首页 > ئېلان-ئۇقتۇرۇش

2017-يىلى شىنجاڭ جەمئىيەتتىن 5435 نەپەر مەمۇر، خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدۇ

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-03-20 04:52:44 :ۋاقىت

2017-يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەمئىيەتتىن ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق ئاشكارا ھالدا 5435 نەپەر مەمۇر، خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش خىزمىتى 20-مارت باشلىنىدۇ.

بۇ يىلقى ئىش ئورۇنلىرى ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك ھەرخىل ئورگانلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە يۈزلەندۈرۈلگەن، ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك ئىش ئورنى ئومۇمىي ئىش ئورنىنىڭ %80.1ىنى؛ سىياسىي-قانۇن سىستېمىسى ئىش ئورنى ئومۇمىي ئىش ئورنىنىڭ % 24.3ىنى، ئاز سانلىق مىللەت ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تاللىسا بولىدىغان ئىش ئورنى ئومۇمىي ئىش ئورنىنىڭ % 75ىنى ئىگىلەيدۇ.

ئىمتىھاننىڭ تىزىملىتىش ۋاقتى 20-مارت سائەت 10:30دىن 26-مارت سائەت 18:30غىچە، ھەق تۆلەش ۋاقتى 20-مارت سائەت 10:30دىن 27-مارت سائەت 18:30غىچە بولىدۇ. يازما ئىمتىھان 22-، 23-ئاپرېل كۈنلىرى ئېلىنىدۇ، ئىيۇندا يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ، سالاھىيەت تەكشۈرۈش، يۈز تۇرانە ئىمتىھان، بەدەن ئىقتىدارىنى ئۆلچەش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، كۆزىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ، قوبۇل قىلىش خىزمىتى نويابىرنىڭ ئاخىرىغىچە ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىدۇ.

ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تور بېكىتى (http://www.xjrsks.com.cn)گە كىرىپ تىزىملاتسىمۇ، شىنجاڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تورى (http://www.xjkunlun.cn)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (http://www.xjrs.gov.cn) ۋە ياكى شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى تورى (http://www.xjrsks.com.cn)غا كىرىپ تىزىملاتسىمۇ بولىدۇ.

 

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى ئويۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئېلېكترونلۇك مەمۇرىيەت ئىشخانسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش