلەر بار . پەس نەم يەرلەر شىنجاڭنىڭ تارىختىكى تۈزلەڭ رايونلار چارۋىچىلىقىنىڭ بازىسى بولۇپ ، قىشلىق ئوتلاق ياكى تۆت پەسىل يايلاقلىرى جايلاشقان رايونلاردۇر.

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش