首页 > شىنجاڭغا نەزەر

دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە چېتىلىدىغان ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2011-12-31 00:00:00 :ۋاقىت

      دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە چېتىلىدىغان ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر— تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان ، مەلۇم زىرائەت بىلەن چاڭلىشالايدىغان ياكى چاڭلىشىش مۇمكىنچىلىكى بولغان‹‹تۇغقانچىلىق ۋە شالغۇتلىشىش مۇناسىۋىتى بار›› ئۆسۈملۈكلەر . شىنجاڭدىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بولغان ياۋايى ئۆسۈملۈك بايلىقى ئىنتايىن مول ، بۇ ئۆز ئىچىگە دانلىق زىرائەتلەر بىلەن چېتىشلىقى بار ئۆسۈملۈكلەر : 1. شالنىڭ يېقىن تۇغقىنى بولغان ئۆسۈملۈك— كۈنەس يالغان شېلى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ، دېنى ئاق ۋە سۈزۈك . 2. بۇغداي ۋە ئارپىنىڭ يېقىن تۇغقىنى بولغان ئۆسۈملۈك — كىرپە باش ، ياۋا توقۇل بۇغداي ، بىيدايىق ، غىشە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ، بالدۇر پىشىدىغان ، كېسەللىككە قارشى تۇرالايدىغان ئارتۇقچىلىقلىرى بار . 3. تېرىق بىلەن تۇغقانچىلىقى بار ئۆسۈملۈكلەر — پايزا ، ئۇزۇن باشاقلىق پايزا ، سېرىق پايزا . 4. چۈجگۈن قوناق بىلەن تۇغقانچىلىقى بار ئۆسۈملۈك — ياۋا چۈجگۈن قوناق. 5. سۇلۇ بىلەن تۇغقانچىلىقى بار ئۆسۈملۈك—ياۋا سۇلۇ. مايلىق زىرائەتلەر بىلەن تۇغقانچىلىقى بار ئۆسۈملۈكلەردىن : 1. قىچا بىلەن تۇغقانچىلىقى بار ئۆسۈملۈكلەر —ياۋا قىچا خەردەل ، كاپۇستا ، تارا تىزىق . 2. زىغىر بىلەن تۇغقانچىلىقى بار ئۆسۈملۈكلەر — تەڭرىتاغ زىغىرى ، ئالتاي زىغىرى، ئاق زىغىر ، ئۇششاق چېچەكلىك زىغىر . 3. كەندىر بىلەن تۇغقانچىلىقى بار ئۆسۈملۈك — ياۋا كەندىر . 4. پىياز ئۇرۇقداشلىرى تۈرىگە كىرىدىغان ئۆسۈملۈك بايلىقى—شىنجاڭ گۈلسامساق ئائىلىسىگە تەۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پەيدا بولۇش مەركىزى ، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىلا 45 خىلى تېپىلدى ، بۇنىڭ %95 ى ياۋا تۈرلەر ، شىنجاڭدا ياۋا پىياز ، سامساق ، كۈدە ئىنتايىن كەڭ تارقالغان ، بولۇپمۇ ئالتاي ۋە تەڭرىتېغىنىڭ ئوتلاقلىرىدا ئەڭ كۆپ ، قۇملۇق ۋە ئورمان ئوتلاقلىرىدىمۇ تارقالغان .

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش