首页 > ئۇچۇرلارنى ئاشكارلاش > ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 4–نۆۋەتلىك ھۆددە ئېلىنغان كەنتلەر ۋە بېكىتىلگەن نۇقتىلاردا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى

:مەنبە 2014-11-11 00:00:00 :ۋاقىت

 ( 2014–يىلى 17–ئۆكتەبىر)

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار، ئورۇنلار 2011 – يىلىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 4 – قېتىملىق ھۆددىگە ئېلىنغان كەنتلەر ۋە بېكىتىلگەن نۇقتىلاردا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى ھەم كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشىپ، نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش بىلەن بىللە، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

    ھۆددە ئېلىنغان كەنتلەر ۋە بېكىتىلگەن نۇقتىلاردا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، بىر تۈركۈم ئىلغار ئورۇن ۋە شەخسلەر مەيدانغا كەلدى.

    ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش، ئۈلگە تىكلەش، جەمئىيەتتىكى ھەر تەرەپنىڭ غەمخورلۇقى، قوللىشى، يۆلەش – ئېچىشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھۆددە ئېلىنغان كەنتلەر ۋە بېكىتىلگەن نۇقتىلاردا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ تېزلىتىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يېڭى نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى (مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى) قاتارلىق 69 ئورۇنغا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆددە ئېلىنغان كەنتلەر ۋە بېكىتىلگەن نۇقتىلاردا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن››، تاڭ شاۋبىڭ قاتارلىق 59 يولداشقا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆددە ئېلىنغان كەنتلەر ۋە بېكىتىلگەن نۇقتىلاردا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس››، دېگەن نام بېرىش قارار قىلىندى.

    پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم، تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلدى، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 7 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. نامراتلارنى يۆلەشتە نۇقتىلىق بەلگىلەنگەن تارماقلار، ئورۇنلار يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىنى توغرا ئىگىلەپ، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قويۇپ، نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نامراتلارنى نۇقتىلىق يۆلەش خىزمىتىدىكى تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياردەم بېرىش مەبلىغىنى غەملەش ۋە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ياردەم بېرىش ئۇسۇلىدا پائال يېڭىلىق يارىتىپ، نۇقتىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆددە ئېلىنغان كەنتلەر ۋە بېكىتىلگەن نۇقتىلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ تېزلىتىشى كېرەك.

    تەقدىرلەنگەن ئىلغار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ شان – شەرەپنى قەدىرلەپ، مەغرۇرلۇق ۋە ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆددە ئېلىنغان كەنتلەر ۋە بېكىتىلگەن نۇقتىلاردا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تارماقلار، ئورۇنلار تەقدىرلەنگەن ئىلغار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ئۆگىنىپ، نامراتلارنى نۇقتىلىق يۆلەش خىزمىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۇسۇلى ۋە تىپىك تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش پائالىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئېڭى، ئومۇمىيەت قارىشى، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىستىلنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلامغا، ئاممىغا يەنىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۆلەش – ئېچىشنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىدا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.

    بىرىنچى، ئىلغار ئورۇنلار (69 ئورۇن)

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى(مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى)، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي – قانۇن كومىتېتى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش – تhرانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار(مۇھاجىرلار ئىشلىرى) ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات – نەشرىيات ئىدارىسى(نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى)، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پۇل مۇئامىلە خىزمىتى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات – سودا كوپىراتىپى بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئۆلچەش – سىزىش جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا – بازار كارخانىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت – قەرز بىرلەشمە كوپىراتىپى، شىنجاڭ ئېرتىش دەرياسى ھەۋزىسىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى، شىنجاڭ سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر چارلاش – لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ئىدارىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى، جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش باش شىركىتى شىنجاڭ شۆبىسى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى، شىنجاڭ پاختىچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى شىنجاڭ نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى ئۈرۈمچى نېفىت – خىمىيە سانائىتى شىركىتى، جۇڭگو نېفىت – خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى غەربىي شىمال نېفىت ئىدارىسى، غەربىي شىمال نېفىتلىكى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى، دۆلەت مەبلەغ سېلىش شىركىتى لوپنۇر كالىيلىق تۇز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ‹‹لۇئەن›› شىنجاڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى(گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى، ‹‹باۋشەن›› پولات – تۆمۈر گۇرۇھى شىنجاڭ ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر چەكلىك شىركىتى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 69222 – قىسىمى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 69338 – قىسىمى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 69322 – قىسىمى.

    ئىككىنچى، ئىلغار شەخسلەر (59 كىشى)

    تاڭ شاۋبىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى؛ ۋۇجيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىشتات ئىشخانىسى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ئىشتاتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى؛ جاڭ چاڭخۇڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك – دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى؛ دىلشاد رېھىم ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەشۋىقات – تەربىيە مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى؛ پەن جىجۈن ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتى يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى ۋە شەھەرلەر؛ يېزىلاردا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى؛ ئەسقەر ئابدۇقادىر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى؛ ئابدۇللا توختى ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك باج ئىدارىسى مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى؛ يۈەن ۋېي ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى كادىرلار باشقارمىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى؛ دۇڭ شېڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئورگان مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى؛ شيا دوڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى توقۇمىچىلىق تېخنىكىسى شۆبە ئىنستىتۇتىنىڭ پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى؛ لۇشىن ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر سانائىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى؛ خالىدە نەسىردىن شىنجاڭ زاپاس ماددىي ئەشيالارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئورگان پارتكومىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى؛ خۇاڭفۇ چيەنخۇڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ئىدارىسى شىنجاڭ سانائەت ئىقتىساد مەكتىپى ئارقا سەپ تەمىناتى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى؛ يەن خۇيجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ماشىنا – ئېلېكتىر ۋە پەن – تېخنىكا كەسپىي باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى؛ پەرھاد تاھىر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى؛ ئابلەت ئابلىز ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ئىدارىسى 2 – تەھرىر بۆلۈمى ئىختىيارىي مۇخبىرلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى؛ جاڭ شىنبىڭ ئالتاي ۋىلايەتلىك تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى (شىركىتى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، مۇئاۋىن دىرېكتورى؛ كىدام زۇلال ئۈرۈمچى تاموژنىسى قونجىراپ تاموژنىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى؛ لى شىنپىڭ قۇمۇل شۆبە ھەربىي رايونى سەھىيە ئورنىنىڭ باشلىقى؛ قادىر غازىباي ئاقتۇ ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى؛ لى گۇاڭلۇ غۇلجا ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ سىياسىي كومىسسارى؛ قەھرىمان مەمەت شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى خوتەن ئايرودۇرۇمىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خادىمى؛ توڭ چېڭزۇڭ قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ ئورمان باش ئەترىتى سىياسىي بۆلۈمى تەشكىلات بۆلۈمنىڭ باشلىقى؛ ئەبەيدۇللا سەيدىن شىنجاڭ تارىم دەريا ھەۋزىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قەشقەر باشقۇرۇش ئىدارىسى سۇغىرىش تەجرىبە پونكىتىنىڭ باشلىق ياردەمچىسى؛ جۇ جيەن شىنجاڭ سۇ رايى سۇ بايلىقى ئىدارىسى سۇ بايلىقى مەركىزىنىڭ مۇدىرى؛ ۋاڭ يىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسى بىرلەشمىسى ئىلمىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى؛ چېن كەيخۇڭ ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە – قېزىلما بايلىق ئىدارىسى چارلاش – قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى؛ ئەخمەت ئابلا ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش پونكىتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن باشلىقى؛ ئابدۇغېنى مەمەت ئاپتونوم رايونلۇق تەربىيە بىلەن ئۆزگەرتىش(زەھەر تاشلىتىش) ئىدارىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى؛ سۈي يۆيۈن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئىشچى – خىزمەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى؛ گو جىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى سۈت بېزى، قالقان بېزى تاشقى كېسەللەر 2 – بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى؛ مۇختەر ئايۇپ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى ئۇۋۇلاش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى؛ دىلمۇرات ئەخمەت شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى داۋاملىق مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى؛ ئەلىجان مالىك شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى؛ شۈ فاڭ شىنجاڭ نېفىت ئىنستىتۇتى كادىرلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى؛ ئەركىن ئىمىننىياز جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى خوتەن ۋىلايىتى شۆبىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى؛ چى ۋېنجىن جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى پارتىيە ئىشلىرى خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ تەشكىلات خادىمى؛ چېڭ جىجيەن جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى؛ پېڭ رۇي دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى مۇئامىلىدارلارنى كۈتۈۋېلىش 3 – باشقارمىسىنىڭ دىرېكتور ياردەمچىسى؛ ۋاڭ شىنۋېي ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئورگان پارتكومىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى؛ شاڭ لىخۇا جۇڭگو نېفىت شىنجاڭ سېتىش شىركىتى پارتىيە بىلەن ئامما خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى؛ بەختىيار غەيرەت جۇڭگو نېفىت غەربىي رايون بۇرغىلاش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى نېفىت سىناش شىركىتىنىڭ ياردەمچى ئىنژېنېرى؛ لى پىڭ جۇڭگو نېفىت پاي چەكلىك شىركىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتى نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى؛ ساۋ لۇڭ جۇڭگو نېفىت خىمىيە تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۇنىۋېرسال ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى؛ گو جيەنشې جۇڭگو نېفىت تۇرپان – قۇمۇل نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ياردەمچىسى، ئىشلەپچىقىرىشنى يۈرۈشتۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى؛ جېن شۆجۇڭ جۇڭگو نېفىت شىنجاڭ نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشنى يۈرۈشتۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى؛ ۋاڭ چېڭ جۇڭگو تېلېگرافى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى پارتىيە بىلەن ئامما خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى؛ ۋۇ شياڭمىن جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھ شىركىتى شىنجاڭ ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى قۇمۇل شۇلتا كەسپى چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى؛ گاۋ ۋېنجۈ شىنجاڭ دۆلەت مۈلكى مەبلەغ سېلىش تىجارەت چەكلىك شىركىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى؛ جياۋ تيەنيى شىنجاڭ ‹‹جۇڭتەي›› (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى توقسۇن ‹‹يەنخۇا›› شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى؛ دۇەن ليەنجى جۇڭگو بىناكارلىق – قۇرۇلۇش باش شىركىتى شىنجاڭ بىناكارلىق – قۇرۇلۇش گۇرۇھى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى؛ جىن چاڭشېڭ شىنجاڭ تەڭرىتاغ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئۆي – زېمىن خوجىلىقىنى باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى؛ تەۋەككۈل ساۋۇر ‹‹خۇاديەن›› شىنجاڭ توك چىقىرىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ياردەمچى ئىنژېنېرى؛ گې يۇڭپىن شىنجاڭ جېجياڭ كارخانىچىلار بىرلەشمىسىنىڭ (سودىگەرلەر جەمئىيىتى) باشلىقى؛ جاڭ يۈخې شىنجاڭ شەھەر قۇرۇلۇشى (گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ رەئىسى؛ چېن جىسەي شىنجاڭ جياڭسۇ كارخانىچىلار بىرلەشمىسىنىڭ (سودىگەرلەر جەمئىيىتى) باشلىقى؛ جياۋ يەنچىڭ دۆلەت ئېلېكتىر چۆچەك (تيېچاڭگۇ) توك چىقىرىش چەكلىك شىركىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى؛ بەي جيۇجۇڭ ‹‹خۇڭيۈن خۇڭخې›› گۇرۇھى شىنجاڭ تاماكا زاۋۇتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى؛ تاھىر تۇرسۇن شىنجاڭ رەڭلىك مېتال شىركىتى ‹‹شىنشىن›› كانچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى فۇكاڭ مېتال تاۋلاش زاۋۇتى پارتىيە خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى.

                                                                                                                                                                                                                                                مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى ئويۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئېلېكترونلۇك مەمۇرىيەت ئىشخانسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش