首页 > شىنجاڭغا نەزەر > تەبئىي بايلىقى

ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2011-12-31 00:00:00 :ۋاقىت

   

      ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ئۆسۈملۇكلەر ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان ماددىي ئاساستۇر . شىنجاڭنىڭ ئېگىز تاغلىرى ، تۈزلەڭلىكلىرى ،چۆللىرىنىڭ ھەممىسدە ئۆسۈملۈك تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەر بار . شىنجاڭدا ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر 2000 خىل ئەتراپىدا ، بۇلارنى ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان تېرىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ . بۇنىڭ ئىچىگە تۆۋەندىكى ئۆسۈملۈك تۈرلىرى كىرىدۇ : 1. باھار پەسلىدە مۇھىم ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر : قىچا ، خەردەل ، چۇپۇرشاڭ ، چۇغۇندان ، تۇدارى ، بېسىلغاق ، جىگدە ، جىغان ، ياۋا ئالما ، ياۋا ئۆرۈك ، شاپتۇل، قارىياغاچ يوپۇرماقلىق قارىئۆرۇك ، ئالتاي دولانىسى ، ياۋا گىلاس ، سۆگەت قاتارلىقلار ؛ 2. ياز پەسلىدە ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر : ئاق ئاكاتسىيە ، ئۈچقۇلاق ، قىزىل بېدە ، بېدە ، قاشقابېدە ، بۇيا ، خۇش پۇراقلىق كۆك پۇرچاق ، ياۋا كۆك پۇرچاق، يانتاق، قوڭغۇراقتىكەن ، قاقىرا تۇمشۇق ، ئاق تىكەن ، قامغاق ، چۆل رەيھىنى ، سۈزە ، چۆل يالپۇزى ، مەرۋەرەك ، جۇلاغ قاتارلىقلار ؛ 3. كۈز پەسلىدىكى ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر : ئاپتاپپەرەس، زاراڭزا، قۇش قونماس، سېفالانوپلوس ئوتى ، يالغان رەيھان ، ياۋا يالپۇز قاتارلىقلار .

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش