首页 > شىنجاڭغا نەزەر > مەدەنىيەت

قىزىل شەھەر قەدىمكى شەھىرى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2017-04-07 13:33:25 :ۋاقىت

قىزىلشەھەر قەدىمكى شەھىرى توقسۇ ناھىيەسى يۇلتۇزباغ بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدۇر. قەدىمكى شەھەر خارابىلىقىنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئېتىزلىق، يول، ئورمان بەلبېغى ۋە ئۆستەڭ بار . بۇ قەدىمكى شەھەر خارابىلىقىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە زور مىقداردىكى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى قېزىۋېلىنغان بولۇپ، قەدىمكى كۈسەن بەگلىكىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە. قەدىمكى شەھەر جەنۇبىي شەھەر ۋە شىمالىي شەھەر دەپ ئايرىلىدۇ، جەنۇبىي شەھەر تۆت چاسا شەكىللىك، شىمالىي شەھەر سىرتقا يانتۇ ھالەتتە چوقچۇيۇپ چىققان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ قەدىمكى شەھەر خارابىلىقىنى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش جەريانىدا، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە ئۈچ قۇلاقلىق يېشىل ساپال ئىدىش، ساپال پارچىلىرى، ساپال تۇرۇبا قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قېزىۋېلىنغان. ساپال تۇرۇبا بۇ قەدىمكى شەھەردە يەر ئاستى سۇ چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ ياكى سۇ بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش