首页 > شىنجاڭغا نەزەر > تەبئىي بايلىقى

ئېنېرگىيە مەنبەسى ـ قۇياش نۇرى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2017-04-13 05:04:35 :ۋاقىت

  ئىنسانىيەتنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش تارىخى ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى تونۇش ۋە بويسۇندۇرۇش تارىخىدۇر. قۇياش ئېنېرگىيەسى يەر شارى ھاياتلىقلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىكى يۆلەنچۈك بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ‹‹ئېنېرگىيە ئانىسى››دۇر.

   فوتو ۋولتلۇق توك تارقىتىش ۋە فوتو تېرمىك توك تارقىتىش

   فوتو ۋولتلۇق توك تارقىتىش قۇياش ئېنېرگىيە باتارېيە تاختىسىغا ئورنىتىلغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنىڭ فوتو ۋولت ئېففېكتىدىن پايدىلىنىپ قۇياش ئېنېرگىيەسىنى بىۋاسىتە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. فوتو ۋولتلۇق توك تارقىتىش سىستېمىسى فوتو ۋولت باتارېيەسى، ئېنېرگىيە ساقلاش قۇرۇلمىسى، ئۆلچەش كونترول قىلىش قۇرۇلمىسى ۋە تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇش قۇرۇلمىسىدىن تەركىب تاپىدۇ. فوتو ۋولتلۇق توك تارقىتىش مۇستەقىل فوتو ۋولتلۇق توك تارقىتىش ۋە تورغا تۇتاش فوتو ۋولتلۇق توك تارقىتىشتىن ئىبارەت ئىككى سىستېمىغا بۆلۈنىدۇ. مۇستەقىل فوتو ۋولتلۇق توك تارقىتىش دۆلىتىمىزدە كۆپ ئۇچرايدىغان شەكىل بولۇپ، بۇ سىستېمىنىڭ ماس كېلىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى، ئائىلە ئېلېكتىر مەنبە سىستېمىسى ۋە چەت – ياقا يېزا – قىشلاقلارنى توك بىلەن تەمىنلەش رولىنى ئوينايدۇ. تورغا تۇتاش فوتو ۋولتلۇق توك تارقىتىش سىستېمىسى بولسا ئېلېكتىر تورىغا ئۇلانغان ھەم ئېلېكتىر تورىنى ئېلېكتىر – ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيدىغان فوتو ۋولتلۇق توك تارقىتىش سىستېمىسىدۇر. ئۇ قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىشتىكى ئالدىن تاللاش بولۇپ، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

   پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ قۇياش ئېنېرگىيەلىك فوتو تېرمىك توك تارقىتىشمۇ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى. ئىسپانىيە ئاللىقاچان ئون مېگاۋات ۋە 20 مېگاۋاتلىق مۇنار شەكىللىك فوتو تېرمىك ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قۇردى. ئامېرىكا موخاۋېي قۇملۇقىدىكى قۇياش ئېنېرگىيەلىك فوتو تېرمىك ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ مۇنار شەكىللىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئەتراپىغا 100 دىن ئارتۇق نۇر قايتۇرۇش ئەينىكىنى ئورناتتى. بۇنىڭدىن باشقا، سەھرايى كەبىر چۆللۈكىگە ‹‹دەرىجىدىن تاشقىرى قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئىستانسىسى›› قۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، ئەگەر بۇ قۇرۇلۇش پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلسا، ياۋروپانىڭ 2050 – يىللىق ئومۇمىي ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ %15ى ھەل قىلىنىدۇ، بۇ قۇياش ئېنېرگىيەلىك فوتو تېرمىك توك تارقىتىشنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

   بوشلۇق قۇياش ئېنېرگىيەسى

   يەر شارىنىڭ ماس قەدەملىك ئوربىتىسىدا قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى يەر يۈزىدىكى ھەرقانداق جايدىن ئۇزاق بولىدۇ. شۇڭا، ئالەم بوشلۇقىدا قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىش، ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە بوشلۇقتا قۇياش ئېنېرگىيەلىك توك ھاسىل قىلىشى بۇلغىنىش بولمىغان ۋە سىمسىز توك يوللاش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، بوشلۇق پونكىتى ۋە ئالەم ئۇچقۇلىرىنى بىۋاسىتە توك بىلەن تەمىنلەشكە بولىدۇ، يەنە مىكرو دولقۇن ئارقىلىق يەر يۈزىنىمۇ توك بىلەن تەمىنلەشكە بولىدۇ.

   دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بوشلۇقتا قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىشنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر خىل شەكىلدىكى توك تارقىتىش لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ‹‹كوكتېل ھارىقى رومكىسى›› دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل قۇياش ئېنېرگىيە – ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ لايىھەسىنى تۈزدى. ئالەم بوشلۇقىدا لەيلەپ تۇرىدىغان غايەت زور ‹‹كوكتېل ھارىقى رومكىسى›› ئەمەلىيەتتە قۇياش ئېنېرگىيە باتارېيە تاختىسى بولۇپ، مىڭلىغان نېپىز ئەگرى يۈزلۈك ئەينەكلەردىن تۈزۈلىدۇ، ئەينەكلەرگە يىغىلغان قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر – ئېنېرگىيەسىگە ئايلىنىدۇ ھەم مىكرو دولقۇن ئارقىلىق يەر شارىغا يەتكۈزۈلىدۇ. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل كوكتېل ھارىقى رومكىسى شەكىللىك ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تەننەرخى تەكشى يۈزلۈك قۇياش ئېنېرگىيە باتارېيە تاختىسىدىن كۆپ ئەرزان بولىدىكەن.

   قۇياش ئېنېرگىيە باتارېيەسى فوتو ئېلېكتىر ئېففېكتىدىن پايدىلىنىپ قۇياش ئېنېرگىيەسىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرىدۇ، ئاندىن مىكرو دولقۇنلۇق ئالماشتۇرغۇچ ئارقىلىق مىكرو دولقۇنغا ئايلاندۇرىدۇ ھەم ئانتېننا ئارقىلىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مىكرو دولقۇن شەكلىدە يەر يۈزىگە يوللىنىدۇ. يەر يۈزى قوبۇللاش پونكىتى مىكرو دولقۇن ئېنېرگىيەسىنى قايتا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرىدۇ.

   ‹‹ئېنېرگىيە مەنبەسى ئانىسى››

   كۆمۈر، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىق قېزىلما بايلىقلار قەدىمكى جانلىقلارنىڭ چوڭقۇر يەر ئاستىدا ئۇزاق يىللار كۆمۈلۈپ يېتىشىدىن پەيدا بولىدۇ. دەل مۇشۇ ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدىكى فوتوسېنتىز سەۋەبىدىن غايەت زور مىقداردىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى خىمىيەلىك ئېنېرگىيە شەكلىدە ساقلىنىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك گېئولوگىيەلىك ئۆزگىرىش جەريانىدا تەدرىجىي ھالدا كۆمۈر، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىق قېزىلما بايلىقلارغا ئايلىنىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۈگۈنكى كۈندە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىۋاتقان قېزىلما بايلىقلار ئەمەلىيەتتە قەدىمكى زامان جانلىقلىرى مۇقىملاشتۇرۇپ قويغان قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن ئىبارەتتۇر.

   شامالمۇ قۇياش ئېنېرگىيەسىنىڭ ئايلىنىشىدىن پەيدا بولىدۇ. شامال ئاتموسفېرانىڭ يەر يۈزى قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق تەكشىسىزلىكىدىن پەيدا بولغان تېمپېراتۇرا پەرقىدىن ھاسىل بولغان كونۋېكسىيە ھەرىكىتىدۇر. شامال ئېنېرگىيەسى شامال ئېلىپ يۈرگەن ئېنېرگىيەنى يەنى ھاۋانىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۆرسىتىدۇ. شامال ئېنېرگىيەسىنىڭ ئاز – كۆپلۈكى شامالنىڭ سۈرئىتى ۋە ھاۋانىڭ زىچلىقىغا باغلىق بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، يەر يۈزى قوبۇل قىلىدىغان قۇياش ئېنېرگىيەسىنىڭ %2ىلا شامال ئېنېرگىيەسىگە ئايلىنىدۇ، بىراق يەر شارىدىكى شامال ئېنېرگىيە بايلىقى مول بولىدۇ، ھەتتا يەر شارىدا ئېچىپ پايدىلىنىۋاتقان سۇ ئېنېرگىيەسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىدىنمۇ خېلىلا كۆپ بولىدۇ.

   دېڭىز – ئوكيان ئېنېرگىيەسىمۇ ئەمەلىيەتتە قۇياش ئېنېرگىيەسىنىڭ بىر خىل ئايلىنىش شەكلىدۇر. دېڭىز – ئوكيانلارنىڭ سىرتقى يۈزى قۇياش نۇرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، كۆپ قىسىم ئېنېرگىيە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىگە ئايلىنىدۇ ھەم دېڭىز – ئوكيانلارنىڭ سىرتقى يۈز قاتلىمىدا ساقلىنىدۇ، ئەمما چوڭقۇر قاتلام دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ، دېڭىز سۈيىنىڭ ۋېرتىكال تېمپېراتۇرا پەرقى يىلبويى ℃20تىن يۇقىرى بولىدۇ. بۇ تېمپېراتۇرا پەرقىدىن پايدىلىنىپ تېرمودىنامىكىلىق ئايلىنىش ۋە توك ھاسىل قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش