首页 > شىنجاڭغا نەزەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئومومىي ئەھۋالى

:مەنبە 2012-11-02 00:00:00 :ۋاقىت

                                                            

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قىسقىچە ئاتالغۇسى:شىن. ئاسىيا- ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە جۇڭگو غەربىي-شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان،ئومومىي كۆلۈمى 1مىليون 660مىڭ كۋادىرات كىلومېتر بولۇپ،دۆلىتىمىز ئومومىي كۆلۈمىنىڭ 1\6 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.دۆلىتىمىز ئىچىدە شىزاڭ،چىڭخەي،گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكە رايون بىلەن قوشنا.دۆلەت سىرتىدا موڭغۇلىيە، روسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق 8 دۆلەت بىلەن چېگىرداش. قۇرۇقلۇق چېگىرسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5600 كىلومېتردىن ئارتۇق بولۇپ دۆلىتىمىز چېگىر ئۇزۇنلۇقىنىڭ 1\4 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. شىنجاڭ جۇڭگودا كۆلۈمى ئەڭ چوڭ، چېگىرداش دۆلىتى ئەڭ كۆپ، قۇرۇقلۇق چېگىرسى ئەڭ ئۇزۇن ئۆلكە رايونلارنىڭ بىرى.

     شىنجاڭ قەدىمدىن غەربىي دىيار دەپ ئاتىلىدۇ، ۋە قەدىمدىن تارتىپلا دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 138- يىلىدىن بۇرۇنلا خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى جاڭچيەننى غەربىي دىيارغا ئەۋەتىپ،غەربىي خەن سۇلالىسى بىلەن غەربىي دىياردىكى ھەر قايسى شەھەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان. مىلادى60-يىللاردىن بۇرۇن غەربىي خەن ھاكىمىيىتى ۋولىيىدە(بۈگۈنكى بۈگۈردە) غەربىي دىياردىكى ئىش ئورنىنى تەسىس قىلغان. شۇندىن ئېتىبارەن  غەربى دىيار خەن سۇلالىسىنىڭ خەرىتىسىگە كىرگۈزۈلگەن. چيەنلۇڭنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە غەربىي دىيارنىڭ نامىنى شىنجاڭ دەپ ئۆزگەرتىپ، 1884- يىلى رەسمىي شىنجاڭ ئۆلكىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.ئۆلكىنىڭ مەركىزىي شەھىرىنى دىخۇا(بۈگۈنكى ئۈرۈمچى) دەپ ئاتىدى. 1949- يىلى شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىندى، 1955- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.ئۈرۈمچى(موڭغۇل تىلىدا گۈزەل يايلاق دەپ ئاتىلىدۇ) نى ئۆلكە مەركىزى قىلىپ بېكىتتى.

     شىنجاڭ كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ،جەمئىي 47 مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەۋلاتمۇ- ئەۋلات ئولتۇراقلاشقانلاردىن ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، قىرغىز، موڭغۇل، تاجىك، شىۋە، مانجۇ، ئۆزبېك، رۇس، داۋۇر ۋە تاتار قاتارلىق 13 مىللەت بار.2011- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭنىڭ ئومومىي نوپۇسى 22 مىليون 87 مىڭ100ئادەم بولۇپ، ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر تەخمىنەن 60 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. پۈتۈن رايوندا 14 ۋىلايەت شەھەر بولۇپ، 5 ئاپتونوم ئوبلاستى، 7 ۋىلايەت ۋە 2 ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 88 ناھىيە(شەھەر) بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 32 چىگرا ناھىيە     6  مىللىي ئاپتونوم ناھىيىسى، 5 ناھىيە دەرىجىلىك بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بار. 857 يېزا-بازار بولۇپ، ئىچىدە 42 مىللىي يېزىسى بار. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ،14 شى، 175 دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق تۇەن- مەيداننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئومومىي نوپۇس سانى 2 مىليون 570 مىڭ.

     شىنجاڭنىڭ يەر تۈزۈلۈشى جەھەتتە شىنجاڭ 3 تاغ ئىككى ئويمانلىقنى ئوراپ تۇرىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. شىمالىي تەرەپ ئالتاي تېغى، جەنۇب تەرەپ كۇئېنلۇن تېغى ۋە تەڭرىتاغ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، شىنجاڭنى جەنۇب ۋە شىمال ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ تۇرىدۇ. ئادەتتە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب تەرىپى جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمال تەرىپى  شىمالىي شىنجاڭ دەپ ئاتىلىدۇ.جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆلۈمى 530 مىڭ كۋادىرات كىلومېتر بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق ئويمانلىقى ھېسابلىنىدۇ. تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 330 مىڭ كۋادىرات كىلومېتر بولۇپ، جۇڭگو بويىچە ئەڭ چوڭ ۋەدۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كۆچمە قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. تارىم ئويمانلىقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تارم دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2100 كىلومېتر بولۇپ، جۇڭگو بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى دەريا ھېسابلىنىدۇ. شىمالىي شىنجاڭدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 380 مىڭ كۋادىرات كىلومېتر بولۇپ، جۇڭگو بويىچەئىككىنچى چوڭ ئويمانلىق ھېسابلىنىدۇ. جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇربان(تۇڭخۇت) قۇملۇقىنىڭ كۆلۈمى تەخمىنەن 48 مىڭ كۋادىرات كىلومېتر بولۇپ، كۆلەم جەھەتتە جۇڭگو  بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.سۇ يۈزىنىڭ كۆلىمى 5500 كۋادىرات كىلومېتر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سايرام كۆلى سۇ يۈزىنىڭ كۆلىمى 980 كۋادىرات كىلومېتر جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى تاتلىق سۇ كۆلى ھېسابلىنىدۇ. تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي ۋە غەربىگە جايلاشقان، "ئوت يۇرتى" دەپ نام ئالغان تۇرپان ئويمانلىقى ۋە "سەددىچىننىڭ سىرتىدىكى جەنۇبىي جۇڭگو" دەپ نام ئالغان غۇلجا ۋادىسى بار. تۇرپان ئويمانلىقىغا جايلاشقان ئايدىڭكۆل دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتر تۆۋەن بولۇپ،جۇڭگونىڭقۇرۇقلۇقىنىڭ ئەڭ تۆۋەن جايىبولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئويمانلىقنىڭ ئەتراپىنى يېشىللىق ۋە ئېقىن سۇ ئوراپ تۇرىدۇ. كۆلىمى پۈتۈن رايون كۆلىمىنىڭ 4.2 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.

     شىنجاڭ دېڭىزدىن يىراق. ھاۋا كېلىماتى قۇرغاق، يامغۇر ئاز. تىپىك مۆتىدىل چوڭ قۇرۇقلۇق ھاۋاسىغا تەۋە بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل- يېغىن مىقدارى ئارانلا 171 مىللىلىتر بولىدۇ. چىگرا ئىچىدىكى تاغلاردىكى قارلار ئېرىپ 570 دىن ئارتۇق ئېقىن دەريالارغا ئايلىنىدۇ، كۆپ يىللاردىن بۇيان يەر يۈزى سۈيىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 87 مىليارت 900مىليون كۇب مېترغا يەتتى.تۈزلەڭ رايوندىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ قېزىش مىقدارى ئوتتۇرىچە 15 مىليارت30مىليون  كۇب مېترگە يېتىدۇ. زاپاس مۇزمىقدارى 2تىرلىيون130 مىليارت كۇب مېتر بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت زاپاس مۇز مىقدارىنىڭ 50 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ،"قاتتىق سۇ ئامبىرى" دېگەن نامغا ئىگە. شىنجاڭنىڭ يەر بايلىقى مول، ئاپتونوم رايون بويىچە بىۋاسىتە ئىشلەتكىلىبولىدىغان يەر كۆلىمى 1 مىليارت موغا يېتىدۇ ۋە شۇنداقلا  پۈتۈن مەملىكەتتىكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقتا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ 1\10 دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھازىرقى بار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى76 مىليون موغا يېتىدۇ.كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلمى 3.45 مو بولۇپ، مەملىكەت ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىنىڭ 2.6 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. تەبئىي يايلاق كۆلىمى 720   مىليون مو بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئىشلىتىشكە بولىدىغان يايلاق ئومومىي كۆلىمىنىڭ 14.5 پىرسەنتىگە توغرا كېلىدۇ.مەملىكەت ئىچىدىكى 5 چوڭ چارۋ رايونلارنىڭ بىرى. زاپاس تېرىلغۇ يەردىن 223 مىليون مو بولۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.يىل بويى كۈن تېگىش ۋاقتى 3400~2600 سائەتكىچە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
 
     شىنجاڭنىڭ كان بايلىقلىرى مول، تۈرى تولۇق، زاپىسى كۆپ، ئېچىش ئىستىقبالى كەڭ. نۆۋەتتە بايقالغان كان بايلىقلىرىدىن 138 خىل بولۇپ، مەملىكەت بويىچە بايقالغان كان تۈرىنىڭ 80.7 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. تەكشۈرۈپ بايقالغان كان زاپىسى بار كان مەھسۇلاتلىرىدىن 96 خىل بولۇپ، زاپىسى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى 5 خىل.ئالدىنقىبەش ئورۇندا تۇرىدىغىنى 27 خىل. ئلادىنقى 10 ئورۇندا تۇرىدىغىنى 41 خىل.  نېفىت، تەبئىي گاز، كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، ئالتۇن، خروم، نېكىل قاتارلىق قىممەت مېتاللار، تۇز كانلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، مېتالسىز ماتېرىياللار ناھايىتى مول. مەملىكىتىمىزنىڭ 2- قېتىملىق نېفىت-گاز  بايلىقلىرىنى باھالاش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ نېفىت بايلىقى 20 مىليارد 920 مىليون توننا بولۇپ، مەملىكەت قۇرۇقلۇق نېفىت مىقدارىنىڭ 30 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. تەبئىي گاز مىقدارى 11 تىرلىيون كۇب مېتر بولۇپ، دۆلىتىمىز قۇرۇقلۇق تەبئىي گازى ئوموميى مىقدارىنىڭ 34 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. كۆمۈر تەخمىنەن  2تىرلىيون19مىلياردتوننا بولۇپ، مەملىكەت بويىچە مۆلچەر زاپىسى مىقدارىنىڭ 40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

      شىنجاڭنىڭ زىمىنى كەڭ، تەبئىي مەنزىرىسى ئالاھىدە. داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىدىن ئېگىز تاغدىكى بۇغدا كۆلى، بۇ دۇنيانىڭ جەننىتى دەپ تەرىپلىنىدىغان قاناس كۆلى، يېشىللىق كارىدورى تۇرپان بۇيلۇق، ھاۋادىكى يايلاق نارات قاتارلىقلار ۋە گىئولوگىيە مەنزىرىسىدىن - كۆكتوقاي قاتارلىقلار بار.5000 كىلومېتردىن ئارتۇق قەدىمكى "يىپەك يولى" نىڭ جەنۇبىي،شىمالىي ۋە ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ يولدا نەچچە يۈز مىڭلىغان قەدىمىي مەدەنىيەت خارابىسى، قەدىمىي قەبرىستانلىقى ۋە مىڭ ئۆي قاتارلىق گۇمانىتار مەنزىرىلەر بار. بۇنىڭ ئىچىدە يارغول قەدىمىي شەھىرى، كرورەن قەدىمىي قەبرىستانلىقى، قىزىل مىڭ ئۆي قاتارلىقلار جۇڭگو ۋە چەتئەلگە داڭلىق.2011- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە دۆلەت A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن 285ى بولۇپ، ئىچىدە 5A دەرىجىلىكىدىن 5 ى، 4A دەرىجىلىكىدىن 53 ، 3A دەرىجلىك مەنزىرە رايونىدىن 94 ى بار. شىنجاڭنىڭ مىللىي پۇرىقى قويۇق. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، سەنئەت، تەنتەربىيە، كىيىم- كېچەك، تۇرار -جاي، يېمەك- ئىچمەك ئادىتى جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن"ناخشا-ئۇسۇلماكانى" دېگەن گۈزەل نامى بار. ئۇيغۇرلارنىڭ سەنىمى، دولان ئۇسۇلى، تاجىكلارنىڭ بۈركۈت ئۇسۇلى، موڭغۇللارنىڭ ساۋۇردىن ئۇسۇلى قاتارلىق يارقىن مىللىي ئۇسۇللىرى بار.
       
     شىنجاڭنىڭ بىئولوگىيە تۈرلىرى كۆپ ۋە سورتلىرى ئالاھىدە. ياۋايى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى 4000 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، چاكاندا، لوپنۇر كەندىرى، چۈچۈكبۇيا، سوفىگۈل، قانتېپەر، توشقان زەدىكى، قارلەيلىسى قاتارلىقلار كەڭ تارقالغان بولۇپ، سورتلىرى ئېسىل. مېۋىلىك دەرەخلەر كۆپ. بۇنىڭ ئىچىدە 300 نەچچە خىل ئېسىل سورت بار. شۇڭا شىنجاڭنىڭ "مېۋە- چېۋە  ماكانى" دېگەن نامى بار.  ياۋايى ھايۋانلار تۈرى 700 خىلغا يېقىن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ياۋايى ھايۋانلار  ئومومىي مىقدارىنىڭ 11 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتۇلۇق قوغدىغىدىغان جانۋاردىن 116 خىل بولۇپ پۇتۇن مەملىكەتنڭ 1\3  قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ .بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇل ياۋا ئېتى، شىزاڭ ياۋا ئېشىكى، يىلپىز قاتارلىق يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارمۇ بار.

     ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش، بولۇپمۇ دۆلىتىمىز غەربنى ئېچىش ئىستراتىگىيىسىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈلدى. ئالاھىدە كەسىپلەر تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئىقتىسادىي جەمئىيەت تېز راۋاجلىنىش باسقۇچىغا كىردى. ھەر مىللەت خەلقى زور دەرىجىدە ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىپ، جەمئىيەت تېخىمۇ ماس مۇقىم دەۋرگە قەدەم قويدى. بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەت تىنچ بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى تارىخىي ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر ئاممىسىنى باشلاپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتنى پوختا ئىشلەپ، ناھايىتى ياخشى ئىقتىسادىي- ئىجتىمائىي تەرەققىياتلارنى بارلىققا كەلتۈردى.

     خەلق ئىگىلىكى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ ئۇنۋىرسال كۈچى روشەن ئاشتى. 2011- يىلى رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومومىي قىممىتى 661 مىليارد 5 مىليون يۇەنگە يەتتى، سېلىشتۇرما باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 12 پىرسەنت ئاشتى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئومومىي قىممىتى 30087 يۇەندىن توغرا كەلگەن. ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنىئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ 3 قېتىملىق ئىشەپچىقىرىش نىسپىتى34:48.8:17.2 بولدى. ئۆلچەملىك مالىيە كىرىمىنى 165  مىليارد 491 مىليون يۇەنگە يەتكۈزۈپ، 39 پىرسەنت ئاشۇرۇلدى. ئومومىي مالىيە خامچوت كىرىمى 72 مىليارد 43 مىليون يۇەنگە يېتىپ 44 پىرسەنت ئاشتى. ئومومىي مالىيە خامچوت چىقىم 228 مىليارد 449 مىليون يۇەن بولۇپ، 34.5 پىرسەنت ئاشتى.

     دېھقانچىلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، يېزا ئىقتىسادى ئوموميۈزلۈك راۋاجلاندى. 2011- يىلى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق كەسپىنىڭ ئومومىي مەھسۇلات قىممىتى 195 مىليارد 539 مىليون يۇەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىن 6.9 پىرسەنت ئاشتى. دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچى روشەن ئۆسۈپ، دېھقانچىلىق داۋاملىق تەرەققىي قىلدى. دېھقانچىلىقنى ماسلاشتۇرۇش سەۋىيىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا ئۆتتى. ماشىنا بىلەن يەر ئاغدۇرۇش، ئۇرۇق سېلىش- يىغىش نىسپىتى دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن يۇقىرى بولدى. پەسىلسىز سەي- كۆكتات، مېۋە- چېۋىلەرنى ئاساس قىلغان قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى 1 مىليون موغا يەتتى. دېھقانچىلىقتا سۇ تېجەشنى تەكىتلەش كۈچەيتىلىپ، سۇ تېجەش كۆلىمى جەمئىي 30 مىليون مو(يەرلىكنىڭ 17 مىليون 700 مىڭ مو)دىن ئاشتى. ئاشلىق، پاختا، مېۋىلىك دەرەخ چارۋىچىلىقتىن ئىبارەت 4 خىل چوڭ بازا قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. 2011- يىلى ئاشلىقتىن 12 مىليون 75 مىڭ توننا ھوسۇل ئېلىنىپ، تارىختا يېڭى رىكورت يارىتىلىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق دۆلىتىمىز ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن 30 پىرسەنت ئېشىپ كەتتى. پاختا مىقدارى2 مىليون 897 مىڭ 700 توننىغا يېتىپ، دۆلىتىمىز پاختا ئومومىي مەھسۇلاتىنىڭ 40 پىرسەنت ئەتراپىنى ئىگىلەپ دۆلىتىمىز بويىچە  بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. سورتلۇق مېۋە دەرەخنىڭ كۆلىمى 20 مىليون 133 مىڭ 400 موغا يېتىپ، ئومومىي مەھسۇلات مىقدارى 6 مىليون 273 مىڭ 300 توننىغا يەتتى. زامانىۋى چارۋىچىلىق ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ گۆش، سۈت، تۇخۇمنىڭ مىقدارى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 1 مىليون 200مىڭ 400 توننا، 1 مىليون 305 مىڭ توننا ۋە 256 مىڭ توننىغا يەتتى.پىۋا گۇلى، شوخلا، ئالىقات، نەشپۈت، ئانار، ياڭاق، چىلان قاتارلىق قويۇق خاسلىققا ئىگە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق.دېھقانچىلىقنى سانائەتلەشتۈرۈش ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلدى. دۆلەت، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق كارخانىدىن 319 ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىكى23 بولۇپ، يىللىق سېتىش كىرىمى 1  مىليارد يۇەندىن يۇقىرى نۇقتىلىق كارخانىدىن10 بولۇپ، 100 مىليون يۇەندىن ئاشىدىغان كارخانىدىن 182 سى بار. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا دېھقانچىلىقنى سانائەتلەشتۈرۈپ باشقۇرىدىغان تەشكىلاتلار 8425 كە يەتتى. ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا  700 ى ئاشتى.
 
      يېڭى تىپتىكى سانائەتلەشتۈرۈش پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى. سانائەت ئىقتىسادى داۋاملىق تېز سۈرئەت بىلەن ئاشماقتا. ئەۋزەللىك بايلىقلارنى ئالماشتۇرۇش ئىستراتىگىيىسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، كان بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە قوشۇمچە مەھسۇلاتلارنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساس قىلىپ، مەلۇن كۆلەمگە ئىگە، تۈرلىرى تولۇق شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان زامانىۋى سانائەت تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلدى.2011-يىلى 270 مىليارد 20 مىليون يۇەن سانائەت قوشۇمچە قىممەتنى تاماملاپ 11.4 پىرسەنت ئاشتى. خام نېفىتنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى 261 مىليارد 563 مىليون توننىغا، تەبىئىي گازنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى 23  مىليارد 538    مىليون كۇب مېترغا، خام نېفىتنى پىششىقلاش مىقدارىنى 23 مىليون 884 مىڭ 100 توننىغا يەتكۈزۈپ، ماي گازىنىڭ مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى.نۆۋەتتە شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربتىكى مۇھىم نېفىت ۋە نېفىت سانائەت قوشۇمچە قىممىتى رايونىمىزنىڭ كۆلەملىك سانائەت قوشۇمچە قىممىتىنىڭ 59.06 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. نۇرغۇنلىغان دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق كارخانا، گۇرۇھلار شىنجاڭنىڭ بايلىقىنى ئېچىشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، نۇرغۇن تۈرلەر قۇرۇلماقتا. كۆمۈر كانىنى ئېچىش قەدىمىنى تېزلىتىش، دۆلەتنىڭ 14- كۆمۈر بازىسىغا كىرگۈزۈلدى. شەرقىي جۇڭغار، تۇرپان-قۇمۇل، غۇلجا، كۇچا-باي قاتارلىق چوڭ تىپتىكى كۆمۈر كانىنى ئېچىش نۇقتىسى قىلىپ، كۆمۈر ۋە كۆمۈر توك، كۆمۈر سانائىتى ئىستراتىگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى شەكىللەندى.2011- يىلى كۆمۈرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 119 مىليون 917 مىڭ 100 توننىغا يېتىپ، 20.7 پىرسەنت ئاشۇرۇلدى. توك سانائىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئېشىپ، 2011- يىلى توك چىقىرىش مىقدارى 87 مىليارد 519 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، 28.8 پىرسەنت ئاشتى. 110 ۋولت، 220 ۋولتلار شىنجاڭ بويىچە تورلاشتۇرۇلۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە شىنجادا 750 ۋولتلۇق ئاساسىي تور جازىسى قۇرۇلۇپ، غەربىي شىمال توك تورلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. دەسلەپكى قەدەمدە شىمالىي شىنجاڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئاساس قىلىنغان. جەبۇبىي شىنجاڭدا مېۋىلىك دەرەخنى ئاساس قىلغان دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قۇرۇلمىسى شەكىللەندى. زامانىۋى كارخانا تۈزۈلمىسى قۇرۇلدى ۋە قەدەممۇ- قەدەم تولۇقلاندى. كارخانىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، باشقۇرۇش سەۋىيىسى ئاشتى.نۆۋەتتە بازارغا كىرگەن شىركەت  سانى 40  قا يېتىپ، غەربىي شىمالدىكى 5 ئۆلكە بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى.
 
    ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلمىسىنىڭ نەتىجىسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولۇپ، مەبلەغ سېلىش مۇھىتى روشەن ياخشىلاندى. 2011- يىلى پۈتۈن جەمئىيەت مۇقىم مەبلەغ سېلىنمىسىدا 471 مىليارد 277 مىليون يۇەننى تاماملاپ، 33.1 پىرسەنت ئاشتى. زور بىر تۈكۈم سۇ قۇرۇلۇشى، قاتناش، خەۋەرلىشىش قاتارلىق مۇھىم تۈرلەر قۇرۇلماقتا ۋە قىسمەنلىرى ئشقا كىرىشتۈرۈلدى. نۆۋەتتە شىنجاڭدا قۇرۇلغان  تومۇر يول ئومومىي مۇساپىسى 4480 كىلومېترغا يەتتى. ئۈرۈمچى - لەنجۇ ئىككىنچى قوش لىنىيىسى قاتارلىق ئون نەچچە تۆمۈر يول جىددىي قۇرۇلماقتا.تاش يول ئومومىي مۇساپىسى155 مىڭ 200 كىلومېترغا يېتىپ، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان 8 دۆلەت تاش يولىنى ئاساس قىلىپ، شەرقى گەنسۇ ۋە چىڭخەي بىلەن، غەربى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن، جەنۇب تەرىپى شىزاڭ بىلەن، ھەمدە چېگرا ئىچىدىكى 75 ئۆلكە يوللىرى بىلەن تۇتىشىپ، رايون ئىچىدىكى ۋىلايەت شەھەر، ناھىيە، يېزىلار بىلەن بولغان قاتناش راۋاجلاندى. ھازىر خەلق ئىشلىتىلىۋاتقان ئايردرومدىن 16، ئۇچۇش لىنىيىسىدىن 141ى بار بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى 52 چوڭ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك شەھەر ۋە دۆلەت سىرتىدىكى 31 شەھەر لىنىيىسىنى تۇتاشتۇرۇپ خەلق ئاۋىئاتسىيە مۇساپىسى 175 مىڭ 800 كىلومېترغا يېتىپ، دۆلىتىمىز بويىچە ئايردرومى ئەڭ كۆپ، لىنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن ئۆلكە رايوندىن بىرى بولۇپ قالدى. نېفىت-گاز تۇرۇبىسىنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلۇقى11 مىڭ770 كىلومېترغايېتىپ، "غەبنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش" تۇرۇبىسى. پىچان-لەنجۇ خام نېفىت تۇرۇبىسى،تۇرپان- قۇمۇل خام نېفىت تۇرۇبىلىرى دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق ئېنىرگىيە بىخەتەرلىك يولىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى بولۇپ قالدى.
 
     شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتمۇ ياخشىاندى. نۆۋەتتە شىنجاڭدا  نوپۇسى 1مىليوندىن ئارتۇق   ئالاھىدە چوڭ شەھەردىن بىرى، نوپۇسى 500 مىڭدىن ئاشقان چوڭ شەھەردىن ئىككىسى بار. مۇھىتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكىلوگىيىلىك رايون قۇرۇش كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ۋەياخشىلاش ئېلىپ بارماقتا. تەبىئىي ئورمانلىقلارنى قوغداش، تۈزلەڭلىكنى يېشىللاشتۇرۇش، چۆلدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش، تارىم ئويمانلىقى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى قۇملۇقلارنى تېزگىنلەپ،"سەنبېي" تۆتىنچى تۈركۈمىدىكى مۇداپىي ئومانلىقى قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكىلوگىيىلىك قۇرۇلۇشلارنى ئوموميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكىلوگىيىلىك مۇھىت ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى داۋاملىق ياخشىلانماقتا. ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.2011- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تۈرلۈك دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون  دەرىجىلىك تەبىئىي قوغدىىدىغان رايونى قۇرۇلۇشىدىن 34 نى قۇرۇپ، ئومومىي كۆلىمى 22 مىليون 700 گىكتار غا يەتتى. بۇ دۆلىتىمىز يەركولىمى نىڭ13.6 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان تەبىئىي رايوندىن 9 ى بار.

    سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربنى ئېچىشتىكى ئالدىنقى سېپى بولۇپ قالدى. چېگرا كۆۋرۈكىنى(ئاسىيا- ياۋروپا ئىككىنچى چوڭ كۆۋرۈكى ) ۋە قاتناش لىنىيىسى خەلقئاراغا ۋە دۆلەت ئىچىگە كۆپ تەرەپ، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلەردە سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى بولۇپ قالدى.نۆۋەتتە بىرىنچى دەرىجىلىك پورتتىن 17، ئىككىنىچى دەرىجىلىك پورتتىن 12 سى بار بولۇپ، دۆلىتىمىز بويىچە پورت سانى ئەڭ كۆپ ئۆلكىلەردىن بولۇپ قالدى. شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىدىكى( ئارال) تېغى پورتى بىردىنبىر تۆمۈر يول، تاشيول، نېفىت تۇرۇبىسى بىر گەۋدە قىلىنغان دۆلىتىمىز بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك پورت ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت دەرىجىلىك سانائەت رايونىدىن 15 بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە،ئۈرۈمچى، شىخەنزە، كورلا، كۈيتۈن-مايتاغدىن ئىبارەت 4 ئىقتىسادىي پەن- تېخنىكا ئېچىش رايونى، ئۈرۈمچى، سانجىدىن ئىبارەت ئىككى يۇقىرى يېڭى پەن- تېخنىكا ئېچىش رايونى، غۇلجا، چۆچەك، جىمنەي، بۆرتالا قاتارلىق 4 چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىشىش رايونى، ئۈرۈمچى ئېكسپورت پىششىقىلاش رايونى، جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ئارال تېغى ئۇنىۋېرسال باج ساقلاش رايونى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلىتىمىز غەربنى ئېچىۋېتىشتە مۇھىم بولغان قەشقەر ۋە قورغاستىن ئىبارەت ئىككى ئىقتىسادىي رايوننى جىددىي قۇرماقتا. 2011-يىلى -  سوممىسى 22 مىليارت 822 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 33.2 پىرسەنت ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىمپورت قىممىتى 5 مىليارد 993 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ44پىرسەنت ئاشتى. ئېكسپورت قىممىتى 16 مىليارت 829 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 29.8 پىرسەنت ئاشتى. 2011- يىلى بىر يىلدا ئوبروت قىلىنغان ئومومىي مالنىڭ مىقدارى34 مىليون 680 مىڭ توننا بولۇپ، 32.1 پىرسەنت ئاشتى. ئارال تېغى پورتىدىن ئوبروت قىلىنغان ئومومىي مال مىقدارى 20 مىليون 337 مىڭ 500 توننا بولۇپ،دۆلىتىمىز قۇرۇقلۇق پورتىدىن ئوبروت قىلىنغان مال مىقدارى جەھەتتە دۆلىتىمىز بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.1992- يىلىدىن باشلاپ، 19- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى سىرتقى ئىقتىساد- سودا يەرمەنكىسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكەزدى. 2011- يىلىدىن باشلاپ، "ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى" نىڭ دەرىجىسى ئۆسۈپ، "جۇڭگو- ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى" گە ئۆزگەرتىلىپ، دۆلەت   ساياھەت كەسپى گۈللەپ- راۋاجلىنىپ، 3- كەسپنىڭ ئومومىي سەۋىيىسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

     ساياھەتنى ئېچىپ مەھەللە مۇلازىمىتى.سودىنى راۋاجلاندۇرۇشنى نوقتا قىلغان ئۇچۇنچى كەسىپ تىز راۋاجلاندى ،2011-يىلى دۆلەت ئچىدىن ساياھەتكە كەلگەنلەرنىڭ سانى  38 مىلىيون  290مىڭ ئادەم  قىتىم بولۇپ ،كىرىم 41 مىلىيارد 100مىلىيونگە يىتىپ ئايرىم ئايرىم ھالدا 26 پىرسەنت ۋە 46  پىرسەننىتتىن ئاشتى ،ئاپتومۇم رايۇنىمىز بويىچە دۆلەت سىرتىدىن كەلگەنلەر 1 مىليون 325 مىڭ 500 ئادەم قىتىمنى كۇتۋېلىپ سىرتتىن كىرگەن كىرىم 465مىلىيون ئامىرىكا دوللىرى بولۇپ ، ئايرىم ھالدا 24.5  ۋە 26.3 پىرسەنت ئاشتى. يېڭى تىپتىكى ئوبروت كەسپى گۈللەپ راۋاجلاندى شەھەر بازا گۇللەندى. .-2011 يىلى، رايونىمىز بويىچە ئىجتىمائىي ئىستېمال بويۇملىرىنىڭ پارچە سېتىش ئومومىي سوممىسى 155مىليارد 710 مىليون بولۇپ، 17.5 پىرسەنت ئاشتى. ئۆي- مۈلۈك كەسپى، قاتناش- ترانسپورت، ئامباردا ساقلاش ۋە پوچتا- تېلېگراف خەۋەرلىشىش، توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش، يېمەك- ئىچمەك كەسپى داۋاملىق كېڭەيدى. پۇل- مۇئامىلە، سۇغۇرتا، ئۇچۇر ۋە قانۇن قاتارلىق ھازىرقى زامان مۇلازىمەت كەسىپلىرى يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، ئەنئەنىۋى يۆتكەش كەسپى زامانىۋى يۆتكەش كەسپىگە ئۆزگەرتىلدى ۋە تەرەققىيات قەدىمى تېزلىتىلدى.

     تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلىرى ئومومىيۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. ئىلىم- پەن، تېخنىكا كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، بىر تۈركۈم ھالقىلىق تېخنىكىنلار بۆسۈش خاراكتېرلىق يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. مائارىپ ئىشلىرى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندى. رايونىمىزدا ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردىن 8785 بار بولۇپ،  مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار سانى 4 مىليون 561 مىڭ 800 گە يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 60.9 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. تۈرلۈك مەكتەپلەردىكى كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار 305 مىڭ 300 ، بۇنىڭ ئچىدە ئاز سانلىق مىللەت كەسپىي ئوقۇتقۇچىلىرى 166 مىڭ 700 بولۇپ، پۈتۈن رايونىمىز بويىچە "ئىككى ئاساسىي" نوپۇسنىڭ قاپلىنىشى 100 پىرسەنتكە يەتتى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتىن 32 سى بار بولۇپ، ئوقۇغۇچى سانى 272 مىڭ 800 بولۇپ. مەدەنىيەت ئىشلىرى گۈللەپ ياشنىماقتا، رادىئو ۋە تېلىۋىزورنىڭ قاپلىنىش نىسپىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 94.9 پىرسەنت ۋە 95.3 پىرسەنتكە يەتتى. داۋالاش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. ناھىيە، يېزا- كەنتتىن ئىبارەت 3 دەرىجىلىك داۋالاش ئالدىنى ئېلىش تۈرلىرى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، بارلىق ناھىيە(شەھەر) دە دوختۇرخانا يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى، ئانا- بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى، يېزا- بازارلاردا ساقلىقنى ساقلاش، كەنتلەردە سەھىيە نۇقتىلىرى بولۇشنى قولغا كەلتۈردى. شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. 2011- يىلى پۈتۈن رايونىمىزدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى 15514 يۇەن بولۇپ، 13.7پىرسەنت ئاشتى،  دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىم 5442 يۇەن بولۇپ، كىشى بېشىغا قوشۇلغىنى 789 يۇەن بولۇپ، 17.2 پىرسەنت ئاشتى. شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئولتۇراق ئۆي كۆلىمى ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق ئۆي كۆلىمى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 21.7 ۋە 26.14 كۋادىرات مېترغا يەتتى. 

     ئقتىسادىي سېلىنمىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. 2010- يىلىدىن باشلاپ، تۇراقلىق ئۆي ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش، مۇقىم تۇراقلىق ئۆي ئارقىلىق چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت.خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلاندى. 2011- يىلى، "خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى" نى قانات يايدۇرۇپ، 22 خىل 80 تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشىغا 167 مىليارد 50 مىليون يۇەن چىقىم قىلىپ، يەرلىك مالىيىسىنىڭ ئادەتتىكى خامچوت چىقىمىنىڭ 73.2 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئىككى يىلدىن بۇيان، يىغىپ ھېسابلىغاندا يېزا ئولتۇراقلىشىش بېيىتىش ئائىلىسىدىن 507 مىڭ 400 ئائىلىنى ،مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىدىن 29 مىڭ ئائىلىنى، كاپالەت ئۆيىگە 543 مىڭ ئائىلىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ،3 تۈرلۈك قۇرۇلۇش 3 مىليون 883 مىڭ ئادەمنى قاپلىدى. 42مىڭ ئىشسىز ئائىلىدىن بىردىن يۇقىرى ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمدە 24 سائەت ئىچىدە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. 85 پىرسەنتتىن يۇقىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى شۇنداقلا 75 مىڭ 2009- يىلىدىن بۇرۇن مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىشقا  ئورۇنلاشمىغان ئوقۇغۇچىلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.2 مىليون 160 مىڭ شەھەر- يېزىدىكى  تۆۋەن كاپالەت ئوبېكتلىرى كاپالەتكە ئىگە بولدى، ھەر مىللەت ئاممىسى ئىسلاھات تەرەققىيات مېۋىسىدىن تولۇق بەھرىمەن بولدى.
 
     شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەسىر ھارپىسىدا مەركەر شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك قارار. 1997- يىلى، مەركەز شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان ھەر قايسى ئۆلكە- شەھەرلەر تېخنىكا، ئىقتىساد، ئىقتىساسلىق خادىملار قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭغا زور ياردەم بەردى ۋە قوللىدى، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادى-ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. 2010- يىلى 4- ئايدا مەركەز يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلىپ، شەرق ۋە ئوتتۇرا قىسىمدىكى 19 ئۆلكە- شەھەرنى شىنجاڭنىڭ 12 ۋىلايەت 82 ناھىيە- شەھەر ۋە بىڭتۇەننىڭ 12 شىسىغا ياردەم بېرىشنى مۇقىملىدى. بۇ خىزمەت قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە- شەھەرلەر جەمئىي 1627 تۈرنى تۇرغۇزۇپ،15 مىليارت300مىلىيون يۇەن مەبلەغ سالدى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە 7- تۈركۈمدە 3200 دىن ئارتۇق كادىرنى تاللاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى، بۇ سان ئالدىنقى 6 تۈركۈمنىڭ يىغىندىسىغا يېقىنلاشتى. ھەر قايسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە -شەھەرلەر شىنجاڭغا تۈرلۈك كادىر، ئىقتىساسلىق خادىملاردىن 150 مىڭ ئادەم - قېتىم تەربىيلەپ، 13 مىڭ 800 ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇغۇچىلارنى ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە- شەھەرلەرگە بېرىپ تەربىيلىنىشىكە ئورۇنلاشتۇردى.

      يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە دۆلەت دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي ۋە دىننىي ئەمەلىيىتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، بىر يۈرۈش مىللىي- دىننىي سىياسەتلەرنى تۈزدى ھەم يولغا قويدى، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايدا مىللىي ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويدى. شىنجاڭ مىللىي ئاپتونومىيىنى يولغا قويىدىغان جايدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللىي - دىننىي سىياسىتىنى ئوموميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداپ، تەڭ، باراۋەر، ئۆز ئارا ياردەم بېرىشتەك يېڭى تىپتىكى مىللىي مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈردى ۋە مۇستەھكەملىدى.ئاز سانلىق مىللەتلەر كادىرى ۋە ئىقتىساسلىق خادىملار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرى، باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە تۈرلۈك كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى، ھۆكۈمەت ئورگىنى ۋە ئىقتىساد، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت ساھەلىرىدە جانلىق ئىشلىمەكتە.ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى ۋە ئۆرپ- ئادىتى تولۇق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى.نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك تەلىم- تەربىيە داۋامىدا كۆپ خىل ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلماقتا.بۇنىڭ ئىچىدە، ئاساسىي مائارىپ باسقۇچىدا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، قىزغىزچە، موڭغۇلچە، شىبەچە، رۇسچە قاتارلىق 7 خىل تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلماقتا. گىزىت-ژۇرنال كۆپ خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدا نەشر قىلىنماقتا.رادىئو- تېلىۋىزىيە كۆپ خىل تىلدا سۆزلەنمەكتە. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىندى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى.قەدىمكى ئەدەبىي ئەسەر قۇتاتغۇبىلىگ"،"تۈركىي تىللار دىۋانى" ۋە تارىخى ئەسەرلەردىن"گاسار"، "جاڭىېر"، "ماناس"  قاتارلىق بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت مىراسى ئۈنۈملۈك قوغدالدى ۋە كەڭ جارى قىلدۇرۇلدى."جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى" ۋە تارىخىي داستان"ماناس" ، "دۇنيا ئىنسان ئېغىز ۋە غەيرىي ماددىي مىراسىنىڭ ۋەكىلى" قىلىپ يوللاش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى. پارتىيىنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، نورمال بولغان دىننىي پائالىيەت ھۆرمەتكە ۋە قوغداشقا سازاۋەر بولدى. نۆۋەتتە رايونىمىزدا دىننىي پائالىيەت سورۇنىدىن 24 مىڭ 400 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە،ئىسلام دىنى مەسچىتىدىن 24 مىڭ 200  بار، دىننىي ئوقۇتۇش خادىمىدىن 29 مىڭ بولۇپ، دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىنىڭ  دىننىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇردى. ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئاساسىي تېمىنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەر مىللەت ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەش ئىشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈردى. 1983- يىلدىن بۇيان، ئۇدا 30 يىل رايونىمىزدا مىللىي ئىتتىپاقلىق تەربىيلەش ئېيى ئېلىپ بېرىپ، "3 تىن ئايرىلالماسلىق" (خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن، ئاز سانلىق مىللەتلەر  خەنزۇلاردىن، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز ئارا ئايرىلالماسلىق) ئىدىيىسى كىشىلەپ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، مىللەتلەر ئىناق، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ ماس ياشاشتەك ۋەزىيەت ئىلگىرى سۈرۈلدى

     2010يىلى 5- ئايدا، مەركەز شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن پارتىيىنىڭ ئەقلىنى، پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىش خاراكتېرلىك تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەت تېنچ بولۇشىنى پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمدە بىر يۈرۈش ئېتىبار سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ چوڭ قۇرۇلۇشى، چوڭ ئېچىۋېتىشى، چوڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مىسلىسىز تارىخىي پۇرسەت يارىتىپ بەردى. يېڭى تارىخىي نۇقتىدا تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىش خاراكتېرلىك تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەت تېنچ  بولۇشىنىڭ نىشان ۋەزىپىسى بولسا، 2015- يىلىغا بارغاندا ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ كىشى بىشغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرچە كىرىمىنى دۆلەت ئوتتۇرچە سەۋېسىگە يەتكۇزۇش، شەھەر يىزا ئاھالىىرىنڭ كىرىمى ۋە كىشىبىشىغا توغرا كىلىدىغان ئومومىي مۇلازىمەت ئقتىدارىنى غەربى رايۇندىكى ئوتتۇرچە سەۋىگە يەتكۇزۇش ،ئاساسى ئەسلەھە شارائىتى روشەن ياخشىلىنىپ ،ئۆزنى تەرەققى قىلدۇرۇش قابىلىتى روشەن ئۆستى ، مىللەتلەر ئتتىپاقلىقى روشەن كۇچەيتىلىپ ، رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى مۇستەھكەملەش، 2020- يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭ رايونىنىڭ ماس تەرىققىياتى، خەلقنىڭ بېيىش، ئېكىلوگىيىلىك ياخشىلىنىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى، چېگرا مۇستەھكەم، مەدەنىيىتى ئىلغار بولۇپ، ئوموميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتىن ئىبارەت كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەت تېنچ بولۇشىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك تاللىشى: ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنى باشلامچى، ئىلىم- پەن، مائارىپنى تىرەك، يېڭى تىپتىكى سانائەتلىشىش، دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىقتا زانانىۋىلىشىش، يېڭى تىپتىكى شەھەر- بازارلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، جۇڭگو غەربىي رايون ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشى ۋە غەربنىڭ ئېچىۋېتىلىشىدە كۆۋرۈكلۈك رولنى شەكىللەندۈرۈپ، گۈللەنگەن، باياشات، ماس، مۇقىم بولغان، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش.

     يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى پۈتۈن رايونىمىزدىكى كادىر ئاممىنى باشلاپ، مۇھىم تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەت تېنچ بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، شىنجاڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭ ئۈنۈمىنى تەشەببۇس قىلىپ، شىنجاڭ قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىقتىسادىي- ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ياخشىلاپ ئۇزۇن مۇددەت تېنچ بولۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش لازىم. باشتىن - ئاخىرى تەرەققىياتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى سانائەتلىشىشنى، دېھقان- چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ۋە يېڭى تىپتىكى شەھەر- بازارلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ ئۈستۈنلىكىنى پائال ئىگىلەپ، شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان زامانىۋى ىەھسۇلات تۈزۈلمىسىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىشىمىز لازىم. ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي- ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇناسىپ تۈرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۆز تەرەققىيات قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.مۇھىت گۈزەللىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكىلوگىيىلىك رايون قۇرۇش ئىدىيىسىنى تىكلەپ، بايلىقنى ئۇزۇن مۇددەت ئېچىش، ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاش يولىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىچكى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنى دۆلىتىمىز سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم ئېغىزى ۋە بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش لازىم."ئامما بىرىنچى، خەلق تۇرمۇشى بىرىنچى" دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، "خەلق تۇرمۇشىنى قۇرايلى" نى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئولتۇراقلىشىش ئارقىلىق بېيىتىش، مۇقىم، تۇراقلىق جايى ئارقىلىق چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇھىم خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت قۇرۇلۇشلارنى پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ۋە ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تېزلىتىش لازىم تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقتىن ئىبارەت ۋەزىپىنى ئىككى قولدا چىڭ تۇتۇپ "زوراۋانلىققا قارشى، قانۇنغا، تەرتىپكە رىئايە قىلىش" تا چىڭ تۇرۇپ، ماس، مۇقىم ئىجتىمائىي ئاساسىنى قوغداپ، ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنى باشلامچى قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى شىنجاڭنى سۆيىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ تۆھپە يارىتىپ، ئەمگەكچان، ئۆز-ئارا ياردەم قىلىپ، ئېچىۋېتىپ ئىلگىرىلەيدىغان،شىنجاڭ روھىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەت تېنچ تۇرۇش ئىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق يارىتىش لازىم.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش