首页 > ئۇچۇرلارنى ئاشكارلاش > ھۆكۈمەت ئاخباراتى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-03-17 15:55:54 :ۋاقىت

12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىنىڭ قارارى

(2017 – يىل 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى. يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ بۇلتۇرقى خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2017 – يىللىق خىزمەت ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، نىشان، ۋەزىپىلەر، نۇقتىلىق خىزمەت ۋە سىياسەت، تەدبىرلەرگە قوشۇلۇش ھەم بۇ دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

 يىغىندا مۇنۇلار چاقىرىق قىلىندى: مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش››مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، ئۇنى ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، كۆزلىمىنى يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، زېھنى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى!

                  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى)

 

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش