首页 > شىنجاڭغا نەزەر

ئۇيغۇرلارنىڭ مېۋە قۇرۇتۇش ئادىتى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-03-31 17:58:21 :ۋاقىت

     ● يېپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولغان شىنجاڭ مېۋە- چېۋە ماكانى دېگەن نامى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بولۇپ، ئوتتۇرا ۋە ئاسىيا، ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق، ھەتتا ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەرنى قۇرۇتۇلغان ئۈزۈم، گۈلە، قاق، جىگدە، ياڭاق، بادام، چىلان، ئەينۇلا، قارائۈرۈك، پىستە، ئەنجۈر، قوغۇن قېقى، مېغىز ۋە ھەر خىل خورمىلىرى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن.

    ● ئۇيغۇرلاردا مېۋە تۈرى كۆپ. ئۇلارنى قۇرۇتۇش ئۇسۇلىمۇ مىللىي ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇيغۇر باغۋەنلىرى ئادەتتىكى ئۆرۈك ۋە شاپتۇلنى كاۋاكشىغان مەزگىلدە ئۈزۈپ ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتىدۇ. ئۈرۈكتىن قاق تەييارلاش ئۇسۇللىرى خىلمۇ خىل بولۇپ، سۈپەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. 1- دەرىجىلىك خوۋەينى ئۈرۈكنى مەي باغلاش ئالدىدا قېقىۋېلىپ ئۇنى شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايدا كۈنگە كۆرسەتمەي، نەم تەكگۈزمەي قۇرۇتىدۇ. بۇ خىل گۈلە سۈزۈك، قارامتۇل، گۆشلۈك قۇرۇيدۇ. قۇرۇش جەريانىدا شىرنە باغلايدۇ ياكى باشقا سورتتىكى ئۈرۈكلەرنى مەي باغلاش ئالدىدا قېقىۋېلىپ شور تۇزنى قاينىتىپ سوۋۇتۇپ چويلا بىلەن تۇزغا سېلىپ بورىغا يېيىپ قۇرۇتىدۇ. بۇ خىل گۈلىگە چىۋىن قونمايدۇ. قۇرۇتۇلغان گۈلە قاچىسىغا شور تۇزنى چوقۇم سېلىپ قويىدۇ.

    ● گۈلىدىن باشقا ئۆرۈك خورمىسى تەييارلاش ئۇيغۇر باغۋەنچىلىك ئىگىلىكىدە بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇ ئېكىسپورت تاۋارلىرىنىڭ ئىچىدە مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ . ئۆرۈك خورمىسىنىڭ تۈرى كۆپ خىل بولۇپ، ئاساسەن مېغىزلىق خورما، مېغىزسىز خورما، ئىسلانغان خورما، ئىسلانمىغان خورما دەپ تۆت خىلغا بۆلىنىدۇ.

    ● ئۆرۈك شىرنە يىغىشتىن ئىلگىرى قېقىۋېلىنىپ سېۋەت بىلەن يۇيۇپ سۈيى .ئېقىپ بولغاندىن كېيىن بورا ئۈستىگە تەكشى يېيىلىدۇ. ئىككى - ئۈچ كۈن ئاپتاپتا تۇرغاندىن كېيىن، سولىشىپ مەي باغلىغاندا ئۇنىڭ ئۈشكىسى ئاجرىتىۋېلىنىپ قول بىلەن يۇمۇلاقلاپ يەنە بورا ئۈستىگە تىزىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىگە بىر تالدىن مېغىز سېلىپ قۇرۇتۇلسا مېغىزلىق خوراما بولىدۇ. بۇنداق خورما توق جىگەررەڭ بولۇپ، تەمى شېرىن، تەبىئىتى ئىسسىق بولىدۇ. مېغىزلىق خورمىنىڭ قىممىتى مېغىزسىز خورمىغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. ئىسلانغان خورما قۇرۇتۇش مۇنداق بولىدۇ: ئالدى بىلەن قۇرۇتۇش خۇمدانى ياسىلىدۇ. خۇمدان ئوتتۇرسىغا قازان ئېسىپ قويۇلىدۇ. يۇيۇپ قۇرۇتۇلغان ئۆرۈكنى سېۋەت بىلەن يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتە تىزىلغان تاختاي ئۈستىگە دەستىلىتىپ تىزىلىدۇ. بۇ خۇمدانغا 30- 40 سېۋەت، ھەر بىر سېۋەتتە 40- 50 كىلوگرامغىچە ئۆرۈك بولىدۇ. سېۋەت تىزىلىپ بولغاندىن كېيىن 800 گرام ئەتراپىدا گۈڭگۈرت پوقىنى خۇمداندىكى قازانغا سېلىپ، خۇمدان ئىشىكىنى شامال كىرمەيدىغان قىلىپ ھىم ئېتىپ لاي بىلەن سۇۋاپ، خۇمدان ئاستىدىن ئوت يېقىلىدۇ. قازان قىزىپ گۈڭگۈرت پوقى ئىس چىقىرىدۇ. گۈڭگۈرت پوقى بىر سوتكىدا كۆيۈپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىسىدا ئۈرۈكلەر ئىسلىنىپ سارغىيىدۇ. بىر سوتكىدىن كېيىن خۇمداننىڭ ئاغزىنى ئېچىپ سېۋەتنى ئىسلانغان ئۆرۈكلەر كۈن چۈشۈپ تۇرىدىغان مەيدانغا سېلىنغان بورا ئۈستىگە تەكشى يېيىلىدۇ. ئىككى- ئۈچ كۈن ئاپتاپتا تۇرغاندىن كېيىن ئۈشكىسى ئېلىۋېتىلىپ تەڭگىسىمان قىلىنغان خورما قۇرۇپ سارغىيىدۇ. بۇنداق خورما رەڭدار ۋە سۈپەتلىك بولۇپ، تەمى چۈچۈمەل، تەبىئىتى مۆتىدىل بولىدۇ.

    ● شاپتۇل قېقى تەييارلاشمۇ ئىسلانمىغان ئۆرۈك خورمىسى تەييارلاشقا ئوخشاپ كېتىدۇ. شاپتۇل قېقىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئىسسىق ئۆتۈپ قالغان كىشىلەر ئۇنى يېسە ياكى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچدە داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.

    ● ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلار قوغۇن، ئەنجۈر، قارىئۆرۈك، ئۈزۈم، ئەينۇلا، چىلان، ئۈجمە قاتارلىق ھەر خىل مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن قۇرۇتۇپ، ئۇنىڭدىن قاق تەييارلايدۇ. قۇرۇق يېمىش شۇنىڭ ئۈچۈن قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ئېكىسپورت تاۋارلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن.

 

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش