首页 > شىنجاڭغا نەزەر > ساياھەت نوقتىلىرى

كۇچا ناھىيەسىدىكى چوڭ ئەجدەر كۆلى

تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى :مەنبە 2017-04-07 13:19:28 :ۋاقىت

كۇچا ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىقىپ تەڭرىتاغ تاش يولىنى بويلاپ شىمالغا قاراپ 120 كىلومېتىر يول يۈرگەندىن كېيىن تەڭرىتېغىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يېتىپ بارىمىز، بۇ يەردە ئىككى كۆل بار بولۇپ، چوڭ ئەجدەر كۆلى ۋە كىچىك ئەجدەر كۆلى دەپ ئاتالغان. بۇ كۆللەرنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى يىل بويى ئۈزۈلمەيدۇ. كۇچا ناھىيەلىك تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى 2001-يىلى سېنتەبىردە چوڭ ئەجدەر كۆلى بويىغا ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە يېزىقتا ‹‹چوڭ ئەجدەر كۆلى›› دېگەن چوڭ خەتلىك ئابىدە تىكلىگەن. چوڭ ئەجدەر كۆلىدىكى سۇ يۈزىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن ئىككى كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلنىڭ تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان، تاغ ئۈستىدە ئاپپاق قار-مۇزلار بار بولۇپ، يىل بويى ئېرىمەيدۇ، قارنىڭ ئۈستىدە داڭلىق جۇڭيى تېبابەت دورا ماتىريالى بولغان قار لەيلىسى ئۆسىدۇ. تاغنىڭ ئاستىدا قوي ۋە كالىلار توپىنىڭ ياپيېشىل ئوتلارنى ھۇزۇرلىنىپ يەۋاتقانلىقىنى ھەم چارۋىچىلارنىڭ كىگىز ئۆيلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى مەشھۇر راھىبى تاڭ شۈەنزاڭ ھىندىستانغا نوم ئالغىلى ماڭغاندا چوڭ ئەجدەر كۆلىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ ‹‹بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى›› ناملىق ئەسىرىدە: ‹‹كۈسەن بەگلىكىنىڭ شەرقىي چېگرىسىنىڭ شىمالىدا چوڭ ئەجدەر كۆلى بار ئىكەن›› دەپ ئېنىق خاتىرە قالدۇرغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، غەربىي خان ئانا بۇ كۆلدە يۇيۇنغانمىش.

چوڭ ئەجدەر كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2300 مېتىردىن 3400 مېتىرغىچە، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 30 كىلومېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 20 كىلومېتىر، كۆلىمى 8460 گېكتار كىلىدۇ. ئۇ تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى، بايىنبۇلاق يايلىقى ۋە نارات مەنزىرلىك ساياھەت رايونى بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك ساياھەت لىنىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. چوڭ ئەجدەر كۆلى تەڭرىتېغىنىڭ قار سۈيىنىڭ توپلىنىشىدىن ھاسىل بولغان، سۇ يۈزى كەڭ ۋە سۈزۈك بولۇپ ئېكىلوگىيەلىك مۇھىتقا تەڭداشسىز سېھرىي كۈچ ئاتا قىلغان. ئۇ كۇچا ناھىيەسىدىكى مۇھىم بىر ئىگىز تاغ مەنزىرە رايونى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

چوڭ ئەجدەر كۆلى توغرىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەت تارقالغان ئىكەن. چوڭ ئەجدەر كۆلى قەدىمىي زاماندىكى كۈسەن بەگلىكىنىڭ پۇقرالىرى سۇ ئالىدىغان كۆل بولۇپ، كۈسەن بەگلىكىنىڭ ساھىبجاماللىرى لاتاپەتلىك ۋە گۈزەل بولغاچقا، كۆلگە يۇشۇرۇنغان ئەجدىھا كۆلدىن چىقىپ ئەجدىھا ئادەمگە ئايلىنىپ، كۆل بويىدىكى ساھىبجاماللار بىلەن تېپىشىپ قېلىپ بىر-بىرىنى ياقتۇرۇپ قېلىشقان. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ كۆل بويىدا بىر تۈركۈم ئەجدىھا ئادەملەر پەيدا بولغان. ئۇلار كۈسەننىڭ ساھىبجاماللىرى بىلەن ئەجدىھا ئادەملەرنىڭ مۇھەببىتىنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، ئاۋازلىرى جاراڭلىق، يول يۈرگەندە ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ، كۈسەن خانىنى كۆزىگە ئىلىپمۇ قويمىغان. بۇ ئىشتىن غەزەپلەنگەن كۈسەن خانى كېچىدە لەشكەرلەرنى ئىشقا سېلىپ ئەجدىھا ئادەملەرگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى قەتلى قىلغاندىن كېيىن ئەجدىھا ئادەملەرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. ئەمما كۈسەننىڭ ساھىبجاماللىرى گۈزەللىكى بىلەن كىشىلەرنى يەنىلا ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ كەلگەن. بۇ ساھىبجاماللار گۈزەل لاتاپىتىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، كۈسەننىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا تارقىلىپ كۈسەننىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە ئايلانغان. بۇ گەرچە بىر رىۋايەت بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ مەلۇم ئىلمىي ئاساسى يوق، دېگىلى بولمايدۇ.

دېمەك، چوڭ ئەجدەر كۆلى بۈگۈنكى كۈندە مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكى، سىرلىقلىقى ۋە ئۆزگىچىلىكى بىلەن يىراق-يېقىندىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئېستېتىك زوق ۋە ھۇزۇر بېغىشلاپ كەلمەكتە.

سۈرەتلەردە: چوڭ ئەجدەر كۆلىنىڭ مەنزىرىسىدىن كۆرۈنۈشلەر  

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش