首页 > ئېلان-ئۇقتۇرۇش

ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئايروپىلان بېلىتى ئەرزان بولىدۇ

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-04-27 11:36:26 :ۋاقىت

بۇ يىل ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش 29 - ئاپرېلدىن 1 - مايغىچە بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر سىرتلارغا چىقىش پىلانىنى تۈزۈپ بولدى. 25 - ئاپرېل مۇخبىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئايروپىلان بېلىتى ساتىدىغان چوڭ ئاپپاراتلىرىدىن ئىگىلىشىچە، ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىن سىرتقا ئۇچىدىغان كۆپ قىسىم ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسىدا ئالاھىدە ئېتىبار  يولغا قويۇلىدىكەن.

ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ قاتارلىق سودا ساياھىتى ئەۋج ئالغان جايلارغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن شاڭخەيگە ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ ئەڭ ئەرزان بېلەت باھاسى 680 يۈەن، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ ئەڭ ئەرزان بېلەت باھاسى 620 يۈەن، ئۈرۈمچىدىن چېڭدۇغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ ئەڭ ئەرزان بېلەت باھاسى 705 يۈەن، ئۈرۈمچىدىن چۇڭچىڭغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ ئەڭ ئەرزان بېلەت باھاسى 604 يۈەن بولىدىكەن.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بايرام مەزگىلىدە سىرتقا چىقىدىغانلار كۆپ بولغاچقا، ساياھەتچىلەر ئايروپىلان بېلىتىنى ئالدىن سېتىۋېلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئايرودۇرۇمغا بالدۇرراق كېلىپ رەسمىيەت ئۆتىشى كېرەككەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى ئويۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئېلېكترونلۇك مەمۇرىيەت ئىشخانسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش