首页 > شىنجاڭغا نەزەر > مەدەنىيەت

يانتاق شەھەر قەدىمكى شەھىرى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2017-04-07 13:39:37 :ۋاقىت

يانتاقشەھەر قەدىمكى شەھىرى شايار ناھىيە يېڭىمەھەللە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى يانتاقشەھەر 4 – كەنتىگە جايلاشقان. يانتاقشەھەر قەدىمكى شەھىرى خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرگە خاس قەدىمكى شەھەر. يانتاقشەھەر 4 – كەنتىدىكى قۇددۇس نۇر ھاجى 1980 – يىلى ئەتىيازدا يانتاقشەھەر قەدىمكى شەھىرىنىڭ يېنىدىكى بىر قاقاسلىقتا يەر تۈزلەۋاتقاندا بىر ساپال ئىدىشنى بايقاپ، ئۇنى شايار ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بۇ ساپال ئىدىشنى قۇملۇقتىن تېپىلغان تۇنجى چوڭ ساپال ئىدىش، دەپ بېكىتتى.

ئارخېئولوگ خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى يانتاقشەھەر قەدىمكى شەھىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن ‹‹كۈسەننىڭ پايتەخت مەسىلىسى ھەققىدە بايان›› دېگەن ئەسىرىنى يازغان. ئۇ بۇ ئەسىرىدە: مەن 1928 – يىلىدىن ئىلگىرى يانتاقشەھەرنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان، بۇ توپا قۇرۇلمىلىق شەھەر بولۇپ، سېپىل تېمى ئاللىقاچان ۋەيران بولغان ئىكەن. سېپىل تېمىنىڭ ئۇلىلا ساقلىنىپ قالغان، سېپىل تېمىنىڭ ئېگىزلىكى بىر مېتىر، شەھەر سىرتىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 3351مېتىر، شەھەر ئىچىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 510مېتىر كېلىدىكەن. شەھەرنىڭ ئىچى بىلەن شەھەر سىرتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر شەھەر بولۇپ، شىمالىي سېپىل تېمىنىڭ ئۇلى روشەن ئەمەس، شەھەر ئىچىدە قۇم دۆۋىلىرى ناھايىتى كۆپ، يەر يۈزى پۈتۈنلەي شورلىشىپ كەتكەن، دەپ يازغان. يانتاقشەھەر قەدىمكى شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن نۇرغۇن ساپال قورال، پۇل ۋە تاش قورال قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قېزىلغان بولغاچقا، خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى بۇ يەرنى قەدىمكى كۈسەن بەگلىگىنىڭ پايتەختى، دەپ ھۆكۈم قىلغان.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش