首页 > شىنجاڭغا نەزەر > مەدەنىيەت

شىنجاڭدا تارقىتىلغان رەخت پۇللار

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2017-04-07 01:37:01 :ۋاقىت

تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا ، شىنجاڭدا رەخت پۇل بېسىپ تارقىتىش خېلى بۇرۇنلا ئومۇملاشقان. ‹‹سۇڭ سۇلالىسى تارىخى. كۈسەن تەزكىرىسى››دە: ‹‹بۇ بەگلىكتە بازار بولسىمۇ ، خەجلىنىدىغان مېتال پۇل يوق، تامغا بېسىلغان رەخت پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ›› دېيىلگەن. بۇ بايانلاردىن شىنجاڭدا رەخت پۇلنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شىنجاڭ 1884 – يىلى ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈرلۈك پۇللار ئوبوروت قىلىنغان. رەخت پۇل ماتاغا تەڭشەلگەن سىر يالىتىلىپ ئۈستىگە نەقىش، خەت ۋە تامغا بېسىپ ئىشلىتىلگەن پۇل كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 1889 – يىلى ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسى رەخت پۇلنى تارقىتىشقا باشلىغاندىن تارتىپ، 1932 – يىلى دىخۇا (ئۈرۈمچى)پۇل قۇيۇش ئىدارىسى 40مىسقاللىق رەخت پۇلنى تارقاتقانغا قەدەر،50 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى پۇل قۇيۇش ئىدارىلىرى ئوخشىمىغان يىل، ئوخشىمىغان سومما ۋە ئوخشىمىغان ئىشلىتىش دائىرىسىگە ئاساسەن ئون نەچچە تۈرلۈك رەخت پۇل تارقاتقان.

چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تارقىتىلغان رەخت پۇللار

1889 – يىلى ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسى 1000، 500، 300، 200 مىسقاللىق تۆت خىل رەخت پۇلنى بېسىپ تارقىتىپ ئوبوروتقا قاتناشتۇرغان. 1902 – يىلىدىن 1907 – يىلىغىچە ئاقسۇدا 400 مىسقاللىق رەخت پۇل تارقىتىلغان. 1910 – يىلىنىڭ ئالدى – كەينىدە دىخۇادىكى تيەنجىنلىك سودىگەرلەردىن توڭ شىڭخې ۋە يوڭ يۈدې قاتارلىق سەككىز باي مەبلىغىنى كۆپەيتىپ، تىجارىتىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق ياغاچ مەتبەدە بېسىلغان 400 مىسقاللىق رەخت پۇلنى تارقىتىپ بازار ئوبوروتىغا قاتناشتۇرغان.

جۇڭخۇا مىنگو دەۋرىدە تارقىتىلغان رەخت پۇللار

شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، شىنجاڭ ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ،400 مىسقاللىق ۋە 100 مىسقاللىق رەخت پۇل تارقاتقان. دىخۇا پۇل قۇيۇش ئىدارىسى 1921 – يىلىدىن 1932 – يىلىغىچە 400 مىسقاللىق رەخت پۇلنى ئارقا – ئارقىدىن تارقاتقان. جىن شۇ رېن تەختكە چىققاندىن كېيىنكى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، يەنى 1929 – يىلىغىچە تارقىتىلغان رەخت پۇللارغا بەش خىل رەڭلىك دۆلەت بايرىقى چۈشۈرۈلگەن. 1930 – يىلى تارقىتىلغان رەخت پۇللاردا گومىنداڭنىڭ ئىككى يۈزى كېسىشكەن بايرىقى چۈشۈرۈلگەن. يەنە بىر خىل رەخت پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىگە ئىككى چاسا شەكىل ، يۇقىرىدىكى بوشلۇققا ئۆزئارا كېسىشكەن قوش بايراق سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. 1933 – يىلىدىن 1934 – يىلىغىچە جەنۇبىي شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە باش قوماندانلىق ئىشتابى قەشقەردە بىر مىسقاللىق رەخت پۇل تارقاتقان. بۇ پۇلغا ‹‹غەللى پاراق ۋە باج تۆلەشتە بىردەك ئۆتىدۇ››دېگەن ئويغۇرچە خەت بېسىلغان بولۇپ، پەقەت قەشقەر شەھىرى تەۋەسىدىلا ئوبوروت قىلىنغان. ياڭ زىڭشىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ۋەزىيەت تۇراقسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، مال باھاسى ئۆرلەپ، تارقىتىلغان 40 مىسقاللىق رەخت پۇلنىڭ قىممىتى 24 مىسقالغا چۈشۈپ قالغان. جىن شۇرېن ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلگە كەلگەندە 400 مىسقاللىق رەخت پۇل بېسىش خىراجىتىگىمۇ يەتمىگەن. شېڭ شىسەي تەختكە چىققاندىن كېيىن، ھەربىي خىراجەت چىقىمى شىددەت بىلەن ئېشىپ، مال باھاسى ئۇچقاندەك ئۆرلىگەن. دەسلەپتە 10 مىسقاللىق ئۆلكە پۇلىنى چىقارغان بولسا، كېيىن50 مىسقاللىق ئۆلكە پۇلىنى چىقىرىشقا ئۆزگەرتكەن، بۇ پۇل‹‹ دوبەن پۇلى››دەپ ئاتالغان.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش