首页 > ئۇچۇرلارنى ئاشكارلاش > ھۆكۈمەت ئاخباراتى

جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، جامائەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى

:مەنبە 2013-08-01 00:00:00 :ۋاقىت

جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، جامائەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك
قىلىپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى،
ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى       نۇر بەكرى

(2013-يىل 8- ئاينىڭ 1- كۈنى)

    جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش _ دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە خەلق ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت، شۇنداقلا ئادەمنى ئاساس قىلىشتا، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش ۋە ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى»  ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش چارىسى» دېيىلىدۇ) 2012- يىلى 8- ئانىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. بۇ شىنجاڭنىڭ جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىشىش، تۈزۈملىشىش، قانۇن- تۈزۈملىشىش ئىزىغا چۈشكەنلىكىنىڭ بەلگىسى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن- تۈزۈملىشىش ئىزىغا سېلىش جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش -  بىر تەرەپ قىلىشقا،  تاسادىپىي ۋەقەلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تىزگىنلەش ۋە تۈگىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، جامائەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
    ئاپتونوم رايونىمىز «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى» ۋە « يولغا قويۇش چارىسى» نى ئىزچىللاشتۇرغان بىر يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەمدە جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ئالدىنى ئېلىش بىلەن جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، نورىمال ئەھۋال بىلەن نورىمال بولمىغان ئەھۋالنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان «بىر لايىھە، تۈزۈلمە،  مېخانىزم، قانون- تۈزۈم» نى چىڭ تۇتۇپ، جىددىي ئىشلار سىستېمىسى يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئاساسىي خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ياخشى ئالدىنى ئېلىپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مۈل- مۈلۈك زىيىنىنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلەتتى ۋە ئازايتتى. بىرىنچىدىن، ئاپپارات قۇرۇلۇشى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. جايلار ۋە تارماقلار جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەتلەر بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش، تۈرلەر بويىچە يېتەكلەش، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش ئاساس قىلىنغان جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى قۇرۇپ چىقتى. ئىككىنچىدىن، مېخانىزم قۇرۇلۇشى يەنىمۇ كېڭەيتىلدى. مېتېئورولوگىيە، يەر تەۋرەش، سەھىيە، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق،  گېئولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تارماقلار يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ ئالدىن سېگنال بېرىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى. ج خ، خەلق ئىشلىرى، سەھىيە، مۇھىت ئاسراش، قاتناش، سۇچىلىق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار ئۇچۇردىن ئورتاق پايدىلىنىش مېخانىزمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش بويىچە ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى ئورناتتى. ئۈچىنچىدىن، لايىھە  سىستېمىسى يەنىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈلدى. «ھەممە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش » تەك لايىھە سىستېمىسى قۇرۇلۇش تەلىپى بويىچە، لايىھە بارلىققا كەلتۈرۈلۈپ، تولۇق قاپلاشتىن مەشغۇلاتچانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. لايىھەنىڭ قاپلاش نىسبىتىنى ٪97 كە يەتكۈزۈلۈپ، تۈرلۈك تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا ئاساسىي جەھەتتىن تايىنىدىغان لايىھە بار بولدى. تۆتىنچىدىن، قانۇن - نىزاملار يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىز ئىلگىرىكى تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە تالاپىتى، جامائەت ساقلىقنى ساقلاش ، ئىجتىمائىي بىخەتەرلىككە دائىر تاسادىپىي ۋەقەلەرگە ئائىت 20 دىن ئارتۇق يەرلىك  نىزام ۋە بەلگىلىمە ئاساسىدا «يولغا قويۇش چارىسى»نى چىقىرىپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، كۆزىتىش ۋە سېگنال بېرىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش، ۋەقەدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش قاتارلىق تاقابىل تۇرۇش پائالىيەتلىرىنى سىستېمىلىق، ئەتراپلىق قېلىپلاشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش خىزمىتى  ئاساسىي جەھەتتىن تايىنىدىغان قانۇن بولۇش، ئەمەل قىلىدىغان قائىدە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. بەشىنچىدىن، جىددىي ئىشلار قوشۇنى يەنىمۇ زورايتىلدى. ئاپتونوم رايونىمىز 28 تۈر بويىچە 14 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمدىن تەركىب تاپقان ھەر خىل  كەسپىي جىددىي ياردەم بېرىش قوشۇنىدىن 110 نى قۇرۇپ چىقتى.  ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ٪85 ناھىيە (شەھەر، رايون)دا ھەر تەرەپلىمە جىددىي قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قوشۇنى قۇرۇلدى. مەخسۇس (قوشۇمچە) ۋەزىپىدىكىلەر ۋە پىدائىيلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە سىناق قىلدۇق ۋە ئىزدەندۇق. ئالتىنچىدىن، جىددىي ئىشلار كۆز قارىشى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى» ۋە «يولغا قويۇش چارىسى» دىكى تەلەپلەر بويىچە، رەھبىرىي كادىرلار ۋە جەمئىيەتتىكى ئاممىغا بولغان تەشۋىقات ۋە تەربىيەلەش كۈچەيتىلىپ، «ئادەمنى ئاساس قىلىش، ھاياتنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش» دىن ئىبارەت جىددىي ئىشلار كۆز قارىشى كۈچەيتىلىپ، جەمائەتنىڭ جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىش ئېڭى ئاشۇرۇلۇپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەتەردىن ساقلىنىش ۋە ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى كۈچەيتىلدى.
    نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشكەن، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن بولسىمۇ، لېكىن، دۆلەتنىڭ تەلىپى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق ئاممىنىڭ ئارزۇسىدىكى بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى بىلەن سېلىشتۇرغاندا  يەنىلا پەرق بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈۋېلىشىمىز كېرەككى، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناچار ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلۈۋاتىدۇ، يەر تەۋرەش، لاي- لاتقا ئېقىش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ زىيىنى تېخىمۇ ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تۈرلۈك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەلىرى كۆپ ۋە پات- پات يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش داۋامىدا تۈرلۈك زىددىيەتلەر ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر ئۆز تەمەسىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. بۆلگۈنچىلىك بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۆرۈشى كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، بىز جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش- بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئىناق، مۇقىم بولغان  ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى تىرىشىپ قوغدىشىمىز لازىم.
    جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش، خەلق ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى» ۋە «يولغا قويۇش چارىسى» نى چوڭقۇر، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنە بىر يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. بىرىنچىدىن، بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش، بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. زور تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ زىيىنى چوڭ، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، باش- ئايىقى كۆپ بولۇپ، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىدە ئاسانلا خاتالىق كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ئىلمىي، تەرتىپلىك ئالدىنى ئېلىپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشتا، بىرلىككە كەلگەن جىددىي ئىشلار قوماندانلىق ئاپپاراتى ۋە ماسلاشتۇرۇش بىرلەشمە مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تۈرلۈك كەسپىي تارماقلارنىڭ رولى ۋە ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسقېتىشىغا كاپالەتلىك قىلغاندا، ئاندىن تاسادىپىي ۋەقەلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇچۇردىن ئورتاق پايدىلىنىش، تېز  ئاتلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇچۇرنى ئالدىن تارقىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئۇچۇر تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدىكى يادرولۇق ئامىل، ئۇچۇر ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەش تاسادىپىي ۋەقەلەرنى  بىر تەرەپ قىلىشتىكى مۇھىم ھالقا. شۇڭا، ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا توپلاپ، جەملەپ، مۇزاكىرە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا ئاتلىنىش مېخانىزمىنى قوزغاش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، ۋەقەنى تىزگىنلەشتە ئىنتايىن مۇھىم. ئۈچىنچىدىن، مۇھىم نۇقتىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.  جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىچكى تەلىپى تاسادىپىي ۋەقەلەر يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئازايتىشتا. ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى دائىملىق باشقۇرۇشقا سىڭدۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇپ، ئالدىنى ئېلىشتا ھەرىكەتكە كېلىپ، يوشۇرۇن ئامىل ۋە خېيىمخەتەرنى بالدۇر ئازايتىپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلامغا، ئاساسىي خىزمەتكە قارىتىپ، مەنبەسىدىن تۈزەش ۋە ھەر ۋاقىت باشقۇرۇش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئالدىنى ئېلىش ئاچقۇچىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى بىرلەشتۈرگەندە، تاسادىپىي ۋەقەلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ھايات ۋە مال- مۈلۈك زىيىنىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. تۆتىنچىدىن، بايلىقنى بىرىكتۈرۈش، تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. كۈچلۈك بولغان كەسپىي جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوشۇنى ۋە تولۇق ماددىي ئەشيا زاپىسى تاسادىپىي ۋەقەلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ زۆرۈر ئاساسىي شەرتى. شۇڭا، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈۈپ، جىددىي قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ماددىي ئەشيا زاپىسىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، بايلىقنى ئەڭ ياخشى بىرىكتۈرۈش ۋە تەقسىملەشنى پىلانلىق تۈردە ئىشقا ئاشۇرۇپ، قوشۇن ساپاسى، زاپاس ساقلاش ئىقتىدارى، كاپالەت ئىقتىدارى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى نىشانلىق تېزلەتكەندە ئاندىن، جىددىي باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بەشىنچىدىن، مەۋقەنى ئاساسىي قاتلاملارغا قارىتىپ، ئۇلنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىغا تايىنىشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. «ئۇل مۇستەھكەم بولمىسا، ئىشلىرىمىز راۋان بولمايدۇ». ئاساسىي قاتلاملارنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىق، بايلىقى يېتەرلىك بولماسلىق ئاپەت ۋە ۋەقە زىيىنىنىڭ ئېغىر بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەب. تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىرىنچى ھالقا ئاساسىي قاتلامدا، شۇڭا، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى مەھەللىلەرگە، يېزىلارغا، كارخانىلارغا، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈپ، ئاممىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىگە تايىنىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن ساقلىنىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆز ئارا قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلاملارنىڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تاقابىل تۇرۇش،  جىددىي قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئالتىنچىدىن، ھۆكۈمەت باشلامچىلىق قىلىش، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ دائىرىسى كەڭ، مىقدارى زور، ھەممە ئائىلىلەرگە چېتىلىدىغان بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ سىستېمىلىق قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەۋەلىك جايلارنىڭ  ماسلىشىش، ساھەلەرنىڭ  يېتەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، قانۇن - نىزاملارنى ئاساس قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىشقا تولۇق سەپەرۋەر قىلىپ، «پارتكوم رەھبەرلىك قىلىش، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولۇش، جەمئىيەت ھەمكارلىشىش، ئامما قاتنىشىش»دىن ئىبارەت ئىجتىمائىي باشقۇرۇش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
    ھازىرقى ئېچىۋېتىلگەن ئىجتىمائىي شارائىتتا، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش كەڭ مەنىدىن ئىيتقاندا ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىش ۋە قاتناشتۇرۇشقا باغلىق. «تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى»، «يولغا قويۇش چارىسى» قاتارلىق قانۇن، نىزاملاردا جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئىنىق ئوتتۇرغا قويۇلغان بولۇپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقى بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاساسىي قاتلاملارنى مۇستەھكەملەش، كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى قاتارلىق ئەلئارا تەشكىلاتلار، ئاساسىي قاتلام ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پىدائىيلارنىڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىددىي قۇتقۇزۇش، ئىئانە توپلاش، داۋالاش- قۇتقۇزۇش، سەھىيە - يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قايتا قۇرۇش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئاپەتتىن كېيىنكى پىسخېكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا سەپەرۋەر قىلىش، ئىزدەشكە سەپەرۋەر قىلىش، قۇتۇلدۇرۇشقا  سەپەرۋەر قىلىش، ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئىئانە توپلاش بويىچە سەپەرۋەر قىلىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىجتىمائىي سەپەۋەرلىك مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش كېرەك. جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار ھەر خىل ئۈنۈملۈك شەكىللەر ئارقىلىق «تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى»، «يولغا قويۇش چارىسى» ۋە ئالاقىدار قانۇن، نىزام ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
    ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە تارماقلار، ئورۇنلار ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق مەنپەئىتىنى يۈكسەك ئورۇنغا قويۇشتا ۋە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى> نى يولغا قويۇش چارىسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» دىكى تەلەپ بويىچە، قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەرنى  تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاكتىپ ئىشلەپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە قانون بويىچە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك. بارلىق پۇقرالار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى»، « يولغا قويۇش چارىسى»دىكى تەلەپ بويىچە، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، ئىناق، مۇقىم  ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىشى كېرەك.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش