首页 > شىنجاڭغا نەزەر > ساياھەت نوقتىلىرى

كۇسەن مەدەنىيەت مۇزېيى

:مەنبە 2017-04-07 13:37:45 :ۋاقىت

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ تەستىقلاپ ئەنگە ئېلىشى بىلەن توقسۇ ناھىيەلىك ‹‹ كۈسەن ›› مەدەنىيەت مۇزېي 2005–يىل 5–ئاينىڭ 1–كۈنى قۇرۇلغان . مۇزېينىڭ كۆلىمى 255 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ ، مۇزېيدا تارىخ ، مىللىي ئۆرپ–ئادەت تۈرىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن 320 سى ساقلانغان . مۇزېيدىكى ئاسار ئەتىقىلەر خەن ، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگە ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، قەدىمكى زامان پۇللىرى ، دىن ، سەنئەت ، مىللىي مەدەنىيەت قاتارلىق تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپقان . مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن تاش قوراللار ، ساپال قاچا–قۇچىلار، مىس قوراللار، ياغاچ قوراللار، پۇل ، قەدىمكى زاماندىكى خەت–ئالاقىلەر، كىيىم–كېچەك ، زىبۇ–زىننەت بۇيۇملىرى ۋە قول ھۈنەر–سەنئەت بۇيۇملىرى بار بولۇپ ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى قورۇقچى بەگ لى چۇڭنىڭ تامغىسى، خەن خاندانلىقىغا بەيئەت قىلغان چاڭلار ئاقساقىلى تامغىسى دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھېسابلىنىدىكەن .

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش