首页 > توردىكى مۇلازىمەتلەر > مېھمانخانىلار

شىنجاڭ چەۋەنداز مېھمانخانىسى

:مەنبە 2017-03-22 00:00:00 :ۋاقىت


    

    شىنجاڭ چەۋەنداز مېھمانخانىسى شىنجاڭ چەۋەندازلار ئىمپورت – ئېكىسپورت چەكلىك سودا شىركىتى قارمىقىدىكى ياتاق ، تاماق ، كۆڭۈل ئېچىش ، يىغىن ، سودا ، ئىشخانىلار بىر گەۋدە قىلىنغان ، چەتكە قارىتىلغان ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىك مىللىي تۈس ئالغان ئۇنىۋېرسال مېھمانخانا .

    مېھمانخانا قاتنىشى ئىنتايىن قولايلىق بولۇپ ، شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان . مېھمانخانا زامانىۋى ئۇسلۇبتا بېزەلگەن بولۇپ ، مۇلازىمىتى ئەلا ۋە ئەستايىدىل . چەۋەندازلار مېھمانخانىسىدىكى خادىملار شۇنداق ئېيتىدۇكى ، چەۋەندازلار مېھمانخانىسىغا چۈشسىڭىز ئۆيىڭىزدە تۇرغاندەك خاتىرجەم ، ھوزۇر ۋە قولايلىق ھېس قىلىسىز . چەۋەنداز مېھمانخانىسىنىڭ شۇئارى ‹‹ قولىمىز كۆكسىمىزدە ، سىزنى قارشى ئالىمىز ›› .

    شىنجاڭ چەۋەنداز مېھمانخانىسى قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە يېڭىچە مۇلازىمەت ئىستىلى بىلەن ھەر بىر مېھمانغا ئەتراپلىق خىزمەت قىلىدۇ .

     ئەلا مۇلازىمەت، ئارامبەخىش مېمانخانا ، مېزىلىك يېڭىچە چەۋەندازلار تائاملىرى سىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا .


 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش