首页 > شىنجاڭغا نەزەر

ئونسۇ ناھىيەسىدىكى يېزا ئاياللىرى دۆلەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2012-01-05 00:00:00 :ۋاقىت

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇنىردىن تۇنياز، تۇردى راخمان خەۋىرى : ئونسۇ ناھىيەسى يېزا ئاياللىرىنىڭ دوختۇرخانىدا يەڭگىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئانا-بالىنىڭ بىخەتەرلىكى ، ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ، تۇغۇت داۋامىدىكى ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ ،يېزا ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، 2010-يىلدىن باشلاپ ناھىيە تەۋەسىدىكى 22يېزا ، بازار (مەيدان ) دا دوختۇرخانىدا يەڭگىگەن ئاياللارغا تولۇقلىما ياردەم بېرىش تۈرىنى يولغا قويۇپ، ناھىيە بويىچە 3100 ئائىلىنى بۇ ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن قىلدى.

   دوختۇرخانىدا يەڭگىگەن يېزا ئاياللىرىغا تولۇقلىما ياردەم بىرىش تۈرى-يېزا نوپۇسىدىكى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا بالنىتسىدا يېتىپ يەڭگىشىگە قارىتىلىغان بولۇپ ، يېزا ھەمكارلىق داۋالىشىدىن 300يۈەن ، دوختۇرخانىدا يەڭگىگەن يېزا ئاياللىرىغا تولۇقلىما ياردەم بېرىش تۈرىدىن 500 يۈەن تولۇقلىمىغا ئېرىشەلەيدۇ، ھەمدە بالنىستا يېتىش ھەققى كۆتۈرۋېتىلىدۇ.

   جام بازىرىدىكى بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن دېھقان ئايال گۈلناز ئوسمان ئىككىنچى پەرزەنتىنى يەڭگىدى . بۇ قېتىم ئۇ ئۆزى ۋە بالىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوختۇرخانىدا ياتتى .تۇغۇت داۋامىدا ئۇ دوختۇرخانىدا يەڭگىگەن يېزا ئاياللىرىغا تولۇقلىما ياردەم بېرىش تۈرىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولدى.

   دوختۇرخانىدا يەڭگىگەن يېزا ئاياللىرىغا تولۇقلىما ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ــــــ يېزىلاردىكى ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى يېنىكلىتىپلا قالماي ، يېزىلاردىكى ئانا-بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى . بۇ تۈر يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ناھىيەدىكى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ دوختۇرخانىدا يەڭگىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ،يېزا ئاياللىرنىڭ ساغلاملىق ھالىتى ياخشىلنىشقا قاراپ يۈزلەندى .

   ناھىيەلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش پونكىتىنىڭ باشلىقى لو جىڭچېڭ : يېزىلاردىكى دوختۇرخانىدا يەڭگىش شەرتىگە توشىدىغان ئاياللار ناھىيە بويىچە 3072 كىشى بولۇپ، ھازىرغىچە 1مىليون 530 مىڭ يۈەن تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى نەقلەشتۈردۇق ، دېدى.

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش