首页 > شىنجاڭغا نەزەر

پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە ئىناقلىق ناخشىسى ياڭرىدى، بەخت گۈللىرى خۇشپۇراق چاچتى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2011-12-31 00:00:00 :ۋاقىت

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرئەخمەت نۇرامبەگ خەۋىرى : ئاپتونوم رايون 2009 – يىلىدىن باشلاپ، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى قوللاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاست يېزىلىرىدىكى پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان ئائىلىلەرنى ئالاھىدە مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى 26 چېگرا ۋە نامرات ناھىيەلەرگىچە كېڭەيتتى. بۇنىڭ بىلەن ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردىكى قورغاس، مۇڭغۇلكۈرە، نىلقا، چاپچال ناھىيەلىرى بۇنىڭ ئىچىگە كىردى. ئاپتونوم رايون پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان ئائىلىلەرگە يار – يۆلەك بولۇش سالمىقىنى زورايتىش ئۈچۈن، بۇ يىل يەنە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى %50 تىن ئاشىدىغان ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاستتا يولغا قويۇلغان ئالاھىدە مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردىكى كۈيتۈن شەھىرىدىن باشقا بەش ناھىيە (شەھەر) ئالاھىدە مۇكاپاتلاش دائىرىسىگە كىردى. يېقىندا ئىلى ئوبلاستلىق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىشىمچە، پىلانلىق تۇغۇت ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردىكى دېھقان –چارۋىچىلارنىڭ بېيىش يولىغا مېڭىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ يىل ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردىكى نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى 11.35 پىرسەنت پوئىنت بولۇپ ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.11 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن، ‹‹ شەرەپ گۇۋاھنامىسى›› ئالغان ئائىلىلەرنىڭ سانى 200 مىڭدىن ئېشىپ، گۇۋاھنامە ئېلىش نىسبىتى %34.16 كە يەتكەن.

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش