首页 > شىنجاڭغا نەزەر > مەدەنىيەت

ياغاچ ئاياق

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2017-04-07 01:08:50 :ۋاقىت

ياغاچ ئاياق – ياغاچتىن ئويۇپ ۋە قىرىپ ياسىلىدىغان، ئىچى چوڭقۇرراق كەلگەن گىرۋەكلىك چوڭ – كىچىك قاچىلارنى كۆرسىتىدۇ. ياغاچ ئاياق ياڭاق، چىلان، قارا سۆگەت، ئۆرۈك، جىگدە، شاپتۇل قاتارلىقلارنىڭ ياغاچلىرىنى يونۇش، چېپىش ئارقىلىق يۇمىلاق شەكىلگە كەلتۈرۈلۈپ، ئاندىن ئىچى قىرىلىپ ياسىلىدۇ. ياغاچ ئاياق چوڭ گىرۋەكلىك ئاياق، ئارا گىرۋەكلىك ئاياق، كىچىك گىرۋەكلىك ئاياق دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ياغاچ ئاياق ھەم تاماق قاچىسى، ھەم سەنئەت بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭغا ھەر خىل شەكىل، گۈل نۇسخىلىرى چىقىرىلغان بولۇپ، بۇنداق نەقىش ۋە گۈل نۇسخىلىرى نەچچە ئون يىلغىچىمۇ ئۆچۈپ كەتمەيدۇ.

ھازىرغا قەدەر دىيارىمىزدا يۈرگۈزۈلگەن ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە قېزىشلاردا تېپىلغان بۇيۇملاردىن قارىغاندا، ياغاچ ئاياقنىڭ دەۋرى بىر قەدەر بالدۇر بولغانلىرى كۆنچى دەريا ۋادىسىدىكى گۇمۇگۇ قەدىمكى قەبرىستانلىقى، قۇمۇل قارادۆڭ قەدىمكى قەبرىستانلىقى، يانبۇلاق قەبرىستانلىقى، پىچان سۇ بېشى قەبرىستانلىقى، چەرچەن زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقى ۋە خېجىڭدىكى چابخا قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغانلىرىدۇر. مىلادىنىڭ ئالدى – كەينىدىكى دەۋرلەرگە كەلگەندە، ئاياق قاتارلىق ياغاچتىن ياسالغان جابدۇقلارنىڭ ئىشلىتىلىش ۋە تارقىلىش دائىرىسى خېلى كېڭەيگەن ۋە ياغاچچىلىق تېخنىكىسى خېلى تەرەققىي قىلغان. نەتىجىدە پىرقىرىتىپ قىرىش ئۇسۇلى بارلىققا كېلىپ، ياغاچ قاچىلار ئىلگىرىكىدىن سۈپەتلىك ياسالغان ۋە تۈرىمۇ كۆپەيگەن. ھازىر كىشىلەر تەبىئىي، زىيانسىز مەھسۇلاتلارغا ئېتىبار بىلەن قارايدىغان بولدى. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ياغاچ قاچا – قۇچا ياساش سەنئىتى بارغانسېرى ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تېپىۋاتىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش