首页 > شىنجاڭغا نەزەر

خوتەنلىكلەرنىڭ ئائىلە مەدەنىيىتى

خوتەن ئۇچۇر تورى :مەنبە 2012-01-09 00:00:00 :ۋاقىت

مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن

خوتەنلىكلەر ئىجتىمائىي ئالاقە، كىشىلىك مۇناسىۋەت، مېھماندارچىلىق، كۈندىلىك تۇرمۇش، ئۆرپ - ئادەت، تۇغقان يوقلاش، توي - تۈكۈن، نەزىر - چىراق ئىشلىرىدا ئۆزلىرىگە خاس ئائىلە مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. تۆۋەندە خوتەنلىكلەرنىڭ ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ بىر نەچچە تۈرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:

مېھماننى ئىززەت - ئىكرام بىلەن ئۆيگە باشلاش

خوتەنلىكلەر ئادەتتە ئۆيگە كەلگەن مېھمان بىلەن چىرايلىق تىنچ - ئامانلىق سورىشىدۇ، ئەرلەر قول ئېلىشىپ، ئاياللار يۈزىنى يۈزىگە يېقىشىپ كۆرۈشىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆيگە باشلايدۇ. مېھمان باشلايدىغان ئۆي پاكىز، رەتلىك جابدۇپ قويۇلىدۇ. مېھمانلار ئولتۇرىدىغان ئۆيگە يۇمشاق يېڭى كۆرپە سېلىنىدۇ. مېھمانلار ئاياغلىرىنى ئىشىكنىڭ سىرتىدا ياكى پەگادا سېلىپ قويۇپ، كۆرپە ئۈستىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە يېڭىۋاشتىن ئورنىدىن تۇرۇپ تىنچلىق سورىشىدۇ. بۇ، ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەرياندا شەكىللەنگەن. ھەممە كىشىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلانغان ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى ھېسابلىنىدۇ.

مېھماننى ئۆينىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تۆرگە باشلاش

خوتەنلىكلەر مېھمان كۈتۈشتە ئۆزلىرىگە خاس بىر يۈرۈش ئەدەب - قائىدىلەرنى شەكىللەندۈرگەن. مېھماننى ئۆينىڭ تۆرىگە باشلاش ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم قائىدىلەرنىڭ بىرى. ئۆي قانداق شەكىلدە سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىشىكتىن كىرگەندىن كېيىنلا ئوڭ تەرەپ تۆر ھېسابلىنىدۇ. ئۆينىڭ تۆر تەرىپى خوتەنلىكلەرنىڭ نەزەرىدە ئەدەب - ئەخلاق، ھۆرمەت چۈشەنچىلىرى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ، مېھماننى ئەزىز بىلگەنلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. مېھماننى تۆرگە باشلاشتا مېھمانلارنىڭ ئىچىدىكى ياشتا چوڭ، ھۆرمەتكە سازاۋەر مېھمان تۆرنىڭ باش تەرىپىدە ئولتۇرىدۇ. ناۋادا مېھمانلارنىڭ ئىچىدە يېشى كىچىك بولسىمۇ، بىلىملىك كىشى بولسا، باشقا مېھمانلار تەبىئىي ھالدا باش رەتنى ئۇنىڭغا ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ. باشقا مېھمانلار ياش ۋە بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن رەتلىك تىزىلىپ ئولتۇرىدۇ. مېھمان كۈتكۈچى ئوڭ تەرەپ تۆردىكى مېھماننىڭ قارشى تەرىپىدە ئەدەب بىلەن ئولتۇرىدۇ. بۇ خىل قائىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر مويسىپىتلارنى، بىلىملىكلەرنى ھۆرمەتلەشتىن شەكىللەنگەن ئائىلە مەدەنىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

مېھماننىڭ قولىغا سۇ بېرىش

خوتەنلىكلەر مېھمانلارغا تاماق تارتىلىشتىن بۇرۇن قولىغا سۇ بېرىدۇ. ئۆينىڭ ئوڭ تەرەپ تۆرىنىڭ باش تەرىپىدە كىم ئولتۇرغان بولسا قولىغا سۇ بېرىش شۇ كىشىدىن باشلىنىدۇ. مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بەرگۈچى مېھماننىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىگىلىپ تۇرۇپ بىر قولىدا ئاپتۇنى، بىر قولىدا چىلاپچىنى كۆتۈرۈپ مېھماننىڭ قولىغا ئۇچۇمىغا تولدۇرۇپ ئۈچ قېتىم سۇ قۇيىدۇ، مېھمان قولىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن «ھەشقاللا» ياكى «رەھمەت» دېگەن سۆز بىلەن ئورنىدىن سەل كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئاياللارنىڭمۇ ياشتا چوڭراق، ھۆرمەتكە سازاۋەرلىرى سەپنىڭ باش تەرىپىدە ئولتۇرىدۇ. باشقىلار چوڭدىن كىچىكلەرگە قاراپ رېتى بويىچە ئولتۇرىدۇ. ئاياللارنىڭ قولىغا ئاياللار، ئەرلەرنىڭ قولىغا ئەرلەر سۇ قۇيۇپ بېرىدۇ. بۇ خىل قولغا سۇ بېرىش ۋە قول يۇيۇش ئادىتى ئۇزاق دەۋرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ۋە مۇكەممەل قائىدە بولۇپ شەكىللەنگەن ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

مېھمانغا تاماق تارتىش

مېھمان كۈتكۈچى مېھماننىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تاماقنى ئەدەپ بىلەن سۇنىدۇ. مېھمانمۇ تاماقنى ئىككى قوللاپ ئەدەب بىلەن ئالىدۇ. ئۆي ئىگىسى مېھمانلار ئۆيدىن ئۇزاپ بولغىچە باشتىن ئاخىر مېھماننىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ. مېھمانلارغا چاي قۇيۇش، مېھمانلارنى تاماقنى كۆپرەك يېيىشكە دەۋەت قىلىش بىلەن ئۆتىدۇ. ئۆي ئىگىسى مېھمانلارنىڭ ئالدىدا ناھايىتى ئەدەبلىك بولىدۇ. مېھماننىڭ ھەرقانداق سەۋەنلىكىنى ئېغىر ئالمايدۇ. مېھمانلار داستىخاندىن يانغاندا، ئۆزلىرىنىڭ مېھمانلارنى ياخشى كۈتەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، مېھمانلارنىڭ قەلبىنى سۆيۈندۈرىدۇ، مېھمان ئۆي ئالدىدىن ئۇزاپ بولغۈچە ئۆي ئىگىسى ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرىدۇ. بۇ جەرياندا ئىشىكنىڭ قاتتىقراق يېپىلىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىدۇ.

ياتلىق بولىدىغان قىزغا ئۆي ئىشلىرىنى ئۆگىتىش

ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئەخلاق مىزانى بولىدۇ. شۇڭا ئانا بولغۇچى ياتلىق قىلىنماقچى بولغان قىزىغا ئوغۇل تەرەپنىڭ ئائىلىسىگە بارغاندىن كېيىن قېيىنئاتا، قېيىنئانا بىلەن ئوبدان ئۆتۈش، ئۇلارنىڭ ئالدىدىن توغرىسىغا ئۆتمەسلىك، سەھەر تۇرۇپ تاماق تەييارلاپ ئائىلە ئەزالىرىنى غىزالاندۇرۇش، ئۆينى پاكىز تۇتۇش، قېيىنئاتا، قېيىنئانا ئالدىدا گەپ - سۆز، ھەرىكەتتە ئەدەپلىك بولۇش، ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيدىن نەرسە - كېرەك يۆتكىمەسلىك، ئېرىگە سادىق بولۇش، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەربىيە ئىشلەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن قىزلار يېڭى ئائىلە مۇھىتىغا تېزلا كۆنۈپ كېتىدۇ.

سەھەر تۇرۇپ ھويلا - ئارامنى سۈپۈرۈپ، سۇ چېچىش

خوتەنلىكلەردە مەيلى قانداق ئائىلە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سەھەر تۇرۇپ ھويلا - ئارامنى سۈپۈرۈپ، سۇ چاچىدىغان ئادەت بار. ھويلىسىنىڭ پاكىز ياكى پاكىز ئەمەسلىكى، ئىشىك ئالدىغا سۇ چېچىلغان - چېچىلمىغانلىقىغا قاراپ شۇ ئائىلىنىڭ مەدەنىيىتىگە باھا بەرگىلى بولىدۇ.

ئۆينىڭ تام - تۇرۇسلىرىغا نەقىش، گۈل ئويۇش

خوتەنلىكلەر ئۆيلىرىگە ئالاھىدە ئىشلەيدۇ. تاملىرىغا مېھراپ شەكىللىك تەكچە ئويغاندىن سىرت، ئۆينىڭ لىم - تۈۋرۈكلىرىگە ھەر خىل گۈل نۇسخىلىرىنى، نەقىشلەرنى چىقىرىدۇ. گۈل نۇسخىلىرىنىڭ ھەممىسى تەبىئەت گۈزەللىكىدىن كەلگەن. لىم - تۈۋرۈكلەرگە ئويۇلىدىغان گۈل نۇسخىلىرى ئىچىدە ئادەم ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ سۈرەتلىرىنى چىقىرىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ. بۇ ناھايىتى مۇكەممەل قائىدىلەشكەن ئائىلە مەدەنىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

ھويلىدا تال، كاۋا - قاپاق، گۈل، دەرەخ ئۆستۈرۈش

خوتەنلىكلەرنىڭ ھويلىسىدا دېگۈدەك تال، كاۋا - قاپاق، گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۆي قۇرۇلۇشى پۈتكەن ھامان ھويلىغا مەخسۇس سىنجەك ياسىلىپ، ئۈزۈم تېلى يېتىشتۈرۈلىدۇ. كاۋا - قاپاق تېرىلىدۇ، ئائىلە ئەزالىرى ياز كۈنلىرىدە باراڭ ئاستىغا كارىۋات قويۇپ سالقىندايدۇ، ئۆي ئەتراپلىرىغا ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىكىدۇ. بۇنداق ئۆيلەرنىڭ ھاۋاسى ساپ، تەبىئىي بولۇپ، ساغلاملىققىمۇ ئالاھىدە پايدىسى بولىدۇ.

ئۆيگە تۈڭلۈك، دەرىزە، دىرەۋزىن قويۇش

خوتەنلىكلەر ئۆيلىرىنىڭ ئالدىنى ئاساسەن كۈن چىقىش تەرەپكە قارىتىپ سالىدۇ. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا شىپاڭ چىقىرىلغان چوڭ ئايۋان سالىدۇ. ئايۋانغا يانداشتۇرۇلۇپ يازلىق، قىشلىق ساراي سالىدۇ. قىشلىق ساراينىڭ ئۈستىدىن تۈڭلۈك ياكى ياندىن دەرىزە قويغاندىن سىرت، يازلىق ساراينىڭ ئەتراپلىرىغا دىرەۋزىن ئورنىتىدۇ. ئايۋاننىڭ ئوتتۇرىسىدىن شىپاڭ چىقىرىدۇ. ئەتراپى دىرەۋزىن ئارقىلىق بېزىلىدۇ. دىرەۋزىن، تۈڭلۈك، دەرىزىلەر ئۆي ئىچىگە كۈن نۇرى چۈشۈرۈشتىن باشقا، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرۇش، ھاۋا ئالمىشىش رولىغا ئىگە. بۇ ئۇ لارنىڭ ساغلاملىق، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئېڭى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

بىر ئائىلە ئەزالىرى جەم بولۇپ غىزالىنىش

ئائىلە ئەزالىرى ھېيىت - ئايەم كۈنلىرى بىر يەرگە يىغىلىپ تاماقلىنىشتىن سىرت، دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ چوڭ ئۆيگە جەم بولۇپ تاماق يىگەچ ئۇرۇق - تۇغقانلار بىر - بىرىنىڭ ھال ئەھۋالى، تۇرمۇشى ئۈستىدە پىكىرلىشىدۇ. قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ياردەملىشىدۇ، چوڭ ئۆي ئۇلارنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. ئائىلە مەدەنىيىتى چوڭ ئۆينى ئاساس قىلىپ شەكىللىنىدۇ.

ھەر بىر ئادەم مۇئەييەن بىر ئائىلە مەدەنىيىتى مۇھىتى ئىچىدە ياشايدۇ. ئائىلىنىڭ قائىدە، ئەخلاق، مىزانىغا رىئايە قىلىدۇ. ئائىلە مەدەنىيىتى جەمئىيەت ئەخلاقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئائىلە مەدەنىيىتى بىلەن جەمئىيەت ئەخلاقى مۇئەييەن باغلىنىشلىققا ئىگە. شۇڭا ئائىلە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش ھېسابلىنىدۇ.(ئاپتور چىرا ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش