首页 > شىنجاڭغا نەزەر

پىلاندىن ئاشۇرۇپ پەرزەنت كۆرۈش ھادىسىسى باش كۆتۈرمەكتە

خەلق تورى :مەنبە 2012-01-06 00:00:00 :ۋاقىت

دۆلىتىمىز تۆتىنچى قېتىملىق نوپۇس تۇغۇش تۆۋەن پەللىسىنى كۈتۈۋالىدۇ. مانا بۇ دۆلەت نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۆلچەرى.

     يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئۈچ قېتىملىق نوپۇس تۇغۇلۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى باشتىن كەچۈردى. بىرىنچى قېتىملىقى يېڭى جۇڭگو ئەمدىلا قۇرۇلغان مەزگىلدە؛ ئىككىنچى قېتىملىقى 1962 – يىلىدىن كېيىن؛ ئۈچىنچى قېتىملىقى 1987 – يىلىدىن كېيىن يۈز بەردى.

     نوپۇس مۇتەخەسسىسلىرى ‹‹نەزەر›› ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلىدا، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان تۆتىنچى قېتىملىق نوپۇس تۇغۇش پەللىسىنى ئاساسلىقى ئىككى جەھەتتىكى ئامىل كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ تەھلىل قىلدى.

     جۇڭگو پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، يالغۇز پەرزەنتلەر سانى 100 مىليونغا يېقىنلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە زور بىر قىسمى تۇغۇتنىڭ كۆتۈرەڭگۈ مەزگىلىگە كىردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇغۇتنىڭ كۆتۈرەڭگۈ مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار يەنى 20 ياشتىن 29 ياش ئارىلىقىدىكىلەر يىلىغا ئىككى مىليوندىن كۆپىيىپ بارماقتا. بۇلار ئاساسلىقى 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرى ئوتتۇرىلىرىدا تۇغۇلغان پەرزەنتلەردۇر.

–20     ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرى ئوتتۇرىلىرىدا، جۇڭگونىڭ تۇغۇت سىياسىتى تەڭشەلدى. بىز 1980 – يىلى بىر جۈپ ئەر – خوتۇننىڭ بىرلا پەرزەنتلىك بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان ئىدۇق. 1984 – يىلىدىن 1987 – يىلىغىچە تۇغۇت سىياسىتى تەڭشىلىپ، يېزىلاردا بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان ئائىلىلەرنىڭ يەنە بىر قىز پەرزەنتلىك بولۇشىغا رۇخسەت قىلىندى. تۇغۇت سىياسىتىنىڭ تەڭشىلىشىدىن كۆپەيگەن خېلى بىر تۈركۈم كىشىلەرمۇ تۇغۇت يېشىغا قەدەم قويدى. ‹‹ئىككى يالغۇز›› يەنى ئىككىلا تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولغانلار ئىككى پەرزەنت كۆرسە بولىدۇ، دەيدىغان سىياسەتتىن بەھرىمەن بولغان 100 مىليونغا يېقىن بىرىنچىى ئەۋلاد يالغۇز پەرزەنتمۇ  تۇغۇت مەزگىلىگە كىردى.

     دۆلەت نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2008 – يىلىدىن باشلاپ، بۇ خىل ‹‹قوش پەللىلىك ئېشىش››تەك تۆۋەن تۇغۇت پەللىسى ئۇدا ئون يىل داۋاملىشىپ، بۇندىن كېيىن تۇغۇت سەۋىيىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا زور بېسىم ئېلىپ كېلىدىكەن.

     سىياسەت دائىرىسى ئىچىدىكى تۇغۇت كىچىك پەللىسى قورقۇنچلۇقق ئەمەس، بىراق، ‹‹نەزەر›› ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى يېقىندا بېيجىڭ، ئەنخۇي، جېجياڭ، سىچۈەن قاتارلىق ئورۇنلاردا زىيارەت قىلغاندا شۇنى ئىگىلىدىكى، قىسمەن رايونلاردىكى تۆۋەن تۇغۇت سەۋىيىسىنىڭ خېمىغا يېنىشىنى، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پىلانلىق تۇغۇت قارىشىنىڭ قالاق بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغانىكەن.

     زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تۆۋەن تۇغۇتنىڭ خېمىغا يېنىش ھادىسىسى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنمايدىغان بولسا، دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇس سانىنى كونترول قىلىش نىشانى بۆسۈپ تاشلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەن تۆۋەن تۇغۇت سەۋىيىسىمۇ بىر مەيدان سىناققا دۇچ كېلىدىكەن.

‹‹ئىككى پەرزەنتلىك››، ‹‹كۆپ پەرزەنتلىك›› بولۇش ئارزۇسى كۈچلۈك

30     ياشلىق يۈ خۇڭ(مەخپىي ئىسىم) بۇ يىل ئەمدىلا توي قىلغان، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تۇغۇت قارىشى تولىمۇ ئەنئەنىۋى، ‹‹ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش›› ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئىدى. ئۇ خوتۇنى بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئورگاندا ۋە كەسپىي ئورۇندا ئىشلەيتتى، ئەگەر پىلاندىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولسا خىزمەت ئورنىنى ساقلاپ قالالمايتتى، بىراق ئۇ.ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش  پىلانىدىن يەنىلا ۋاز كەچمىدى. ئۇ ژۇرنىلىمىز مۇخبىرىغا، خوتۇنى 1 – بالىنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن، ئامال قىلىپ يەنەبىر تۇغۇت ئىجازەتنامىسى بېجىرمەكچى بولۇۋاقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

   يۈ خۇڭنىڭ قارىشىچە، يالغۇز پەرزەنت بەك يالغۇزچىلىق تارتىپ قالىدىكەن، خاراكتېرىدە كەمتۈكلۈك كۆپ بولىدىكەن، كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە، ئائىلە خەۋپ – خەتىرىنى ئازايتىشقا پايدىلىق ئىكەن.

     ھازىر شەھەرلەردە، يۈ خۇڭ بىلەن ئوخشاش قاراشتىكىلەر ئاز ئەمەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئائىت مۇھاكىمىلەر ۋە يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ كەمتۈكلۈكلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىشى، كىشىلەرنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە نىسىبەتەن ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلىرىنى ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا بولغان تونۇشىنىڭ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

     دۆلەت نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ 2006 – يىلىدىكى بىر تۈرلۈك مەخسۇس تەكشۈرۈشى ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك پىسخىكىلىق ھالىتى ‹‹ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش، ئوغلىمۇ، قىزىمۇ تولۇق بولۇش‹‹ ئىكەنلىكىنى، ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئائىلىلەرنىڭ ئوندىن سەككىزى بىر ئوغۇل، بىر قىز پەرزەنتلىك بولۇشنى ئويلايدىغانلىقىنى، شەھەر – بازارلاردىكى %41تىن ئاشىدىغان يالغۇز قىزلىق ئائىلىلەرنىڭ يەنەبىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن.

     ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇغۇش ئارزۇسى ئاۋۋالقىدەكلا كۈچلۈك بولۇپلا قالماستىن، بارغانچە كۆپ شەھەر ئاھالىسى ‹‹بىر جۈپ ئەر – خوتۇن بىرلا پەرزەنتلىك بولۇش ‹‹پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا تەۋرىنىشكە باشلىغان.

     ‹‹كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش››نى ئويلايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئىچىدە مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى، سىياسەت ئاڭلىقلىقى ئۈستۈن بولغان مەمۇرلار، زىيالىيلارمۇ ئاز ئەمەس. دۆلەت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىشقا بولمىغانلىقتىن، بەزى كىشىلەر ئىككىنچى پەرزەنتىنى چەت ئەلگە چىقىپ تۇغۇشنى ئويلاشقان. ئۇندىن باشقا، شەھەرلەردىكى بارغانچە كۆپ ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ۋە بايلار قاتلىمى كۈچلۈك تۇغۇت ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن. ‹‹چوڭ ئۆيى بولۇش، ياخشى پىكاپى بولۇش، بىر توپ پەرزەنتى بولۇش›› ئۇلارنىڭ سالاھىيەت بەلگىسى بولۇپ قالغان.

‹‹ئوغۇللۇق بولۇپ، ياشىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش›› قارىشى يەنىلا كۈچلۈك

     ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ دىڭيۈەن ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ جىفاڭ بۇ يىل 6 – ئايدا خوتۇنى بىلەن شاڭخەيگە بېرىپ، يوشۇرۇنچە ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇۋالدى. ۋاڭ جىفاڭنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار 1998 – يىلى تۇنجى پەرزەنتلىك بولغان، بالا ئوغۇل ئىدى، بەلگىلىمە بويىچە، ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەت قىلىنمايتتى، خوتۇنىمۇ ئۈزۈك سالغۇزغانىدى. بىراق، بىرىنچى بالىسىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ ئىككىنچى قېتىم بالىلىق بولۇشنى ئويلاشقان. ‹‹بالام دائىم بېشىم ئاغرىيدۇ دەيتتى، كەلگۈسىدە ئۇنىڭدىن مەسىلە چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يەنە بىر پەرزەنتلىك بولسام بىخەتەررەك بولىدىكەن، دەپ ئويلىدىم. 2 – 3 – پەرزەنتى بارلار يېزىلاردا ئىشەنچلىك ئائىلە ھېسابلىنىدۇ››. ۋاڭ جىفاڭنىڭ ژۇرنىلىمىز مۇخبىرىغا دېيىشىچە، شەھەرلەردە پىلاندىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈش ئىنتايىن ئاسان ئىكەن، ‹‹مەن ئىش ئورنىغا چاپلانغان ئېلاندىن B تىپلىق ئاپپارات ئارقىلىق ئۈزۈك ئالىمىز دېيىلگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم، بىرلا تېلېفون بېرىۋىدىم ئادەم كەلدى، بىزنى باشلاپ بېرىپ ئۈزۈكنى ئېلىۋەتتى، ئاندىن بىزگە ئاياللار تەكشۈرۈشى ھەققىدىكى بىر يىللىق ساختا ئىسپات چىقىرىپ بەردى، مۇشۇنداق قىلىپ خوتۇنۇم شەھەردە ھامىلىدار بولدى››. ‹‹ئۇنداقتا بىرەر كىشى سىلەرنى تەكشۈردىمۇ ‹‹دەپ سورىدى مۇخبىر››بىز ئىش ئورنىدا تۇرۇۋاتقاچقا، بىز بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى›› دېدى ۋاڭ جىفاڭ.

     پىلاندىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈش ھادىسىسى باش كۆتۈرۈپ قالدى

     كۈچلۈك تۇغۇت ئارزۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى جايلارنىڭ تۇغۇت سەۋىيىسىدە قايتا ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، پىلاندىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈش ھادىسىسى باش كۆتۈرۈپ قالدى.

     ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ گوياڭ ناھىيىسىدىكى بىر دېھقان ‹‹نەزەر›› ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ‹‹ھازىر يېزىلاردا بۇرۇنقىغا ئوخشاش ھە دېسىلا ئۈھتىن بەشكىچە پەرزەنتلىك بولىدىغانلار بولمىسىمۇ، بىراق ئىككى پەرزەنتلىك بولىدىغانلار يەنىلا كۆپرەك. تۇغقۇسى كەلگەنلەر سىرتلارغا چىقىپ كېتىپ، تۇغۇپ بولۇپ قايتىپ كېلىپلا ئىجتىمائىي تەربىيىلەش ھەققى تاپشۇرىدۇ››.

     ئەنخۇي ئۆلكىلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ستاتىستىكىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، ئەمگەك كۈچى چىقىرىشتىكى چوڭ ئۆلكە بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن ئۆلكە بويىچە يىلىغا 10 مىليون ئادەم سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىكەن، ئۇلارنىڭ زور بىر قىسمى تۇغۇتنىڭ كۆتۈرەڭگۈ ياشلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقاچقا، قانۇنسىز تۇغۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىگەن. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئۆلكىدىكى كۆچمە نوپۇسلاردىن پىلاندىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرگەنلەر پۈتۈن ئۆلكىدىكى پىلاندىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرگەنلەر نىسبىتىنىڭ %60ىدىن ئېشىپ كەتكەن.

     جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ  چىڭيۈەن ناھىيىسىدە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا تۇغۇلغان ئومۇمىي نوپۇس 927 مىليون بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 131 ئادەم كۆپەيگەن. تۇغۇلغان نوپۇس ئىچىدە، پىلاندىن سىرت تۇغۇلغانلار 90 ئادەم بولغان. پىلانلىق تۇغۇت نىسبىتى %90.29 بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىگە سېلىشتۇرغاندا %3.3 پىرسەنت پوئېنتى تۆۋەنلىگەن.

     شەرقىي جۇڭگو دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي قىلغان بىر ئۆلكىنىڭ ئاساسىي قاتلام كادىرى ھازىر قانۇنسىز تۇغۇشنىڭ خېمىغا يېنىش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى››.ئۆتكەن يىلى بىز تولۇقلاپ مەلۇم قىلغان تۇغۇلغان نوپۇس ئىچىدىلا مۇنداق مىسالدىن نەچچە ئونى بار. بۇ بەزى ئورۇنلاردا تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ساختا مەلۇم قىلىش ھادىسىسىنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ››.

     دۆلەت نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، 2006 – يىلى مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي تۇغۇت نىسبىتى 1.8 ئەتراپىدىن 1.87 گە ئۆرلىگەن، پىلانلىق تۇغۇت نىسبىتى 1.28 پىرسەنت پوئېنتى تۆۋەنلىگەن.

››ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشنى قويۇپ بەرگۈدەك›› دېەەن مىش – مىش گەپلەرنىڭ زەربىسى

    نەزەر››ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى زىيارەتتىن شۇنى بايقىدىكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەمئىيەتتە ‹‹ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشنى قويۇپ بەرگۈدەك›› دېگەن مىش – مىش گەپلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ئاممىنىڭ خاتا چۈشەنچىسى ۋە قىسمەن ئاساسىي قاتلام كىشىلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە زەربىگە ئۇچراتقان. ھالبۇكى قىسمەن رايونلارنىڭ تۆۋەن تۇغۇت سەۋىيىسىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە بولغان قارىغۇلارچە ئۈمىدۋارلىقى ۋە بىخۇتلۇق قىلىپ بوشىشىپ كېتىشىمۇ، قانۇنسىز تۇغۇش ۋەقەلىرىنىڭ پات – پات يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار چەت ئەللەردە ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا ئاشكارا نۇتۇق سۆزلىدى، بۇنىڭغا ئاز ساندىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئەگەشتى، قىسمەن يامان غەرەزدىكى تەشكىلاتلار ۋە كىشىلەر توردىن پايدىلىنىپ، پىلانلىق تۇغۇت سەۋىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ئىنكار قىلدى.

     جۇڭگو نوپۇس ۋە تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ما لى مۇنداق ھېسابلىدى: ‹‹نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز تۆۋەن تۇغۇت سەۋىيىسىنىڭ خېمىغا يېنىش ھەيۋىتى كۈچلۈك بولۇپ، ناۋادا يۇقىرىدا ئېيتىلغان بىخ يۆنىلىشى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنمىسا،  نوپۇسنى كونترول قىلىش نىشانى بۆسۈپ تاشلىنىش خەۋپ – خەتىرىگە دۇچ كېلىدۇ. نوپۇس مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق ھېسابلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى 1.8لىك ئومۇمىي تۇغۇت نىسبىتى 2006 – يىلىدىن باشلاپ ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 0.02لىك كىچىك ھەجىمدە خېمىغا يانغان بولسا ، 2010 – يىلىغا بارغاندا، ئومۇمىي نوپۇس دۆلەتنىڭ 1 مىليارد 360 مىليون ئىچىدە كونترول قىلىش نىشانىدىن 14 مىليون ئادەم، 2020 – يىلى 1 مىليارد 450 مىليون ئىچىدە كونترول قىلىش نىشانىدىن 29 مىليون ئادەم ئېشىپ كېتىدۇ. ئەگەردە دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇسنى كونترول قىلىش نىشانى بۆسۈپ تاشلانسا ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات ستراتېگىيىسى نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى چوقۇم زور تەسىرگە ئۇچرايدۇ .

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش