首页 > شىنجاڭغا نەزەر

ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى ئۇلۇغلاش ئادىتى

خوتەن ئۇچۇر تورى :مەنبە 2012-01-09 00:00:00 :ۋاقىت

ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى ئۇلۇغلاش ئادىتى

مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن

ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇشى، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى نان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇرلار كۈندىلىك تۇرمۇش، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، نەزىر - چىراغ، مېھماندارچىلىق ۋە سەپەرلەردىمۇ ناندىن ئايرىلالمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ نان ھەققىدىكى چۈشەنچىسى باشقا ھەر قانداق شەيئى ۋە ھادىسە ھەققىدىكى چۈشەنچىسىدىن چوڭقۇر ۋە مۇكەممەل.

نانغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيىۋى چۈشەنچىسى ناھايىتى چوڭقۇر سىڭگەن بولغاچقا، ناننى ناھايىتى ئۇلۇغلايدۇ.

ئۇيغۇرلار توي قىلغاندا قىز - يىگىت تۇزغا چىلانغان ناننى يەيدۇ. بۇ قىز - يىگىتنىڭ جاپا - مۇشەققەت، راھەت - پاراغەتتە مەڭگۈ بىرگە بولىمىز، دېگەن ۋەدىسىنىڭ ئىپادىسى. ئۇيغۇرلار قەسەم قىلسا ناننى تۇتۇپ تۇرۇپ قەسەم قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار ناننى ئىسراپ قىلىشنى ئەيىبلەيدۇ. پەرزەنتلىرىگە: «نانغا دەسسىسەڭ، ناندىن ئاتلىساڭ يامان بولىدۇ» دەپ تەربىيە بېرىدۇ. ئۇيغۇرلار قىز چوڭ قىلغان ئائىلىگە ئەلچىلىككە بارغاندا، داستىخانغا نان يۆگەپ بارىدۇ. سەپەرگە چىقىش ئالدىدا تۇرغانلارغا نان يوللۇق تۇتىدۇ. ئۆلۈم - مۇسىبەت كۆرۈلگەن ئائىلىگە داستىخانغا نان يۆگەپ ئېلىپ بارىدۇ. ئېلىپ - ساتقۇچىلار سودا قىلىشقاندا قارشى تەرەپكە «نان تەگسۇن» دېگەن سۆز بىلەن رازىلىق بېرىدۇ. مېھمانغا سالغان داستىخانغا ئالدى بىلەن نان كەلتۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار ناننى مېڭىپ يۈرۈپ يېيىشنى يامان كۆرىدۇ. چۈنكى مېڭىپ يۈرۈپ نان يېگەندە، يەرگە چۈشۈپ كەتكەن نان ئۇۋاقلىرىغا دەسسەپ بەرسە بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ناۋادا يولدا نان پارچىلىرى ئۇچراپ قالسا، ئۇنى باشقىلارنىڭ كۆرمەي دەسسەپ سېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئادەم ئايىغى تەگمەيدىغان ئېگىزرەك يەرگە ئېلىپ قويۇپ ماڭىدۇ.

ئۇيغۇر خەلق ماقال - تەمسىللىرى ئىچىدە ناننى ئۇلۇغلايدىغان، ناننى ئىسراپ قىلىشنى ئەيىبلەيدىغان، ناننى قەدىرلەشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ماقال - تەمسىللەرمۇ خېلى كۆپ. ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى ئۇلۇغلاش ئادىتى ئىجتىمائىي تۇرمۇش، كىشىلىك مۇناسىۋەت، كۈندىلىك تۇرمۇش، ئېلىم - سېتىم، ئۆلۈم - يېتىم، نەزىر - چىراغ ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن.

ئۇيغۇرلار قانداق جايدا بولمىسۇن داستىخان سېلىپ ئەدەپ بىلەن ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا نان ئۇۋاقلىرى داستىخانغا چۈشكەچكە، ناننىڭ ئىسراپ بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلار يەنە داستىخاننى ناھايىتى پاكىز ساقلايدۇ. داستىخاندىكى نان ئۇۋاقلىرىنى قالايمىقان تۆكۈۋەتمەيدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش