首页 > شىنجاڭغا نەزەر > ئالاھىدە مەھسۇلات

تاش تالىپ ۋە شايار قەلەمتىرىشى

تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى :مەنبە 2017-04-07 13:26:43 :ۋاقىت

ئەجدادلىرىمىز ناھايىتى ئۇزاق يىللار ئىلگىرى كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا قەلەمتىراشنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، قەلەمتىراشنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن. شىنجاڭدا يېڭىسار قەلەمتىرىشى ۋە يەكەن قەلەمتىرىشىنى بىلمەيدىغانلار يوق. ئەمما شايار قەلەمتىرىشىمۇ ناھايىتى داڭلىق قەلەمتىراشلارنىڭ بىرى. شايار ناھىيەسى ئۆگەن دەرياسى بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ تۇتاشقان جايىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمىي زاماندا كۈسەن بەگلىكىگە قاراشلىق ئەزىز دىيار بولۇپ، شايار قەلەمتىرىشى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. شايار قەلەمتىرىشى ئەڭ بۇرۇن شايار ناھىيە يانتاقشەھەر يېزىسىدا بارلىققا كەلگەن.

شايار قەلەمتىراشلىرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇنىڭ يىل دەۋرىنى خەن سۇلالىسى دەۋرىگە سۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ جەھەتتە يازما خاتىرىلەر ۋە قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار. كۈسەننىڭ مېتال تالاش تېخنىكىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئاللىقاچان گۈللەنگەن بولۇپ، پۇل قۇيۇش، ھەربىي قورال-ياراغ ياساشتىن باشقا، خەلق ئارىسىدا ئىشلىتىلگەن تۆمۈر قوراللار ئەينى زاماندىكى قۇيۇش تېخنىكىسىنىڭ نەقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. تىغلىق ئەسۋابلار ئەينى زاماندا چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىدىكى زۆرۈر بۇيۇم بولغاچقا، تىغلىق ئەسۋابلارنى ياساش مەيدانغا كەلگەن. ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا تارقىتىش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق بۇ تىغلىق ئەسۋابلار تەدرىجىي ھالدا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان قەلەمتىراش، ئۆتكۈر، تەڭداشسىز قەلەمتىراش ۋە كۆركەم، ئۆزگىچە قەلەمتىراشقا قاراپ تەرەققىي قىلغان.

سۇڭ سۇلالىسى داجوڭنىڭ شاڭفۇ 3-يىلى (مىلادىيە 1010-يىلى) كۈسەن خانى ئوردا ئەلچىسى لى يەنفۇنى سۇڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئولپان بېرىشكە ئەۋەتكەن بولۇپ، ئولپان ئىچىدىكى ئالاھىدە ياسالغان شايار قەلەمتىرىشى سۇڭ سۇلالىسىنىڭ خانى جېنزوڭ خان ئەڭ ياقتۇرىدىغان قەلەمتىراش بولۇپ، بۇ قەلەمتۇراچ ئەڭ بۇرۇن كۈسەن قەلەمتىرىشى دەپ ئاتالغان. كىشىلەر شايار قەلەمتىرىشىنى تىلغا ئالغاندا تاش تالىپنى يادىغا ئالماي قالمايدۇ. چۈنكى تاش تالىپ شايار قەلەمتىرىشىنىڭ ئىجادچىسى بولۇپ، ئۇ ئەينى زاماندا شايار قەلەمتۇرىچىنى يېڭىسارنىڭ داڭلىق قەلەمتىرىشىدىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدە قەلەمتىراشقا ئايلاندۇرغان. تاش تالىپ 1900-يىلى بۈگۈنكى شايار ناھىيەسىنىڭ قايلو يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1904-يىلى شايار ناھىيەسى شايار بازىرىدىكى ئىگەچى كوچىسىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئەينى زاماندا كۇچا رايونىنىڭ قول سانائىتى ناھايىتى راۋاجلانغان بولۇپ، تۆمۈرچىلىك كەسپى مىسلىسىز دەرىجىدە گۈللەنگەن. تاش تالىپ كىچىكىدىن باشلاپ تۆمۈرچىلىك كەسپىگە ئالاھىدە قىزىققان بولۇپ، تۆت ياش ۋاقتىدا ئاتىسى تالىپ توختىغا ئەگىشىپ ئىگەچى كوچىسىغا ماكانلاشقان. ئۇ 22 ياش ۋاقتىدا قەلەمتىراش ياساشنى ئۆگىنىپ 25 يېشىدا ئۆز ئالدىغا تۆمۈرچىلىك دۇكىنى ئېچىپ، دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك سايمانلار ۋە پىچاقلارنى ياساپ چىققان. 1950-يىلغا كەلگەندە ئۇ يىراق-يېقىنغا تونۇلغان داڭلىق ئۇستام بولۇپ يېتىشكەن. شۇڭا كىشىلەر ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۇنى ‹‹تاشخان›› دەپ ئاتىغان. تاش تالىپ 1975-يىلى 75 يېشىدا ۋاپات بولغانغا قەدەر توپتوغرا يېرىم ئەسىر قەلەمتىراش ياساش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ياسىغان قەلەمتىراشلىرى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە چەت ئەللەرگە سېتىلغان. تاش تالىپ ياسىغان شايار قەلەمتىراشلىرى كۆركەم ھەم سىپتا بولۇپ، مىس، تۆمۈر ۋە ئۇستىخانلار ئىشلىتىلگەن. قەلەمتىراشقا قۇياش، ئاي، مەسچىت، ھايۋانلارنىڭ سۈرەتلىرى ئۇيۇلۇپ قەلەمتىراشنىڭ جەزبىدارلىقى ئاشۇرۇلغان. قەلەمتىراشنىڭ بىسى ئۆتكۈر، نەقىشلىرى نەپىس، رەڭلىرى سۈزۈك، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغاچقا، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپالارغا سېتىلغان. تاش تالىپنىڭ ئوغۇللىرىدىن رىزاق تاش، ئوبۇل تاش، راخمان تاش ۋە ئەخمەت تاش قاتارلىق تۆت ئوغۇل ئاتىسىدىن قەلەمتىراش ياساش ھۈنىرىنى ئۆگىنىپ پىشقان ئۇستاملاردىن بولۇپ يېتىشكەن. ئۇلار يېتىشتۈرگەن ئۇستاملار بۈگۈنكى كۈندە شايار، توقسۇ، كۇچا، ئاقسۇ ۋە ئونسۇ قاتارلىق جايلاردا ئۆز ئالدىغا قەلەمتىراش ياساش دۇكىنى ئېچىپ، شايار قەلەمتىرىشىنىڭ داڭقىنى سىرتلارغا تونۇتماقتا.

18-ئەسىرنىڭ بېشىدا پىچاق ياساش ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ جەريانلىرى، پىچاقنىڭ شەكلى ۋە زىننەتلىنىشىدە ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىلغان ۋە سۈپىتى ياخشىلانغان. ئادەتتىكى ئامما ياقتۇرىدىغان قەلەمتىراشلاردىن باشقا نەقىش سېلىنغان گۆھەر، كەھرىۋا، ھېقىق، زۇمرەت تاش قاتارلىق ناھايىتى قىممەتلىك ماتېرىياللاردىن تېخىمۇ سىپتا قەلەمتىراشلار ياسىلىپ، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئىشلىتىشى ۋە ھۇزۇرلىنىشىغا سۇنۇلۇپ، نامى يىراق-يېقىنغا تونۇلغان. بۇنىڭ بىلەن تاشخان گۆھەرتاش پىچاقلىرى ياسىلىشقا باشلىغان. 300 يىلغا يېقىن ۋارىسلىق قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، تاشخان گۆھەرتاش پىچاقلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشتە پولات ماتېرىياللىرى داتلاشماس پولات، قىزىل، سېرىق، بىنەپشە رەڭ ۋە بۇغا مۈڭگۈزى، جەرەن مۈڭگۈزى، قوتاز مۈڭگۈزى ۋە يەنە تۈرلۈك قىممەتلىك گۆھەرتاش مىنېراللار خام ئەشيا قىلىنىپ، نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىپ ئويۇش، ئىكەكلەپ سۈركەش ئارقىلىق تۈرلۈك رەڭدىكى ئاددىي ھەم نەپىس، ھەر خىل نۇسخىدىكى قەلەمتىراشلار ياساپ چىقىلماقتا. ياسىلىش ئۇسلۇبى ئۆزىگە خاس، كۆپ خىل، نەقىشلىرى ۋە گۈللەرنىڭ رەڭگى پەرقلىق بولۇپ، نەچچە مىڭ دانە قەلەمتىراشلار ئىچىدىن چوڭ-كىچىكلىكى، نەقىشلىرى ئوخشىشىدىغان بىر خىل قەلەمتىراشنى تاپقىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ھەر بىر قەلەمتىراشلار پۈتۈنلەي قول ئەمگىكى ئارقىلىق ياسالغاچقا زاۋۇتتا ئىشلەپچىقارغان قەلەمتىراشقا ئوخشىمايدۇ. بۇ قەلەمتىراشلار 1991-يىلى مەملىكەتلىك ‹‹ئۇچقۇن پىلانى›› نەتىجىلىرى ۋە پاتېنت تېخنىكىسى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. 2003-يىلى 1-ئايدا شايار ‹‹ئىگەچى›› شىركىتى بۇ مىللىي قول ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ ئەڭگۈشتەرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، ماركىغا ئىلتىماس قىلىپ ‹‹ئىگەچى›› ماركىسىغا ئېرىشتى. 2005-يىلى شايار قەلەمتىراش ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، شايار قەلەمتىراشلىرىنىڭ تېخنىكىسىنى ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. شايار قەلەمتىرىشى 2007-يىل 6-ئايدا بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەتكە ئاساسەن، زامانىۋى پەن-تېخنىكىنىڭ ئىلغار ماتېرىياللىرىنى تاللاشتا داتلاشماس پولات ئىشلىتىلىپ، لازىر نۇرى ئارقىلىق ساختىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىلىپ، خەت ئويۇلغاندىن باشقا، يەنە قوش يۆنىلىشلىك يېرىقچە چىقىرىلىپ، نەقىشلىرى سىپتا، بېزىلىشى ئۆزگىچە بولۇشتەك زامانىۋى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلانغاچقا، قول-ھۈنەر مەشغۇلاتىنىڭ ئالاھىدىلىكى، مىللىي ئۇسلۇبىنىڭ روشەنلىكى ساقلاپ قېلىنماقتا. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى يېڭىمەھەللە بازىرىنىڭ ئاچىدۆڭ كەنتىگە بېرىپ قول-ھۈنەر ئۇستىسى ئىمىن مەڭلىك ئائىلىسىنىڭ شايار قەلەمتىراشلىرىنى ياساش ھۈنىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋاللىرىنى سۈرەتكە ئالدى. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 7-يۈرۈش قانىلىنىڭ ‹‹جاھاننى ئىزدەش›› پىروگراممىسىدا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە شايارنىڭ ئەل ئىچى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلىدىغان شايارنىڭ قەلەمتىراش ياساش مىللىي مەدەنىيىتىنى جاھانغا تونۇتۇپ، مىللىي قول-ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇردى.

نۆۋەتتە، شايار ناھىيەسى ئىگەچى، شاھيار، ئوقيا، تاشخان قاتارلىق قەلەمتىراشلارنىڭ ماركىسىنى تىزىمغا ئالدۇردى. ھازىر شايار ناھىيەسىدە كەسپىي قەلەمتىراش ياساشنى بىلىدىغان ئائىلىلەر 500 دىن، قەلەمتىراش ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئائىلىلەر 200 دىن ئاشىدۇ. شايار ناھىيەسىنىڭ يېڭىمەھەللە بازىرىدىكى قەلەمتىراش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى 135 كە يەتكەن بولۇپ، مەخسۇس قەلەمتىراش سوقىدىغان ئۇستاملار 450 كە، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 150 مىڭ دانىگە يېتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە قىزىل ئاي قەلەمتىرىشى، ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزىدىن ياسالغان قەلەمتىراش، توز قەلەمتىرىشى، ئەگمە دەستلىك مۈڭگۈز قەلەمتىرىشى، شايار پىچاق ئاتىسى قاتارلىق بەش تۈرلۈك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلىۋاتىدۇ. 2008-يىلى ياسالغان ‹‹چىۋەر›› ماركىلىق قەلەمتىراشلار دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. قەلەمتىراش ياسايدىغان ئۇستاملار بىلەن كارخانىلار بىرلىشىپ شايار قەلەمتىرىشىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. كەسپىي خادىملارنىڭ تەمىناتى مۇناسىپ ئۆستۈرۈلگەنلىكتىن، شايار قەلەمتىراشلىرىنىڭ بازار ئىستىقبالى پارلاق بولۇۋاتىدۇ.

قوشۇمچە ماتېرىيال:

شايار قەلەمتىراشلىرىدىكى ئەڭ

1. شايار قەلەمتىراش ئەڭ بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىلغان جاي ـــ شايار ناھىيە يانتاقشەھەر يېزىسى بولۇپ، بۇ يەر ۋېي، جىن، جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە كۈسەن بەگلىكىنىڭ مەركىزى بولغان.

2. شايار قەلەمتىرىشىنىڭ تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ، ھازىرغىچە 1500 يىلدىن ئاشقان.

3. شايار قەلەمتىرىشىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئەڭ داڭلىق ئۇستىسى ـــ مەرھۇم تاش تالىپ.

4. شايار قەلەمتىرىشىنىڭ ئۆلچىمى ئەڭ كىچىك بولۇپ، ئىككى سانتىمېتىر كىلىدۇ.

5. شايار قەلەمتىرىشىنى ئەڭ كۆپ ياسايدىغان جاي ـــ شايار ناھىيە يېڭىمەھەللە بازىرى ئاچىدۆڭ كەنتى بولۇپ، بۇ كەنتتىكى 135 ئائىلىدىن 400 كىشى قەلەمتىراش ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

6. شايار قەلەمتىرىشىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق ماركا ـــ ‹‹ئىگەچى›› ماركىسى.

7. ئەڭ يىغىپ ساقلاش قىممىتىگە ئىگە شايار قەلەمتىرىشى ـــ تەبىئىي چۈشۈپ كەتكەن جەرەن مۈڭگۈزى، ياۋا بۇغا مۈڭگۈزىدە قەلەمتىراش ياسىغان ئۇستاملارنىڭ ئىسمى بار قەلەمتىراشلار.

8. شايار ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ قەلەمتىراش دۇكىنى ـــ لوقمان قەلەمتىراش دۇكىنى.

9. شايار ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ قەلەمتىراش ياساش جەمەتى ـــ شايار ناھىيە يېڭىمەھەللە بازىرى ئاچىدۆڭ كەنتىدىكى مەڭلىك سامساق جەمەتى بولۇپ، بۇ جەمەتتە 11 قەلەمتىراش ئۇستىسى بار.

10. شايار ناھىيەسىدىكى مەملىكەت بويىچە داڭلىق قەلەمتىراش ئۇستىسى ـــ ئىمىن مەڭلىك.

11. شايار ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ قەلەمتىراش كوچىسى ـــ ئىگەچى قەلەمتىراش كوچىسى بولۇپ، ئاتنىڭ ئىگىرى ۋە ئاتنىڭ تۈرلۈك جابدۇقلىرى سېتىلىدىغان كوچا.

12. شايار ناھىيە بويىچە ئەڭ قەدىمىي پېشقەدەم قەلەمتىراش ئۇستىسى ـــ شايار ناھىيە يېڭىمەھەللە بازىرى ئاچىدۆڭ كەنتىدىكى قەلەمتىراش سەنئەتكارى مەرھۇم روزى ئىمىن.

13. شايار ناھىيەسىدىكى تۇنجى ئايال قەلەمتىراش ئۇستىسى ـــ گۈلەيسەم مۇھەممەد.

14. شايار قەلەمتىرىشىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى نامى ـــ ‹‹كۈسەن›› قەلەمتىرىشى.

15. شايار قەلەمتىرىشىدىكى ئەڭ جاراڭلىق ئىسىم ــــ تاشخان.

16. شايار قەلەمتىرىشىنىڭ ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن رويخەتكە ئېلىنغان ماركا ـــ ئىگەچى.

17. ئەڭ چوڭ شايار قەلەمتىرىشى ـــ ئالاھىدە ياسالغان 50 سانتىمېتىرلىق ئىمىنجان ماركىلىق قەلەمتۇراچ.

18. شاياردىكى ئەڭ بۇرۇنقى قەلەمتىراش كارخانىسى ـــ شايار ناھىيە سابىق ئىككىنچى يىنىك سانائەت ئىدارىسى قەلەمتىراش زاۋۇتى ياكى تاشخان قەلەمتىراش زاۋۇتى.

19. شايار قەلەمتىراشلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىش تەرتىپى ـــ ياساشقا كىرىشكەندىن باشلاپ تەييار مەھسۇلاتقا ئايلانغۇچە بولغان ئارىلىقتا 285 تۈرلۈك ئىش تەرتىپىدىن ئۆتىدۇ.

20. شايار قەلەمتىرىشىنى ئەڭ بۇرۇن ياقتۇرغان ئېلىمىزنىڭ قەدىمىي زاماندىكى خانى ـــ سۇڭ سۇلالىسىنىڭ خانى جېنزوڭ خان.

21. شايار قەلەمتىرىشىنى ئەڭ بۇرۇن خان ئوردىسىغا ئەكىرگەن ئەلچى ـــ كۈسەن بەگلىكىنىڭ ئەلچىسى لى يەنفۇ (گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى كۈسەن ئۇيغۇر بەگلىكىگە ئەۋەتكەن باش ۋەزىر زو ۋېن).

22. شايار قەلەمتىرىشىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق تۈر ـــ ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىشقا يېقىنلىشىپ قالغان شەكلى ئۆتۈك شەكىللىك شايار قەلەمتىرىشى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش