首页 > شىنجاڭغا نەزەر

كۆچمە ئاھالىلەر پىلانلىق تۇغۇت جەھەتتە قايسى خىل مۇلازىمەت ۋە مۇكاپات ، ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ؟

تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى :مەنبە 2012-01-06 00:00:00 :ۋاقىت

   كۆچمە ئاھالە _ نوپۇسقا ئېلىنغان ناھىيە ، شەھەر ياكى شەھەرگە قاراشلىق رايوندىن ئايرىلىپ ئىشلەش ، تۇرمۇش كەچۈرۈش مەقسىتىدە باشقا جايدا تۇرۇۋاتقان قۇرامىغا يەتكەن تۇغۇت يېشىدىكى كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ .

   گوۋۇيۈەننىڭ《كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى نىزامى》غا ئاساسەن ، كۆچمە ئاھالە نوپۇسقا ئېلىنغان ناھىيە ، شەھەر ياكى شەھەرگە قاراشلىق رايوندىن ئايرىلىپ ، ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدا پىلانلىق تۇغۇت جەھەتتە تۆۋەندىكى مۇلازىمەت ۋە مۇكاپات ، ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ :

   (1) نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا ئائىت قانۇن بىلىملىرى ۋە كۆپىيىش سىستېمىسى ساغلاملىقى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىگە ھەقسىز قاتنىشىش ؛

 

   (2) ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورا ، سايمانلىرىنى قانۇن بويىچە ھەقسز ئېلىش ، دۆلەت بەلگىلىگەن باشقا ئاساسىي تۈرلەردىكى پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتىدىن قانۇن بويىچە ھەقسىز بەھرىمەن بولۇش ؛

   (3) كېچىكىپ نىكاھلانغان ، كېچىكىپ پەرزەنت كۆرگەنلەر ياكى ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدا پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانلار ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ياكى چوڭراق شەھەرنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئارام ئېلىش قاتارلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇش ؛

   (4) پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەنلەر كۆچمە ئاھالە ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ياكى چوڭراق شەھەرنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ، ئىشلەپچىقىرىش ، تىجارەت قاتارلىق جەھەتلەردە مەدەتكە ، ئېتىبارغا ئېرىشىش ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش قاتارلىقلاردىن ئاۋۋال بەھرىمەن بولۇش .

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش