首页 > شىنجاڭغا نەزەر

خوتەنلىكلەردىكى خالىس ئىشلەش ئادەتلىرى

خوتەن ئۇچۇر تورى :مەنبە 2012-01-09 00:00:00 :ۋاقىت

خوتەنلىكلەردىكى خالىس ئىشلەش ئادەتلىرى

مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن

ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر قىسىم ئائىلە ئىشلىرىدا بىر - بىرىگە خالىس ياردەم قىلىدىغان ئادەتلەر شەكىللەنگەن. بۇ ئادەتلەر قېلىپلىشىپ، سىستېمىلىشىپ ھازىرقى كۈنگە كەلگەندە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم ئۆلچىمىگە ئايلاندى. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

1. يول ياساش، كۆرۈك سېلىش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش

يول ياساش، كۆۋرۈك سېلىش - قەدىمدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جامائەت ئەمگەكلىرىنىڭ بىرى. بۇ خىل ئەمگەكنى ئەجدادلىرىمىز ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ ساۋابلىق ئىشلارنىڭ بىرى، دەپ قارىغاچقا، خوتەنلىكلەر بۇ خىل ئەمگەككە ئەزەلدىن خالىس قاتنىشىپ كەلگەن ھەم ئۇنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. شۇڭا ھازىرمۇ خوتەنلىكلەردە يولغا چېچىلىپ كەتكەن تاش - كېسەك قاتارلىق يول يۈرۈشكە توسالغۇ بولىدىغان نەرسىلەرنى خالىس تىرىۋېتىش، يوللاردىكى ئوڭغۇل - دولغۇل يەرلەرنى خالىس تۈزلەپ قويۇش، سۇ چېچىپ ياكى شېغىل تۆكۈپ قاتۇرۇپ قويۇش ئادەتلىرى داۋام ئەتمەكتە.

2. توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، نەزىر - چىراق ئىشلىرىغا ياردەملىشىش

توي، مىيت ئۇزىتىش، نەزىر بېرىش ئىشلىرى ئەل - جامائەت توپلىشىپ كوللېكتىپ ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەت، بۇ پائالىيەتتە ئۆي ئىگىسىدىن باشقا يەنە نەچچە ئون ئادەم ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق توي، مىيت ئۇزىتىش، نەزىر بېرىش ئىشلىرىغا ئۇرۇق - تۇغقان، خۇلۇم - قوشنىلار ئورتاق ھالدا خالىس ياردەم قىلىدۇ.

3.ئوت، سۇ ئاپەتلىرىدە خالىس ياردەم بېرىش

رېئال تۇرمۇشتا كىشىلەر دائىم تۈرلۈك ئاپەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. بەزى تاسادىپىي ئاپەتلەر يەنى ئوت، سۇ، يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى كىشىلەرنىڭ مال - مۈلكى، ھاياتىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدۇ، بۇنداق چاغدا ئاپەتكە ئۇچرىغۇچى جىددىي ياردەمگە موھتاج بولىدۇ. بۇنداق شارائىتتا ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى كۆرگۈچىلەرمۇ، ئاپەت ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقانلارمۇ دەرھال توپلىشىپ ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ، بۇنداق چاغلاردا ھەتتا خالىس ياردەمگە كەلگەنلەر ئىچىدىمۇ خەتەرگە يولۇققانلار چىقىدۇ. لېكىن بۇنداق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھېچقايسىسى ھەق تەلەپ قىلمايدۇ. خالىس ھالدا جاپالىق، خەتەرلىك ئىشلارنى تالىشىپ قىلىدۇ.

4.يوقاپ كەتكەن نەرسە- كېرەكلىرىنى ئىزدىشىپ بېرىش

كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەر تۈرلۈك كېلىشمەسلىكلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. بەزى ئادەملەرنىڭ مال چارۋىلىرى، بەزىلەرنىڭ قىممەتلىك بىساتى، ھەتتا ئادەملەر يوقاپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. بۇنداق شارائىتتا ئەتراپتىكى خۇلۇن-قوشنىلار، تونۇش - بىلىشلەر جەم بولۇپ، تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ يوقاپ كەتكەن نەرسە - كېرەكلىرىنى ئىزدىشىپ بېرىدۇ. لېكىن بۇنداق ئەمگەككە قاتناشقانلار خالىس ئۆزىنى بېغىشلايدۇ. يوقالغان نەرسە - كېرەك تېپىلسۇن ياكى تېپىلمىسۇن ياكى كىم تاپقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مال ئىگىسىدىن ھەق سوراپ ئولتۇرمايدۇ. بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ياردەم قىلالىغانلىقىدىن خۇشال بولىدۇ.

 

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش