首页 > ئۇچۇرلارنى ئاشكارلاش

زۇڭلى لى كېچياڭ بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2017-03-20 12:59:39 :ۋاقىت

− 2017-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا بېرىلگەن

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ


 



ۋەكىللەر:
  مەن ھازىر گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەم مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.
   1. 2016-يىلى ئىشلەنگەن خىزمەتلەر
  ئۆتكەن بىر يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن ئىچكى-تاشقى زىددىيەت، خەۋپ-خەتەر ۋە يوشۇرۇن ئاپەت گىرەلىشىپ كەتكەن كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق قىيىنچىلىقتىن قورقماي جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنى رەسمىي مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ئەكس ئەتتۈرۈلدى، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. جايلار ۋە تارماقلار سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى ۋە بىردەكلىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا يېڭى، مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم قەدەم تاشلاپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىنىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئورۇنداپ، «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ياخشى باشلىدى.
  − ئىقتىسادىي ھەرىكەت ئاستىلاش جەريانىدا تەدرىجىي مۇقىملىشىشقا، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 74 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %6.7 ئېشىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %30تىن ئېشىپ كەتتى. ئاھالە ئىستېمال باھاسى %2 ئۆرلىدى. سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى ئالدىنقى يىلى %2.3 كېمەيگەن بولسا، بۇ يىل %8.5 ئاشتى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ بىرلىك ئېنېرگىيە سەرپىياتى %5 تۆۋەنلىدى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى روشەن ئۆستى.
  − ئىشقا ئورۇنلاشقانلار كۆزلىمىدىن ئاشتى. پۈتۈن بىر يىلدا شەھەر-بازارلاردا 13 مىليون 140 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، ئىگىلىك تىكلىگەنلەر يەنە كۆپىيىپ، يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. يىل ئاخىرىغىچە شەھەر-بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.02 بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى. 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ چوڭ دۆلەتتە بىرقەدەر تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەرگىزمۇ ئوڭاي ئىش ئەمەس.
  − ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردۇق. مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرى سۈردۇق، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتە يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويدۇق، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرىلەتتۇق، بىر تۈركۈم چوڭ قۇرۇلۇشلار ۋە خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق.
  − ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلەتتۇق. ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسىي تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇردۇق. مۇلازىمەتچىلىك قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى سالمىقىنى %51.6كە يەتكۈزدۇق. يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ۋە جابدۇقچىلىقنى بىرقەدەر تېز تەرەققىي قىلدۇردۇق. يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى مۇقىم ئاساستا ئەلالاشتۇرۇپ، ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئالدۇق.
  − يېڭى ئېنېرگىيەنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىلىكىدىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويدۇق. پەن-تېخنىكا ساھەسىدە خەلقئارادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر تۈركۈم زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. گۈللەنمە كەسىپلەرنى جۇشقۇنلۇق بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش-ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى كەڭ قانات يايدۇردۇق، پۈتۈن بىر يىلدا يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنغان كارخانا %24.5 ئېشىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 15 مىڭ كارخانا كۆپەيدى، ئۇنىڭغا يەككە سودا-سانائەتچى قاتارلىقلارنى قوشقاندا ھەر خىل بازار سۇبيېكتىلىرى كۈنىگە يېڭىدىن 45 مىڭى كۆپەيدى. يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ.
  ئۇل ئەسلىھەنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى سىجىل ئاشۇردۇق. مۇساپىسى 1900 كىلومېتىردىن ئارتۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنى ئىشقا كىرىشتۈردۇق، 6700 كىلومېتىردىن ئارتۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى، 290 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ياسىدۇق ۋە ئۆزگەرتىپ ياسىدۇق. شەھەرلەردە رېلىسلىق قاتناش، يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق. 21 تۈرلۈك زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن ئىش باشلىدۇق. يېڭىدىن 340 مىليون 4 - ئەۋلاد كۆچمە ئالاقە ئابۇنىچىسىنى كۆپەيتتۇق، ئوپتىك كابېل لىنىيەسىنى 5 مىليون 500 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشۇردۇق.
  − خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلىدۇق. مەملىكەت بويىچە ئاھالە ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم %6.3 ئاشتى. يېزىلاردا 12 مىليون 400 مىڭ نامرات ئاھالىنى ئازايتتۇق، 2 مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنى كۆچۈرۈپ يۆلىدۇق. كەپىلىك رايوندىكى 6 مىليون يۈرۈشتىن ئارتۇق تۇرالغۇنى، يېزىلاردىكى 3 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق خەتەرلىك ئۆينى ئۆزگەرتتۇق. مەملىكەت ئىچىدە ساياھەت قىلغانلار تېز كۆپەيدى، چېگرا ئاتلاپ ساياھەت قىلغانلار 120 مىليون (قېتىم)دىن ئاشتى، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى تېخىمۇ ئۆستى.
  دۆلىتىمىز 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئىجادىيلىق، يېتەكچىلىك، مېخانىزملىق خاراكتېرىگە ئىگە مۇھىم نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشتە چوڭقۇر جۇڭگو ئىزناسى قالدۇردۇق.
  ئۆتكەن بىر يىلدا پەۋقۇلئاددە يوللارنى بېسىپ ئۆتتۇق. بىز دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يەتتە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا داۋالغۇش كۈچىيىپ، رايونلۇق ۋە دۇنياۋى خىرىسلار تاسادىپىي ۋە كۆپ يۈز بەرگەن تاشقى مۇھىتقا دۇچ كەلدۇق، دۆلەت ئىچىدە قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر، خەۋپ-خەتەر ۋە يوشۇرۇن ئاپەتلەر گەۋدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورايغان قاتمۇقات قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدۇق، ئىسلاھات ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە كىرىپ، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تەڭشىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللار كۆپەيگەن مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدۇق. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاسان ئەمەس، ياخشىلاش تېخىمۇ تەس. بۇ ھال شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو خەلقى ھەر قانداق جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەردىن غالىب كېلىدىغان جاسارەت، پاراسەت ۋە ئىقتىدارغا ئىگە، جۇڭگو ئىقتىسادى يوشۇرۇن كۈچ، ئەۋرىشىملىك ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
  بىز بىر يىلدىن بۇيان ئاساسەن تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق.
  بىرىنچى، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنى داۋاملىق يېڭىلاپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلىدۇق. بۇلتۇر ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشتە نۇرغۇن قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلدۇق، بىز «قاندۇرۇپ سۇغىرىش» شەكلىدىكى كۈچلۈك قوزغىتىش يولىنى تۇتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تاياندۇق، دائىرىلىك تەڭشەش-تىزگىنلەش ئاساسىدا نىشانلىق تەڭشەش-تىزگىنلەش ۋە ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتتۇق. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆپەيگەن مالىيە قىزىل رەقىمىنى ئاساسلىقى، باجنى كېمەيتىش-ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە سەرپ قىلدۇق. تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق، پۈتۈن بىر يىلدا كارخانىلارنىڭ باج سېلىقىنى 570 مىليارد يۈەندىن ئارتۇقراق يەڭگىللەتتۇق، بارلىق ساھەلەرنىڭ باج سېلىقىنى كۆپەيتمەي ئازايتتۇق. مەركەز بىلەن جايلارنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى كىرىمىنى ئايرىشنىڭ ئۆتكۈنچى لايىھەسىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، يەرلىك مالىيە كۈچىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ساقلانما قەرزىنى ئالماشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئۆسۈم يۈكىنى تەخمىنەن 400 مىليارد يۈەن ئازايتتۇق. پۇختا پۇل سىياسىتىنى جانلىق، مۇۋاپىق يولغا قويۇپ، كەڭ مەنىدىكى پۇل M2نىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى %11.3كە يەتكۈزدۇق، بۇ، %13 ئەتراپىدىكى كۆزلىمە نىشاندىن تۆۋەن بولدى. كۆپ خىل پۇل سىياسىتى قورالىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بەردۇق. ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويدۇق. ئەلئارا سېلىنمىغا ئىلھام بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، مەبلەغ سېلىشتا مۇقىم ھالەت شەكىللەندۈردۇق. ئۆي-زېمىن بازىرىنى تۈر بويىچە تەڭشەپ-تىزگىنلىدۇق. پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، دۆلەت ئىقتىسادى ۋە پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى قوغدىدۇق.
  ئىككىنچى، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»نى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلىدۇق. پولات-تۆمۈر، كۆمۈرچىلىك ساھەلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، پۈتۈن بىر يىلدا 65 مىليون توننىلىق پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، 290 مىليون توننىلىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى چېكىندۈرۈپ، يىللىق نىشان-ۋەزىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىدۇق. تارقاقلاشتۇرۇلغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى بىرقەدەر ياخشى ئورۇنلاشتۇردۇق. دېھقان ئىشلەمچى قاتارلىقلارنىڭ شەھەر-بازارلاردىن ئۆي سېتىۋېلىشىغا مەدەت بېرىپ، كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىشتە پۇل بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆي-زېمىن قالدۇقىنى تۈگىتىشتە ئىجابىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. كارخانىلارنىڭ قوشۇلۇپ قايتا تەشكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەبلەغنى بىۋاسىتە يۈرۈشتۈرۈشنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھەقدارلىقنى بازارلاشتۇرۇش، قانۇنلاشتۇرۇش يولى بىلەن پايدارلىققا ئايلاندۇرۇپ، سانائەت كارخانىلىرى مۈلكىدىكى پاسسىپلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتۇق. كارخانىلارنىڭ تەننەرخ تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى كۆزدە تۇتۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، «بەش سۇغۇرتا، بىر فوند» بويىچە ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھازىر جىددىي ئېھتىياجلىق ھەم كەلگۈسىگە پايدىلىق بىر تۈركۈم چوڭ ئىشلارنى قىلدۇق.
  ئۈچىنچى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇردۇق. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، بىر تۈركۈم بەلگىلىك، تۈۋرۈكلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت يادرولۇق مەسىلىنى چۆرىدەپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ۋە مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردۇق. مۇشۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئازايتىش نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنداش ئاساسىدا بۇلتۇر يەنە گوۋۇيۈەن تارماقلىرى ۋە ئۇلار بەلگىلىگەن جايلار يولغا قويغان 165 تەستىق تۈرىنى بىكار قىلدۇق، تەستىق ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتىنىڭ 192 تۈرىنى، كەسپىي سالاھىيەتكە ئىجازەت بېرىش ۋە ئۇنى بېكىتىش ئىشلىرىنىڭ 220 تۈرىنى ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇردۇق. سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئېلان قىلىش»نىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىنى ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، «ئالاقە تورى + مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى»نى ئىلگىرى سۈردۇق. دۆلەت كارخانىلىرىنى تەڭشەپ قايتا تەشكىللەشنى ۋە ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. رىقابەت ئادىللىقىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورناتتۇق. بايلىق بېجى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. يېزا يېرىگە دائىر «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش» چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق، نامراتلار قاتارىدىن چىقىرىۋېتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلدۇق. پەن-تېخنىكا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات يۇرتى-ئورۇنلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى كېڭەيتتۇق، بىلىم قىممىتىنى ئاشۇرۇش يېتەكچى قىلىنغان تەقسىمات سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بازىرىنى قويۇۋەتتۇق. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقىنى كېڭەيتىپ، دورا، داۋالاش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنى باھالاش-تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. تەبىئىي بايلىق ھوقۇقىنى بىر تۇتاش مۇئەييەنلەشتۈرۈش-تىزىملاش چارىسىنى تۈزدۇق، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتلىرىنىڭ نازارەت قىلىش، مەمۇرىي تەپتىش قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش بويىچە تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇش، تېرىلغۇ يەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، ھاردۇق ئالدۇرۇپ تېرىش ئىسلاھات سىناقلىرىنى قانات يايدۇردۇق، دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق، ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئىسلاھات ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.
  ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى پائال كېڭەيتتۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك جىپسىلىشىشنى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتتۇق. خەلق پۇلى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى غەللىسىگە رەسمىي كىردى. شېنجېن-شياڭگاڭ ئاكسىيە بىرژىسىنى تۇتاشتۇرۇشنى باشلىدۇق. تاشقى سودا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىدىن 12نى يېڭىدىن تەسىس قىلىپ، ئىمپورت-ئېكسپورتنى تەدرىجىي مۇقىملاشتۇردۇق. شاڭخەي قاتارلىق ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يېڭىدىن يەتتە ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلدۇق. ئىجازەتتە ئالاھىدە باشقۇرۇش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلىدىغان ئاز ساندىكى ساھەلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا تاشقى مەبلەغ كارخانىسى تەسىس قىلىش ۋە ئۆزگەرتىشتە تەستىقلاش تۈزۈمىنى پۈتۈنلەي ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتتۇق. ئەمەلىي پايدىلانغان تاشقى مەبلەغ 130 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە داۋاملىق 1-ئورۇندا تۇردۇق.

   تۆتىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى تېز يېتىلدۈردۇق. «ئالاقە تورى+» ھەرىكىتى ۋە دۆلەت چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى − 2025» ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش-ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق ۋە مۇكەممەللەشتۈردۇق. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ 2030-يىلىغىچە بولغان چوڭ تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە باشلاپ، بېيجىڭ، شاڭخەيلەرنىڭ دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشىنى قوللىدۇق، دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونىدىن ئالتىنى يېڭىدىن قۇردۇق. پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش راسخوتى چىقىمى بىلەن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى %2.08كە يەتتى. مەملىكىتىمىزدىكى ئۈنۈملۈك كەشپىيات پاتېنت مىقدارى 1 مىليوندىن، تېخنىكا سودا سوممىسى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى. پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە نىسبىتى %56.2كە يېتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەرەققىياتتىكى تىرەكلىك رولى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.
  بەشىنچى، رايون دائىرىسىدىكى شەھەر-يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى قۇتۇپ-بەلباغلىرىنى تېز شەكىللەندۈردۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيەنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەردە قۇرۇلۇش باشلىدۇق. غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزدۇق، يېڭى نۆۋەتلىك شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويدۇق، ئوتتۇرا رايوننىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولدۇق، شەرقىي رايوننىڭ ئاۋۋال تەرەققىي قىلىشىنى قوللىدۇق. يېڭىچە بازارلىشىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق، يەنە 16 مىليون ئادەمنى شەھەردە ئولتۇراقلاشتۇردۇق. تەرەققىياتنىڭ ماس ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز روشەنلەشتۈردۇق.
  ئالتىنچى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى نىشانىنى تەكشۈرۈپ باھالاش چارىسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، دۆلەتلىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى قۇردۇق. ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى كۈچەيتتۇق، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى چىقىرىش مىقدارى %5.6، ئازوت ئوكسىدى چىقىرىش مىقدارى %4 تۆۋەنلىدى، 74 نۇقتىلىق شەھەردە ئۇششاق دانچە (PM2.5)نىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى %9.1 تۆۋەنلىدى. ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ سالمىقىنى 1.7 پىرسەنت پوئېنت ئۆستۈرۈپ، كۆمۈر ئىستېمالى سالمىقىنى 2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلەتتۇق. سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەرىكەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراش نازارەتچىلىكىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھىت قانۇنىغا خىلاپ بىر تۈركۈم دېلولارنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يېيىشىغا تۈرتكە بولدۇق.
  يەتتىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى نۇقتىلىق كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتتۇق. مالىيە كىرىم-چىقىم بېسىمى ئېشىۋاتقان ئەھۋالدا خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاشۇردۇق. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش-ئىگىلىك تىكلەشكە دائىر يېڭى سىياسەت چىقىرىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ۋە نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلىدۇق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردۇق، مەملىكەت بويىچە مالىيەدىن نامراتلارنى يۆلەشكە ئاجرىتىلغان مەخسۇس مەبلەغ 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. تۆۋەن كاپالەت، نەپىقە، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈردۇق، قىيىنچىلىقتا قالغانلار ۋە ئېغىر مېيىپلەردىن 17 مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى ياكى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ياردەم پۇلى بەردۇق. مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ چىقىمىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى داۋاملىق %4تىن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلىدۇق. نامرات رايونلاردىكى يېزا ئوقۇغۇچىلىرىدىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغانلار %21.3 ئاشتى. يېزا نامرات ئائىلىلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش پۇلى ۋە پارچە خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلدۇق. پۈتۈن بىر يىلدا ھەرخىل مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار 84 مىليون (قېتىم)دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا ماددىي ياردەم بەردۇق. شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈپ، مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈردۇق. ئاساسىي جامائەت ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى خىراجىتىنى كۆپەيتتۇق. ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆلكە ئىچىدە باشقا جايدا داۋالىنىش، كېسەلخانىدا يېتىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. ئاساسىي قاتلام جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتتۇق. ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق پىلانىنى يولغا قويدۇق، تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىمىز رىئودى ژانىيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يەنە ياخشى نەتىجە ياراتتى. بۇلتۇر قىسمەن رايونلاردا، بولۇپمۇ چاڭجياڭ ۋادىسىدا قاتتىق كەلكۈن، ھۆلچىلىك قاتارلىق ئېغىر ئاپەت يۈز بەرگەندە خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى دەل ۋاقتىدا كۈچلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان 9 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم (قېتىم)نى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتۇق، ئەسلىگە كەلتۈرۈش-قايتا قۇرۇش ئىشلىرىنى تەرتىپلىك ئېلىپ باردۇق.
  سەككىزىنچى، ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتتە ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلىدۇق. گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا 13 قانۇن تەكلىپىنى سۇندى، سەككىز مەمۇرىي نىزامنى تۈزدى ۋە تۈزەتتى. جامائەت تەدبىرى بەلگىلەشتە ئەلرايىنى قوبۇل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپىنى ئەستايىدىل بېجىردۇق. مەمۇرىيەتتە ئاشكارا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئېلان قىلدۇق. تەكشۈرۈش-جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ 3-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىش سىياسىتى، ئەلئارا سېلىنما سىياسىتى قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈردۇق ھەم ئۈچىنچى تەرەپكە باھالاتقۇزدۇق، بەزى رايونلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يېڭى پولات-تۆمۈر تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، ناچار تاياقسىمان پولاتنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش قىلمىشلىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھادىسە ئومۇمىي مىقدارى ۋە ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنى داۋاملىق ئازايتتۇق. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جامائەت بىخەتەرلىكىنى كۈچلۈك قوغدىدۇق.
  «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسى پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى قەتئىي تۈزىتىپ، گوۋۇيۈەننىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلدۇق. بىر تۈركۈم چىرىك ئۇنسۇرلارنى قانۇن بويىچە جازالاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مىسلىسىز ھالەت شەكىللەندۈردۇق.
  ئۆتكەن بىر يىلدا جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە ئالاھىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. رەئىس شى جىنپىڭ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى نۇرغۇن دۆلەتكە زىيارەتكە باردى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى، يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنى، ب د ت نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىنلىرى، ئاسىيا-ياۋروپا باشلىقلار يىغىنى، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنلىرى قاتارلىق چوڭ پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. لەنساڭجياڭ دەرياسى-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقى تۇنجى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر بىلەن ماسلىشىش-ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتتۇق، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى سىجىل ئىلگىرى سۈردۇق، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردۇق، ب د ت قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردۇق. دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىگە پائال تۈرتكە بولدۇق. «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. ئىقتىساد دىپلوماتىيەسى، ئادىمىيەت ئالاقىسىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. دۆلەتنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدۇق. مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولغان جۇڭگو خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.
  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىدۇق، بۇلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، بارلىق قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغان قەيسەر ئىرادىمىزنى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ يېڭى ئۇزۇن سەپەرگە ئوبدان قەدەم تاشلاپ، يېڭى غەلىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرىدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.
    ۋەكىللەر:
  ئۆتكەن بىر يىلدا قولغا كەلگەن نەتىجىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارغا، خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋە ھەر ساھە زاتلىرىغا سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن! شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ۋە چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن ھەر قايسى ئەللەر ھۆكۈمىتىگە، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ۋە ھەر قايسى ئەللەردىكى دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!
  شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ھېلىھەم نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر ساقلانماقتا. ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ھېلىھەم ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، قىسمەن كەسىپلەردە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى ئېغىر، بەزى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىدە قىيىنچىلىق بىر قەدەر كۆپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ راۋاجلىنىش يۆنىلىشى بىردەك ئەمەس، مالىيە كىرىم-چىقىم زىددىيىتى بىر قەدەر زور، ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلىدىكى خەۋپ-خەتەر ۋە يوشۇرۇن ئاپەتكە سەل قاراشقا بولمايدۇ. مۇھىت بۇلغىنىش ۋەزىيىتى ھېلىھەم كەسكىن، بولۇپمۇ بەزى رايونلاردا ئېغىر دەرىجىدىكى تۇمان-تۈتەك پات-پات كۆرۈلۈۋاتىدۇ، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.
  تۇرالغۇ، مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش، يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكى، كىرىم تەقسىماتى جەھەتلەردىمۇ خەلق ئاممىسى نارازى بولۇۋاتقان نۇرغۇن تەرەپ بار. كۆمۈركان، بىناكارلىق ۋە قاتناش قاتارلىق ساھەلەردە بەزى زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى يۈز بەردى، بۇ كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىدە يېتەرسىزلىك مەۋجۇت، بەزى ئىسلاھات تەدبىرلىرى ۋە سىياسەتلىرى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشمىدى، كارخانىلاردىن ئېلىنىدىغان ھەقنىڭ تۈرى كۆپ بولۇش، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشى قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ھېلىھەم بىر قەدەر گەۋدىلىك، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشتا قائىدىسىزلىك، ئادالەتسىزلىك ۋە مەدەنىيەتسىزلىك ئەھۋالى مەۋجۇت. ئاز ساندىكى كادىرلاردا سۆرەلمىلىك، ھۇرۇنلۇق، بەس سېلىشىپ قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلىش ئىللەتلىرى مەۋجۇت، بەزى ساھەلەردە چىرىكلىك مەسىلىسى كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. بىز چوقۇم خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىمىزگە ئېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تارىخىي بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشىمىز، خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك!

2. 2017-يىللىق خىزمەت ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى
  بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى چاقىرىلىدىغان يىل، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3 -، 4 -، 5 -، 6-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئومۇمىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىنى ئىگىلەش ۋە يېتەكلەشكە لايىقلىشىپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەت مۇقىم، كەسىپ سىياسىتى توغرا، مىكرو سىياسەت جانلىق، ئىسلاھات سىياسىتى ئەمەلىي، ئىجتىمائىي سىياسەت كاپالەتلىك بولۇش سىياسىي تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، كۆزلىمە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىجادىيەت تۈرتكىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك چاقىرىلىشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز لازىم.
  ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنى ھەر تەرەپلىمە تەھلىل قىلىپ، تېخىمۇ مۇرەككەپ، جىددىي ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشقا تولۇق تەييارلىق كۆرۈشىمىز كېرەك. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەن سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتى ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ، دۇنياۋىلىشىشقا قارشى پىكىر ئېقىمى ۋە قورۇقچىلىق خاھىشى باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ سىياسەت يۈزلىنىشى ۋە تاشما تەسىرى كۈچىيىۋاتىدۇ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى داۋان ئاشىدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرماقتا، ئىقتىسادىي ھەرىكەتتە بىرمۇنچە گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ. قىيىنچىلىقنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكىمۇ، ئىشەنچتىن تەۋرىنىشكىمۇ بولمايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ماددىي ئاساسى پۇختا، ئادەم كۈچى بايلىقى يېتەرلىك، بازار كۆلىمى زور، كەسىپلەرنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى تولۇق، پەن-تېخنىكىنىڭ يۈكسىلىشى تېز، ئۇل ئەسلىھەلەر بىرقەدەر مۇكەممەل، ئىقتىسادىي تەرەققىيات تىرەك بولىدىغان ياخشى شارائىتقا ئىگە، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە يەنە نۇرغۇن يېڭىلىق يارىتىش ۋاسىتىمىز ۋە سىياسەت زاپىسىمىز بار. شۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىلكى، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس ئىجادكارلىقىغا تايىنىپ، ھەممە بىر نىيەتتە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلساقلا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا چوقۇم يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتالايمىز.
  بۇ يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى مۇنداق: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئەمەلىي خىزمەتتە تېخىمۇ ياخشى نەتىجە قازىنىشقا تىرىشىش؛ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئېشىشىنى %3 ئەتراپىدا تىزگىنلەش؛ شەھەر-بازارلاردا 11 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5تىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك؛ ئىمپورت-ئېكسپورتنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا ئاشۇرۇش، خەلقئارا كىرىم-چىقىمنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش؛ ئاھالە كىرىمى بىلەن ئىقتىسادنى ئاساسىي جەھەتتىن ماس قەدەمدە ئاشۇرۇش؛ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ بىرلىك ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %3.4تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىش، ئاساسلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارىنى داۋاملىق ئازايتىش.
  ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ بۇ يىللىق كۆزلىمە نىشانىنى ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە ۋە ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇردۇق، بۇ بازار كۆزلىمىسىنى يېتەكلەپ ۋە مۇقىملاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تەلىپىگىمۇ ماسلاشتۇرۇلغان. مۇقىم ئاشۇرۇشتا، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى مۇھىم مەقسەت قىلدۇق. بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى ئېغىرلىشىدۇ، شۇڭا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويىمىز. شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆزلىمە نىشانىدا بۇلتۇرقىدىن 1 مىليون ئادەم كۆپەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا تېخىمۇ ئېتىبار بېرىش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈردۇق. ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ئامىلى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىدىن قارىغاندا، بۇ نىشاننى تىرىشىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
  بۇ يىل ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، دائىرىلىك تەڭشەش-تىزگىنلەش ئاساسىدا نىشانلىق تەڭشەش-تىزگىنلەش ۋە ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئالدىن كۆرەرلىك، توغرىلىق ۋە ئۈنۈمدارلىقنى ئاشۇرىمىز. ئىستېمال، سېلىنما، رايون، كەسىپ، مۇھىت ئاسراش قاتارلىقلارغا دائىر سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
  مالىيە سىياسىتىنى تېخىمۇ ئاكتىپلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرىمىز. بۇ يىل %3لىك قىزىل رەقەم نىسبىتى بويىچە مالىيە قىزىل رەقىمىنى 2 تىرىليون 380 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇلتۇرقىدىن 200 مىليارد يۈەن كۆپەيتىمىز. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەز مالىيەسىنىڭ قىزىل رەقىمى 1 تىرىليون 550 مىليارد يۈەن، يەرلىكنىڭ مالىيە قىزىل رەقىمى 830 مىليارد يۈەن. 800 مىليارد يۈەنلىك يەرلىك مەخسۇس زايوم ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالماشتۇرما زايومىنى داۋاملىق تارقىتىمىز. بۇ يىل قىزىل رەقەم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمىدۇق، بۇنىڭدا ئاساسلىقى باجنى تېخىمۇ كېمەيتىش ۋە ھەقنى تېخىمۇ ئازايتىشنى مەقسەت قىلدۇق. پۈتۈن بىر يىلدا يەنە كارخانىلارنىڭ باج سېلىقىنى 350 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا، كارخانىلاردىن ئېلىنىدىغان ھەقنى 200 مىليارد يۈەن ئازايتىپ، بۇنى چوقۇم بازار سۇبيېكتىغا بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرىمىز. مالىيە خامچوتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بەزىلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، بەزىلىرىنى قىسىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. جايلارغا قىلىنىدىغان ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم كۆلىمىنى %9.5 كۆپەيتىپ، تەڭپۇڭ يۆتكىمە چىقىم ۋە قىيىنچىلىقتا قالغان رايونلارغا بېرىلىدىغان مالىيە كۈچى ياردىمىنى نۇقتىلىق ئاشۇرىمىز. نۇقتىلىق بولمىغان چىقىملارنى قىسقارتىپ، ئۈنۈمى يۇقىرى بولمىغان تۈرلەرنىڭ خامچوت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئازايتىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشى، مەركەز تارماقلىرى باشلامچى بولۇپ ئادەتتىكى چىقىمنى بىردەك ئاز دېگەندە %5 قىسقارتىشى كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتىنى كۆپەيتىشكە قەتئىي يول قويۇلمايدۇ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىپ، باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىشقا ئىشلىتىپ، تېجەشلىك بولۇپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش لازىم.
  پۇل سىياسىتىدە پۇختا ۋە ئوتتۇرا يول تۇتىمىز. بۇ يىل كەڭ مەنىدىكى پۇل M2 قالدۇقىنىڭمۇ، ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى قالدۇقىنىڭمۇ %12 ئەتراپىدا ئېشىشىنى مۆلچەرلىدۇق. پۇل سىياسىتى قورالىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىپ، ئوبوروتنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، بازارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق يېتەكلەپ، ئۆتمە مېخانىزمنى راۋانلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە بايلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ كۆپلەپ يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار خىزمىتىگە، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا مەدەت بېرىمىز. پېرېۋوت نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق پۇلىنىڭ دۇنيا پۇل سىستېمىسىدىكى مۇقىم ئورنىنى ساقلايمىز.
  بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىنى ياخشى ئىگىلەيمىز. بىرىنچى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئومۇمىي رىتىمىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلايمىز. مۇقىملىق ئومۇمىيەتتۇر، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچەپ، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى ۋە مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. مۇقىملىق شەرتى ئاستىدا باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە يېڭى نەتىجە ھاسىل قىلىشقا تىرىشىمىز. ئىككىنچى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىنى ياخشىلاشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش، باجنى كېمەيتىش، ئىجازەتنى كەڭ قويۇۋېتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىش ئارقىلىق، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل قوزغاپ، ئۈنۈمسىز تەمىناتنى ئازايتىپ، ئۈنۈملۈك تەمىناتنى ئاشۇرۇپ، ئېھتىياجغا تېخىمۇ ياخشى لايىقلىشىمىز ۋە يول كۆرسىتىمىز. بۇ تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىنى ئاشۇرۇش جەريانى، ئۈمىدكىمۇ، ئازابقىمۇ تولغان، ئىنتايىن جىددىي ھەم مۈشكۈل-مۇرەككەپ بولغان تەدرىجىي يېتىلىش جەريانى. باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بۇ ئۆتكەلدىن قەتئىي بۆسۈپ ئۆتىمىز. ئۈچىنچى، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق زورايتىمىز ۋە ئۈنۈمنى ئاشۇرىمىز. مەملىكىتىمىزدە ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتا زۆرۈرىيەتمۇ، ئىمكانىيەتمۇ بار، ئاچقۇچ − كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىشتا. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى چۆرىدەپ ئىستېمالنى ئاشۇرۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش ۋە زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق سېلىنما كۆپەيتىشنى كۆزلەپ، ئىچكى ئېھتىياجنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە سىجىل ئاشۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى ئىسلاھات بىلەن ئېھتىياج ھالقىسىدىكى باشقۇرۇشنى ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا گەۋدىلەندۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. تۆتىنچى، كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئورنىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى دەسسىتىش ۋە قۇرۇلمىنى ياخشىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى باسقۇچىدا ئىسلاھاتقا، يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىشتىن باشقا يول يوق. بىزدە دۇنيا بويىچە سانى ئەڭ كۆپ، ساپاسى بىر قەدەر يۇقىرى ئەمگەك كۈچى، كۆلىمى ئەڭ زور پەن-تېخنىكا، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بولۇپ، غايەت زور يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچى مۇجەسسەملەنگەن. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىشتا، ئادەم كۈچى ۋە ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى تىرەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئەنئەنىۋى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇراھال-يۇقىرى سۈرئەتتە داۋاملىق ئېشىشىغا، كەسىپلەرنىڭ ئوتتۇرا-يۇقىرى سەۋىيەگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز شەرت. بەشىنچى، خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى خەلق ئۈچۈندۇر. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى ياخشى ئىگىلەيمىز، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان، تەشنالىق بىلەن ئۈمىد كۈتۈۋاتقان مەسىلىلەرنى شارائىت يار بەرسە چىڭ تۇتۇپ ياخشى ھەل قىلىش، ياخشى ئىشنى ياخشى بېجىرىش، بىر مەھەل ھەل قىلغىلى بولمىسا، تىرىشىپ شارائىت يارىتىپ پەيدىنپەي ھەل قىلىش لازىم. بىز تۇتقان ئىشنى بوشاشتۇرۇپ قويماي ئىزچىل تۈردە ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ، قىيىن ئىشنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق-ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى چىن قائىدە قىلىشنى خەلقنىڭ بەخت سائادىتىنى ئاشۇرۇشتا گەۋدىلەندۈرۈشىمىز لازىم.

   3 . 2017-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى
  ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ بۇ يىلقى جاپالىق، مۈشكۈل ۋەزىپىلىرى ئالدىدا، ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى ئىگىلەپ، ھەر جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەيمىز.
  (1) «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»نى ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىمىز. نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، سىياسەت-تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تىرىشىمىز.
  ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۈنۈملۈك تۈگىتىمىز. بۇ يىل يەنە تەخمىنەن 50 مىليون توننىلىق پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قىسقارتىپ، 150 مىليون توننىدىن ئارتۇق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى چېكىندۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆمۈر ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۈچۈن، 50 مىليون كىلوۋاتلىقتىن كۆپرەك كۆمۈر ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاپ، توختىتىپ ۋە كېچىكتۈرۈپ، كۆمۈر ئېلېكتىر كەسپىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە تەرەققىياتىغا ئىمكانىيەت يارىتىمىز. مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە سەرپىياتى، سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىقلارغا دائىر قانۇن، نىزام ۋە ئۆلچەملەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇن-تۈزۈملەشتۈرۈش ۋاسىتىسىنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىپ، «مۇردا كارخانىلار»نى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، كارخانىلارنى قوشۇۋېتىش-قايتا تەشكىللەش، ۋەيرانچىلىق ھېساباتىنى ئېنىقلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆلچەمگە يەتمىگەن قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قەتئىي شاللاپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇق كەسىپلەرنىڭ يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىنى قاتتىق تىزگىنلەيمىز. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىشتە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇش شەرت. مەركەز مالىيەسى مەخسۇس مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغىنى ۋاقتىدا بېرىشى، جايلار ۋە كارخانىلارمۇ يانداش مەبلەغ ۋە ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارقاقلاشتۇرۇلغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىش ئورنى ۋە تۇرمۇش كاپالىتىگە ھەقىقىي ئىگە قىلىشى كېرەك.
  شەھەرگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، ئامبار زاپىسىنى ئازايتىمىز. ھازىر 3 -، 4-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي-زېمىن قالدۇقى يەنىلا بىر قەدەر كۆپ، ئاھالىنىڭ ئۆزى ئولتۇرىدىغان ئۆي سېتىۋېلىش ۋە شەھەرگە كۆچۈپ كىرگەنلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ئېھتىياجىغا مەدەت بېرىمىز. تۇرالغۇنىڭ تۇرۇش خۇسۇسىيىتىدە چىڭ تۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تېز ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سېتىۋېلىش بىلەن ئىجارىگە ئېلىش بىرلەشتۈرۈلگەن تۇرالغۇ تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارنى ئاساس قىلىپ كۆپ قاتلاملىق ئېھتىياجنى قاندۇرىمىز، ھۆكۈمەتنى ئاساس قىلىپ ئاساسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز. ئۆي-زېمىن بازىرىنى تۈر بويىچە تەڭشەش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تۇرالغۇ باھاسى ئۆرلەش بېسىمى ئېغىر بولۇۋاتقان شەھەرلەردە تۇرالغۇ يېرىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىمىز، ئېچىش، سېتىش ۋە ۋاسىتىچىلىك ھەرىكەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرىمىز. نەچچە ئون مىليون ئادەم ھازىرمۇ شەھەر-بازارلاردىكى شارائىتى ناچار كەپە رايونلاردا تۇرۇۋاتىدۇ، كەپە رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى سىجىل داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ يىل يەنە 6 مىليون يۈرۈش كەپە ئۆينى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندايمىز، ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى قاتارلىق كاپالەتلىك تۇرالغۇلارنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، پۇل بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا ئۆستۈرۈپ، يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە جامائەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار تېخىمۇ كۆپ ئائىلىلەرنى كەپە رايونلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى ئولتۇرىدىغانغا ئۆيى بولۇش ئاساسىدا يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز.
  پىشاڭنى پائال ۋە پۇختا تۈگىتىمىز. مەملىكىتىمىزدە غەيرىي پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ پىشاڭ نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى، بۇ پۇل ئامانەت نىسبىتى يۇقىرى بولغان ۋە كىرېدىتنى ئاساس قىلغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قۇرۇلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئومۇمىي پىشاڭ نىسبىتىنى تىزگىنلەش شەرتى ئاستىدا، كارخانىنىڭ پىشاڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويىمىز. كارخانىلاردىكى ساقلانما مۈلۈكنىڭ جانلاندۇرۇلۇشىنى ۋە مۈلۈكنىڭ ئاكسىيەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇش ۋە قانۇن-تۈزۈملەشتۈرۈش يولى بىلەن ھەقدارلىقنى پايدارلىققا ئايلاندۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مالىيە پىشاڭى چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ قەرزدارلىق سەۋىيەسىنى پەيدىنپەي مۇۋاپىق سەۋىيەگە چۈشۈرىمىز.
  تەننەرخنى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ تۆۋەنلىتىمىز. كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى تاپاۋەت بېجىنىڭ يېرىمى ئېلىنىدىغان ئېتىباردىن بەھرىمەن قىلدۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنىڭ يىللىق يۇقىرى چېكىنى 300 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرىمىز؛ ئوتتۇرا-كىچىك پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ تەتقىقات ۋە كەشپىيات خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىش نىسبىتىنى %50تىن %75كە ئۆستۈرىمىز. باجنى قۇرۇلمىلىق كېمەيتىش سالمىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئامالنىڭ بارىچە نامايان قىلىمىز. ھەر خىل نام بىلەن ئېلىنىۋاتقان ھەق نۇرغۇن كارخانىنىڭ سېلىقىنى زور دەرىجىدە ئېغىرلىتىۋەتتى، باجدىن باشقا سېلىقنى زور دەرىجىدە ئازايتىمىز. بىرىنچى، ھۆكۈمەت فوندىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، شەھەر جامائەت ئىشلىرى قوشۇمچە خىراجىتى قاتارلىق فوندلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە قىسمەن فوندنى ئۆز ئالدىغا كېمەيتىش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھوقۇقى بېرىمىز. ئىككىنچى، مەركەز كارخانىلاردىن ئالىدىغان 35 خىل مەمۇرىي-كەسپىي ھەقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋە توختىتىپ، ھەق ئېلىش تۈرلىرىنىڭ يەنە يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئازايتىمىز، ساقلاپ قېلىنغانلىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تۆۋەنلىتىمىز. جايلارمۇ كارخانىلارغا تاقىلىدىغان ھەقنى ئازايتىشى كېرەك. ئۈچىنچى، كارخانىلاردىن ئېلىنىدىغان تىجارەت خاراكتېرلىك ھەقلەردە ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى يولغا قويۇشنى ئازايتىپ، مەمۇرىي تەستىق ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتىدە قائىدىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى ئېنىقلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىسى، تۆمۈريول تىرانسپورتى قاتارلىق ساھەلەردە كارخانىلاردىن ئېلىنىدىغان تىجارەت خاراكتېرلىك ھەقنىڭ تۆۋەنلىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار ئارقىلىق تەڭشىلىدىغان تىجارەت خاراكتېرلىك مۇلازىمەت ھەققىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. تۆتىنچى، «بەش سۇغۇرتا، بىر فوند»قا ئالاقىدار ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتىنى داۋاملىق تۈردە مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىمىز. بەشىنچى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخى ۋە ئېنېرگىيە، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىمىز. ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار كىچىك مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىپ ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، كارخانىلارنى يەڭگىل ئىشقا كىرىشىپ، شارائىت يارىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى رىقابەت ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.
  دەل جايىدا كۈچەپ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايمىز. ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىنى قاتتىق چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، «13-بەش يىل»دا بەلگىلەنگەن چوڭ-چوڭ تۈرلەرنى يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جامائەت مۇلازىمىتى، ئۇل ئەسلىھە، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە بايلىق مۇھىتى قاتارلىقلارنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرىمىز.
  نامرات رايون ۋە نامرات ئاھالە − ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەڭ زور كەمتۈكلۈك. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بۇ يىل يېزىلاردا يەنە 10 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىمىز، 3 مىليون 400 مىڭ نامرات ئاھالىنى كۆچۈرۈپ يۆلەيمىز. مەركەز مالىيەسىنىڭ مەخسۇس يۆلەش مەبلىغىنى %30تىن كۆپرەك ئاشۇرىمىز. قىيىنچىلىقى ئېغىر تۇتاش رايونلار، كونا ئىنقىلابىي رايون، چېگرا رايون ۋە مىللىي رايونلارنى ئېچىشنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، نامراتلارنى ئۆزگىچە كەسپنى راۋاجلاندۇرۇش، ئەمگەك كۈچى چىقىرىش، مائارىپ ۋە ساغلاملىق ئارقىلىق يۆلەشكە تۈرتكە بولۇپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلاشقان، قايتا نامراتلاشقان ئاممىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نامرات كەنتلەرنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاممىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى راۋاج تاپقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلىغىنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ ۋە تۈرلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. يۆلەش ھەمكارلىقى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەشكە قاتنىشىشىنى قوللايمىز ۋە يېتەكلەيمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەڭ قاتتىق باھالاش-سىناشنى يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن يالغان قۇتۇلدۇرۇش، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلۇش» ۋە نامراتلىقتىن سان-سېپىر ئارقىلىق قۇتۇلدۇرۇش ئىللەتلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشىنىڭ ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشىگە، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
  (2) مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇللۇق، ئاچقۇچلۇق ئىسلاھاتلارنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرىمىز.
  ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرىمىز. بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان قىلىپ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش-ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. بۇ − ھۆكۈمەت ئۆزى ئۈستىدە قىلىدىغان چوڭقۇر ئىنقىلاب، شۇڭا يۈكسەك جاسارەت بىلەن قەتئىي تۈردە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى تۈزىمىز، بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىك تۈزۈمى سىنىقىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز، ھۆكۈمەتنىڭ ئەركىن ئۆلچەش ھوقۇقىنى ئازايتىپ، بازارنىڭ ئەركىن تاللاش ھوقۇقىنى ئاشۇرىمىز. بىر تۈركۈم ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەت ئىجازەتنامىسىنى ئېنىقلاپ ئەمەلدىن قالدۇرىمىز. سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش يولىنى تۇتىمىز، «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتى سىناق نۇقتىسىنى كېڭەيتىمىز. ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئېلان قىلىش» يولى بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. گوۋۇيۈەن تارماقلىرى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن مەمۇرىيەت مۇلازىمەت سۇپىسىنى شەكىللەندۈرىمىز. بىز چوقۇم كارخانىلار ۋە ئاممىغا قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتىكى ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ كۆپ ھېس قىلدۇرۇپ، «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، ئۇششاق ئەمىر-پەرمانلار كۆپ بولۇپ كېتىش ئىللىتىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئادىل سىياسەت، تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، قولايلىق شارائىت يارىتىمىز.
  مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز. تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. قوشۇلما قىممەت بېجى نىسبىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئاددىيلاشتۇرىمىز، بۇ يىل تۆت دەرىجىلىك باج نىسبىتىنى ئۈچ دەرىجىگە ئىخچاملاپ، ئاددىي، ئاشكارا، تېخىمۇ ئادىل باج مۇھىتى يارىتىپ، كارخانىلارنىڭ باج سېلىقىنى تېخىمۇ يەڭگىللىتىمىز. مەركەز مالىيەسى بىلەن يەرلىك مالىيەنىڭ ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم جاۋابكارلىقىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرىم ئايرىشنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىنى تېز تۈزۈپ، يەرلىك باج سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز ئېلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرىمىز. ھۆكۈمەت خامچوتى، نەق چوتىدا ئاشكارا بولۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تىنما مەبلەغنى جانلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مەبلەغنى جايىدا خەجلەپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىمىز.
  پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ياخشى تۇتىمىز. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاساسىي كەسىپنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى تۆۋەنگە يۈزلەندۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز، ئەمەلىي ئىقتىسادتىن چەتنەپ كېتىشتىن ساقلىنىمىز. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سودا بانكىلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە كەسپىي بۆلۈمى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىمىز، بۇنى چوڭ تىپتىكى دۆلەت بانكىلىرىدا ئاۋۋال ئىشقا ئاشۇرىمىز، پەرقلىق سىناش-باھالاش چارىسى ۋە قوللاش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىمىز. پۇل مۇئامىلىسىنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك، ئېچىش خاراكتېرلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز. كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي بازارنىڭ ئۇللۇق تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىككىنچى بازار ۋە يېڭى ئۈچىنچى بازارنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرىنى قېلىپلاشتۇرىمىز ۋە راۋاجلاندۇرىمىز. سۇغۇرتا مەبلىغىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش يوللىرىنى كېڭەيتىمىز. يېشىل پۇل مۇئامىلىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز. پۇل مۇئامىلە، ئىجارە كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. ھازىر سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەرنى ئومۇمەن تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، ئەمما، ناچار مۈلۈك، زايوم توختامىغا خىلاپلىق قىلىش، كۆلەڭگە بانكا، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىقلاردىكى خەۋپ-خەتەردىن يۈكسەك ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، گەۋدىلىك خەۋپ-خەتەر نۇقتىلىرىنى تەرتىپلىك تۈگىتىپ، پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى ياخشىلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى مۇداپىئەسىنى چىڭىتىمىز. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي تەرتىپى ياخشى، سودا بانكىلىرىنىڭ كاپىتال نىسبىتى تولۇق، مەبلەغ ئاجرىتىش، تەييارلاش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى، قوللىنىشقا بولىدىغان قورال ھەم ۋاسىتىلەر كۆپ، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى يۈز بەرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش تۆۋەن چېكىنى ساقلاش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز، ئىقتىدار ۋە ئامال-چارىمىز بار.
  دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، دۆلەت مۈلكى ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرىمىز. يادرولۇق رىقابەت كۈچى ۋە بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى نىشانلاپ، ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدىغان شىركەت تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى، جانلىق، ئۈنۈملۈك بازارلاشقان تىجارەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرىمىز. بۇ يىل شىركەت تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىنى ئاساسەن تاماملايمىز. ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، نېفىت، تەبىئىي گاز، تۆمۈريول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى، تېلېگراف، ھەربىي سانائەت قاتارلىق ساھەلەردە ماھىيەتلىك قەدەم تاشلايمىز. ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چىڭ تۇتۇپ، رىقابەت خاراكتېرىدىكى كەسىپلەرنى ئېچىۋېتىمىز. دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىخچاملاپ، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي فۇنكسىيەسىنى تېزدىن ئايرىپ، تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز. دۆلەت كاپىتالىنىڭ سېلىنما ئىسلاھات سىنىقى، تىجارەت شىركەتلىرىنىڭ ئىسلاھات سىنىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ ۋە كۈچەيتىپ، مۈلۈك قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ئورتاق بايلىقىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى قوغدايمىز ۋە ئاشۇرىمىز.
  ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىمىز. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان سىياسەت-تەدبىرلەرنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. يېڭىچە ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى تېز بارلىققا كەلتۈرىمىز. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنى دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىغا ئىشتىراك قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىمىز. ھوقۇقتا، پۇرسەتتە ۋە قائىدىدە باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ بازار ئىجازىتىنى يەنىمۇ بوشىتىمىز. ئومۇمەن قانۇن-نىزاملاردا كىرىشى ئېنىق چەكلەنمىگەن كەسىپ ۋە ساھەلەردە، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتىلىرىنىڭ باراۋەر ئاساستا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىمىز؛ ئومۇمەن چەت ئەل مەبلىغىگە ئېچىۋېتىلگەن كەسىپ ۋە ساھەلەرنى ئەلئارا كاپىتالغا ئېچىۋېتىمىز؛ بازاردىكى ئادىل رىقابەتكە تەسىر يەتكۈزىدىغان نامۇۋاپىق ھەرىكەتلەرنى قەتئىي چەكلەيمىز.
  مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش دېگەنلىك ئەمگەكنى، كەشپىيات ۋە ئىجادىيەتنى قوغداش، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش دېگەنلىكتۇر. مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە پۇقرالارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، يېڭىلىق يارىتىشى ۋە بايلىق يارىتىشىغا ئىلھام بېرىپ، كارخانىچىلار روھىنى ئۇرغۇتىمىز ۋە قوغدايمىز، كارخانىچىلارنى خاتىرجەم تىجارەت قىلىش، خاتىرجەم مەبلەغ سېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. كارخانا ۋە پۇقرالار مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشلىرىنى چوقۇم قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، خاتالىقلارنى جەزمەن تۈزىتىمىز.
  ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. كىرىم تەقسىمات تۈزۈمى يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، قىسمەن دۆلەت كاپىتالىنى يۆتكەپ ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى تولۇقلايمىز. داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تېببىي دورا ھەمتۈرتكە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، دورىغا باھا قوشۇشنى تولۇق بىكار قىلىپ، داۋالاش باھاسى، خادىم مائاشى، دورا ئوبوروتى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ماس ئىلگىرى سۈرىمىز. مائارىپ، مەدەنىيەت، كەسپىي ئورۇن قاتارلىقلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ساھەدىكى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچنى تولۇق ئىشقا سالىمىز.
  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون تۈزۈمى ۋە ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىق مۇھىتىنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، دۆلەتنىڭ تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى ئومۇمىي لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز.
  (3) ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قازىمىز. تەمىنلەش ھالقىسى بىلەن ئېھتىياج ھالقىسىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە، رايون دائىرىسىدىكى شەھەر-يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئۇزاق مۇددەت تۈرتكە بولۇش رولىنى كۈچەيتىمىز.
  ئىستېمالنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىستېمال ئېھتىياجىدىكى ئۆزگىرىشكە ماسلىشىپ، سىياسەت-تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلايمىز. بىرىنچى، مۇلازىمەت ئىستېمالىنى تېز راۋاجلاندۇرىمىز. مۇلازىمەت كەسپىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، كۈتۈنۈش، داۋالاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىشىنى قوللايمىز. مۇلازىمەتچىلىك ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ساھە ھالقىپ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، داۋالىنىش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، مەدەنىيەت ئىجادىيلىقى قاتارلىق گۈللەنمە ئىستېمالنى راۋاجلاندۇرىمىز. مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەت ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سەھرا ساياھىتى، ئارام ساياھىتى، تولۇق دائىرە ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز. رەقەملىك ئائىلە، توردا تەربىيەلىنىش قاتارلىق ئۇچۇر ئىستېمالىنى ئاشۇرىمىز. ئېلېكتىرونلۇق سودا، تېز يەتكۈزمىچىلىكنىڭ مەھەللىگە، يېزىلارغا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي دۇكان سودىسى بىلەن توردىن سېتىۋېلىشنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. ئىككىنچى، سۈپەتلىك مەھسۇلات ئىستېمالىنى ئاشۇرىمىز. كارخانىلارنى مەھسۇلات تۈرىنى كۆپەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، كۇرىسلۇق مەھسۇلات يارىتىشقا يېتەكلەپ، مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ «لىنىيەسى، ئۆلچىمى ۋە سۈپىتىنى ئوخشاش قىلىش» دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۈرىمىز. ئۈچىنچى، بازار تەرتىپىنى ياخشىلايمىز ۋە قېلىپلاشتۇرىمىز. ساختا، ناچار مەھسۇلات، ساختا ئېلان، باھا ئالدامچىلىقى قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئەندىشىسىز، خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
  ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال ئاشۇرىمىز. مەبلەغنى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايدىغان، قۇرۇلمىنى تەڭشەيدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ساھەلەرگە تېخىمۇ كۆپ سېلىشقا يېتەكلەيمىز. بۇ يىل تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا 800 مىليارد يۈەن، تاشيول ۋە سۇ تىرانسپورتىغا 1 تىرىليون 800 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىمىز، يەنە 15 چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلايمىز، رېلىسلىق قاتناش، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى بىلەن ھەممىباپ ئاۋىياتسىيەسى، تېلېگراف ئۇل ئەسلىھەلىرى قاتارلىق چوڭ تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز. مەركەز خامچوتىدىكى سېلىنمىدىن 507 مىليارد 600 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرىمىز. ئەلئارا سېلىنمىغا تۈرتكە بولىدىغان سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باھا، باج قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ھۆكۈمەتلەر باشلامچىلىق بىلەن سەمىمىيلىكنى تەكىتلىشى، كېلىشىمنى خالىغانچە ئۆزگەرتىدىغان، يېڭى ئەمەلدار كونا ھېسابقا ئىگە بولمايدىغان ئەھۋالدىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك.
  رايون تەرەققىياتى ئەندىزىسىنى ياخشىلايمىز. ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيە ۋە «تۆت چوڭ بۆلەك»نىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار يىرىك پىلانلارنى ياخشى يولغا قويۇپ، يېڭى تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتىمىز. دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى رايون، تەرەققىيات رايونى، سانائەت كەسىپلەر رايونى قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بايلىقى تۈگىگەن، ئېكولوگىيەسى قاتتىق بۇزۇلغان رايونلارنىڭ ئىقتىساد تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللايمىز. ھاۋا تەۋەلىكى بايلىقىنىڭ سەپلىنىشىنى ياخشىلايمىز. دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادى ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچلۈك دېڭىز-ئوكيان دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايمىز.
  يېڭىچە بازارلىشىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، بۇ يىل 13 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى شەھەر نوپۇسىغا ئالىمىز، تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىمىز. ئوتتۇرا-كىچىك شەھەرلەر ۋە ئۆزگىچە بازارلارنىڭ تەرەققىياتىغا يار-يۆلەك بولۇپ، شەرتى توشىدىغان ناھىيە ۋە ئالاھىدە چوڭ بازارلارنى تەرتىپ بويىچە شەھەرگە ئۆزگەرتىپ، شەھەر توپىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش-يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرىمىز. «بىر قانچە خىل بەلگىلىمىنى بىرلەشتۈرۈش» قەدىمىنى تېزلىتىپ، شەھەر پىلانلاش، لايىھەلەش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز. بىناكارلىق-قۇرۇلۇش كەسپىنى ئىسلاھات قىلىش، راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز. شەھەرلەرنىڭ يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، شەھەرلەرنى گىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يەنە 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق شەھەر يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورىدا ئىش باشلايمىز، شەھەر رايونىدىكى سۇ ئاسان يىغىلىپ قالىدىغان نۇقتىلىق بۆلەكلەرنى تۈگىتىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى باشلايمىز، بۇلۇت شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتناش قىستاڭچىلىقى قاتارلىق «شەھەر كېسىلى»نى ئۈنۈملۈك داۋالاپ، شەھەرلەرنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

(4) ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىمىز. ئەمەلىي ئىقتىساد ئەزەلدىن دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى بولۇپ كەلگەن، ھازىرقى جىددىي ۋەزىپە ئۇنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنىڭ ياخشىلىنىشى، سۈپەت، ئۈنۈم ۋە رىقابەت كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
  پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. ئۇل تەتقىقات ۋە ئىجادىي تەتقىقاتقا ئۇزاق مۇددەت مۇقىم يار-يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ-چوڭ نۇقتىلىق پەن-تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركەزلىرىنى بەرپا قىلىپ، پەن-تېخنىكا بايلىقىنى ئېچىۋېتىش-ھەمبەھرىلىنىش سۇپىسى بەرپا قىلىمىز. ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىسلاھاتى تەجرىبىسىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. پەن تېخنىكىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىمىز. ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات يۇرتى − ئورۇنلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاي ھوقۇقى، قەرەللىك ھوقۇق ۋە پايدا تەقسىماتى قاتارلىق رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنى، پەن تەتقىقات خىراجىتى ۋە تۈر باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنى چۇۋالچاق ئىشلارغا باش قاتۇرۇشتىن خالاس قىلىمىز. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى سىناق قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يارىتىش، قوغداش ۋە ئىشلىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشتە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە جەلپ قىلىپ، پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىدا جەزمەن نەتىجە قازىنىمىز.
  گۈللەنمە كەسىپلەرنى تېز يېتىلدۈرىمىز ۋە زورايتىمىز. ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېڭى ماتېرىيال، سۈنئىي ئەقىل، توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى، بىيودورىگەرلىك، 5-ئەۋلاد كۆچمە ئالاقە قاتارلىق جەھەتلەردىكى تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز، كەسىپلەر توپىنى كۈچەيتىمىز ۋە زورايتىمىز. ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى قوللاپ ۋە يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مەبلەغدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىمىز. يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىش، كەڭ قورساق-ئېھتىياتچان بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، گۈللەنمە كەسىپلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قائىدىسىنى تۈزۈپ، گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىمىز ۋە ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىستاتىستىكا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گۈللەنمە كەسىپلەر ئىستاتىستىكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئالاقە تورى دەۋرىدە، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى تېخىمۇ تېز، تەننەرخى تېخىمۇ تۆۋەن، تېخىمۇ بىخەتەر ئۇچۇر تورىغا موھتاج بولۇۋاتىدۇ. بۇ يىل تورنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ ھەققىنى تۆۋەنلىتىشتە تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاپ، يان تېلېفونلارنىڭ ئىچكى ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ھەققى ۋە كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئالاقە تورىغا مەخسۇس ئۇلاش ھەققىنى زور ھەجىمدە تۆۋەنلىتىپ، خەلقئارا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ھەققىنى تۆۋەنلىتىپ، «ئالاقە تورى +»نىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشى ۋە رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تېز يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنى كەڭ دائىرىدە پايدىغا ئېرىشتۈرۈپ، ئاممىنى ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلەندۈرىمىز.
  ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىمىز. «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى − 2025» پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، ئەشيا ئالاقە تورىنىڭ قوللىنىلىشىنى تېزلىتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇش ۋە تىجارەت ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە ئارقىلىق تۈرتكە بولىمىز. ئاقىل ياسىمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئاساسىي يۆنىلىش قىلىپ، دۆلەت ئاقىل ياسىمىچىلىق ئۈلگە رايونى، ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، سانائەت ئۇلىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى ۋە چوڭ جابدۇق مەخسۇس قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ ئوتتۇرا يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىمىز. كۈچلۈك ياسىمىچىلىق دۆلىتى قۇرۇشنىڭ سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخنىكا ئۆزگەرتىشكە كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن يار-يۆلەك بولۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
  ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش − ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، كونا-يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىغا ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلما دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ، شۇنداقلا پۇرسەت ئادىللىقى ۋە جەمئىيەت قاتلىمىدىكىلەرنىڭ تىك لىنىيەلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ رېئال يولى، بۇنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېڭىدىن بىر تۈركۈم ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە بازىلىرىنى قۇرۇپ، چوڭ كارخانا، پەن تەتقىقات يۇرتى-ئورۇنلىرىنى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى كەسىپلەشكەن ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ماكانى تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىجادچان ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا يار-يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئاۋامغا يۈزلەنگەن ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا باشتىن-ئاخىر مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك سۇبيېكتلار ئۆز كارامىتىنى ئىشقا سالىدىغان، توردا ۋە تور سىرتىدا بىر-بىرىگە ياخشى تۈرتكە بولىدىغان، كىچىك كارخانىلار ھەممە يەرنى قاپلايدىغان، چوڭ كارخانىلار زەبەردەس تۇرىدىغان، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادكارلىقى تەڭ رول ئوينايدىغان ئىمكانىيەتنى يارىتىمىز.
  سۈپەت ۋە سەۋىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز. سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، سۈپەتنى ئەتراپلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۈپەت-تېخنىكا ئاساسىنى پۇختىلاپ، سۈپەتنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ياخشىلىرى تاللىنىپ، ناچارلىرى شاللىنىدىغان سۈپەت رىقابىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ھۈنەرۋەن روھى − سۈپەتنىڭ جېنى. ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھۈنەرۋەن مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، كەسپىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، كامالەتكە ئىنتىلىشنى ئەلا بىلىپ، ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەلەشتۈرۈپ، كۆپلەپ «جۇڭگو ھۈنەرۋەنلىرى»نى يېتىشتۈرۈپ، دۇنياغا داڭلىق «جۇڭگونىڭ كۇرسلۇق مەھسۇلاتى»نى تېخىمۇ كۆپلەپ يارىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت دەۋرىگە قەدەم قويۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
  (5) يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىشى ۋە دېھقانلار كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن يېڭىچە بازارلاشتۇرۇشنىڭ بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېز يېتىلدۈرىمىز.
  يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دېھقانلارنى بازارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، سۈپەتلىك، يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى ئاشۇرىمىز، سۈپەتلىك شال، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىنى كېڭەيتىمىز، كۆممىقوناق تېرىش كۆلىمىنى مۇۋاپىق ئازايتىمىز، ئاشلىق زىرائىتى تېرىشنى يەم-خەشەك زىرائىتى تېرىشقا ئۆزگەرتىش سىنىقىنىڭ كۆلىمىنى 10 مىليون مودىن ئاشۇرىمىز. كۆممىقوناق ئامبار زاپىسىنى كۆپ يوللار بىلەن تۈگىتىشكە ئىلھام بېرىمىز. ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يار-يۆلەك بولۇپ، ساياھەت يېزا ئىگىلىكى، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە قىممەت زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، يېزىلاردىكى 1 -، 2 -، 3-كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىمىز.
  زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا ئۆلچەملىك ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇش ۋە كۇرسلۇق مەھسۇلات يارىتىش، قوغداشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونى، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغداش رايونى، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونى ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ باغچىسى بەرپا قىلىمىز. يەرلەرنى تەرتىپكە سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا-تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلارنى كۈچەپ ئۆزگەرتىپ، بىنەم تېرىقچىلىقى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، يېڭىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېجەشلىك سۇغىرىش كۆلىمىنى 20 مىليون مو ئاشۇرىمىز. تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرىمىز. ھەر خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش − جۇڭگوچە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، ئۇ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ كۈچلۈك كاپالىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ يىل ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان 13 ئۆلكىدىكى قىسمەن ناھىيە-شەھەرلەرنى تاللاپ، مۇۋاپىق كۆلەملىك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقان ئائىلىلىرىدە ئېغىر ئاپەت سۇغۇرتىسىنى يولغا قويۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنىڭ بىر قىسمىنى تەڭشەش ئارقىلىق يار-يۆلەك بولۇپ، سۇغۇرتىنىڭ قاپلىنىش كۆلىمى ۋە سۇغۇرتا تۆلەم ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكتىكى قايتا سۇغۇرتىلاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىجىل، پۇختا يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى ئارقىلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.
  يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىنىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ مال-مۈلۈك ھوقۇقى بېرىمىز. ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھا شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى ۋە يىغىپ ساقلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، يېزا ئىگىلىكى سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى، دۆلەت ئورمانچىلىق رايونى-مەيدانى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، تەمىنات-سودا كوپىراتىپى قاتارلىقلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. يېزىلاردىكى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى كەسپىي دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ يېتىشتۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يېزىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە يار - يۆلەك بولىمىز، تېخىمۇ ياخشى تەدبىر قوللىنىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر ۋە پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېزىغا بېرىپ تالانتىنى نامايان قىلىشىغا ئىلھام بېرىمىز.
  يېزا جامائەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. 200 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ياسايمىز ياكى ئۆزگەرتىپ ياسايمىز. يېزىلاردا مۇقىم، ئىشەنچلىك توك بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى ئومۇملاشتۇرىمىز، تۈزلەڭ رايونلاردىكى ماشىنىلاشقان قۇدۇقلارنىڭ ھەممىسىگە توك يەتكۈزىمىز. 30 مىڭ مەمۇرىي كەنتكە ئوپتىك تالالىق تورنى تۇتاشتۇرىمىز. يېزىلاردا بىخەتەر ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرىمىز. يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەم زامانىۋى مەدەنىيلىككە، ھەم يېزا-قىشلاق مەنزىرىسىگە ئىگە گۈزەل يېزا-كەنت بەرپا قىلىمىز.
  (6) سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى تەشەببۇسكارلىق ۋە ئاكتىپلىق بىلەن كېڭەيتىمىز. خەلقئارا مۇھىتتىكى يېڭى ئۆزگىرىش، ئىچكى تەرەققىياتنىڭ يېڭى تەلىپى ئالدىدا ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، سىرتقا ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىلگىرى سۈرىمىز.
  «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. ئورتاق مەسلىھەتلىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇقلۇق ئىقتىساد كارىدورى ۋە دېڭىز ئۈستى ھەمكارلىقى تىرەك قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، لىنىيە بويىدا چوڭ تاموژنا ھەمكارلىقى مېخانىزمى بەرپا قىلىمىز. خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ جابدۇق، تېخنىكا، ئۆلچەم ۋە مۇلازىمەتنى سىرتقا چىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىمىز. مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، ساياھەتچىلىك ساھەلىرىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىمىز. «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ھەمكارلىق-ھەمبەھرىلىك يېڭى مارشىنى ئورتاق ياڭرىتىمىز.
  تاشقى سودىنىڭ داۋاملىق مۇقىملىشىشى ۋە ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىمپورت-ئېكسپورت سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەتلىك ئىمپورت-ئېكسپورتقا تۈرتكە بولىمىز. ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنە ئېكسپورتىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە سۇغۇرتىلاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق سۇغۇرتىلايمىز. مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت سودىسى بويىچە تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەش فوندى تەسىس قىلىمىز. سېتىۋېلىش كارخانىلىرى ۋە تاشقى سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىمىز. تاشقى سودىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈلگە بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. پىششىقلاش سودىسى كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا-يۇقىرى بۆلىكىگە كېڭىيىشى ۋە ئوتتۇرا-غەربىي رايونلارغا پەلەمپەيسىمان يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. خەلقئارا سودىنىڭ بىر كۆزنەكلىك بولۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرىمىز. ئىلغار تېخنىكا، ئۈسكۈنە ۋە ئاچقۇچلۇق زاپچاس-دېتال ئىمپورتىنى ئاشۇرۇپ، سودىنىڭ تەڭپۇڭ راۋاجلىنىشىنى ۋە ئىچكى كەسىپلەر دەرىجىسىنىڭ تېز ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
  چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلايمىز. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالىدىغان كەسىپلەرنىڭ يېتەكچى مۇندەرىجىسىنى تۈزۈپ، مۇلازىمەتچىلىك، ياسىمىچىلىق، كانچىلىققا چەت ئەل مەبلىغى كىرگۈزۈش ئىجازىتىنى تېخىمۇ قويۇۋېتىمىز. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ مەملىكەت ئىچىدە پېيىنى بازارغا سېلىشى ۋە زايوم تارقىتىشىنى قوللاپ، دۆلەت پەن-تېخنىكا پىلان تۈرلىرىگە قاتنىشىشىغا يول قويىمىز. سالاھىيەت ئىجازىتى بېرىش، ئۆلچەم بېكىتىش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى-2025» پىلانىغا دائىر سىياسەتلەردىن بەھرىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىچكى-تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىمىز. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق چېكى دائىرىسىدە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشكە دائىر ئېتىبار سىياسەتلىرىنى چىقارسا بولىدۇ. 11 ئەركىن سودا رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سەۋىيەدە قۇرۇپ، پىشىپ يېتىلگەن تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىمىز. چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ساغلام، قېلىپلىق راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، خەۋپ-خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. جۇڭگو سىرتقا ئىشىكىنى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىدۇ، داۋاملىق تۈردە چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى ئەڭ جەلپكار مەنزىلى بولۇپ قالغۇسى.
  خەلقئارا سودا ۋە سېلىنمىنىڭ ئەركىنلىشىشى ۋە قولايلىقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولىدۇ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسىي يوللۇق ئورنىنى قوغدايدۇ، كۆپ تەرەپلىك سودا سۆھبەتلىرىگە پائال قاتنىشىدۇ. بىز ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېلىشىمىنىڭ تولۇق كۈچكە ئىگە بولۇشى ۋە يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى ھەققىدىكى سۆھبەتنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز. ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن سېلىنما سودىسى كېلىشىمى ھەققىدە داۋاملىق كېڭىشىمىز. جۇڭگو − مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت، ئۆز ۋەدىسىگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىپ كەلدى، تېگىشلىك ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

(7) ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى، بولۇپمۇ ھاۋا سۈپىتىنى تېز ياخشىلاش − خەلق ئاممىسىنىڭ تەخىرسىز ئارزۇسى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ ئىچكى تەلىپى. ئىلمىي تەدبىر كۆرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا لاياقەتلىك جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمىز.
  ئاسماننىڭ سۈزۈكلۈكىنى قوغداش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىمىز. بۇ يىل گۈڭگۈرت (IV) ئوكسىدى، ئازوت ئوكسىدى چىقىرىش مىقدارىنى %3 تۆۋەنلىتىپ، نۇقتىلىق رايونلاردا ئۇششاق دانچە ماددىلار (PM2.5) نىڭ زىچلىقىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىمىز. بىرىنچى، كۆمۈر قالاش كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇلغىنىش مەسىلىسىنى تېز ھەل قىلىمىز. پارچە كۆمۈرنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، شىمالىي رايونلاردا قىشتا پاكىز ئىسسىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، 3 مىليوندىن ئارتۇق ئائىلىنى كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك، گاز ئىشلىتىدىغان قىلىمىز، ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ پۈتكەن رايونلىرىدا كۆمۈر يېقىلغۇلۇق كىچىك پارقازانلارنىڭ ھەممىسىنى شاللىۋېتىمىز. كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىمىلىق ۋە ئېنېرگىيە تېجەر قىلىپ ئۆزگەرتىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، بۇنى شەرقىي-ئوتتۇرا رايونلاردا بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى، غەربىي رايونلاردا 2020-يىلى تاماملايمىز. مېخانىزملىق ۋە تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن چىقىرىلغان توكنىڭ ئېلېكتىر تورىغا كىرىشىگە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، سۇ ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسىدىن ۋە يورۇقلۇقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. يادرو ئېلېكتىرىنى بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىي قىلدۇرىمىز، شاخ-شۇمبىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى تېزلىتىمىز. ئىككىنچى، بۇلغىنىش مەنبەسىنى تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز. نۇقتىلىق ساھەلەردە بۇلغىنىشنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق سانائەت بۇلغىما مەنبەلىرىنىڭ ھەممىسىنى 24 سائەت توردا كۆزىتىپ، سۈپەتنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىمىز. چىقىرىش ئۆلچىمىگە يەتمەيدىغان كارخانىلارغا ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش سۈرۈكى بەلگىلەپ بېرىپ، سۈرۈك توشقىچىمۇ ئۆلچەمگە يەتكۈزەلمىگەنلىرىنى قانۇن بويىچە قەتئىي تاقىۋېتىمىز. ئۈچىنچى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىسىنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىمىز. سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىللارنى ئاساسەن بىراك قىلىپ، كونا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تېز بىراك قىلىپ، يۇقىرى بۇلغىمىلىق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى مەخسۇس تۈزەپ، پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىمىز، يېقىلغۇ ماي سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق رايونلاردا دۆلەتنىڭ 6-دەرىجىلىك ئۆلچىمىگە توشىدىغان ماي ئىشلىتىشنى تېز ئومۇملاشتۇرىمىز. تۆتىنچى، ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرىمىز. تۈتەك پەيدا بولۇش قانۇنىيىتى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە دەللىكىنى ئاشۇرىمىز. نۇقتىلىق رايونلاردا بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە تۈزەش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىمىز. بەشىنچى، مۇھىتقا دائىر قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىمىز. بۇلغىمىنى يوشۇرۇن چىقارغانلار ۋە كۆز بويامچىلىق قىلغانلارغا جەزمەن قاتتىق زەربە بېرىمىز؛ قانۇننى كۈچلۈك ئىجرا قىلماي، ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرىمىز. ھاۋا سۈپىتى ناچارلىشىپ كېتىشكە كۈچلۈك تاقابىل تۇرمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرىمىز. تۈتەكنى تۈزەشتە ھەر كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، ھەرىكەتكە كېلىش ئەڭ مۇھىم، قەتئىي داۋاملاشتۇرغاندىلا، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. پۈتكۈل جەمئىيەت قەتئىي بوشاشماي تىرىشقاندىلا، كۆك ئاسمانلىق كۈنلەر يىلدىن-يىلغا كۆپىيىدۇ.
  سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى كۈچەيتىمىز. بۇ يىل خىمىيەلىك ئوكسىگېن مىقدارى، ئاممىياكلىق ئازوت چىقىرىش مىقدارىنى %2 تۆۋەنلىتىمىز. نۇقتىلىق ۋادى رايون، دېڭىز رايونلىرىدىكى سۇنىڭ بۇلغىنىشى ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى چىڭ تۇتىمىز. تۇپراق بۇلغىنىشنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، تۈزەش تەدبىرىنى تۈر بويىچە بېكىتىمىز ۋە يولغا قويىمىز. شەھەر-يېزا مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يېشىل تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز. ئېنېرگىيە تېجەر، مۇھىت سۆيەر كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېشىل قايتا ياساش ۋە بايلىقتىن قايتا پايدىلىنىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇھىتنى ياخشىلاش ۋە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتا تەڭ غەلىبە قىلىمىز.
  ئېكولوگىيە مۇھاپىزىتى ۋە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئېكولوگىيە مۇھاپىزىتى قىزىل سىزىقىنى چىڭ تۇتۇپ بېكىتىمىز ۋە قاتتىق ساقلايمىز. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئاكتىپ تاقابىل تۇرىمىز. ئورمان سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىدىكى چوڭ-چوڭ ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، 2-تۈركۈمدىكى تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قۇرۇلۇشنىڭ سىنىقىنى باشلايمىز، 12 مىليون مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەرنى ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇپ، چۆللىشىپ كېتىش، قۇملىشىپ كېتىشنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئېكولوگىيەلىك بايلىق جۇغلاپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىدىغان يېشىل سەددىچىن قۇرىمىز.
  (8) خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ياخشىلاش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىمىز. خەلق تۇرمۇشى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم ئىشى. ئۇنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىمىزگە پۈكۈشىمىز، زىممىمىزگە ئېلىشىمىز شەرت. ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولۇۋاتقان ھازىرقى ئەھۋالدا خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ئالدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىپ ۋە ئالدىن ياخشىلاپ، قىلىدىغان ۋە قىلالايدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۈچىمىزنىڭ بارىچە ياخشى قىلىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىشىمىز كېرەك.
  ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا جانلىق ئورۇنلىشىش، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىگە يار-يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىمىز. بۇ يىل 7 مىليون 950 مىڭ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، يېڭى تارىخىي رېكورت يارىتىدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلامدا چېنىقتۇرۇش قاتارلىق پىلانلارنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى تۈرلۈك يوللار بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەيمىز. ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر-بازارلاردىكى قىيىنچىلىقتا قالغانلار ۋە مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يار-يۆلەك بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەردىن كەم دېگەندە بىر كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ئىبارەت ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، كىشىلەرنىڭ ئەمگەك ئارقىلىق بايلىق يارىتىپ، كۈرەش داۋامىدا كىشىلىك قىممىتىنى يارىتىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىمىز.
  ئادىل، سۈپەتلىك مائارىپنى ئوبدان يولغا قويىمىز. شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان «ئىككى كەچۈرۈم، بىر ياردەم» سىياسىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،دائىملىق ئاھالىنىڭ شەھەر-بازار مەجبۇرىيەت مائارىپى جامائەت مۇلازىمىتىدىن ئومۇميۈزلۈك بەھرىلىنىشىنى تېز ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شەھەر-يېزا، رايون، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىدىكى پەرقنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىمىز. نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە نامرات رايونلاردىكى يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىمىز. دوكتور ئاسپىرانتلارغا دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىمىز. دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېت ۋە پەن قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بىر قىسىم تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچان تىپقا ئۆزگىرىشىنى دااۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى سىنىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرىمىز. مىللىي مائارىپنى كۈچەيتىپ، ئالاھىدە مائارىپ، داۋاملاشما مائارىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ۋە ياشانغانلار مائارىپىنى ياخشى يولغا قويىمىز. پۇقراۋى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايمىز ۋە داۋاملاشتۇرىمىز. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. «جۇڭگو مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش − 2030» پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويىمىز. خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق تىرەك بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ ئارزۇ گۈللىرىنى ئېچىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئائىلىلەرنى مۇرادىغا يەتكۈزىمىز.
  ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مالىيەدىن بېرىلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى 420 يۈەندىن 450 يۈەنگە ئۆستۈرىمىز. شەخسلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمىنىمۇ شۇنىڭغا يارىشا ئۆستۈرۈپ، دورا ئىشلىتىشنى كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇرىنى مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇپ، باشقا جايدا داۋالىنىش، كېسەلخانىدا يېتىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىمىز. ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. كۆپ خىل شەكىلدىكى داۋالاش بىرلەشمىسى قۇرۇلۇشى سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، ئۈچ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ھەممىسىنى قاتناشتۇرىمىز ۋە يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىمىز. سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تۇتىشىدىغان سىناش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا داۋالىنىشىغا قولايلىق يارىتىمىز. دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش سىنىقى ۋە ئائىلە كېلىشىملىك مۇلازىمىتىنى ۋىلايەت - شەھەرلەرنىڭ %85تىن ئارتۇقراقىغا كېڭەيتىمىز. ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئاساسىي جامائەت ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى خىراجىتىنىڭ ياردەم ئۆلچىمىنى داۋاملىق ئۆستۈرىمىز، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. جامائەت ساقلىق ساقلاش ھادىسىلىرىگە ۋاقتىدا، ئاشكارا، ئوچۇق، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوغدايمىز ۋە قوزغايمىز. دوختۇرلار بىلەن ئاغرىقلار ئوتتۇرىسىدا ئىناق مۇناسىۋەت ئورنىتىمىز. ئومۇميۈزلۈك ئىككى بالىلىق بولۇش سىياسىتىگە لايىقلىشىپ، تۇغۇت داۋالىنىش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىمىز، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قانۇن بويىچە يار-يۆلەك بولىمىز. يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكى خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا تاقىلىدۇ، ئۇنى تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچلىرىنى تولۇقلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مەنبەدىن تىزگىنلەش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن باشقۇرۇشقا تەڭ ئېتىبار بېرىش، قالايمىقانچىلىقنى قاتتىق قانۇن بىلەن ئوڭشاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېمەك - ئىچمەك، دورا بىخەتەرلىكىدىكى ھەر بىر ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلەيمىز.
  خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تورىنى پۇختىلايمىز. پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق بېرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. نەپىقە بېرىش، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ئۆلچىمىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرىمىز، ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى ياخشى يولغا قويىمىز. تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش مېخانىزمىنى تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇلتۇر كەلكۈن-ھۆلچىلىك ئاپىتىدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، زىيانغا ئۇچرىغان ئۆيلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇشنى تولۇق تاماملايمىز. يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلارنى ئاسراش-قوغداش ۋە شەھەر-يېزىلاردىكى قىيىن ئەھۋالدا قالغان بالىلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى كۈچەيتىمىز. ياشىنىپ پاناھسىز قالغانلارغا غەمخورلۇق قىلىمىز ۋە ياردەم بېرىمىز. مېيىپلەرگە «ئىككى تولۇقلىما» بېرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەردە ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، كاپالەت خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقتا قالغان ئاممىنىڭ ھالىغا يېتىپ، تۇرمۇشىنى قامدىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. قانۇن، مەمۇرىيەت، ئىقتىساد قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكىگە تېگىشلىك ھەق بەرمەيدىغان ئەھۋاللارغا قەتئىي يول قويمايمىز.
  مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرىمىز. سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ئارزۇسى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق تونۇش ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز. مەدەنىيەتتە ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىمىز. پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈپ، ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە، ئارخىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. جۇڭگوچە يېڭى ئاقىللار ئامبىرى قۇرىمىز. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تارقىتىش، ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىمىز. ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ،پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. ئاساسىي جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنىڭ تەڭپۇڭلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. مەدەنىيەت كەسپىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، مەدەنىيەت بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تور مۇھىتىنى ساپلاشتۇرىمىز. جۇڭگو، چەت ئەل مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى سىرتقا چىقىرىشقا تۈرتكە بولىمىز. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەيمىز، ئاممىۋى تەنتەربىيە، ماھارەت تەنتەربىيەسى ۋە تەنتەربىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى تەنھەرىكەت خۇشاللىقىدىن بەھرىلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرىمىز. خەلق جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام، ئۈمىدۋار بولسا دۆلەت ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ.
  جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىمىز. ئاساسىي قاتلام ئاممىسى ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزا مەھەللىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جامائەت پاراۋانلىقى ۋە خەيرىيەت ئىشلىرىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپىي ئىجتىمائىي خىزمەت ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار ۋە مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز. ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. قانۇنچىلىق تەشۋىقات-تەربىيەسى ۋە قانۇن مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىمىز. ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئورۇنلۇق تەلىپىنى ۋاقتىدا ۋە ئۆز جايىدا قانۇن بويىچە ھەل قىلىمىز. تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى تىزگىنلەشنىڭ ئىستېرېئولاشقان، ئۇچۇرلاشقان سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، قارا، رەزىل كۈچلەر، زەھەر جىنايەتچىلىرى ۋە ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى، شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قاتارلىق كۆپ يۈز بېرىدىغان جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمىز. قانۇننى ئادىل ۋە مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەر تەرەپلىمە ئاشۇرىمىز.
  بىخەتەرلىك − ئادەمنىڭ ھاياتىغا تاقىلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم ئىش. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قەتئىي بوشاشماي ئۇزاققىچە ياخشى تۇتۇش شەرت. بىخەتەرلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يەر تەۋرەش، ھاۋارايى، ئۆلچەش-سىزىش، گېئولوگىيە خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەيمىز. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، كارخانىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، جايلارنىڭ ئۆز تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرىمىز.

(9) ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىمىز. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيە جەھەتتە، سىياسىي جەھەتتە ۋە ھەرىكەت جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىمىز.
  مەسئۇلىيىتىمىزنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇنغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، قانۇنچىلىققا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇندىن ھېيىقىپ، قانۇن ئۈچۈن مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش كېرەك. مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر تەرەپنىڭ پىكرىگە، جۈملىدىن تەنقىدىي پىكرىگە كەڭ دائىرىدە قۇلاق سالىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر قانۇن بويىچە تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، جامائەتچىلىك نازارىتى ۋە جامائەت پىكرى نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكرىگە ئەستايىدىل قۇلاق سېلىشى كېرەك. خەلق ھۆكۈمىتى بارلىق خىزمەتلىرىمىزدە خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىمىز، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايمىز، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىمىز.
  پاكلىق خىسلىتىمىزنى باشتىن-ئاخىر ساقلايمىز. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى قەتئىي بوشاشماي تۈزىتىمىز. مەمۇرىي تەپتىشلىك ۋە ئىقتىسادىي تەپتىشلىك-نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىمىز. چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى نىشانلاپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز. كەڭ مەمۇرلار خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىشتا ئادىل، دۇرۇس، پاك-دىيانەتلىك بولىمىز.
  يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلەيمىز ۋە ئىگىلىك تىكلەيمىز. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات-تەرەققىياتىدىكى زور نەتىجىلەر كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئىشلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان، يەنە يېڭى نەتىجە يارىتىشتا ھېلىھەم ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھەقىقىي تۇتۇش قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلىشى، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلىشى، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىجادىي ئىشلىشى كېرەك، ئاددىي ھالدا يىغىننى يىغىن ئارقىلىق ئىزچىللاشتۇرىدىغان ۋە ھۆججەتنى ھۆججەت ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، ئەمەلىي ئىش قىلماي، قۇرۇق گەپ سېتىپ، ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغان ئىشنى قىلماسلىقى كېرەك. مەركەز بىلەن جايلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، جايلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دادىل ئىزدىنىپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى بەس-بەستە ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىلھام بېرىمىز. خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بولۇپمۇ نۇقتىلىق ۋەزىپىلەردە ھەر تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، قاتلاممۇقاتلام بېسىم ھاسىل قىلىپ، تولۇق ۋە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز. تەكشۈرۈش-جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتىكى چاكىنىلىق، ھۇرۇنلۇق، بوشاڭلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەرتىپكە سېلىپ، مەمۇرىي ئىشلاردا ئاممىنىڭ ئىشەنچىدىن قېلىش ئەھۋاللىرىنى قەتئىي تۈزەيمىز. رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ۋە خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش-تۈزىتىش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش قىلىدىغانلارغا مەدەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتچانلارغا تىرەك بولىمىز. كەڭ كادىرلار قىلىدىغاننى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرگە ھەقىقىي يۈزلىنىپ، خەلق بىلەن بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېلەچەككە يۈزلىنىشى كېرەك.
    ۋەكىللەر!
  دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە ئىلغارلىق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ياخشى ئۇيۇشتۇرىمىز. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يار-يۆلەك بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، نوپۇسى ئازراق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىمىز. ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئىناق ئۆتىدىغان، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىدىغان ۋە تەڭكەش راۋاج تاپىدىغان قىلىمىز. جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسى چوقۇم تېخىمۇ بەختلىك ۋە ئاسايىشلىق بولىدۇ.
  بىز پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە دائىر تۈپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنىي زاتلارنىڭ ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرىمىز.
  مۇھاجىرلار ئىشلىرى سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى ۋە ئىنتىلىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.
    ۋەكىللەر!
  ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئارمىيەنىڭ ئىنقىلابىيلىشىش، زامانىۋىلىشىش، مۇنتىزىملىشىش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئالغا سۈرۈپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. يېڭى بىر يىلدا، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىمىز. ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي ئۈنۈملۈك قوغدايمىز. پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قوغدايمىز ۋە ئىزچىللاشتۇرىمىز. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. دېڭىز، ھاۋا، چېگرا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش، خەلقئارا تىنچلىق ساقلاش، يىراق دېڭىز-ئوكيان قاتنىشىنى مۇھاپىزەت قىلىش قاتارلىق مۇھىم ھەرىكەتلەرنى ئەتراپلىق ئۇيۇشتۇرىمىز. دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، زامانىۋى ئارقا سەپ قۇرۇلۇشى ۋە قورال-جابدۇق تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز. پۈتۈن خەلقنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ تەڭكەش، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائىتى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارمىيە-خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئەسى، ئارمىيە ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ پۇختا، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق قوللاپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىنى پۇختىلىشى لازىم.
    ۋەكىللەر!
  بىز «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەلەپچانلىق بىلەن ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نى شياڭگاڭ، ئاۋمېندا تەۋرەنمەي، ئۆزگەرتمەي، ئەينەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ باش مەمۇرى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە ئىناقلىققا تۈرتكە بولۇشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز. «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى»نىڭ چىقىش يولى يوق. ئىچكى جايلارنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن بىلەن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن قولتۇق رايونى شەھەر توپىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدىكى ئورنى ۋە رولىنى كۈچەيتىمىز. بىزنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېنلارنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشقا باشتىن-ئاخىر ئىشەنچىمىز كامىل.
  بىز تەيۋەن خىزمىتىنىڭ مۇھىم فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، «92-يىل ئورتاق قارىشى»دىن ئىبارەت ئورتاق سىياسىي ئاساسنى قوغدايمىز. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايمىز. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى توسۇپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق شەكىل، ھەرقانداق نام بىلەن تەيۋەننى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىۋېتىشىگە قەتئىي يول قويمايمىز. ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي جەھەتتىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بولۇپمۇ تەيۋەنلىك ياشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئوقۇشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى ۋە تۇرمۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىمىز. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار مىللەتنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئورتاق زىممىمىزگە ئېلىپ، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، بارلىق جۇڭگولۇقلارغا بىرلىكتە بەختىيار تۇرمۇش ۋە گۈزەل كېلەچەك يارىتىشىمىز كېرەك.
    ۋەكىللەر!
  دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئالدىدا، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر تىنچلىق ۋە مۇقىملىق تەرەپتە، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق تەرەپتە تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدۇ. بىز تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، كۆپ تەرەپلىك تۈزۈلمىنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى قەتئىي قوغداپ، ھەر خىل شەكىلدىكى قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش مۇساپىسىگە چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان، مەنپەئەتدار، ئادىل ۋە مۇۋاپىق بولۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەيمىز. ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان ۋە تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىدىغان چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى رامكىسى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، قوشنىلار بىر-بىرىگە ئىشىنىدىغان ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئەتراپ مۇھىتىنى يارىتىشقا تىرىشىمىز. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دۇنياۋى ۋە رايونلۇق قىزىق نۇقتا مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ئىجابىي لايىھە بىلەن پائال تەمىنلەيمىز. چەت ئەلدىكى ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداش مېخانىزمى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرىمىز. بىز خەلقئارا جامائەتچىلىك بىلەن بىرلىكتە، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يادرو قىلىنغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى تىرىشىپ ئورنىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداشلار ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايمىز.
    ۋەكىللەر!
  بۇرچنى دادىللىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلىسەكلا شانلىق نەتىجە يارىتالايمىز. ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، «ئىككى 100 يىل»لىق ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، زامانىۋىلاشقان، باي-قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!
     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 16-مارت تېلېگراممىسى

 

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش