首页 > خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقان چەت ئەل ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى ھەم ئەزىز مېھمانلارنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەردى ۋە سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ بەردى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2017-05-15 06:26:13 :ۋاقىت


 دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ‹‹خەلق›› سارىيىدا زىياپەت بەردى ھەم دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىدا سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقان چەت ئەل ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى قاتناشتى.

بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 6:00 دىن ئاشقاندا، باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىقلار يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقان مېھمان دۆلەتلەردىن كەلگەن سىياسىي ئەربابلار، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ جورىلىرى ‹‹خەلق›› سارىيىغا يېتىپ كەلدى.

شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ 2 – قەۋىتىدىكى مېھمان كۈتۈش زالىدا مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى ھەم ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ئەھۋال سوراشتى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ‹‹تاغ – دەريالىرىمىز شۇنچە گۈزەل›› ناملىق چوڭ ھەجىملىك تام سۈرىتىنىڭ ئالدىدا، چەت ئەل ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بىلەن بىللە كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ گۈللەر بىلەن بېزەلگەن زىياپەت زالىدا يېقىملىق مۇزىكا ساداسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. لەرزان ھەم شوخ قارشى ئېلىش مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىللە زىياپەت زالىغا كىردى.

شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بېيجىڭ مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمكى پاختەخت، ئۇ مىسلىسىز تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولغان. بېيجىڭ زامانىۋى يېڭى شەھەر، ئۇ جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلماقتا. بېيجىڭ خەلقئارالىق چوڭ شەھەر، شەرق ۋە غەربتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيىتى ھەر ۋاقىت بۇ يەردە ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ ۋە بىرلىشىدۇ. بېيجىڭنىڭ تارىختىكى كىچىك شەھەردىن بۈگۈنكى خەلقئارالىق چوڭ شەھەرگە ئايلىنىشى بىزگە شۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى: ئىنسانلار ئورتاق بىر ئائىلىدە ياشايدۇ ھەم ئورتاق تەقدىرگە ئىگە بولىدۇ، ئىنسانىيەت تارىخى باشتىن – ئاخىر ئوخشىمىغان مىللەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئۇچرىشىشى، بىلىشى داۋامىدا ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2000 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئەجدادلىرىمىز دوستانە ئالاقە قىلىشتەك ئاددىي ئارزۇ بىلەن قەدىمكى يىپەك يولىنى ئاچقانىدى. بۈگۈنكى كۈندە بىز قەدىمكى يىپەك يولى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئورتاق كېڭەشتۇق، بۇ، تارىخىي ئېقىمنىڭ داۋاملىشىشى ھەم كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن توغرا تاللاشتۇر. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا بىزنىڭ مەدەنىي ئالاقە قىلىش ئارزۇيىمىز مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىدۇ؛ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا بىزنىڭ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئۈمىدىمىز مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنى بىرلىكتە ئىناق ئائىلە بەرپا قىلىش، تىنچ دۇنيا قۇرۇشقا ئۈندەيدۇ؛ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا بىزنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئىستىكىمىز مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جاپا – مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، تەقدىرداش تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ؛ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا بىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىمىز مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، خەلقنى بەختلىك، خاتىرجەم، سالامەت ياشاشقا ئۈندەيدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز ئۈمىدكە تولغان يولدا مېڭىۋاتىمىز، بىز ھەمدەمدە بولۇپ بىللە مېڭىپ، قەلبداش بولۇپ، چېكىنمەي، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغانلا بولساق، چوقۇم ئورتاق ئىلگىرىلەش يولىمىزدا بەختتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان گۈزەل ئەتىمىزنى كۈتۈۋالالايمىز، ئىشلىرىمىزمۇ خۇددى قەدىمكى يىپەك يولىدىكىگە ئوخشاش گۈللىنىپ، ئەۋلادلارغا نەپ يەتكۈزىدۇ. زىياپەت داۋامىدا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتناشقان 30 دۆلەتنىڭ مۇزىكىلىرى ئورۇنلىنىلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسى بويىدىكى ئوخشىمىغان رايون مەدەنىيىتى ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە بىرلىشىشنى ئەكس ئەتتۈردى.

زىياپەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىللە دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىغا بېرىپ، ‹‹1000 يىللىق ئۇچرىشىش›› باش تېمىسىدىكى سەنئەت كېچىلىكىنى كۆردى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى ئويۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئېلېكترونلۇك مەمۇرىيەت ئىشخانسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش