首页 > شىنجاڭغا نەزەر > ئۆرىپ ئادەت

ئۇيغۇرلارنىڭ قول يۇيۇش ئادىتى

خوتەن ئۇچۇر تورى :مەنبە 2012-01-09 00:00:00 :ۋاقىت

ئۇيغۇرلارنىڭ قول يۇيۇش ئادىتى

قول يۇيۇش - ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىدىن قالغان بىر خىل ئېسىل ئەنئەنە بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تازىلىققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ روشەن گەۋدىلىنىشىدۇر.

ئۇيغۇرلار: تازىلىق - ساغلاملىقنىڭ ئانىسى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ شىپالىق دورىسى، ئىنسان تەبىئىتى ۋە ئەخلاقىنىڭ زىننىتى، دەپ قاراپ كەلگەن.

ئۇيغۇرلار بەدەن تازىلىقى، يېمەك - ئىچمەك تازىلىقى، كىيىم-كېچەك تازىلىقى، يوتقان - كۆرپە، ئۆي - بىسات تازىلىقى، مۇھىت تازىلىقى قاتارلىقلارغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. تازىلىقنى ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلغان. ئۇيغۇرلار ئۇيقىدىن ئويغانغاندا، چوڭ - كىچىك تەرەتتىن كېيىن، ئىش - ئەمگەك ۋە باشقا پائالىيەتتىن كېيىن ئالدى بىلەن قولىنى يۇيىدۇ. ئاش - تاماق ئېتىش، كۆكتات ئادالاش، مېۋە - چىۋە يېيىش، مېھمانلارغا داستىخان سېلىش، چاي قۇيۇش، مەزە ئەكىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ئالدىدا قولىنى يۇيۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان. بولۇپمۇ توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ، مېھماندارچىلىق قاتارلىقلاردا قولغا سۇ قۇيۇپ بېرىشنى ئالاھىدە ھۆرمەت - ئېكرام دەپ قاراپ كەلگەن.

قولغا سۇ بېرىشنىڭمۇ مۇناسىپ قائىدىسى بولۇپ، ئادەتتە قولغا سۇ بەرگەندە ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە سۇ قۇيۇلىدۇ. يەنى بىرىنچى قېتىمدا ئازراق، ئىككىنچى قېتىمدا ئوتتۇراھال، ئۈچىنچى قېتىمدا يەڭگىل ھەم ئۈزۈلدۈرمەي قۇيۇلىدۇ.

مەيلى قانداق سورۇنلاردا بولمىسۇن كىچىكلەر چوڭلارنىڭ، پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىلارنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇش بىزنىڭ ئادىتىمىز. ھەتتا بىزدە قولغا سۇ قۇيغاندا ئالدىغا ئىگىلىپ تۇرۇپ ياكى يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئەدەپلىك بىلەن قۇيۇش ئادىتى بار. سۇ قۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن پاكىز لۆڭگە بىلەن قول سۈرتۈلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىمىز بويىچە، ھەتتا دۇنيا بويىچىمۇ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىغان مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالىشىمۇ تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش