首页 > ئۇچۇرلارنى ئاشكارلاش > ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ 2012–يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەمدە 2013–يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى ھەققىدە دوكلات

:مەنبە 2013-02-08 00:00:00 :ۋاقىت

ئاپتونوم رايوننىڭ 2012–يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەمدە

2013-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى ھەققىدە دوكلات

2013-يىل 1-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا بېرىلگەن
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى

    ۋەكىللەر:
    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، ھازىر ئاپتونوم رايوننىڭ 2012- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەمدە 2013 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسىنى 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىمىز، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمىز.
    بىرىنچى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2012 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا ئەھۋالى
    2012 – يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاستا بولۇش، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىپ كېتىش بېسىمى خېلى زور بولۇشتەك مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايوندىكى ھەممەيلەن مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى بەلگىلىگەن نىشان ۋە خىزمەت تەلەپلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلىغان خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا ئاساسەن، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹5 باشتىن – ئاخىر››دا چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك زور تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭ سۈرئىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، تىرىشىپ شىنجاڭ ئۈنۈمىنى ياراتقانلىقتىن، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا يارقىن نۇقتىلار ھەسسىلەپ كۆرۈلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 750 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن تەخمىنەن %12 ئېشىپ؛ جامائەت مالىيە خامچوت كىرىمى 9 مىليارد 910 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %26.2 ئېشىپ؛ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مۇقىم مۈلۈككە سالغان مەبلىغى 625 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %35 ئېشىپ، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يىللىق ئوتتۇرىچە ئاشۇرۇش نىشانىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلىغان 2012 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىدىكى ئاساسلىق نىشان، ۋەزىپىلەرنىڭ مۇتلەق زور قىسمىنى ئورۇندىغىلى ياكى ئاشۇرۇپ ئورۇندىغىلى بولىدۇ.
    1) ئۈستۈنلۈككە ئىگە بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلدى، كەسىپ قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلدى
    يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇلۇپ، بازار يېتەكچى قىلىنىپ، كارخانا ئاساسىي گەۋدە قىلىنىپ، پەرقلىق كەسىپ سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئۈستۈنلۈككە ئىگە كەسىپلەر زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ كەسىپلىرىنى يۆتكەپ كېلىشكە يېتەكچىلىك قىلىنىپ ۋە قوبۇل قىلىنىپ، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم سانائەت تۈرلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. ‹‹مېيكې›› شىركىتىنىڭ يىللىق ئىقتىدارى 100 مىڭ توننىلىق 1، 4 – بوتاندىئول تۈرى، ‹‹جۇڭتەي›› خىمىيە شىركىتىنىڭ يىللىق ئىقتىدارى 400 مىڭ توننىلىق پونىۋېنىل خىلورىدلىق دىۋىرقاي تۈرى ۋە 300 مىڭ توننىلىق ئىيون پەردىلىك كۆيدۈرگۈچ ئىشقار تۈرى قاتارلىق بىر تۈركۈم خىمىيە سانائىتى تۈرلىرى سىناپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ‹‹شېنخۇا›› شىنجاڭ ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ كۈەنگۇۋ كۆمۈر كېنى، تاشتەن ئېلېكتىر ئىستانسىسى 4 – قارارلىق كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرلىرى پۈتكۈزۈلۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ كۆمۈرنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش، ئۆزگىچە مېتال بايلىقلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، جابدۇق ياساش، پولات – تۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئاپتوموبىل قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلدى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، ئاليۇمىن پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى، تۇز خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەر توپلىما رايونى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، نېفىت سانائىتىدىن باشقا سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئومۇمىي سانائەت قوشۇلما قىممىتىدە تۇنجى قېتىم %50 تىن ئاشۇرۇلدى. 2012 – يىلى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن نېفىت قېزىش ئىقتىدارى 4 مىليون 810 مىڭ توننىغا، تەبىئىي گاز ئىقتىدارى 3 مىليارد كۇب مېتىرغا، ئېلېكتىر ئىقتىدارى 7 مىليون 700 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكۈزۈلدى. سانائەتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلدى، ‹‹رەقەملىك كارخانا››، ‹‹رەقەملىك شەھەر›› قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، مەمۇرىيەت ئىشلىرى ۋە يېزا ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى. ئۈرۈمچى، قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپ بازىسى تۈرى ئېلىپ بېرىلدى. سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ 294 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %12.7 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. ئاساسلىق مەھسۇلات مىقدارىدا، كۆمۈر 140 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلۈپ، %16.7 ئاشۇرۇلدى؛ توك مىقدارى 105 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتكۈزۈلۈپ، %20 ئاشۇرۇلدى؛ نېفىت 26 مىليون 900 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈلۈپ، %2.8 ئاشۇرۇلدى؛ نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش مىقدارى 24 مىليون 320 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈلۈپ، %1.8 ئاشۇرۇلدى؛ پولات ماتېرىيال 13 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلۈپ، %32 ئاشۇرۇلدى؛ ئاليۇمىن 900 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈلۈپ، 2.1 ھەسسە ئاشۇرۇلدى؛ سېمونت 43 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلۈپ، %35.6 ئاشۇرۇلدى؛ ئاپتوموبىل 4200غا يەتكۈزۈلۈپ، 2.8 ھەسسە ئاشۇرۇلدى.
    زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. ئاشلىق، پاختا، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، رايون ئۆزگىچە زىرائەتلىرى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدىن ئىبارەت 6 چوڭ كەسىپنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى كۈچەپ ئۆستۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ بازا قۇرۇلۇشى ئىقتىدارى، پەن – تېخنىكا تىرەك ئىقتىدارى، پىششىقلاپ ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى ۋە بازار ئېچىش ئىقتىدارى داۋاملىق ئۆستۈرۈلدى. ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 31 مىليون 967 مىڭ موغا، مەھسۇلاتى 12 مىليون 730 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈلۈپ، %3.9 ئاشۇرۇلۇپ، ئۇدا بەش يىل مول ھوسۇل ئېلىندى. شىنجاڭ ‹‹12 – بەش يىللىق›› ئەلا سۈپەتلىك پاختا بازىسى قۇرۇلۇشى تۈرى يولغا قويۇلۇپ، كېۋەزلىكتە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 25 مىليون 810 مىڭ موغا، مەھسۇلاتى 3 مىليون 540 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈلۈپ، پاختا مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت پاختا مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %50 ىنى ئىگىلىدى. جەنۇبىي شىنجاڭ تۈمەن مو ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك بازىسى سۇ تېجەش ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك كۆلىمى 20 مىليون موغا يەتكۈزۈلدى، مېۋە – چىۋە مەھسۇلاتىنىڭ 7 مىليون توننىدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. ئىنەك، قويلارنى كۆلەملىك بورداش رايونلىرى (مەيدانلىرى) تۈرى تېزلىتىلدى، گۆش مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 1 مىليون 250 مىڭ توننىغا يېتىپ، %4.1 ئاشىدىغانلىقى، سۈت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 1 مىليون 370 مىڭ توننىغا يېتىپ، %5.4 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. پەسىلسىز قوغۇن – تاۋۇز، مېۋە – چىۋە، كۆكتات ئاساس قىلىنغان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى 1 مىليون مودىن ئاشۇرۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 4 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇلدى. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قوشۇلما قىممىتى نىسبىتى %50كە يېقىنلاشتۇرۇلدى. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى، 2012 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش تەشكىلاتلىرىنىڭ 9300گە يېتىپ، 2011 – يىلىدىكىدىن 767ى ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى؛ زاكاز ئارقىلىق يېتەكلىنىدىغان دېھقان ئائىلىلىرى 1 مىليون 560 مىڭغا يېتىپ، %13.2 ئاشتى. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش تەشكىلاتلىرى ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى يېزا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينىدى. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ئېچىش ۋە كۇرسلۇق مەھسۇلات ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مەملىكەت ئىچى ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى سېتىش تورى ۋە ئاپتونوم رايون ئىچى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت سەپلەش تورى سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلدى، جۇڭگو داڭلىق ماركىسىدىن ئون نەچچىسى، شىنجاڭ داڭلىق ماركىسى ۋە شىنجاڭ داڭلىق مەھسۇلاتىدىن بىر نەچچە يۈزى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلدى.
    ئۈچىنچى كەسىپ پۇختا، تېز تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. ‹‹ئۈچلەشتۈرۈش›› قۇرۇلۇشى چۆرىدىلىپ، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەنئەنىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ھاياتىي كۈچكە تولۇپ تاشقان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمى چوڭ بولغان، ئىجتىمائىي ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك سىستېمىسى تىرىشىپ بەرپا قىلىندى. مۇلازىمەتچىلىكنىڭ قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، ساياھەتچىلىك، زامانىۋى ئوبوروت، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، يېمەك – ئىچمەك كەسپى قاتارلىق ساھەلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلغان زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك تېزلىتىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە سەۋىيەسى پۇختا ئۆستۈرۈلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 3 – كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى %11.6 ئاشۇرۇلىدىكەن. ساياھەتچىلىك خەلقنى بېيىتىدىغان مۇھىم كەسىپكە ئايلاندى، مۆلچەرلىنىشىچە، 2013 – يىلى كۈتۈۋېلىنغان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر 48 مىليون 600 مىڭ كىشىگە، ساياھەتچىلىك ئومۇمىي كىرىمى 57 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %22.7 ۋە %30.5 ئاشىدىكەن. پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا بولغان قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلدى. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بەرگەن تۈرلۈك قەرز پۇل %29.5 ئاشۇرۇلدى؛ قەرز ئارقىلىق مەبلەغ بىرىكتۈرۈش، ئىئانە پاي چېكى ئارقىلىق مەبلەغ بىرىكتۈرۈش ھەم تەكرار مەبلەغ بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق بىرىكتۈرۈلگەن ئومۇمىي مەبلەغ 46 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە، پاي ھوقۇقلۇق كارخانىلىرىنىڭ بىۋاسىتە مەبلىغى 10 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ.
    2) مەبلەغ سېلىپ قۇرۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئىستېمال ئېھتىياجى خېلى تېز ئاشتى
    مەبلەغ سېلىش ۋە چوڭ – چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرى باشتىن – ئاخىر قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئاساسنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىنىپ، مەركەزنىڭ ‹‹شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى›› ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەپتىسى››دىكى زور قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، چوڭ – چوڭ تۈرلەر قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مەبلەغ سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، مەبلەغ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش چىڭ تۇتۇلۇپ، تۈر ئارقىلىق مەبلەغنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەبلەغ ئارقىلىق تەرەققىياتنى تېزلىتىش، تەرەققىيات ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلتۈرۈلدى. مەركەز ياردەم مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. دۆلەت ‹‹12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى قوللاش لايىھەسى›› نى تەستىقلىدى، بۇنىڭ بىلەن بەش يىلدا مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى ئاپتونوم رايونىمىزنى قوللايدىغان مەبلەغ 100 مىليارد يۈەندىن ئاز بولمايدۇ. 2012 – يىلى 28 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەركەز خامچوت مەبلىغى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 2011 – يىلىدىكىدىن 8 مىليارد 600 مىليون يۈەن ئاشۇرۇلدى. ‹‹12 – بەش يىللىق پىلان››نىڭ ئالدىنقى ئىككى يىلىدا مەركەز خامچوت مەبلىغىدىن جەمئىي 47 مىليارد 800 مىليون يۈەن، مەركەز مەخسۇس تۈر فوندى ۋە مالىيە مەخسۇس تۈر ياردەم مەبلىغىدىن 34 مىليارد يۈەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2012 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي ئىجتىمائىي مۇقىم مۈلۈككە سالغان مەبلىغى 625 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2011 – يىلىدىكىدىن يېڭىدىن 154 مىليارد 600 مىليون يۈەن ئاشىدىكەن، ئېشىش سۈرئىتى 1994 – يىلىدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىپ، مەبلەغنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا كۆرسىتىدىغان تۈرتكىلىك رولى يەنىمۇ گەۋدىلىنىدىكەن.
    نۇقتىلىق تۈرلەر قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، 30 تۈر ئومۇميۈزلۈك پۈتكۈزۈلۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، 26 تۈر يەككە تۈر بويىچە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، 52 تۈردە يېڭىدىن ئىش باشلاندى، 150 تۈر داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇ تۈرلەرگە جەمئىي 226 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، پىلاندىكى نىشان، ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى. تارىم دەريا ۋادىسىنى يېقىنقى مەزگىلدە ھەر تەرەپتىن تۈزەش، 13 چوڭ تىپتىكى سۇغىرىش رايونى ۋە ئۈچ نۇقتىلىق ئوتتۇرا تىپلىق سۇغىرىش رايونىنى داۋاملىق قۇرۇپ يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋە سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەر ئاساسىي جەھەتتىن پۈتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يەرلىكنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى 3 مىليون 800 مىڭ موغا يەتكۈزۈلدى، بۇنىڭ بىلەن جەمئىي كۆلەم 21 مىليون 500 مىڭ موغا يەتكۈزۈلدى. كۈيتۈن – قاراماي تېز سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق تۆت تېز سۈرئەتلىك تاشيول پۈتكۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېز سۈرئەتلىك تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 2514 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلۈپ، تېز سۈرئەتلىك تاشيول تورى غول لىنىيەسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلدى. لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ خۇڭليۇخې – ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزال بۆلىكىنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش قاتارلىق ئالتە تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پۈتكۈزۈلۈپ، يېڭىدىن 435 كىلومېتىر تۆمۈريول مۇساپىسى كۆپەيتىلدى. ‹‹غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش›› 2 – لىنىيەسى، شەرققە تەييار ماي، نېفىت يەتكۈزۈش تورۇبىسى، جۇڭگو – قازاقىستان نېفىت تۇرۇبىسى قاتارلىق تۇرۇبا قۇرۇلۇشلىرى ئومۇميۈزلۈك پۈتكۈزۈلدى. ‹‹شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش›› قەدىمى تېزلىتىلىپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى بىلەن غەربىي شىمال ئېلېكتىر تورى 750 كىلوۋولتلۇق 1 – يول قۇرۇلۇشىدا سىرتقا 6 مىليارد 335 مىليون كىلوۋات سائەت توك يەتكۈزۈلدى؛ 2 – يولنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى، مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن قۇرۇلۇش 2013 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تاماملىنىدىكەن. قۇمۇل جېڭجۇ ±800 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى؛ ئاپتونوم رايون ئىچى 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلىپ، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان، غەربتە ئىلى، شەرقتە قۇمۇل، جەنۇبتا بايىنغولىننى ئاساس قىلغان ‹‹Y›› شەكىللىك 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر غول تورى پۈتكۈزۈلدى.
    بازار ئىستېمال مۇھىتى يەنىمۇ ياخشىلىنىپ، يېڭى ئىستېمال قىزىق نۇقتىلىرى يېتىلدۈرۈلۈپ، ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ماشىنىنى يېزىلارغا چۈشۈرۈش، كونىسىغا يېڭىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىش، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا قوشۇمچە ياردەم بېرىش، مۇھىم ھېيت – بايراملاردا كىچىك ماشىنىلاردىن تېز سۈرئەتلىك يولدا ھەق ئالماسلىق قاتارلىق ئىستېمالنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. ئاشلىق، ياغ زاپاس ئامبىرى، گۆش، مېۋە – چىۋە، كۆكتات، سوغۇق ساقلاش ۋە ئوبوروت زەنجىرى قاتارلىق شەھەر، يېزا ئوبوروت تورى ھەم مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشلىرى كۈچەيتىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىش ياخشى ئىشلىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت يولى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلدى. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كېڭەيتىش، ئىجتىمائىي كاپالەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاھالىلەر كىرىمىنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇپ، ئاھالىلەر ئىستېمال ئىقتىدارى كۈچەيتىلىپ، ئىستېمال بازارلىرى سىجىل جانلاندۇرۇلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسى 180 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %15.5 ئاشىدىكەن.
    3) خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇش سالمىقى يەنىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمى كۆپ ئاشۇرۇلدى
    ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى›› پائالىيىتى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا قىلغان چىقىمى جامائەت مالىيە ئومۇمىي چىقىمىنىڭ %72.6تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. ئاپتونوم رايون بېكىتكەن 25 ساھەگە چېتىلىدىغان 90 تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، %70 تىن ئارتۇق تۈرلەردە ۋەزىپە ئاشۇرۇلۇپ ئورۇندالدى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلىپ، خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلاندى. ئاساسىي جامائەت مۇلازىمەت سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 18 مىڭ 151 يۈەنگە يېتىپ، %17 ئاشىدىكەن، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 6442 يۈەنگە يېتىپ، %18.4 ئاشىدىكەن.
    ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىلارغا، ئاساسىي قاتلاملارغا، كارخانىلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئىلھام بېرىلدى، شەھەر – بازارلاردا يېڭىدىن 467 مىڭ 300 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، شەھەر، بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %3.39 بولدى. 2 مىليون 600 مىڭ يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يېڭىچە يېزا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، شەھەر، بازار ئاھالىسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلاش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى، بەش خىل سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئادەم سانى 21 مىليون 110 مىڭغا يەتتى. شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە يېڭىچە يېزا ھەمكارلىق داۋالىنىشى مالىيە ياردىمى ئۆلچىمى 250 يۈەنگە، %25 ئۆستۈرۈلدى. ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئۆلچىمىنى مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 2 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق نەپىقە ئالىدىغانلار، شەھەر – يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان كىشىلەر ۋە يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلىك كىشىلەرگە 370 مىليون يۈەن ۋاقىتلىق باھا ياردەم پۇلى بېرىلدى. بالىلار ساناتورىيەسىدىن 30ى يېڭىدىن ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇلۇپ، سەرگەردان ۋە تىلەمچىلەردىن 18 مىڭ ئادەم پاناھلاندۇرۇلدى.
    چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىدا 39 مىڭ 600 ئائىلىلىك ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى قوللاندى، بىرىنچى تۈركۈمدە 12 مىڭ 500 ئائىلىلىك ئۆي سېلىندى، جەمئىي ئىش باشلانغان ئۆي سانى ‹‹12 – بەش يىللىق پىلان››دىكى قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلىدى. دۆلەتتىن 3 مىليارد 360 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر ياردەم مەبلىغى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قوللاندى، بۇنىڭ بىلەن 27 سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشى تامامەن پۈتكۈزۈلدى، 212 تايانچ سۇچىلىق يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى. 315 مىڭ ئائىلىلىك خەلقنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشى پۈتكۈزۈلدى، 295 مىڭ يۈرۈش تۈرلۈك كاپالەتلىك تۇرالغۇ ۋە كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ئۆيى سېلىندى. 600 مىڭ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى ۋە 200 مىڭ توك يوق ئاھالىنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. 7306 كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن ياسالدى ۋە ئۆزگەرتىپ ياسالدى. پاتقاق گازى ئىشلىتىدىغان ئائىلىلەردىن يېڭىدىن 40 مىڭى كۆپەيدى. جەنۇبىي شىنجاڭ تەبىئىي گازدىن خەلقنى مەنپەئەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشىدا قەشقەر – پوسكام، خوتەن – پوسكام تۇرۇبا بۆلىكىدىن ئىبارەت ئىككى غول لىنىيە پۈتكۈزۈلدى. مائارىپ، سەھىيە، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ئاخبارات، نەشرىياتچىلىق، رادىيو – تېلېۋىزىيە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ساھەلەردە تۈمەنلىگەن تۈرلەر قۇرۇلۇپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.
    4) يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ماسلىشىشقا يۈزلەندى
    شەھەر – يېزا پىلانىنى تۈزۈپ ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، ھەر دەرىجىلىك شەھەر، بازار پىلانى مەخسۇس مەبلەغ سېلىنىپ تۈزۈلدى. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست) لەرنىڭ شەھەر، بازار سىستېمىسى پىلانى ۋە ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئومۇمىي پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىچە شەھەر، بازارلاشتۇرۇش ھەرىكەت پىلانى تۈزۈلۈپ، ‹‹بىر يادرو، ئىككى ئوق، كۆپ توپ››لۇق شەھەر، بازار تەرەققىيات ئەندىزىسى كۈچەپ شەكىللەندۈرۈلدى. شەھەر، بازارلارنىڭ سۇ تەمىنلەش، يۇندى چىقىرىش، يول، گاز، پار، قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى تېزلىتىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئايلانما تېز سۈرئەتلىك يول 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشى، ‹‹كۆمۈرنى گازغا ئۆزگەرتىش›› قاتارلىق قۇرۇلۇشلىرى ئومۇميۈزلۈك پۈتكۈزۈلۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە سۇ تەمىنلەشنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى، يۇندىنى ئۇنىۋېرسال بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى، ئەخلەتنى زەرەرسىز بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى، يېقىلغۇ گازنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى. شەھەر، بازارلارنى كۆكەرتىش، يوللارنى مايلاشتۇرۇش (سېمونتلاشتۇرۇش)، پاكىزلاش، يورۇتۇش، گۈزەللەشتۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلىپ، ئول رايون ئىقتىسادىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى. شىمالىي تەڭرىتاغ ئېتىكى ئىقتىسادىي بەلبېغىنى ئېچىش، ئېچىۋېتىش تېزلىتىلدى، ‹‹شىمالىي تەڭرىتاغ ئىقتىسادىي بەلبېغى تەرەققىيات پىلانى››نى دۆلەت رەسمىي تەستىقلىدى. ‹‹شىنجاڭنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلار پىلانى›› ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشىغا سۇنۇلدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، شىمالىي شىنجاڭدىكى ئېگىز، سوغۇق رايونلار ۋە چېگرا ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقى يەنىمۇ ئاشۇرۇلدى. ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ رايون تەرەققىيات ۋە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى›› تۈزۈپ چىقىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلار يېڭى باسقۇچتىكى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىندى، خوتەن شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، پوسكام ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى، مارالبېشى ناھىيەسى نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، مەبلەغ، تۈر جەھەتلەردە مەدەت بېرىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئاساس سېلىندى.
   5) باھانى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى پۇختا تۆۋەنلىتىلدى
   ‹‹تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش›› تەلىپى بويىچە، باھانى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، تەمىنلەش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ھەقلەرنى ئېنىقلاش، قالايمىقان ھەق ئېلىشنى تىزگىنلەش، سېلىقنى يېنىكلىتىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئوبوروت ھالقىلىرىنىڭ تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىپ، بازار باھا تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، باھا ياردەم دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، باھانى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، باھانىڭ ئۆسۈشى سىجىل تىزگىنلەندى. مۆلچەرلىنىشىچە، ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈش ھەجىمى %3.8 بولۇپ، كۆزلىمە نىشان ئىچىدە تىزگىنلىنىدۇ. گۆش قويى، گۆش كالىسىنى كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىش مەھەللىلىرى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، يېڭىدىن 240 مىڭ توننىلىق ئاشلىق، ياغ زاپاس ئامبىرى ۋە 77 مىڭ توننىلىق گۆش، مېۋە – چىۋە، كۆكتاتنى سوغۇق ساقلاش ئوبوروت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇپ، زاپاس ساقلاش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلدى. چوڭ ھېيت – بايراملاردا ئاپتونوم رايون 3500 توننا زاپاس گۆشنى بازارغا سالدى. ئاشلىق سېتىۋېلىش ئۇچۇر پايدىلىنىش باھاسى داۋاملىق ئۆستۈرۈلدى. قىزىلچا سېتىۋېلىش باھاسىنى جانلىق تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىلدى، پاختا، تاماكا سېتىۋېلىش باھاسى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ باھا تەڭشەش فوندىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى›› تۈزۈپ چىقىلدى، ‹‹شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سوغۇق زەنجىرى ئوبوروت تەرەققىيات پىلانى›› تۈزۈپ چۈشۈرۈلۈپ، جايلارنىڭ گۆش، كۆكتات، مېۋە – چىۋە قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سوغۇق زەنجىرى ئوبوروت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىندى. ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى تەكشى باھالىق ماگىزىنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى›› يولغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 2000غا يېقىن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىش ماگىزىنى قۇرۇلدى. ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكرى›› ئىجرا قىلىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈيى پەلەمپەيسىمان باھاسى، سانائەت يېزا ئىگىلىك سۇيىگە نورمىدىن ئاشسا باھا قوشۇش ۋە مۇنتىزىم بولمىغان سۇ ئىشلىتىش باھاسى قاتارلىق تۈزۈملەر پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغاندىن باشقا تەبىئىي گاز باھا زىددىيىتى مۇۋاپىق يېتەكلەندى، كاربون (Ⅵ) ئوكسىد ۋە خىمىيەلىك رېئاكسىيەگە كېرەكلىك ئوكسىگېن مىقدارىدىن بۇلغىما چىقىرىش ھەققى ئېلىش ئۆلچىمى زور ھەجىمدە ئۆستۈرۈلدى. ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان تاۋارلار ۋە مۇلازىمەت باھاسىنى تەڭشەش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش قاتتىق چەكلەندى. ھەقنى ئېنىقلاش، قالايمىقان ھەق ئېلىشنى تىزگىنلەش، سېلىقنى يېنىكلىتىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، 84 تۈرلۈك ھەق ئېلىنىدىغان تۈر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، 17 خىل ھەق ئېلىش تۈرى توختىتىلدى ۋە تۆۋەنلىتىلدى، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى، سانائەت باغچە رايونى قۇرۇلۇشلىرى قاتارلىقلاردا تۈرلۈك ھەق ۋە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوندىلار كېمەيتىلدى ۋە كەچۈرۈم قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن ھەر يىلى كارخانىلارنىڭ 420 مىليون يۈەن يۈكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. داۋالاش مۇلازىمەت باھاسى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ ۋە تۆۋەنلىتىلىپ، 206 تۈرلۈك دورىنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلدى، ئوتتۇرىچە چۈشۈرۈلۈش ھەجىمى %17 بولۇپ، 300 مىليون يۈەن جەمئىيەت يۈكى يېنىكلىتىلدى. باھانى نازارەت قىلىش، ئالدىن سىگنال بېرىش كۈچەيتىلدى. كۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، داۋالاش، دورىگەرلىك، مائارىپتىن ھەق ئېلىش قاتارلىق مەخسۇس تەكشۈرۈشلەر كەڭ يولغا قويۇلۇپ، باھا قانۇنىغا خىلاپ دېلولار قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى باھا مۇھىتى يارىتىلدى.
   6) تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمى تېزلىتىلدى
   يېزا ئىسلاھاتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى. بورتالا شەھىرى، خوشۇت ناھىيەسى، ماناس ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى تىجارەت ھوقۇقىنى تىزىملاش سىناق ناھىيە، شەھىرى قىلىنىپ، 25 مىڭ ئائىلىلىك دېھقان، 717 مىڭ مو يەر تىزىملاندى. دۆلەت دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرى جەمئىيەت فۇنكسىيەسىنى ئايرىۋېتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش يولغا قويۇلدى. كورلا شەھىرىنىڭ شەھەر، يېزا ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش نىسبىتى %90تىن كۆپرەك ئاشۇرۇلدى. شىنجاڭ قۇرۇلۇش گۇرۇھى، خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىپ قايتا تەشكىللەش تاماملىنىپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئورنىتىلدى. كان مەھسۇلاتى بايلىقىنى بازار تەقسىملەشتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، ئاياقتۇر كۆمۈرلۈكىنىڭ ئۈچ رايونىنىڭ قىدىرىش ھوقۇقى ۋىۋىسكا ئېسىپ ئۆتۈنۈپ بېرىلىپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 32 مىليارد يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ بىلەن بايلىق ئۈنۈمىنى ئەڭ زور چەكتە زورايتىش، بايلىق ئېچىش ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشتەك ئىسلاھات تەپەككۇرى جەھەتتە يېڭى قەدەم تاشلاندى. جۇڭگو نېفىت خىمىيە شىركىتى تارىم دەرياسى ماي ئايرىش خىمىيە سانائىتى شىركىتى، شىنجاڭ يول، ماي، نېفىت خىمىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلۇپ، يەرلىك مەركەز كارخانىسىغا پاي قوشۇش، يەرلىك بىلەن مەركەز كارخانىسى ھەمكارلىشىش يېڭى ئەندىزىسى يارىتىلدى. مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۈنۈم باھالاش دائىرىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئورگانلاردىكى 42 تارماقتىن 50 تارماققا كېڭەيتىلدى، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايونلار ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق تۆت ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 12 ئالاقىلىشىش نۇقتىسىغىچە كېڭەيتىلدى. مەمۇرىي تەستىق خىزمىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈنۈم باھالاش كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى. گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن سەككىز نۇقتىلىق ساھەنىڭ ئۇچۇر ئاشكارىلاش خىزمىتى پۇختا قانات يايدۇرۇلدى. كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتى پۇختا تېز قانات يايدۇرۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنىڭ ئالدىدا ماڭدى، %96 كەسپىي ئورۇنلاردا تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى زور كۈچ بىلەن قوللاندى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي پاي ھەسسىدارلىق مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۈستىگە ئالغان خۇڭليۇخې – نوم تۆمۈريولى ئۈلگە قۇرۇلۇش سۈپىتىدە مەملىكەت بويىچە ئالدىن تەشۋىق قىلىندى ۋە كېڭەيتىلدى؛ ئەل ئىچى مەبلىغى قاتناشتۇرۇلۇپ قۇرۇلغان نوم – ئاياقتۇر تۆمۈريولى، بالغۇنتاي – يۈرگىن تۆمۈريولى قاتارلىق يەرلىك تۆمۈريوللارنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە تېببىي داۋالاش، دورىگەرلىك، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى›› تۈزۈپ چىقىلىپ، داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ ۋەزىپە، نىشانلىرى باسقۇچلۇق نەتىجىگە ئېرىشتى. شەھەر، بازارلاردا 6 مىليون 233 مىڭ ئادەم ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، قاتنىشىش نىسبىتى %95كە، يېزىلاردا 10 مىليون 783 مىڭ ئادەم يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، قاتنىشىش نىسبىتى %99.7كە يەتتى. ئاساسىي دورا تۈزۈمى بويىچە پەرقسىز سېتىلغان دورا سوممىسى 966 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئاغرىقلارغا 145 مىليون يۈەن پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىلدى. شەھەرلەردە ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، ناھىيە دەرىجىلىك 12 ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى ئىسلاھات سىناق نۇقتىسى دوختۇرخانىسى قىلىپ بېكىتىلدى.
   دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى سىياسەت ۋە پىكىرلىرى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، سەنيى ئېغىر سانائەت ماشىنىلىرى ۋە سەپلىمىلىرىنى قايتا ئىشلەش شىركىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم كۆلەملىك كارخانىلار تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشتى. قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، تاۋار كۆرگەزمە قىلىش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردە 15 نۇقتىلىق تۈر بۇ مەركەزگە ماكانلاشتى. تەرەققىيات رايونىنىڭ كەسىپنى مۇجەسسەملەش دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. 2 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، كېلىشىم تۈزۈلگەن سودا سوممىسى تۇنجى نۆۋەتتىكىدىن %11.8 ئاشتى، سىرتقا كۆرسىتىدىغان تەسىر كۈچى بارغانسېرى كېڭەيدى. چەت ئەللىكلەر بىۋاسىتە سالغان مەبلەغ خېلى تېز ئاشتى، ئەمەلىي پايدىلىنىلغان چەت ئەل سودىگەرلىرى بىۋاسىتە سالغان مەبلەغ 408 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، %21.8 ئاشتى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى سۇس بولۇش، تاشقى ئېھتىياج ئاجىز بولۇش قاتارلىق كۆپلىگەن پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرى تىرىشىپ تۈگىتىلىپ، تاشقى سودا پۇختا تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 25 مىليارد 170 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، %10.3 ئاشىدۇ.
   7) ئىجتىمائىي ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى
   ‹‹ئىجادچان شىنجاڭ›› قۇرۇش چۆرىدىلىپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش تېزلىتىلدى، ئۈرۈمچى – سانجى دۆلەت ئىجادچان سىناق نۇقتىسى شەھىرى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، ئىجادچان ناھىيە، شەھەر، رايون سىناق نۇقتىلىرى قانات يايدۇرۇلدى. رايون يېڭىلىق يارىتىش ئۇل ئىقتىدار قۇرۇلۇشىدا خېلى زور ئىلگىرىلەش بولدى، كۆپ قۇتۇپلۇق سىلىتسىي ماتېرىيال، يۇقىرى مولېكۇلالىق بىرىكمە ئېنېرگىيە تېجەش بىناكارلىق ماتېرىياللىرى قاتارلىق ساھەلەردە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بەش قۇرۇلۇش تەتقىقات مەركىزى (تەجرىبىخانىسى) يېڭىدىن قۇرۇلۇپ، جەمئىي 12گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە بەشكە دۆلەت دۆلەت – يەرلىك بىرلەشمە قۇرۇلۇش تەتقىقات مەركىزى (تەجرىبىخانىسى) دەپ نام بەردى.
   مائارىپنى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلدى. مائارىپ ئۇل قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، جەمئىي 2237 قوش تىللىق يەسلىخانا قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىپ، 2233ى پۈتتۈرۈلدى، يېزا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپ، ياتاقلىرىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، مىللىي مەكتەپلەر بىلەن خەنزۇ مەكتەپلەر بىرلەشتۈرۈلگەن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق تۈرلەر قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مائارىپ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. ‹‹ئىككى ئاساسەن›› نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەپ ئۆستۈرۈلدى، مەجبۇرىيەت مائارىپى تېخىمۇ تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %40.4كە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %74 كە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش باسقۇچى %83.9كە يەتكۈزۈلدى. ‹‹ئالىي مائارىپ تەرەققىيات پىلانى (2011 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە)›› يولغا قويۇلۇپ، ئالىي مائارىپ سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.
   ‹‹ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت قۇرۇلۇش يىلى›› پائالىيىتى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، چوڭ – چوڭ مەدەنىيەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، مەدەنىيەتنىڭ خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش سالمىقى ئاشۇرۇلدى. مەدەنىيەت بازارلىرى سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەدەنىيەت كەسپى ئاساسىي گەۋدىسى ئۈزلۈكسىز زورايتىلدى. تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ زامانىۋى سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمە پائالىيىتى ياخشى باھاغا ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ھەر دەرىجىلىك كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى (پونكىتى ئۆيى) مۇزېي، خاتىرە سارايلىرى ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى. شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى 1 – قارارلىق تۈرى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى ھەمدە دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى. ئاخبارات، نەشرىياتچىلىق ئىشلىرى پۇختا تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. شىزاڭ – شىنجاڭ رادىيو – تېلېۋىزىيە قۇرۇلۇشى 4 – قارارلىق 2 – باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىدا 15 تەجرىبە ئىستانسىسىدىن 11ى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 20 ئۆيلۈكتىن تۆۋەن 6844 تەبىئىي كەنت ۋە يېڭىدىن توك يەتكۈزۈلگەن 20 ئۆيلۈكتىن يۇقىرى تەبىئىي كەنت ۋە يېڭىدىن توك يەتكۈزۈلگەن مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ ھەممىسىگە رادىيو – تېلېۋىزىيە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، 157 مىڭ ئۆيلۈك دېھقان – چارۋىچى مەنپەئەتلەندۈرۈلدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ رادىيو – تېلېۋىزىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش تۈرى ئومۇميۈزلۈك پۈتتۈرۈلدى، ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 4151 مەمۇرىي كەنت (مەھەللە)نىڭ مەدەنىيەت ئۆيى پۇختا قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلدى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداش ئەسلىھەلىرى، دۆلەت مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراس جايلىرىنى قوغداش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى.
   جامائەت سەھىيە مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈلدى. داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ھەقىقىي كۈچەيتىلىپ، ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك دوختۇرخانا، بالىلار داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى، ھەممىباب دوختۇر تەربىيەلەش بازىسى، ئېغىر كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش سىستېمىسى، يېزا جىددىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى، ئاساسىي قاتلام داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا سالىدىغان سېلىنما ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلۇپ، تۈرلۈك داۋالاش، سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. ئاساسى ۋە زور جامائەت سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولدى، يەتتە تۈرلۈك زور جامائەت سەھىيە مۇلازىمەت تۈرى ۋە ئون تۈرلۈك 41 ئاساسىي جامائەت سەھىيە مۇلازىمەت تۈرى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، تەڭپۇڭلاشتۇرۇش دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.
   نوپۇس، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى. كۆچمە نوپۇس ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى، ئاساسىي قاتلام پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى. پىلانلىق تۇغۇت مەنپەئەت يېتەكچىلىك مېخانىزمى ۋە مۇكاپاتلاش، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2012 – يىلىنىڭ ئاخىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 22 مىليون 500 مىڭغا يېتىپ، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش نىسبىتى ‰11 ئىچىدە تىزگىنلىنىدۇ. تەنتەربىيە ئىشلىرى ۋە تەنتەربىيە كەسپى تىز تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، ناھىيە دەرىجىلىك ئومۇمىي خەلق بەدەن چىنىقتۇرۇش پائالىيىتى مەركىزىدىن 13ى، يېزا – بازار دېھقانلار تەنتەربىيە ساغلاملىق قۇرۇلۇشىدىن 16ى، مەمۇرىي كەنت دېھقان – چارۋىچىلار تەنتەربىيە ساغلاملىق قۇرۇلۇشىدىن 1093ى يولغا قويۇلدى. ياشلار – ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە خىزمىتى جۇشقۇن تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. تەنتەربىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتى كۈچلۈك بولدى، سېتىلغان تەنتەربىيە لاتارىيەسىنىڭ 1 مىليارد 250 مىليون يۈەنگە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
   8) پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش خىزمىتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش يەنىمۇ كۈچەيتىلدى
   ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ 12 – بەش يىللىق ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش پىكرى›› يولغا قويۇلۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش نىشانى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر تەقسىملەپ چۈشۈرۈلدى. ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى توختاملىق باشقۇرۇش، ئېنېرگىيە مۇپەتتىشى، ئېنېرگىيە تېجەشنى باھالاش قاتارلىق ئون نەچچە تۈرلۈك تۈزۈم ۋە چارىلەر تۈزۈپ چىقىلىپ، ئىلمىي باشقۇرۇش تۈزۈم سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ‹‹باشلىنىش نۇقتىسى، سەۋىيەسى، ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇش›› تەلىپىگە ئاساسەن، ئېنېرگىيە مۇپەتتىشى، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ، تۈرلەرنىڭ ئېنېرگىيە باھا دوكلاتىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى چىڭىتىلىپ، بارلىق يېڭىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان تۈرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئېنېرگىيە تېجەشنى باھالاش ئېلىپ بېرىلىپ، يۇقىرى سەرپىياتلىق، يۇقىرى بۇلغىمىلىق تۈرلەرنى قۇرۇش مەنبەدىن توسۇلدى. سانائەت، قاتناش، بىناكارلىق، جامائەت ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىش ۋە ئايلانما ئىگىلىك تۈرىدىن 190 نەچچىسىگە مەدەت بېرىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، ئىستېمال جەريانىدا مىقدارىنى ئازايتىش، تەكرار پايدىلىنىش، بايلىققا ئايلاندۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى. ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى قىسمەن نۇقتىلىق كارخانىلار ۋە نۇقتىلىق تۈرلەرنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىمىنى ئازايتىش ئېڭى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ۋە كۈچەيتىلدى.
   ‹‹مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەلىك رايون قۇرۇش›› ۋە ‹‹ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش››تا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش سالمىقى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. باغراش كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. ئىلى دەرياسى، ئېرتىش دەرياسى، ئىبنۇر كۆلى قاتارلىق ۋادىلەرنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. قابا ناھىيەسى قاتارلىق بەش ناھىيەدە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى يولغا قويۇلدى. تەبىئىي ئورماننى قوغداش، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى 4 – قارارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورمانچىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ياردەم مۇكاپات مېخانىزمى زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىلىپ، يېڭىدىن 1 مىليون 790 مىڭ مو ئورمانلىق كۆپەيتىلدى، 980 مىڭ مو ئورمان قاشالىنىپ، بىنا قىلىندى، 13 مىليون 800 مىڭ مو يەر چارۋىدىن ئوتلاققا قايتۇرۇلدى. دۆلەتنىڭ تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدا قۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى، شىمالىي تەڭرىتاغ ئېتىكى جىلغا ئورمىنى، يېپىنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداش قۇرۇلۇشى پىلانىنى تەستىقلىشى قولغا كەلتۈرۈلدى. نۇقتىلىق ۋادىلەرنىڭ بۇلغىنىشىنى نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 79 دەريا، 128 ئىچىدىغان سۇ مەنبەسى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا سۇ مۇھىتى سۈپىتىنى نازارەت قىلىش داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، تۈرلۈك تەبىئىي قوغداش رايونلىرى، تەبىئىي ئېكولوگىيەسى ياخشى رايونلار، داڭلىق سەيلىگاھ ۋە ئادەم توپلاشقان رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىنىپ، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، قىش كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئەلالىق نىسبىتى %86كە يەتكۈزۈلۈپ، 17 يىلدىن بۇيانقى ھاۋا سۈپىتى ئەڭ ياخشى يىل بولدى.
   9) شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇش يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى
   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشتىن – ئاخىر مۇھىم سىياسىي بۇرچ قىلىنىپ، مەملىكەتلىك 3 – قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ھەم كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي گەۋدىلىك رول تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەتلىرى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىجابىي ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. 2012 – يىلى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى 19 ئۆلكە، شەھەر جەمئىي 1297 ياردەم بېرىش تۈرىنى يولغا قويدى، 628 تۈر پۈتتۈرۈلۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 11 مىليارد 420 مىليون يۈەن سېلىندى، مەبلەغنىڭ شىنجاڭغا يېتىپ كېلىش نىسبىتى %112كە يەتتى. شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى ئۆلكە، شەھەرلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش يىلى›› پائالىيىتىنى چۆرىدەپ، %75تىن ئارتۇق ياردەم بېرىش مەبلىغىنى خەلق تۇرمۇشىغا سېلىپ، زور بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى پۈتتۈرۈپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئالقىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى. كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش پىكرى›› يولغا قويۇلدى، شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى ئون ئۆلكە، شەھەرگە بېرىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش خىزمىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلىنىپ، شۈگۇڭ گۇرۇھى، جۇڭگۇاڭخې گۇرۇھى قاتارلىق بىر تۈركۈم مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق كارخانىلار ياردەم قوبۇل قىلغۇچى ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا ماكانلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايون شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى 19 ئۆلكە، شەھەردىن جەمئىي 1754 ھەمكارلىق تۈرى كىرگۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈر 999 بولۇپ، 149 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلىشىپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %37.3 ئاشۇرۇلدى. ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، 2012 – يىلى 4184 ئىختىساس ئىگىسى تەكلىپ قىلىندى، 2587 كادىر ياردەم بەرگۈچى ئۆلكە، شەھەرلەردە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلدى، تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىن 163 مىڭ كادىر تەربىيەلەندى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان 23 مىڭ ياش شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى ئۆلكە، شەھەرلەردە تەربىيەلەندى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ناھىيە، يېزا، كەنت كادىرلىرىنى ياردەم بەرگۈچى ئۆلكە، شەھەرلەر ئەۋەتىپ تەربىيەلەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، 19 مىڭ ئاساسىي قاتلام كادىرى تەربىيەلەندى. مائارىپ، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاكتىپ ئىلگىرىلەش بولدى.
   ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى سىجىل ياخشى بولۇش بىلەن بىللە، بەزى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرمۇ ساقلاندى. ئاساسلىقى: ئىقتىسادىي قۇرۇلما مۇۋاپىق بولماسلىق، شەھەر، بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسى يۇقىرى بولماسلىق، يول قاتارلىق ئۇل قۇرۇلۇشلار ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالماسلىق، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش قىيىنچىلىقى مۈشكۈل بولۇش، تاشقى سودا ۋەزىيىتى داۋاملىق ئېغىر بولۇش، ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما كېمەيتىش ۋەزىپىسى مۇشەققەتلىك بولۇش، كارخانىلارنىڭ رىقابەت ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىق، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىش بېسىمى داۋاملىق ئېغىرراق بولۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ مەسىلىلەرنى قاراتمىلىقى بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەستايىدىل ھەل قىلىش كېرەك.
   ئىككىنچى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2013 – يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە ئاساسلىق نىشانى
   2013 – يىللىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى: دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي تېما، ئاساسىي لىنىيەنى پۇختا ئىگىلەپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، بايلىق ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹ئۈچلەشتۈرۈش››نى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشىلاپ، مال باھاسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىلمىي ھالقىشى، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئۆتۈپ كېتىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش.
تۇراق مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، شەھەر – بازارلىشىش نىسبىتى %44.5كە يەتكۈزۈلدى.
   مۇشۇ ئومۇمىي تەلەپكە ئاساسەن، ئىقتىسادىي خىزمەتنىڭ ‹‹مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئاساسىدا ئۆزگىرىش ياساش›› ئومۇمىي تەلىپى زىچ چۆرىدىلىپ، ئېھتىياج ۋە ئىمكانىيەت ھەر تەرەپلىمە كۆزدە تۇتۇلۇپ ھەمدە 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، 2013 – يىللىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %11 تىن كۆپرەك ئاشۇرۇش؛ سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى %15 ئاشۇرۇش؛ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مۇقىم مۈلۈككە سالىدىغان مەبلىغىنى %30تىن كۆپرەك ئاشۇرۇش؛ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى %16 ئاشۇرۇش؛ تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكسپورت سوممىسىنى %10 ئاشۇرۇش؛ جامائەت مالىيە خامچوت كىرىمىنى %22تىن كۆپرەك ئاشۇرۇش؛ ئاھالىلەر ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈش ھەجىمىنى %4 ئەتراپىدا تىزگىنلەش؛ شەھەر – بازارلاردا يېڭىدىن 400 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەر – بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4 ئىچىدە تىزگىنلەش؛ شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى %12 ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى %13 ئاشۇرۇش، ئاھالىنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنى ‰11 ئىچىدە تىزگىنلەش.
   ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %11تىن كۆپرەك ئاشۇرۇش بېكىتىلدى، بۇنىڭدا ئاساسەن بىرىنچىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا يېتىش ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلدى. 2011 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەرىجىسى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 15.9 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەن بولدى، بۇ نىشانغا يېتىپ، 2015 – يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش، 2020 – يىلىغا بارغاندا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 2010 – يىلىدىكىدىن بىر يېرىمدىن ئارتۇق قاتلاش كېرەك، مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا، كېلەچەكتىكى ئۈچ يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆت پىرسەنت پوئېنتتىن كۆپ ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ 2013 – يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش كۆزلىمە نىشانىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، بىزنىڭ ئۆتكەن يىلىدىكى %11تىن يۇقىرى بولغان نىشان ئاساسىدا كۆزلىمە نىشاننى يەنە ئۆستۈرۈشىمىزگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. ئىككىنچىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، 2013 – يىلى 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان يولغا قويغان تۈر، سىياسەتلەر قەدەممۇقەدەم ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدۇ. سانائەت ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئامىلى، 2013 – يىلى كۆمۈردىن گاز ھاسىل قىلىش، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر – خىمىيە سانائىتى ھەمدە پولات – تۆمۈر قاتارلىق يېڭى تۈرلەر ئارقا – ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، 2013 – يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۈرلەر پەيدىنپەي لايىھەدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا يېتىدۇ، ئاياقتۇر كان رايونىنىڭ ئومۇمىي پىلانى تەستىقلاندى، مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن پايدىلىق شارائىتلاردىن 2013 – يىللىق سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %15كە، 2 – كەسىپنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %15 كە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. ئاپتونوم رايونىمىزدا 1 – كەسىپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئىزچىل مۇقىم بولۇپ كەلدى، چوڭراق ئاپەت كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا %6 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ تەدرىجىي كۆرۈلۈشىگە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى سىجىل ئۆسمەكتە. ئىستېمالنىڭ ئېشىش نۇقتىسى ۋە دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيمەكتە، ساياھەتچىلىك، يېمەك – ئىچمەك كەسپى ياخشى تەرەققىي قىلماقتا، مۆلچەرلىنىشىچە 3 – كەسىپنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %12كە يېتىدۇ. مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تەخمىنەن %12كە يېتىدۇ، %11تىن يۇقىرى نىشاننى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى ھەر تەرەپلىمە كۆزدە تۇتۇلدى، شۇنداقلا 1 –، 2 –، 3 – كەسىپنىڭ ئېشىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈشكىمۇ تەڭ ئېتىبار بېرىلدى، بۇ ئىجابىي نىشان بولۇپ، ئىمكانىيەت قالدۇرۇلغان.
   پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مۇقىم مۈلۈككە سالىدىغان مەبلىغىنى %30تىن كۆپرەك ئاشۇرۇش بېكىتىلدى، بۇنىڭدا ئاساسەن ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ مەبلەغ تۈرتكىلىك تۈسىلىك ئالاھىدىلىكى روشەن بولۇش كۆزدە تۇتۇلدى، خېلى چوڭ بولغان مەبلەغ كۆلىمى ۋە خېلى تېز بولغان ئېشىش سۈرئىتىگە كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، تېز، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. 2013 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، يېڭى نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى بار كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، دۆلەت قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئەۋزەللىككە ئىگە بايلىقلارنى ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردىكى زور بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەردە ئىش باشلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سېلىنمىسىنىڭ تېز ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇلاردىن باشقا، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئەل ئىچى مەبلىغى داۋاملىق ئاشۇرۇلۇپ، مەبلەغ بىرىكتۈرۈش يوللىرى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، مەبلەغ مەنبەسى تېخىمۇ موللاشتۇرۇلىدۇ، بۇلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىم مۈلۈككە سالىدىغان مەبلىغىنى تېز ئاشۇرۇشنىڭ كۈچلۈك تىرىكى ھېسابلىنىدۇ.
   شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى %12 ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى %13تىن ئارتۇق ئاشۇرۇش بېكىتىلدى، بۇنىڭدا ئاساسلىقى بىر جەھەتتىن، دۆلەت ئوتتۇرىغا قويغان شەھەر – يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئاشۇرۇش نىشانى كۆزدە تۇتۇلدى؛ يەنە بىر جەھەتتىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ۋە دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ زور ھەجىمدە ئېشىپ، تۈپ سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتقانلىقى نەزەردە تۇتۇلدى، خېلى چوڭ بولغان مەبلەغ كۆپەيتىش سىياسىتى، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئامىللىرى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ پۇختا، خېلى تېز ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەر بىلەن يېزىنىڭ پەرقىنى يەنىمۇ كىچىكلىتىش ئېھتىياجى نەزەردە تۇتۇلۇپ، دىھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۆستۈرۈلدى.
   ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى تەخمىنەن %4 ئەتراپىدا تىزگىنلەش بېكىتىلدى، بۇنىڭدا ئاساسەن مال باھاسىنى تىزگىنلەپ مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلدى، ئاپتونوم رايون تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. لېكىن، ئاپتونوم رايونىمىز نۆۋەتتە مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق ئامىللىرىنى تېخى يىلتىزىدىن تۈگەتكىنى يوق، 2012 – يىللىق باھا ئۆسۈش ئامىللىرىنىڭ تەسىرى تەخمىنەن ئىككى پىرسەنت پوئېنت ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمگەك كۈچى تەننەرخىنىڭ ئېشىش بېسىمى خېلى يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ، يېزا ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئېشىۋاتىدۇ، بايلىق تىپىدىكى مەھسۇلات باھا ئىسلاھاتى پەيدىنپەي ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، شۇڭا باھانىڭ ئۆسۈش ئېھتىماللىقى خېلى كۈچلۈك بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يىل مەملىكىتىمىزنىڭ ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈش ھەجىمىنى تەڭشەش، تىزگىنلەش نىشانى تەخمىنەن %3.5 ئەتراپىدا بولىدۇ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى ئىزچىل مەملىكەتنىڭكىدىن بىر پىرسەنت پوئېنت ئەتراپىدا يۇقىرى بولۇپ كەلمەكتە. ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسىنى %4 ئەتراپىدا تىزگىنلەشتە، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىنىڭ باھا ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى كۆزدە تۇتۇلدى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا نىسبەتەن مۇقىم بولغان باھا مۇھىتى يارىتىپ بېرىش نەزەردە تۇتۇلدى.
   ئۈچىنچى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2013 – يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى ۋە تەدبىرلەر
   ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك پارتكوم 4 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي ھالقىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشتەك تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىرىش ياساپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش ۋە تەڭشەشنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئون جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.
   1) يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك
   دۆلەت بەرگەن پەرقلىق كەسىپ سىياسىتىدىن تولۇق ۋە جانلىق پايدىلىنىپ، كەسىپ يۆتكىلىشىنى پائال قوبۇل قىلىپ، بىر تۈركۈم چوڭ – چوڭ كەسىپ تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۈستۈنلۈككە ئىگە كەسىپلەرنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا تىرىشىپ يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.
   كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر – خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر – ئېلېكتىر – مېتاللورگىيە، كۆمۈر – ئېلېكتىر – سېلىتسىي كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. كۆمۈر بايلىقىنى ھەقلىق ئىشلىتىش يېڭى ئەندىزىسىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاياقتۇر كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىشنى يولغا قويۇش، بەيياڭخې كۆمۈر بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چارلاش، ئېچىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تېزلىتىش لازىم. شەرقىي جۇڭغار چوڭ قۇدۇق كان رايونى جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى، كۇچا ئېلېكتىر ئىستانسىسى 2 – قارارلىق كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى، خوتەن تېرمو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم كۆمۈر ئېلېكتىر قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، خۇانىڭ شىركىتى شەرقىي جۇڭغار چوڭ قۇدۇق رايونى 6 – قۇدۇقى، كورلا تېرمو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشنى يۈرۈشلەشتۈرۈش 5 مىليون 40 مىڭ كىلوۋاتلىق ئېلېكتىر تۈرى قاتارلىق تۈرلەردە ئىش باشلاش كېرەك. دۆلەتنىڭ قوللىشىنى ئاكتىپ قولغا كەلتۈرۈپ، كۆمۈردىن گاز ھاسىل قىلىش، كۆمۈردىن ئولېفىن ئىشلەش، كۆمۈردىن كۆپ مەھسۇلاتنى تەڭ ھاسىل قىلىش، كۆمۈر – ئېلېكتىر – مېتاللورگىيە قاتارلىق تۈرلەرنى تېزلىتىپ، مېيكې شىركىتىنىڭ سىپتا كۆمۈر – خىمىيە سانائىتى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى، جۇڭگو ئېلېكتىر مەبلەغ شىركىتى، شىنۋېن شىركىتىنىڭ كۆمۈردىن گاز ھاسىل قىلىش تۈرى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە شىركىتىنىڭ كۆمۈر – خىمىيە سانائىتى – ئېلېكتىر – پارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى، خۇادىيەن شىركىتىنىڭ شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرنى دەرىجىگە ئايرىپ ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش تۈرى قاتارلىق ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىدە ئىش باشلاپ، بىر تۈركۈم كۆمۈر بايلىقىنى ئايلاندۇرۇش تۈرلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، كۆمۈرنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەشنى كۆلەملەشتۈرۈش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشنى تىزدىن ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ ‹‹شىنجاڭ داچىڭ پىلانى››نى تېزلىتىپ، تىرىشىپ نېفىت، گاز مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نېفىت – خىمىيە سانائىتى كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ ئاقسۇ چوڭ خىمىيە ئوغۇت تۈرىدە ئىش باشلاش، ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە شىركىتىنىڭ ماي ئايرىشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى تېزلىتىش لازىم. كان بايلىقلىرىنى چارلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، رەڭلىك مېتال، مۇھىم، كەم ئۇچرايدىغان مېتال قاتارلىق بايلىقلارنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەشنى كۈچەيتىش، لوپنۇر 3 مىليون توننىلىق كالىيلىق ئوغۇت 2 – قارارلىق قۇرۇلۇشى، 1 – ئاۋغۇست پولات – تۆمۈر شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭ پولات – تۆمۈر بازىسى، جۇڭتەي شىركىتىنىڭ 1 مىليون 200 مىڭ توننىلىق پولىۋېنىل خىلورىد تۈرى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى كەسىپ ئايلانما ئىقتىسادىي تۈرى قاتارلىق تۈرلەرنى تېزلىتىش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. پەن – تېخنىكا مىقدارى يۇقىرى، قوشۇمچە قىممىتى ئۈستۈن بولغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەلا سۈپەتلىك پاختىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش، جەنۇبىي شىنجاڭ ئۆزگىچە مېۋە – چىۋىلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش، شىمالىي شىنجاڭ ئۆزگىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش، يېشىل يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئېكسپورت قىلىش بازىسى تۈرى ۋە ئاقسۇ توقۇمىچىلىق شەھىرى پاختا توقۇمىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىنى تېزلىتىش كېرەك. سانائەت داشقاللىرى، تاش كۆمۈر، ئېلېكتىر ئىستانسىسى كۆمۈر داشقىلى قاتارلىق سانائەت تاشلاندۇقلىرىدىن دەۋرىي پايدىلىنىشنى ياخشى ئىشلەش، قالاق سېمونت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەڭ قىممەتتە يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئالماشتۇرۇپ قۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش، ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما كېمەيتىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش لازىم.
   يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ كەسىپ تېخنىكا تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردە دۆلەت بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ قۇرۇلۇش تەتقىقات مەركىزى (تەجرىبىخانىسى)، دۆلەت كارخانا تېخنىكا مەركىزى قۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ يادرولۇق تېخنىكا تەتقىقات ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم. تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلىتىپ ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھالقىلىق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسراش قاتارلىق كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارغا تايىنىپ، زور تېخنىكا، جابدۇقلارنى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەپچىقىرىش، يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، شاڭخەي داجۇڭ شىركىتى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى پىكاپ ئىشلەپچىقىرىش تۈرى، جىنەن جۇڭچى شىركىتى شىنجاڭ يۈك ماشىنا تۈرى، سەنيى گۇرۇھى كۆمۈر كان ماشىنىلىرى تۈرى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك، ئۆزگىچە يېنىك سانائەت قاتارلىق ئەمگەك مۇجەسسەملەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تېزدىن يېتىلىشىنى پائال قوللاش كېرەك. سانائەت باغچىسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۇچۇر تورى، بۇلغىمىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تىزگىنلەش، جامائەت مۇلازىمەت سۇپىسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، بايلىق پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە مەبلەغ، تېخنىكا مۇجەسسەملەنگەن تۈستىكى كەسىپلەرنى سانائەت باغچىلىرىغا ماكانلىشىشقا يېتەكلەپ، كەسپىي ئالاھىدىلىكى روشەن، مۇلازىمەت سۇپىسى مۇكەممەل، تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم كەسىپ توپىنى يېتىلدۈرۈپ، بىر تۈركۈم بازاردا رىقابەتلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىلغار ياسىمىچىلىق بازىلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش لازىم. مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، سانائەت لايىھەسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى، ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىكى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىكنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش، سودا، تەربىيەلەش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
   2) دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك
   دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، سۇ تېجەش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئېتىز – ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بىر تۈركۈم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىسى قۇرۇپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشتەك ياخشى ۋەزىيەتكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
   ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى يۆلەشكە ئائىت سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، سورت قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، بىرلىك مەھسۇلات سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئەۋزەللىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بۇغداي كۆلىمىنى 16 مىليون مو قىلىپ مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. 12 – بەش يىللىق ئەلا سۈپەتلىك پاختا بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەلا سورت كۆپەيتىش ئېتىزى، يۇقىرى ئۆلچەملىك سۇ تېجەش ئېتىزى، يۇقىرى مەھسۇلاتلىق ئېتىز ۋە ماشىنا ئارقىلىق پاختا يىغىش ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، پاختا سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەتلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، كېۋەز كۆلىمىنى 20 مىليون مو قىلىپ مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ھايۋانات كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى، ئۆي قۇشلىرى، سۇ مەھسۇلاتى ئەلا سورت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، چوشقا، سۈت كالىسى، گۆش كالىسى، گۆش قويىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ كۆلەملىك بېقىش رايونى (مەيدانى) قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، گۆش ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بازار تەمىنلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭ تۈمەن مو ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك بازىسى سۇ تېجەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆچەت بازىسى، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىكتە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە سىرتقا سېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مېۋە – چىۋىلەرنى يېڭى پېتى ساقلاش ۋە پىششىقلاپ ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم. چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرلەر ئەتراپى ‹‹كۆكتات›› بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆكتات قاتارلىق يېڭى يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
   يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېتىز – ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپلىق سۇغىرىش رايونلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋە سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ ئېرىق ۋە ئېتىز ئارا يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قېلىپلاشقان، ئۆلچەملەشكەن بىر تۈركۈم يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنى قۇرۇپ چىقىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش كۆلىمىنى يېڭىدىن 3 مىليون مودىن ئارتۇق كۆپەيتىش لازىم. ئوتتۇرا، تۆۋەن ھوسۇللۇق يەرلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە يەر رەتلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇقچىلىق قۇرۇلۇشى، ئۆسۈملۈك ئاسراش قۇرۇلۇشى، قوغداش خاراكتېرلىك تېرىش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇش لازىم. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتا ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى كېمەيتىش قاتارلىق تىرەك سىستېما قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماددىي، تېخنىكا جەھەتتىن قوراللىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم.
   يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشقا ئائىت سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تېزلىتىپ، كۇرسلۇق مەھسۇلات قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە رىقابەت كۈچى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش باشلامچى كارخانىلىرىنى زور كۈچ بىلەن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش لازىم. يېڭىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتى ۋە كەسىپلەشكەن باشلامچى كارخانىلارغا قارىتىلغان سىياسەت ياردىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش بازىسى، ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا سېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش لازىم.
   دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك. بۇغداينى ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، ئاشلىق تېرىشقا بىۋاسىتە ياردەم بېرىش سەۋىيەسى ۋە ئەلا سورت ياردىمى ئۆلچىمىنى پۇختا ئۆستۈرۈش لازىم. ئاشلىق، پاختا، ياغلىق دان ھەمدە كالا، قوي گۆشى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى 2 –، 3 – كەسپىنى، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، مائاش خاراكتېرلىك كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
   3) يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇشنى ئاكتىپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
   ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش ھەرىكەت پىلانىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر جايلاشتۇرۇلۇشى ۋە كۆلەم قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، شەھەر – بازارلاشتۇرۇشنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئۈرۈمچى، كورلا، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم رايون مەركىزىي شەھەرلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈش؛ ھازىرقى ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى پائال قېزىپ، رايون ئۈستۈنلۈكى كۆرۈنەرلىك بولغان، بايلىق، مۇھىت بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى خېلى كۈچلۈك بولغان ئوتتۇرا شەھەرلەرنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تايانچ قىلىپ، قاتناش قولايلىق، ساياھەت سەيلىگاھلىق، ياسىمىچىلىق ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش تىپلىق، بايلىق ئېچىش، سودا، ئوبوروت تۈسلۈك ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان بازارلارنى قۇرۇپ چىقىپ، قاتلىمى روشەن بولغان، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان شەھەر – بازارلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم. ‹‹كەسىپ بىلەن شەھەر يۇغۇرۇلۇش، تىرىكچىلىككە قولايلىق بولۇش›› تەلىپىگە ئاساسەن، كەسىپ توپلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، بازار ئىستىقبالى ياخشى، ئۈستۈنلۈكى گەۋدىلىك، تىرەكلىك، باشلامچىلىق ئىقتىدارى روشەن بولغان بىر تۈركۈم كەسىپ تۈرلىرىنى قۇرۇشنى قوللاپ، شەھەرلەرنىڭ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جامائەت مۇلازىمىتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نوپۇسنى توپلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، شەھەر – بازار ئاساسىي مۇلازىمىتىنىڭ دائىمىي نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى قەدەممۇقەدەم ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، سېلىنمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شەھەر – بازار ئاممىۋى قاتنىشى، جامائەت ئەسلىھەلىرى ۋە سۇ، توك، گاز، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، شەھەر – بازارلارنىڭ ئۇنىۋېرسال بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش لازىم. 2013 – يىلى كۈندىلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ يېڭىدىن 17 مىليون توننا ئاشۇرۇش، پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمىنى 20 مىليون كىۋادرات مېتىرغا يەتكۈزۈش، شەھەر – بازارلىشىش نىسبىتىنى بىر پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ شەھەر – بازارلارغا ماكانلىشىشىنى قوللاش، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرالغۇ ئۆي، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئەمەلىي ئېھتىياجلىرىغا ياردەم بېرىش، يېزا ئىگىلىكى يۆتكەلمە نوپۇسىنى تەدرىجىي شەھەر ئاھالىسىگە ئايلاندۇرۇش سىياسەت، تەدبىرلىرىنى پائال تەتقىق قىلىش لازىم.
   4) مەبلەغ، ئىستېمالنىڭ تېز ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
   مەبلەغنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا ئوينايدىغان ھالقىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق تۈرلەرنى تۇتقا قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مۇقىم مۈلۈككە سالىدىغان مەبلىغىنىڭ تېز ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پىلاندا ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرى 333 قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 50 تۈردە يېڭىدىن ئىش باشلىنىدۇ، 170 تۈر داۋاملىق قۇرۇلىدۇ، 300 مىليارد يۈەن نۇقتىلىق تۈر مەبلىغى تاماملىنىپ، 2012 – يىلىدىكىدىن 74 مىليارد يۈەن ئاشۇرۇلىدۇ. پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مۇقىم مۈلۈككە سالىدىغان مەبلىغى ۋە نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ مەبلەغ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىش ۋە مۆلچەرلەشنى كۈچەيتىپ، تەپسىلىي مەبلەغ پىلانى ۋە قۇرۇلۇش سۈرئىتى نىشانىنى بەلگىلەش لازىم. ئالدىن پىلانلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەردە تېزرەك ئىش باشلاش كېرەك. مەبلەغ غەملەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ھۆكۈمەت مەبلىغىنىڭ يېتەكچىلىك ۋە تەسىر كۆرسىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالدى بىلەن ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي ئىشلار، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشلارغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەبلەغ بىرىكتۈرۈش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، قەرز پۇل بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قوللاش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش لازىم. ئەل ئىچى مەبلىغىنى جەلپ قىلىپ ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم ئەل ئىچى مەبلىغى بىلەن قۇرۇلىدىغان تۈرلەرنى زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىپ ھەم روناق تاپقۇزۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مۇپەتتىش قىلىش، نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ سۈرئىتى، سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تېزدىن يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى شەكىللەندۈرۈپ، مەبلەغ پىلانىنى ئورۇنلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
   ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا كۆرسىتىدىغان ئۇللۇق رولىنى كۈچەيتىش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئىستېمال ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش لازىم. ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى نورمال ئۆسۈش مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ساغلاملاشتۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ، بولۇپمۇ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر، يېزا ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن تەڭ قەدەمدە ماڭدۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شەھەر، يېزا ئاھالىسىنى قاپلىغان كاپالەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ ساغلاملاشتۇرۇش لازىم. ئىككىنچىدىن، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. دۆلەت يېقىندا يولغا قويغان ئىستېمالنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزا ئىستېمال بازىرىنى ئېچىپ، ئىستېمال قىزىق نۇقتىلىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. زامانىۋى ئوبوروت، پۇل مۇئامىلىسى، سۇغۇرتا قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىك ۋە ئۆزگىچە يېمەك – ئىچمەك، ياشانغانلارنى كۈتۈش، تەنتەربىيە قاتارلىق تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، مەدەنىيەت مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، ساياھەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۇرالغۇ، ماشىنا، خەۋەرلىشىش، مەدەنىيەت قاتارلىق ئىستېمال قىزىق نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش لازىم. ئۈچىنچىدىن، ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاش لازىم. يېزا ۋە ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەرنىڭ سودا ئوبوروتى، تەنتەربىيە، ساغلاملىق قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى، توردا مال سېتىۋېلىش قاتارلىق يېڭىچە ئىستېمال كەسپىگە ئىلھام بېرىپ، ئىستېمال ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ياخشى ئىستېمال مۇھىتى يارىتىش كېرەك.
   5) ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك
   بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇش، ياخشى يۈرۈشلەشتۈرۈش، مۇۋاپىق ئالدىن بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، بىر تۈركۈم چوڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
   سۇچىلىق جەھەتتە. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىيىتىگە قارىتا مۇھىم كاپالەتلىك قىلىدىغان ۋە تىرەك بولىدىغان سۇ بايلىقىنى ياخشىلاپ سەپلەش ئىستراتېگىيەلىك سىستېمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق دەريا، ئېقىن ۋادىلىرىنى ئېچىش، تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىنى جەزمەن كۈچەيتىش كېرەك. ئىبنۇر كۆلى ۋادىسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشى، قارابەل، ئاراتاش، جىرغىل قاتارلىق بىر تۈركۈم تاغلىق رايون تىزگىنلەش خاراكتېرلىك سۇچىلىق تۈگۈن قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش باشلاش، مەملىكەتنىڭ 12 – بەش يىللىق چوڭ، ئوتتۇرا سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن تۈرلەرنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تېزدىن ئىش باشلاشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىدىكى 212 تۈرلۈك نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك پۈتتۈرۈپ، چارۋىچىلىق رايونلىرى سۇ تېجەپ سۇغىرىلىدىغان يەم – خەشەك يېرى قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلار ئولتۇراق نۇقتىلىرى يۈرۈشلەشتۈرۈش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. نۇقتىلىق دەريا – ئېقىنلارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەرلىك توغان، توسمىلارنى مەزمۇتلاش قاتارلىق چوڭ، ئوتتۇرا تىپلىق سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئاپەتنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم.
   قاتناش جەھەتتە. تۆمۈريول، تاشيول، ئاۋىياتسىيە، تۇرۇبا يولى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت ئىچى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە شىنجاڭغا يۈزلەنگەن قاتناش چوڭ ئۆتىڭى بەرپا قىلىش كېرەك. تۆمۈريولدا لەنجۇ – شىنجاڭ 2 – قوش لىنىيەسى قاتارلىق بەش تۆمۈريول تۈرى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، قورغاس ئېغىزى بېكىتى، كورلا – ئاقسۇ تۆمۈريول قوش لىنىيەسى تۈرىنى پۈتتۈرۈپ، غۇلجا – قورغاس تۆمۈريولىنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، خۇڭليۇخې – نوم، بالغۇنتاي – يۈرگىن، جاڭجۈنمياۋ – قاراتاغ تۆمۈريولىدا ئىش باشلاپ، قۇمۇل – ئېرگونا، بېيتۈن – كۆكتوقاي – شەرقىي جۇڭغار، قۇمۇل – جاڭجۈنمياۋ، كورلا – گېرمو، جۇڭگو – قىرغىزىستان – ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قاتارلىق تۆمۈريوللارنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تېزلىتىپ، يول تورىنىڭ تۇتىشىش ئىقتىدارى ۋە شىنجاڭدىن چىقىش يولى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تاشيولدا ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى دۆلەت تېز سۈرئەتلىك تاشيول تورى ۋە دۆلەت، ئۆلكە غول يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئېغىز، دۆلەت چېگرا مۇداپىئە تاشيولىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەشقەر – ئۆركەشتام ئېغىزى، ۋۇسەيۋەن – داخۇاڭسەن، ساركۆل – بوغۇز تاشيولى قاتارلىق بىر تۈركۈم تاشيول تۈرلىرىنى پۈتتۈرۈپ، تۇرپان – پارچە ساغال تاشيولى قاتارلىق تېز سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تېزدىن ئىش باشلاشنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېخنىكا دەرىجىسى ۋە يول تورىنىڭ ئومۇمىي قاتناش كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئاۋىياتسىيەدە كۆكتوقاي، چەرچەن، كورلا ئايرودۇرۇمىدا ئىش باشلاش، ئۈرۈمچى دۆلەت غەربىي دەرۋازا تۈگۈن ئايرودۇرۇمىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تېزلىتىش، چاقىلىق كىروران ئايرودۇرۇمى، يەكەن، قۇمۇل، خوتەن ئايرودۇرۇمىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۇرۇبا قۇرۇلۇشىدا ‹‹ئۈچ بازا، بىر ئۆتەڭ›› قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە زاۋۇتى – ۋاڭجياگۇۋ تەييار ماي تۇرۇبىسى قاتارلىق تۈرلەرنى پۈتتۈرۈش، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 3 – لىنىيەسى، 4 – لىنىيەسى ۋە شىنجاڭ – گۇاڭدۇڭ – جېجياڭ كۆمۈردىن ھاسىل قىلىنغان گاز تۇرۇبىسى قاتارلىق سىرتقا يەتكۈزۈلىدىغان تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى پائال تېزلىتىش لازىم.
   ئېلېكتىر كۈچى جەھەتتە. ‹‹شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش›› قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىپ، قۇمۇل – جېڭجۇ ±800 كىلوۋولتلۇق يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، قۇمۇل – سايدام 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ 2 –، 3 – يۇقىرى بېسىملىق سىرتقا توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى تەستىقلاپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى تايانچ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، غۇلجا – شىخو – فېڭخۇاڭ قاتارلىق 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرۈپ، فېڭخۇاڭ – شىسەن – شەرقىي شەھەر ئەتراپى، كۇچا – بايىنغولىن، كۇچا – قەشقەر قاتارلىق 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاپ، 220 كىلوۋولتلۇق ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بېسىملىق توك تورىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. توك يوق رايونلارنىڭ توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، توك تورى ئۇزارتىلغان رايونلاردىكى توك يوق ئائىلىلەرنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، مۇستەقىل فوتو ئېلېكتىر تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرۈش كېرەك.
   ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە. ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن سانائەتلەشتۈرۈشنى زىچ بىرىكتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىناق نۇقتىسى ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىم ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، نۇر كابىللىق كەڭ بەلباغ، 3G، 4G قاتارلىق يېڭى ئەۋلاد خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ سانائەت ساھەسىدە كەڭ قوللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي ساھەلەرنىڭ ئۇچۇرلىشىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن تېزلىتىش كېرەك.
   6) ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
   ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت قىلىپ، ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە ۋە ئومۇمىي جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىشنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات، ئايلانما تەرەققىيات، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
   ‹‹ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات›› تەلىپىگە ئىزچىل ئەمەل قىلىپ، تۈرلۈك پىلانلارنى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى ۋە يۇقىرى سەۋىيەدە ياخشى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. ئاۋۋال پىلانلاش ئاندىن ئېچىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، پىلان ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، سۇ مەنبەسى رايونى، ئىچىملىك سۇ مەنبەسى قاتارلىق ئېكولوگىيەسى نازۇك رايونلارنىڭ مۇھىتىنى ئەڭ قاتتىق قوغداش لازىم. ‹‹شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي فۇنكسىيەلىك رايونلار پىلانى››نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، مۇناسىۋەتلىك يۈرۈشلەشتۈرۈش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئومۇمىي فۇنكسىيەلىك رايون قۇرۇلۇشى سىناق نۇقتىلىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى يولغا قويۇش لازىم. نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ياخشى يولغا قويۇپ، تارىم دەرياسى، ئىلى دەرياسى، ئېرتىش دەرياسى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋادىلارنىڭ ئومۇمىي پىلانى ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش پىلانىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ئىبنۇر كۆلى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىنىڭ قۇملىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى، تەڭرىتاغ شىمالىي ئېتىكى جىلغا ئورمىنى، يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ۋادىلارنىڭ مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىش، تىرىشىپ يېڭىدىن 1 مىليون 500 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلىش، 1 مىليون مو ئورماننى قاشالاپ يېتىلدۈرۈش، 25 مىليون مو يەرنى چارۋىدىن ئوتلاققا قايتۇرۇش كېرەك. سۇ، ئاتموسفېرا، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشكە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان شەھەر ئاتموسفېراسىنى تىزگىنلەشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويۇش لازىم.
   مەبلەغنى كۆپ سېلىپ، چوڭ تۈرلەرنى قۇرۇش ئارقىلىق ئېنېرگىيەنى كۆپ تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى كۆپ ئازايتىش خىزمەت تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىشنى ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاش كېرەك. نىشان، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، جايلار، تارماقلار نۇقتىلىق ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدىغان ساھەلەرنىڭ ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىش نىشان، ۋەزىپە تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىپ، ئىلھام بېرىش ۋە چەكلەش مېخانىزمىنى ساغلاملاشتۇرۇش لازىم. ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش لايىھەسى ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، كۆرسەتكۈچنى تەقسىملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. باھا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىش ۋە مۇھىت ئاسراشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. مۇھىم ھالقا ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنى چىڭ تۇتۇپ، بىر تۈركۈم چوڭ ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىش يوللىرىنى تېزدىن راۋانلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى قوللاپ، ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش، توختاملىق ئېنېرگىيە باشقۇرۇشنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى تېزدىن ئېلىپ بېرىپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بايلىقتىن دەۋرىي پايدىلىنىش ۋە مۇھىت ئاسراش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. تۇرمۇش ئەخلىتى ۋە شەھەر – بازارلارنىڭ يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈش تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. سانائەت باغچىلىرىنى دەۋرىيلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىپ، شەھەر ئاشخانا تاشلاندۇقلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. مۇقىم مۈلۈك مەبلىغى تۈرلىرىنىڭ ئېنېرگىيە تېجىشىنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك مەھسۇلات ئېنېرگىيە سەرپىيات چەكلىمە ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجىشىنى تەكشۈرۈش، ئېنېرگىيە مۇپەتتىشى، قالاق ئىشلەپچىقىرىش تېخنولوگىيەسى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى شاللىۋېتىشنى كۈچەيتىش لازىم.
   7) خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى تۇتۇش كېرەك
   ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش يىلى›› پائالىيىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈم، تېخىمۇ ياخشى سۈپەت ئارقىلىق داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى ئىزچىل تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم.
   ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى داۋاملىق مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەت تۈزگەندە، مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگەندە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ياخشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇھىتى ھازىرلاش ئېھتىياجىنى ئالدىن ئويلاش كېرەك. ئاساسىي قاتلاملارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋى كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى بازىسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لازىم. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر دەرىجىلىك ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش، مەھەللە مۇلازىمىتى ۋە مېيىپلەر مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
   خەلقنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. خەلقنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش بويىچە 300 مىڭ ئائىلىلىك تۇرالغۇ ئۆي سېلىش، كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش بويىچە 27 مىڭ 100 ئائىلىلىك تۇرالغۇ ئۆي سېلىش كېرەك. يېڭىدىن 79 مىڭ يۈرۈش ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي سېلىش، كەپىلىك مەھەللىلەردە 97 مىڭ 600 ئۆيلۈك تورالغۇ ئۆينى ئۆزگەرتىش، دۆلەت دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا 38 مىڭ خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش كېرەك. يېزا سۇ، يول، توك، گاز قاتارلىق يۈرۈشلەشتۈرۈش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 600 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى ۋە 87 مىڭ 700 ئادەمنىڭ توك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، يېڭىدىن 5000 كىلومېتىر يېزا تاشيولى ياساش، يېڭىدىن 20 مىڭ پاتقاق گازى ئىشلىتىدىغان ئائىلىنى كۆپەيتىش لازىم. جەنۇبىي شىنجاڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، شىنجاڭ ‹‹گازلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى››نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش لازىم.
   نامراتلارنى يۆلەش ۋە روناق تاپقۇزۇش پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن ياردەم بېرىش سېلىنمىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا رايون نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلارنى مەركەزلىك يۆلەپ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامرات ئاھالىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، 350 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش لازىم.
   ئىجتىمائىي ئىشلار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش كېرەك. مائارىپ جەھەتتە، ئۇل مائارىپى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، 58 يېزا، كەنت دەرىجىلىك ‹‹قوش تىل ››لىق يەسلى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، 44 ئوتتۇرا غەربىي رايون يېزا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپ، ياتاقلىرىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش، 5334 يۈرۈش چەت، ياقا، جاپالىق رايونلار يېزا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئايلانما ياتىقى سېلىش، 14 يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى ‹‹قوش تىل ››لىق ياتاقلىق مەكتىپى قۇرۇش، ئون مىللىي مەكتەپ بىلەن خەنزۇ مەكتەپلەر بىرلەشتۈرۈلگەن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى كېڭەيتىش، يېڭىدىن 22 ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ قۇرۇش، سەككىز ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشى ۋە 18 ‹‹قوش تىل ››لىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش بازىسى تۈرىنى ئېلىپ بېرىش لازىم. سەھىيە جەھەتتە، ئاساسىي قاتلاملارنىڭ داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا جىددىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسى، بالىلار مەخسۇس دوختۇرخانىسى، ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا، چوڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش سىستېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشلارنى تېزلىتىپ، خەلقنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش، سەھىيە مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قامداش لازىم. ‹‹ئاياللار – بالىلار پىروگراممىسى ››نى پائال يولغا قويۇش كېرەك. نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، تېخىمۇ ئاكتىپ بولغان پىلانلىق تۇغۇت مەنپەئەت يېتەكچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، نوپۇسنىڭ زىيادە تېز كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپ، تۇغۇلغان نوپۇسنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت، رادىيو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق جەھەتلەردە، ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى، يېزا – بازار (مەھەللە) مەدەنىيەت ئۆيى، رادىيو، تېلېۋىزىيەنى ھەممە كەنتكە يەتكۈزۈش، ‹‹شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى›› قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان نۇقتىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداشنى كۈچەيتىش، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت سارىيىنى قۇرۇش، شەھەر، يېزا، مەھەللە تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.
   ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشى، سىياسىي – قانۇن، مۇقىملىقنى ساقلاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزىلىق، بازارلىق ھۆكۈمەت ئىشخانا قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام ئىجتىمائىي باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئايلانما ياتىقى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە مەكتىپى، سىياسىي مەكتەپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت، ئەدلىيە تارماقلىرى ئۈچۈن بىر تۈركۈم دېلو بېجىرىش تېخنىكا ئۆيى، سوتخانا، نازارەتخانا قاتارلىق تۈرلەرنى قۇرۇپ، ئىجتىمائىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىش كېرەك.
   8) مال باھاسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
   ئىجتىمائىي ئومۇمىي تەمىنلەشنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، باھا مۆلچەرلەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باھا تەڭشەش، تىزگىنلەش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باھانى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەڭشەش – تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش لازىم. بىرىنچىدىن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى تەڭشەش – تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى، ۋاقىتلىق زاپاس ساقلاش، سىياسەت خاراكتېرلىك سۇغۇرتا قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىنى قوغداپ، تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. مۇھىم تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق، ياغ، كالا، قوي گۆشى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى زاپاس ساقلاش ۋە بازارغا سېلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. سوغۇق زەنجىر ئوبوروتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاشلىق، ياغ، پاختا زاپاس ساقلاش ئوبوروت ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازارلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاپ، 200 مىڭ توننىلىق ئاشلىق، ياغ زاپاس ساقلاش ئامبىرى، 100 مىڭ توننىلىق گۆش، مېۋە – چىۋە، كۆكتات سوغۇق زەنجىر ئوبوروت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت ساھەسىدىكى ھەق ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قائىدىگە خىلاپ ۋە نامۇۋاپىق ھەقلەرنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئوبوروت تەننەرخىنى ھەقىقىي تۈردە تۆۋەنلىتىش لازىم. ئىككىنچىدىن، بازار باھاسىنى تەڭشەش، تىزگىنلەش ۋە نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ كۆزلىمە نىشانىنى مۇۋاپىق يېتەكلەش كېرەك. باھا تەڭشەش، تىزگىنلەش تارماقلىرى بىرلەشمە يىغىنى رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ باھا تەڭشەش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش ۋە كاپالەت ئۆلچىمى بىلەن مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى بىرلەشتۈرۈش ھەمتۈرتكىلىك مېخانىزمىنى داۋاملىق يولغا قويۇش لازىم. ھۆكۈمەتنىڭ باھا باشقۇرۇشنى تەڭشەش پەيتى ۋە سالمىقىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. دورا ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈش لازىم. كارخانا ۋە خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان ساھەلەردىكى نامۇۋاپىق ھەقلەرنى داۋاملىق ئېنىقلاپ، مائارىپ، داۋالاش، تېلېگراف، بانكا، قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى باھا ۋە ھەقلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، باھا قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، باھا مونوپوللۇقىغا قارشى قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
   9) ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك
   ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات ئۇسۇلى، ئېچىۋېتىش تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، ئۆزگىرىش ياساپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئىسلاھاتقا بولغان ئومۇمىي يېتەكچىلىك ۋە ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى ساغلاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ 2013 – يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى››نى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ چىقىپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پائال تۈردە ياخشى پىلانلاپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ كېڭەيتىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، تېبابەتچىلىك، دورىگەرلىك، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي خەلق داۋالاش سۇغۇرتىسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش سۇغۇرتىسى چىقىم قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، چوڭ، ئالاھىدە چوڭ كېسەللىك كاپالىتى ۋە قۇتقۇزۇش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. دورا ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي دورا تۈزۈمى ۋە ئاساسىي قاتلام ئايلىنىش يېڭى مېخانىزمىنى مۇستەھكەملەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ھەممىباب دوختۇر مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئاساسىي قاتلام ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ناھىيەلىك دوختۇرخانىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دورا ئارقىلىق داۋالاشنى تولۇقلاش مېخانىزمىنى بىكار قىلىشنى مۇھىم ھالقا قىلىپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئۈچىنچىدىن، بايلىق خاراكتېرلىك مەھسۇلاتلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان باھا ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەھەر – بازارلاردا توك ئىشلىتىشتە ئوخشاش توردا ئوخشاش باھا بولۇشنى ياخشى يولغا قويۇپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سۇ تەمىنلەش باھاسى ۋە تەبىئىي گاز باھاسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك. تۆتىنچىدىن، مەبلەغ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلەرنى تەستىقلاشنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، تەستىقلاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش كېرەك. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، تۈرلەرنى تەستىقلاش ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۆپلەپ تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش كېرەك. بەشىنچىدىن، ئوبوروت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. زامانىۋى ئوبوروت ئۇنىۋېرسال سىناق نۇقتىسىنى يولغا قويۇپ، چوڭ ئوبوروت، چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش لازىم. ئالتىنچىدىن، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە تەۋرەنمەستىن ئىلھام بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش، قوللاش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش يولغا قويۇش پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش لازىم. بەزى تۈزۈلمە، مېخانىزم توسالغۇلىرىنى، شۇنداقلا ئەنئەنىۋى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى بىكار قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارغا ئوخشاش كۆزدە قاراپ، بەزى ساھەلەردە ئاۋۋال نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش؛ خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارنى تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە، كاپىتال، تېخنىكا، ئىختىساس ئىگىلىرى ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن توپلاپ، ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشكە پائال يېتەكلەش كېرەك.
   تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك. قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇل يۈرۈشلەشتۈرۈش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات پىلانىنى تەستىقلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەسىپ توپلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش لازىم. 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو – ئاسىيا، ياۋروپا يەرمەنكىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش كېرەك. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد، سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تاشقى سودا كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش لازىم. چېگرا ياقىلىرىنى ئېچىش، ئېچىۋېتىش ئومۇمىي سىياسەت ۋە پىلانىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، چېگرا بويلىرى رايونلىرى بىلەن دۆلىتىمىز ئىچىدىكى مەركىزىي شەھەرلەر ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ قاتناش، ئېنېرگىيە، بايلىق چوڭ ئۆتەڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى ئېلىمىزنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ئېچىش، ئېچىۋېتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتا ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازا ھەم بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹چىقىرىش›› قەدىمىنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن بولغان مەبلەغ ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.
   10) شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى بار كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك
   مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە ئائىت يىغىنلىرىنىڭ روھىنى داۋاملىق تۈردە چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي گەۋدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، مۇھىم نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى مۇلازىمەت كاپالىتى ۋە تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانىنى ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش ۋە تەڭشەش مۇلازىمىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك نىشان – ۋەزىپىلەرنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئورۇنلىشىغا ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. 2013 – يىللىق ياردەم ئارقىلىق قۇرۇلىدىغان تۈرلەر پىلانى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك پىلانلىرىنى تۇتاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت ياردەم مەبلىغى، ئاپتونوم رايون يۈرۈشلەشتۈرۈش مەبلىغى، نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى ۋە يەرلىك يۈرۈشلەشتۈرۈش مەبلىغىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىپ، خەلقنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى قاتارلىق تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پەرقلىق كەسىپ سىياسىتى ۋە باج كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، ئېتىبارلىق يەر باھاسى، بازارغا كىرىشكە ئىجازەت بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قاتناش چوڭ ئۆتىڭى ۋە سۇ، توك قاتارلىق يۈرۈشلەشتۈرۈش ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياخشى يۇمشاق ۋە قاتتىق مۇھىت ھازىرلاش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ياردەم بەرگۈچى ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېرىپ تۈرلەرنى جىپسىلاشتۇرۇپ ۋە سودىگەر چاقىرىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن كارخانا، ئىختىساس ئىگىلىرى، مەبلەغ، تېخنىكىنى شىنجاڭغا جەلپ قىلىپ، كېلىشىم تۈزۈلۈپ بولغان، ماكانلاشقان تۈرلەرنى ئىزلاشنى چىڭ تۇتۇپ، كارخانىلار ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىش لازىم. ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش پىرىنسىپى ۋە مەبلەغ تۈرلىرىنى تەستىقلاش ھوقۇق چېكىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تەستىقلاش تەرتىپىنى ياخشىلاپ، رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىلىدىغان تۈرلەرنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ‹‹شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىلىدىغان تۈرلەرنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى››نى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، تۈرلەرنى ماسلاشتۇرۇش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تېزلىتىپ، يۈرۈشلەشتۈرۈش مەبلىغى ۋە قۇرۇلۇش شارائىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، نازارەتچىلىك ۋە تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىلىدىغان تۈرلەرنىڭ تەرتىپلىك، كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
   ۋەكىللەر! 2013 – يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور، ۋەزىپىلەر مۇشەققەتلىك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ھەمدە دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ پىكرى ۋە تەكلىپلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپىلەرنى قوشايلى!
   قوشۇمچە ھۆججەت:
   ئاتالغۇلارغا ئىزاھات
   1. بەش باشتىن – ئاخىر: يەنى ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باشتىن – ئاخىر بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى باشتىن – ئاخىر تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشنى باشتىن – ئاخىر بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى باشتىن – ئاخىر ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ تۈپ كاپالىتى قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن – ئاخىر تەرەققىياتنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى قىلىش.
   2. ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە ئۇنىڭ ئېشىش سۈرئىتى: ھەرخىل مەھسۇلاتنىڭ مەھسۇلات قىممىتىدىن خام ئەشيا (ئوتتۇرىدىكى سېلىنمىمۇ دېيىلىدۇ)نىڭ قىممىتى چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىنكى قىسمى مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بولىدۇ، بارلىق مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ يىغىندىسى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بولىدۇ. ئەمەلىي ئىستاتىستىكا داۋامىدا، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ، يەنى: 1 – كەسىپ (دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق)، 2 – كەسىپ (سانائەت ۋە بىناكارلىق)، 3 – كەسىپ (قاتناش، سودا، پۇل مۇئامىلە، مائارىپ، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت، پەن تەتقىقات، ئۆي – زېمىن كەسپى، ھۆكۈمەت قاتارلىقلار) ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە 1 –، 2 –، 3 – كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى ھازىرقى باھا بويىچە ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ئېشىش سۈرئىتىنى ھېسابلىغاندا، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋېتىپ، سېلىشتۇرما باھا بويىچە ھېسابلاش شەرت.
   3. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون: ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ بايلىقىغا ۋە مۇھىتىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا، ھازىرقى ئېچىش سىجىللىقى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئاساسەن، ئاھالىنىڭ تارقىلىشى، ئىقتىسادنىڭ جايلىشىشى، دۆلەت زېمىنىدىن پايدىلىنىش ۋە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيەسىنى بېكىتىپ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئېچىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئېچىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېچىش سىجىللىقىنى كونترول قىلىپ، ئېچىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نوپۇس، ئىقتىساد، بايلىق، مۇھىت ئۆزئارا ماسلاشقان دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنى ئېچىش ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
   4. ئۈچلەشتۈرۈش: يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش.
   5. كۆمۈردىن كۆپ مەھسۇلاتنى تەڭ ھاسىل قىلىش: بۇ كۆمۈرنى خام ماتېرىيال قىلىپ، گازغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن بىرىكمە گاز (ئاساسلىقى CO ۋە H2 ) ھاسىل قىلىپ، ئاندىن سىستېما ئەڭ ئەلا بولۇش ۋە بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە ساھە، تارماق ھالقىپ ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللەپ، ئۇنىڭدىن توك، ئىسسىقلىق چىقىرىش بىلەن بىللە، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى بولغان كۆپ خىل سۇيۇق ھالەتتىكى يېقىلغۇ (مېتانول، T–F بىرىكمە يېقىلغۇ، دىئىسپىرتلىق ئېفىر قاتارلىقلار)، كۆمۈر گازى ۋە ئولېفىن تۈرىدىكى خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىغا ئېرىشىشنى كۆرسىتىدۇ. كۆمۈردىن كۆپ مەھسۇلاتلارنى تەڭ ھاسىل قىلىشتا ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا لىنىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق كۆمۈردىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاكىز پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ئۇ ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە ۋە مۇھىتنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم تېخنىكا يۆنىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
   6. پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى: بۇ ±800 كىلوۋولت ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ توك يەتكۈزۈش مۇساپىسى ئۇزۇن، سىغىمى چوڭ، ئۈنۈمى يۇقىرى، سەرپىياتى تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ئۇنىڭدا توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرگىلى، يۇقىرى قۇۋۋەتلىك، يىراق مۇساپىلىك توك يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىرەككە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
   7. جەنۇبىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى: بۇ تۇرۇبا ئارقىلىق گاز يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز (LNG)، پىرىسلانما تەبىئىي گاز (CNG)، سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى (LPG) قاتارلىق جانلىق ئۇسۇللارنى قوشۇمچە قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 25 ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، ئاھالە بىر قەدەر مەركەزلەشكەن چوڭ بازار، بىڭتۇەننىڭ ئاساسلىق تۇەن، مەيدانلىرىدىكى ئاھالىنىڭ تۇرمۇشىغا ئىشلىتىدىغان گازنى ھەل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
   8. توختاملىق ئېنېرگىيە باشقۇرۇش: بۇ ئازايتىلغان ئېنېرگىيە ھەققى ئارقىلىق ئېنېرگىيە تېجەش تۈرى تەننەرخىنى تۆلەيدىغان بىر خىل بازارلاشتۇرۇپ مەشغۇلات قىلىدىغان ئېنېرگىيە تېجەش مېخانىزمىنى كۆرسىتىدۇ. ئېنېرگىيە تېجەش مۇلازىمىتى قىلىدىغان كارخانىلار ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن ئېنېرگىيەنى باشقۇرۇش توختامى ئىمزالاپ، ئېنېرگىيە تېجەش نىشانىنى بېكىتىپ، ئىشلەتكۈچىلەرنى ئېنېرگىيە تېجەش ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە ئېنېرگىيە تېجەش ئۈنۈمىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەبلىغىنى قايتۇرۇۋالىدۇ ۋە مۇۋاپىق پايدىغا ئېرىشىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلدا ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش مەبلىغى ۋە تېخنىكا خېيىم – خەتىرىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىغىلى بولىدۇ، بۇ بىرخىل ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تېجەش تەدبىرى.
   9. باھا تەڭشەش فوندى: باھا تەڭشەش فوندى ھۆكۈمەت بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، تاۋار كىرگۈزۈش – چىقىرىش، تەلەپ – تەمىنلەشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ياكى ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارنى قوللاشقا ئىشلىتىدىغان مەخسۇس فوندىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى ئىشلەپچىقىرىشقا ياريۆلەك بولۇش، بازارنى، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش.
   10. باھانىڭ ئۆزگىرىش تەسىرى: بۇ ئاساسىي مەزگىلدىكى ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتنىڭ شۇ مەزگىلگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى سانلىق مەلۇمات شۇ يىللىق باھا ئومۇمىي كۆرسەتكۈچىنىڭ ئەمەلىي ئۆزگىرىش دەرىجىسىنىمۇ، ئالدىنقى يىللىق باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئالدىنقى يىللىق باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنىڭ تەسىرى ئۆزگىرىش تەسىرى بولىدۇ.
   11. ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئۆلچىمىنى مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن باغلاش ھەمتۈرتكە مېخانىزمى: ئاھالىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش خىراجىتىنى ياكى ئاھالىنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنى ئاساس قىلىپ، كىرتىك شەرتنى بېكىتىش؛ ئاھالىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش خىراجىتى ياكى ئاھالىنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئايلىق ئۆرلەش ھەجىمى كىرتىك شەرتكە يەتكەندە ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى ئىشقا سېلىپ، باھا ۋاقىتلىق ياردەم پۇلى تارقىتىش، بەلگىلىك مۇددەتتە باھا ۋاقىتلىق ياردەم پۇلى ئۇدا بەلگىلىك مۇددەتتىن ئۇزاق تارقىتىلغاندا، نورمال تەرتىپ بويىچە شەھەر – يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مېخانىزمنى ئورناتقاندا شەھەر – بازارلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن كۆپ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
   12. يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى: بۇ ‹‹شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش، كوللېكتىپ ياردەم بېرىش، ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىش›› ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ جۇغلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، جەمئىيەت بىر تۇتاش غەملەش بىلەن شەخسىي ھېساباتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، ئائىلىلەر ياشانغاندا بېقىش، يەر ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش، جەمئىيەت قۇتقۇزۇش قاتارلىق باشقا ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش، جەمئىيەت قۇتقۇزۇش قاتارلىق باشقا ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش سىياسەت – تەدبىرلىرىنى ئۆزئارا يۈرۈشلەشتۈرۈپ، يېزا ئاھالىسى ئىچىدىكى ياشانغانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ.
   13. ھەممىباب دوختۇر: بۇ ئادەتتە ئاساسىي داۋالاش – سالامەتلىك ئاسراش مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئاپپاراتلاردا ئىشلەيدىغان، ئاساسلىقى ئاساسىي قاتلامدا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سالامەتلىك ئاسراش، دائىم كۆرۈلىدىغان، كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇش، ئۇنى داۋالاش ۋە يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش، ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنى باشقۇرۇش، سالامەتلىك ئاسراشنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى تېببىي ساھەدىكى ئىختىساسلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ھەممىباب دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئاساسىي داۋالىنىش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئاممىنىڭ ‹‹داۋالىنىشى تەس ۋە قىممەت بولۇش›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
   14. مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى: ئاساسلىقى رادىيو – تېلېۋىزىيەنى ھەممە كەنتكە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت ئۇچۇر بايلىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش قۇرۇلۇشى، يېزىلاردا كىنو قويۇش قۇرۇلۇشى، دېھقانلار قىرائەتخانىسى قۇرۇلۇشى، غەربىي رايوننى ئېچىش بويىچە ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى ۋە تېلېۋىزورنى ھەممە ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
   15. ھەممە كەنتكە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى: بۇ ئاپتونوم رايوندىكى توك يەتكۈزۈلگەن بارلىق مەمۇرىي كەنت ۋە تەبىئىي كەنتلەرنىڭ ھەممىسىگە رادىيو – تېلېۋىزىيەنى يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئۇزاق مۇددەتلىك سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
   16. شىزاڭ – شىنجاڭ قۇرۇلۇشى: ‹‹ئەكسىيەتچىل زىيانلىق ئاۋازنى بېسىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋازىنى مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش، جۇڭگونىڭ ئاۋازىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈش››نى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشان قىلىنغان بىر تۈرلۈك غەربلەشتۈرۈشكە، بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك زور سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۆرسىتىدۇ.
   17. شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى: ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ ئاخبارات، نەشرىياتچىلىق تەرەققىياتىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقلارغا قارىتا، ئاز سانلىق مىللەت ئاخبارات، نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاخبارات، نەشرىياتچىلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان بىر تۈرلۈك مەدەنىيەتتە خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
   18. ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي: ھۆكۈمەت ئىجارە پۇلىغا تولۇقلىما بېرىش ياكى ئەمەلىي بۇيۇمنى ئىجارىگە سەپلەپ بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمدە تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى ئىجتىمائىي كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەشنى كۆرسىتىدۇ.
   19. شەھەر – بازار ئائىلىلىرىنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى كىرىمى: ئائىلە ئەزالىرى ئېرىشكەن ئەڭ ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمى ۋە باشقا غەيرىي مەجبۇرىيەت خاراكتېرلىك چىقىملار، شۇنداقلا ئامانەت پۇلىنىڭ يىغىندىسىنى، يەنى ئائىلىلەر ئەركىن بىر تەرەپ قىلىدىغان كىرىمنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئائىلە ئومۇمىي كىرىمىدىن تاپشۇرىدىغان تاپاۋەت بېجى، شەخسلەر تاپشۇرىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت چىقىمى ھەمدە ھېساباتقا يېزىلىدىغان ياردەم پۇلنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى كىرىم.
   ھېسابلاش فورمۇلىسى: ئۆز ئىلكىدىكى كىرىم – ئائىلە ئومۇمىي كىرىمى – شەخسىي تاپاۋەت بېجى – شەخسىي ئىجتىمائىي كاپالەت چىقىمى – ھېساباتقا يېزىلغان ياردەم پۇل.
   20. دېھقانلارنىڭ ساپ كىرىمى: يېزا ئائىلىلىرى شۇ يىلى تۈرلۈك مەنبەلەردىن ئېرىشكەن ئومۇمىي كىرىمدىن مۇناسىپ ھالدا قىلىنغان خىراجەتنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى كىرىم يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ.
   ئومۇمىي كىرىم: تەكشۈرۈش مەزگىلىدە يېزا ئائىلىلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۈرلۈك مەنبەلەردىن ئېرىشكەن كىرىم يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. كىرىم خاراكتېرىدىن ئىش ھەققى خاراكتېرلىك كىرىم، ئائىلە تىجارەت كىرىمى، مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىم ۋە يۆتكىمە خاراكتېرلىك كىرىمگە ئايرىلىدۇ.
   ھېسابلاش فورمۇلىسى: دېھقانلار ساپ كىرىمى = ئومۇمىي كىرىم – ئائىلە تىجارەت خىراجىتى چىقىمى – باج چىقىمى – ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇقىم مۈلۈك ئامۇرتىزاتسىيەسى – يېزا سىرتىدىكى ئۇرۇق – تۇغقان، ئەل – ئاغىنىلەرگە قىلىنغان چىقىم.
   21. رەقەملىك كارخانا: شەكىللىك كارخانىنى شەكىلسىز، مەۋھۇم توردا ئەكس ئەتتۈرۈپ، رېئال كارخانا بىلەن ماس بولغان زىچ مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى يەنە قىسمەن ياكى ئومۇميۈزلۈك كارخانا ھەرىكىتى سىستېمىسىغا تەقلىد قىلىنىدۇ، شۇڭا يەنە ‹‹مەۋھۇم كارخانا›› مۇ دېيىلىدۇ.
   22. رەقەملىك شەھەر: كومپيۇتېر تېخنىكىسى، كۆپ ۋاسىتە تېخنىكىسى ۋە چوڭ كۆلەملىك ساقلاش تېخنىكىسىنى ئاساس قىلىپ، كەڭ بەلباغلىق تورنى ۋاسىتە قىلىپ، يىراقتىن سېزىش، دۇنياۋى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر سىستېمىسى، يىراقتىن ئۆلچەش، تەقلىد قىلىش – مەۋھۇم قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، شەھەرنى كۆپ پەرق ئېتىش نىسبىتى، كۆپ ئۆلچەم، كۆپ دەۋر، ماكان ۋە كۆپ خىل ئۈچ ئۆلچەملىك تەسۋىرلەشنى، يەنى ئۇچۇر تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، شەھەرنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كېلەچىكىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىنى توردا رەقەملەشتۈرۈپ مەۋھۇم ئىپادىلەشنى كۆرسىتىدۇ.
   23. بۇلۇت ھېسابلاش: ئىنتېرنېت تورىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمىتىنى ئاشۇرۇش، ئىشلىتىش ۋە تاپشۇرۇپ بېرىش ئەندىزىسى، ئادەتتە ئىنتېرنېت تورىنىڭ ھالەتنى ئاسان كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ ئادەتتە مەۋھۇملاشقان بايلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇلۇت بولسا تور بولۇپ، ئىنتېرنېت تورىنىڭ تەقلىدىي ئاتالغۇسى. ئىلگىرى بولسا رەسىمدە تېلېگراف تورى بۇلۇت ئارقىلىق ئىپادىلىنەتتى، كېيىن بولسا ئىنتېرنېت تورى ۋە تۆۋەن قاتلام ئۇل ئەسلىھەلىرىمۇ ئابستراكت ئىپادىلىنىدىغان بولدى. تار مەنىدىكى بۇلۇت ھېسابلاش بولسا IT ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تاپشۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئەندىزىسىنى، تور ئارقىلىق زۆرۈرىيەت، ئاسان كېڭەيتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېھتىياجلىق بايلىققا ئېرىشىشنى كۆرسىتىدۇ. كەڭ مەنىدىكى بۇلۇت ھېسابلاش بولسا، مۇلازىمەتنى تاپشۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئەندىزىسىنى، تور ئارقىلىق زۆرۈرىيەت، ئاسان كېڭەيتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېھتىياجلىق مۇلازىمەتكە ئېرىشىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مۇلازىمەت IT ۋە يۇمشاق ماتېرىيال ئىنتېرنېت تورى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، شۇنداقلا باشقا مۇلازىمەت بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئۇ ھېسابلاش ئىقتىدارىنى بىر تۈرلۈك تاۋار سۈپىتىدە ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق ئوبوروت قىلغىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
   24. بىر يادرو، ئىككى ئوق، كۆپ توپ: بۇ ئۈرۈمچى – سانجى مەركىزىي شەھەر رايونى يادرو قىلىنغان، جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ھەمدە ئۇلارغا يېقىن ئاساسلىق تاشيول غول لىنىيەسى تەرەققىيات ئوقى قىلىنغان، ‹‹بىر يادرو، ئىككى ئوق، كۆپ توپ››لۇق شەھەر – بازار تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كۆرسىتىدۇ. كونكرېت ئېيتقاندا، لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ غەربىي بۆلىكى، ليەنيۈنگاڭ – قورغاس تېز سۈرئەتلىك تاشيولى، دۆلەت يولى 312 – لىنىيەسىدىن تەركىب تاپقان ئۇنىۋېرسال قاتناش كارىدورىنى شىمالىي شىنجاڭ شەھەر – بازار تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئوقى قىلىش، شىخەنزە – ماناس – ساۋەن، قاراماي – كۈيتۈڭ – شىخو، بورتالا – ئالاتاۋ پورتى – جىڭ، غۇلجا – قورغاس قاتارلىق شەھەر – بازارلار توپىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، شىمالىي تەڭرىتاغ ئېتىكى شەھەر توپىنى ھاسىل قىلىش؛ جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ۋە دۆلەت يولى 314 – لىنىيەسى غول لىنىيەسىنى شەھەر – بازار تەرەققىيات ئوقى قىلىپ، كورلا – بۈگۈر، ئاقسۇ – ئارال – كۇچا، قەشقەر – ئاتۇش قاتارلىق ئۆزگىچە شەھەر – بازار توپىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
   25. ئاساسىي دورا تۈزۈمى: ئاساسىي دورا مۇندەرىجىسىنى بېكىتىش، ئىشلەپچىقىرىپ تەمىنلەش، سېتىۋېلىپ سەپلەش، مۇۋاپىق ئىشلىتىش، باھانى باشقۇرۇش، چىقىمنى ئاتچوت قىلىش، سۈپەتنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش، تەكشۈرۈش، باھالاش قاتارلىق كۆپ ھالقىلاردا ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەت ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى يولغا قويۇش بولسا تېبابەتچىلىك، دورىگەرلىك، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېقىنقى مەزگىلدىكى بەش تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى ئورنىتىش، ئاساسىي دورىلارنى يېتەرلىك تەمىنلەش ۋە مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي دورا ئىشلىتىش مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ‹‹دورا ئارقىلىق داۋالاشنى تولۇقلاش›› مېخانىزمىنى ئۆزگەرتىشكە پايدىلىق، شۇنداقلا دورا ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ بايلىقنى ياخشىلاپ بىرىكتۈرۈپ، ھەممە ئادەمنى ئاساسىي داۋالىنىش سەھىيە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقىنى نامايان قىلىپ، ئاممىنىڭ دورا ئىشلىتىش يۈكىنى يېنىكلىتىپ، سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
   26. ئىككى ئاساسەن: توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ياش، ئوتتۇرا ياشلىقلاردا ساۋاتسىزلىقنى ئاساسەن تۈگىتىشنىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
   27. ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش: بايلىق ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش.
   28. ‹‹شىنجاڭ داچىڭ›› پىلانى: 2012 – يىلى 12 – ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى بېيجىڭدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى 2015 – يىلى شىنجاڭدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ئومۇمىي مىقدارىنى 50 مىليون توننىغا يەتكۈزۈپ، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ داچىڭدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ئومۇمىي مىقدارى بىلەن ئاساسەن تەڭلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىنى كۆرسىتىدۇ.
   29. چىقىرىش: چەت ئەللەرگە مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇش، چەت ئەللەردىن قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئېلىش ۋە ئەمگەك مۇلازىمىتى چىقىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىساد، تېخنىكا ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: ئۈستۈنلۈككە ئىگە ھەرخىل مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، تاۋار ۋە ئەمگەك مۇلازىمىتى ئېكسپورتىنى يېتەكلەپ، ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بىر تۈركۈم دۆلەت ھالقىغان كارخانا، داڭلىق ماركىلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىشتىن ئىبارەت.

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى ئويۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئېلېكترونلۇك مەمۇرىيەت ئىشخانسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش