首页 > ئۇچۇرلارنى ئاشكارلاش > ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى››نى يولغا قويۇش چارىسى

:مەنبە 2013-02-17 00:00:00 :ۋاقىت

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى››نى يولغا قويۇش چارىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى
182 – نومۇرلۇق
   ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 36 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى، ئۇنى ئېلان قىلدۇق، 2013 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى
2013 – يىل 18 – يانۋار
   1– باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
   1 – ماددا بۇ چارە گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى››غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.
   2 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇن، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇن، فوند جەمئىيىتى، ئادۋوكاتلىق ئورنى، بوغالتىرلىق ئورنى قاتارلىق تەشكىلات ۋە خىزمەتچى ياللىغان يەككە سودا – سانائەتچىلەر (تۆۋەندە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار، دەپ ئېلىندى) مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى، ئۆز ئورنىدىكى بارلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەر (ياللانما ئىشچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۈچۈن ئىشتا يارىلنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.
   3 – ماددا ناھىيە(شەھەر)دىن يۇقىرى ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى (تۆۋەندە قىسقارتىپ بېجىرگۈچى ئاپپارات دەپ ئېلىندى) ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ئىشلىرىنى كونكرېت ئۈستىگە ئالىدۇ.
   مالىيە، سەھىيە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسى بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.
   مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش تارماقلىرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كىرىم – چىقىمى ۋە باشقۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىدۇ.
   2 – باب ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندى
   4 – ماددا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندى ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت) دەرىجىلىك بويىچە بىر تۇتاش غەملىنىدۇ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىر تۇتاش غەملەش تەدرىجىي يولغا قويۇلىدۇ.
   5  – ماددا ئوبلاست، شەھەر(ۋىلايەت) لەردە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى زاپاس فوندى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى زاپاس فوندى ئالدىنقى يىللىق ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ يىغىپ تاپشۇرۇلغان سوممىسىنىڭ %10ى بويىچە ئايرىۋېلىنىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى مالىيە مەخسۇس ئىسچوتىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئېغىر ھادىسىلەردىكى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى چىقىمىغا ئىشلىتىلىدۇ.
   ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى زاپاس فوندىنىڭ جەمئىي قالدۇقى ئالدىنقى يىللىق ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندى كىرىمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
   6 – ماددا ئاپتونوم رايوندا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەڭشەش فوندى تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ. ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەڭشەش فوندى ئىشتا يارىلىنىش تەمىنات چىقىمىنى تولۇقلاش ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كىرىم – چىقىم پەرقىنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىللە تۈزىدۇ.
   7 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۆز ئورنىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تاپشۇرۇشتا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملىتىش، ھەممەيلەننى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش، ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
   ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندىكى بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا بېرىپ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا تىزىملىتىشى، بېجىرگۈچى ئاپپارات قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە بېجىرىپ بولۇشى كېرەك.
   ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۆزگەرتمەكچى ياكى توختاتماقچى بولسا، ئۆزگەرگەن ياكى توختىتىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا بېرىپ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆزگەرتىش ياكى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.
   8 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقاندىكى تۇنجى قېتىملىق ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى دۆلەت بەلگىلىگەن ساھە ئۆلچىمى ھەق نىسبىتى بويىچە بېكىتىلىدۇ.
   ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ تاپشۇرىدىغان ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى سوممىسى ئۆز ئورنىنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلەر مائاش ئومۇمىي سوممىسى بىلەن ئورۇننىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتىنىڭ كۆپەيتمىسى بولىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ مائاش ئومۇمىي سوممىسى بويىچە ھەق تاپشۇرۇش ئاساس سانىنى بېكىتىش تەس بولغاندا، بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈش باھاسىنىڭ مۇئەييەن نىسبىتى، تىجارەت، مۇلازىمەت كۆلىمى، توننا قېزىلما مەھسۇلاتقا مۇناسىپ خىراجەت نىسبىتى قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تاپشۇرۇلىدىغان ھەقنى ھېسابلاشقا بولىدۇ.
   9 – ماددا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندى تۆۋەندىكى تۈرلەرنىڭ چىقىمىغا ئىشلىتىلىدۇ:
1) ئىشتا يارىلانغانلارنى داۋالاش خىراجىتى ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىراجىتى؛
2) كېسەلخانىدا يېتىش تاماق ياردەم پۇلى؛
3) شۇ ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت) سىرتىدا داۋالانغاندىكى قاتناش، ياتاق – تاماق خىراجىتى؛
4) قوشۇمچە سايمان سەپلەش خىراجىتى؛
5) تۇرمۇشتا ھالىدىن خەۋەر ئېلىش خىراجىتى؛
6) بىر قېتىملىق مېيىپلىك ياردەم پۇلى؛
7) 1 – دەرىجىدىن 4 – دەرىجىگىچە بولغان مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئايمۇئاي ئالىدىغان مېيىپلىك ياردەم پۇلى؛
8) ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى توختاتقان ياكى بىكار قىلغان چاغدىكى بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك بىر قېتىملىق داۋالىنىش ياردەم پۇلى؛
9) دەپنە ياردەم پۇلى، تۇغقانلىرىنى بېقىش نەپىقە پۇلى ۋە بىر قېتىملىق ئىشتا ئۆلۈش ياردەم پۇلى؛
10) ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ھەققى؛
11) ئىشتا يارىلىنىشتىن ساقلىنىش توغرىسىدىكى سىياسەت تەشۋىقاتى، كەسپىي تەربىيەلەش قاتارلىق خىراجەتلەر؛
12) قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا ئىشلىتىلىدىغان باشقا خىراجەتلەر.
   10 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ھەر يىلى 1 – ئاينىڭ 31 – كۈنىدىن بۇرۇن ئۆز ئورنىنىڭ ئالدىنقى يىلى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلغان ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى، ھەق تاپشۇرۇش مۇددىتى، ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالى، ئىشتا يارىلانغانلىقىنىڭ بېكىتىلىشى، ئىشتا يارىلىنىش تەمىناتى ۋە ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئورنىدا ئېلان قىلىدۇ. ئېلان قىلىش ۋاقتى 15 كۈندىن كەم بولماسلىقى كېرەك.
   ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئېلان قىلىنغان ئەھۋالنى بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
3 – باب ئىشتا يارىلانغانلىقىنى بېكىتىش
   11 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەر ھادىسە يۈز بېرىپ يارىلانغان ياكى ‹‹كەسپىي كېسەلدىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە كەسپىي كېسەل، دەپ دىياگنوز قويۇلغان، باھالانغان، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئىشتا يارىلانغانلىقىنى بېكىتىپ بېرىشتە ۋاقتىنچە ئىلتىماس قىلالمىسا، ئوبلاست، شەھەر(ۋىلايەت)نىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، مۇددەتنى 30 كۈن ئۇزارتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
   12 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئىشتا يارىلانغان، دەپ قارىغان، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلانغان، دەپ قارىمىغان بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دەلىللەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
   ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ‹‹دەلىللەش ئۇقتۇرۇشى››نى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا ئالاقىدار ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇشى كېرەك؛ مۇددەت توشۇپ تاپشۇرمىغان بولسا، ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئىشچى – خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ تۇغقانلىرى تەمىنلىگەن ئىسپاتقا ئاساسەن يەكۈن چىقىرىدۇ.
   13– ماددا ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچى ئىشتا يارىلىنىش ياكى كەسپىي كېسەللىك باشقا كېسەللىكنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەپ قارىسا، داۋالاش دىياگنوزى قويۇلغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت)لەرنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا ئىشتا يارىلانغانلىقىنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ.
   14 – ماددا ئوبلاست، ۋىلايەت(شەھەر)لەرنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرى شارائىتى يار بېرىدىغان ناھىيە(شەھەر، رايون)لارنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا ئىشتا يارىلانغانلىقىنى بېكىتىشتە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.
   4 – باب ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش
   15 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى شۇ دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلى، بېجىرگۈچى ئاپپارات ۋەكىلى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋەكىلىدىن تەركىب تاپىدۇ.
   16 – ماددا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتى:
1) ئەمگەك ئىقتىدارى توسالغۇ دەرىجىسىنى باھالاش؛
2) تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقىش توسالغۇ دەرىجسىنى باھالاش؛
3) ئىشتىن توختىتىپ مائاشىنى ساقلاپ قېلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى بېكىتىش؛
4) قوشۇمچە سايمان سەپلەشنى بېكىتىش؛
5) كېسەللىك بىلەن ئىشتا يارىلىنىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى باھالاپ بېكىتىش؛
6) ئىشتا يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى بېكىتىش؛
7) كېسەل سەۋەبىدىن ياكى ئىشتا يارىلىنىشتىن باشقا سەۋەبتىن ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قېلىش دەرىجىسىنى باھالاش؛
8) ھاۋالە قىلىنغان ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش.
   17 – ماددا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشنى ئىلتىماس قىلىشتا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك.
1) ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى؛
2) ئىشتا يارىلانغانلىقىنى بېكىتىش قارارنامىسى؛
3) داۋالاش ئاپپاراتلىرى چىقارغان كېسەللىك تارىخى، دىياگنوز ئىسپاتى ۋە تەكشۈرۈش تالونى، سۈرىتى قاتارلىق دىياگنوز قويۇش، داۋالاش ماتېرىياللىرى.
   18 – ماددا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ھەققى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىرىلىدۇ؛ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان ياكى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرمىغانلارنىڭ باھالاش ھەققىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن چىقىرىدۇ. قايتا باھالاش ۋە قايتا تەكشۈرۈپ باھالاش يەكۈنىدە ئۆزگىرىش بولمىسا ياكى كېسەل بىلەن ئىشتا يارىلانغانلىقىنىڭ مۇناسىۋىتى يوق، دەپ باھالانغان بولسا، باھالاش ھەققىنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.
 5 – باب ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى
   19 – ماددا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى، ئىشتا يارىلانغانلىقىنى بېكىتىش قارارنامىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. بېجىرگۈچى ئاپپارات 15 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، مۇناسىۋەتلىك تەمىناتىدىن بەھرىمەن قىلىشى كېرەك.
   تۇغقانلىرىنى بېقىش نەپىقە تەمىناتىنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار يەنە تۆۋەندىكى ماتېىرياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:
1) نوپۇس دەپتىرى، كىملىكى، ج خ نوپۇس باشقۇرۇش تارمىقى ياكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا ئىش باشقارمىسى چىقارغان ھاياتلىق ئىسپاتى؛
2) يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا ئىش باشقارمىسى چىقارغان ئاساسلىق تۇرمۇش مەنبەسى ئىسپاتى؛
3) خەلق ئىشلىرى تارمىقى چىقارغان يالغۇز قالغان ياشانغانلىق ياكى يېتىملىك ئىسپاتى؛ باشقىلار بېقىۋالغان پەرزەنتلەرنىڭ بېقىۋېلىش ئىسپاتى؛
بېقىلىدىغان تۇغقانلىرىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى بولمىسا، يەنە ئەمگەك ئىقتىدارى يوقلۇقىنى باھالاش يەكۈنىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. بېقىلىدىغان تۇغقانلىرىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى يوقلۇقىنى باھالاشنى بېجىرگۈچى ئاپپارات ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىغا ھاۋالە قىلىدۇ.
   20 – ماددا ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلانغانلىقى بېكىتىلىشىتىن ئىلگىرىكى داۋالاش خىراجىتىنى ئاۋۋال ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن چىقىرىپ تۇرىدۇ، ئىشتا يارىلانغانلىقى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدىغان تۈرلەرگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە بېجىرگۈچى ئاپپارات چىقىرىپ بېرىدۇ.
   21  – ماددا ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر داۋالىنىشتا بېجىرگۈچى ئاپپارات بىلەن مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالىغان داۋالاش ئاپپاراتىغا بېرىپ داۋالىنىشى كېرەك. ئەھۋال جىددىي بولغاندا، ئالدى بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى داۋالاش ئاپپاراتىغا ئاپىرىپ جىددىي قۇتقۇزۇشقا بولىدۇ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق خەتەردىن قۇتۇلۇپ، يارا ئەھۋالى مۇقىملاشقاندىن كېيىن يەنە داۋاملىق داۋالىنىشقا توغرا كەلسە، مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالىغان داۋالاش ئاپپاراتىدا داۋالىنىشى كېرەك.
ئىشچى – خىزمەتچىلەر مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالىمىغان داۋالاش ئاپپاراتىدا جىددىي قۇتقۇزۇلغان بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىمار داۋالاش ئاپپاراتىدا جىددىي قۇتقۇزۇلغان كۈندىن باشلاپ ئون خىزمەت كۈنى ئىچىدە بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا مەلۇم قىلىشى كېرەك.
   22 – ماددا تۇرمۇشتا ھاجىتىدىن چىقالمايۋاتقان ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىشتىن توختاپ، مائاشى ساقلاپ قېلىنغان مەزگىلدە كېسەلخانىدا داۋالانغاندا ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا توغرا كەلسە، تۇرۇشلۇق ئورنى ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئادەم ئەۋەتىشكە ياكى ئاي بويىچە شۇ ئورۇننىڭ ئالدىنقى يىللىق خىزمەتتىكى ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى ئۆلچىمىگە ئاساسەن ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققى بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ. كېسەلخانىدا داۋالىنىش مۇددىتى بىر ئايغا يەتمىسە، بىر ئاي بويىچە ھېسابلىنىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققى بېرىلىدۇ.
ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچى ئىشتىن توختاپ، مائاشى ساقلاپ قېلىنغان مەزگىلدە، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشىغا ۋە توختىتىشىغا بولمايدۇ.
   23 – ماددا ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە قوشۇمچە سايمان سەپلەشكە توغرا كەلسە، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ بېكىتىشى ئارقىلىق، بەلگىلەنگەن قوشۇمچە سايمان سەپلەش ئاپپاراتىغا بېرىپ سەپلەيدۇ. قوشۇمچە سايمان سەپلەش تۈرى ۋە خىراجەت ئۆلچىمىدە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى تەتبىقلىنىدۇ.
24 – ماددا ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالانماقچى بولسا، ئۆزى ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىلتىماس سۇنۇپ، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى بېكىتكەندىن كېيىن بەلگىلەنگەن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالاش ئاپپاراتىغا بېرىپ داۋالانسا بولىدۇ.
25  – ماددا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالاش ئاپپاراتى ۋە قوشۇمچە سايمان سەپلەش ئاپپاراتىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن شەرتكە ئاساسەن بېكىتىدۇ ۋە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ. ئوبلاست، شەھەر(ۋىلايەت)لەرنىڭ بېجىرگۈچى ئاپپاراتى ئاپتونوم رايون ئېلان قىلغان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالاش ئاپپاراتى ۋە قوشۇمچە سايمان سەپلەش ئاپپاراتى بىلەن مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالايدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.
26 – ماددا نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىن باشقا جايدا ئۇزاق مۇددەت تۇرىدىغان ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ كونا يارىسى قوزغالسا، ئەسلىدىكى تۇرۇشلۇق جايدىكى بېجىرگۈچى ئاپپاراتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ھازىر تۇرۇۋاتقان جايىدىكى بىردىن ئىككىگىچە داۋالاش ئاپپاراتىنى تاللاپ، ئەسلىي تۇرۇشلۇق جايىدىكى ئوبلاست، شەھەر(ۋىلايەت)نىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە داۋالىنىش تەمىناتى ئۆلچىمىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.
27 – ماددا 1 – دەرىجىدىن 4 – دەرىجىگىچە بولغان مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەر قانۇن بويىچە پېنسىيە رەسمىيىتىنى بېجىرگەندىن كېيىن، مېيىپلىك ياردەم پۇلى توختىتىلىدۇ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئايمۇئاي ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي سۇغۇرتىسى پۇلى ئالىدۇ. ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي سۇغۇرتىسى تەمىناتى مېيىپلىك ياردەم پۇلىدىن تۆۋەن بولغاندا، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن پەرق سوممىسى تولۇقلاپ بېرىلىدۇ. ئايمۇئاي ئالىدىغان تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش خىراجىتى ۋە قايتا قوزغالغان كونا يارىنى داۋالاش خىراجىتى يەنىلا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىرىلىدۇ.
ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن مېيىپلىك ياردەم پۇلىنى ئايمۇئاي ئېلىۋاتقان 1 – دەرىجىدىن 4 – دەرىجىگىچە بولغان مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشقان، ئەمما ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، مېيىپلىك ياردەم پۇلى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن داۋاملىق چىقىم قىلىنىدۇ.
28 – ماددا 5 – دەرىجىلىك، 6 – دەرىجىلىك مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن بولغان ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش ياكى توختىتىشنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئەمگەك مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغان ياكى توختىتىلغان چاغدىكى تۇرۇشلۇق ئوبلاست، شەھەر(ۋىلايەت)نىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى ئاساس سانى بويىچە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۇنىڭغا بىر قېتىملىق مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى بېرىدۇ ھەمدە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن ئۇنىڭغا بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. 5 – دەرىجىلىك مېيىپلەرگە بىر قېتىملىق مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ۋە بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش ياردەم پۇلى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 27 ئاي، 11 ئاي بويىچە ھېسابلاپ بېرىلىدۇ. 6 – دەرىجىلىك مېيىپلەرنىڭ ئايرىم – ئايرىم ھالدا 24 ئاي ۋە ئون ئاي بويىچە ھېسابلاپ بېرىلىدۇ، كەسپىي كېسەل بولغانلارغا بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش ياردەم پۇلى يۇقىرىدىكى ئۆلچەم ئاساسىدا %30 كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ.
29 – ماددا 7 – دەرىجىلىكتىن 10 – دەرىجىلىككىچە بولغان مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئەمگەك (تەكلىپ قىلىش) توختامى مۇددىتى توشۇپ توختىتىلغان ياكى ئۆزى ئەمگەك (تەكلىپ قىلىش) توختامىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، ئەمگەك (تەكلىپ قىلىش) مۇناسىۋىتى توختىتىلغان چاغدىكى تۇرۇشلۇق ئوبلاست، شەھەر(ۋىلايەت)نىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاش ئاساس سانى بويىچە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۇنىڭغا بىر قېتىملىق مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى بېرىدۇ ھەمدە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن ئۇنىڭغا بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. 7 – دەرىجىلىك مېيىپلەرگە بىر قېتىملىق مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ۋە بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش ياردەم پۇلى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 21 ئاي ۋە توققۇز ئاي بويىچە ھېسابلاپ بېرىلىدۇ، 8 – دەرىجىلىك مېيىپلەرگە ئايرىم – ئايرىم ھالدا 18 ئاي ۋە سەككىز ئاي بويىچە ھېسابلاپ بېرىلىدۇ، 9 – دەرىجىلىك مېيىپلەرگە ئايرىم – ئايرىم ھالدا 15 ئاي ۋە يەتتە ئاي بويىچە ھېسابلاپ بېرىلىدۇ، 10 – دەرىجىلىك مېيىپلەرگە ئايرىم – ئايرىم ھالدا 12 ئاي ۋە ئالتە ئاي بويىچە ھېسابلاپ بېرىلىدۇ، كەسپىي كېسەل بولغانلارغا بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش ياردەم پۇلى يۇقىرىدىكى ئۆلچەم ئاساسىدا %20 كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ.
30 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەر پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن كەسپىي كېسەل، دەپ دىياگنوز قويۇلغان، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن كەسپىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانمىغان، كەسىپ زىيىنى ئامىللىرى بىلەنمۇ ئۇچراشمىغان بولسا، ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئۇنىڭ سالاھىيىتى، ئەسلىدىكى ئورنىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان – قاتناشمىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالايدۇ، پېنسىيەگە چىققان ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ ئەسلىدىكى ئورنى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن بىر قېتىملىق مېيىپلىك ياردەم پۇلىدىن باشقا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى پۇلى بېرىلىدۇ؛ ئەسلىدىكى ئورنى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان بولسا، بىر قېتىملىق مېيىپلىك ياردەم پۇلىدىن باشقا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى پۇلىنى ئەسلىدىكى ئورۇن ئۆزى بېرىدۇ.
31 – ماددا بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ياردەم پۇلى ۋە مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق پەيتتە تەڭشەش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلىدۇ.
32 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچى ئىشتا ئۆلگەن بولسا، ئۇنىڭ بېقىلىدىغان تۇغقانلىرىنىڭ نەپىقە پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇش سالاھىيىتى ئىشچى – خىزمەتچى ئۆلگەن چاغدىكى شارائىتقا قاراپ تەكشۈرۈپ بېكىتىلىدۇ.
ئىشتا ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرى شەھەر، بازار ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي سۇغۇرتىسى، يېڭىچە يېزا ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى، شەھەر، بازار ئاھالىسىنىڭ ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپالەت تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغان، ئەمما تەمىنات ئۆلچىمى تۇغقانلىرىنى بېقىش نەپىقە پۇلى تەمىناتىدىن تۆۋەن بولغاندا، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن پەرق سوممىسى تولۇقلاپ بېرىلىدۇ؛ سۇغۇرتىغا قاتناشمىغانلارغا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن پەرق سوممىسىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ.
33 – ماددا قەرەللىك ھالدا مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى، تۇرمۇشتا ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققى ئالىدىغان، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ياكى ھۆكۈمەت ئىشىدا ئۆلگەن ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ بېقىلىش نەپىقە پۇلى ئالىدىغان تۇغقانلىرى ھەر يىلى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتىنى ھاياتلىق ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
34 – ماددا قانۇن بويىچە ۋەيران بولغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا، تۆۋەندىكى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تۆلەپ بولۇشى كېرەك:
1) 1 – دەرىجىلىكتىن 4 – دەرىجىلىككىچە بولغان مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى؛
2) 5 – دەرىجىلىك، 6 – دەرىجىلىك مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەر بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى؛
3) 7 – دەرىجىلىكتىن 10 – دەرىجىلىككىچە بولغان مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ بىر قېتىملىق مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى.
ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان بولسا، تۆۋەندىكى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى خىراجىتىنى تۆلەپ بولۇشى كېرەك:
1) ئىشتا ئۆلگەن ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ بېقىلىدىغان تۇغقانلىرى بەھرىمەن بولىدىغان نەپىقە پۇلى؛
2) 1 – دەرىجىلىكتىن 4 – دەرىجىلىككىچە بولغان مېيىپلەر بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى، تۇرمۇشتا ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققى، كونا يارىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنى داۋالاش ھەققى، قوشۇمچە سايمان سەپلەش ھەققى ۋە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى؛
3) 5 – دەرىجىلىك، 6 – دەرىجىلىك مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەر بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى، قوشۇمچە سايمان سەپلەش ھەققى، بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش ياردەم پۇلى؛
4) 7 – دەرىجىلىكتىن 10 – دەرىجىلىككىچە بولغان مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەر بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلىنىش داۋالىنىش ياردەم پۇلى ۋە بىر قېتىملىق مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى.
ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىش تۈرلىرىگە ئۇيغۇن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى داۋاملىق بېجىرگۈچى تارماق چىقىرىدۇ.
6 – باب قانۇنىي جاۋابكارلىق
35 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ بېقىلىدىغان تۇغقانلىرىغا بېرىلگەن سۇغۇرتا تەمىناتىنى تۇتۇپ قالغان بولسا، ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزەتمىگەنلەرگە 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە بېجىرگۈچى تارماققا سۇغۇرتا تەمىناتىنى ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىگە بىۋاسىتە بېرىشنى ئۇقتۇرىدۇ.
ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىرىلغان ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بېجىرگۈچى تارماق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
36 – ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلاردىن قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىكلىرى ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
7 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
37 – ماددا بۇ چارە 2013 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2004 – يىل 2 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئېلان قىلغان ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› (ھۆكۈمەتنىڭ 115 – نومۇرلۇق پەرمانى) بىكار قىلىنىدۇ.

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى ئويۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئېلېكترونلۇك مەمۇرىيەت ئىشخانسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش