首页 > خەۋەرلەر > سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-05-04 12:33:36 :ۋاقىت

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت مەركىزىنىڭ 1 – قەۋەتتىكى زالىدا، ھەق تەلەپ ۋە سودا ئىقتىسادىي قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ تولۇق كۇرس 2 – يىللىق 2 – سىنىپ ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ  ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى    ئۇنتۇماي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش›› باش تېمىسىدىكى ئىتتىپاق كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشتى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ‹‹4 – ماي›› ياشلار بايرىمى كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى ھارپىسىدا يەنى 5 – ئاينىڭ 3 – كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت مەركىزىنىڭ 3 – قەۋىتىدىكى مەجلىسخانىغا كېلىپ، جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ۋە پايتەختتىكى قانۇنشۇناسلىق مۇتەخەسسىسلىرى، قانۇن ئىدارە قىلىش خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرى، ئالىي مەكتەپنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

ئەتىيازنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ چاڭپىڭ رايونىغا جايلاشقان جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھويلىسى ياپيېشىل كۆكىرىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. چۈشتىن ئىلگىرى سائەت 20 : 9 مىنۇت ئۆتكەندە،  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىۋېرسىتېت پارتكومىنىڭ شۇجىسى شى ياجۈن، مۇدىرى خۇاڭ جىننىڭ ھەمراھلىقىدا، ئالدى بىلەن ‹‹يىفۇ›› بىناسىنىڭ 1 – قەۋىتىدىكى زالغا كېلىپ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تارىخى ۋە نەتىجىلەر كۆرگەزمىسىنى كۆردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرگەزمە زالىدا جاڭ جىنفەن، ليەن شىشېڭ، لى دېشۇن، ۋاڭ ۋېيگو، بيەن جيەنلىن قاتارلىق بىر نەچچە ئىستېداتلىق پىروفېسسورلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، ئۇلار بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ، قىزغىن پاراڭلاشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت مەركىزىنىڭ 1 – قەۋەتتىكى زالىدا، ھەق تەلەپ ۋە سودا ئىقتىسادىي قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ تولۇق كۇرس 2 – يىللىق 2 – سىنىپ ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ  ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش›› باش تېمىسىدىكى ئىتتىپاق كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشتى.

كۆزدىن كەچۈرۈش ئاخىرلاشقاندا دەل دەرستىن چۈشكەن ۋاقىت بولۇپ، خەۋەر تاپقان ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرسىتېت ھويلىسىدىكى يولنىڭ ئىككى يېقىغا تولۇپ كەتتى،  باش شۇجى شى جىنپىڭ يول بويى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، يىراقتىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا قولىنى پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. قىزغىن چاۋاك ۋە ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە ئۈزۈلمىدى، مەكتەپ ھويلىسى زىلزىلىگە كەلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى ئويۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئېلېكترونلۇك مەمۇرىيەت ئىشخانسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش