首页 > خەۋەرلەر > مەركەزدىن كەلگەن خەۋەر

ھەمكارلىق يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بەرپا قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۆزلەيلى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-05-17 12:22:55 :ۋاقىت

‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى باشلىقلار يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتقى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

 (2017–يىل 5–ئاينىڭ 15 –كۈنى، بېيجىڭ)

 دۆلەت رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى:

 مەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى باشلىقلار يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلايمەن!

 خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىش ۋە ئورتاق پايدا ئېلىشتەك تەرەققىيات بۈيۈك پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كۆپچىلىكنىڭ يەنچى كۆلى بويىدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى باشلىقلار يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىمەن.

 مەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى تەشەببۇسىنى 2013 – يىلى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماس ۋە ھەمتۈرتكە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

 بۇ تەشەببۇسنى مەن دۇنيا ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش ۋە ئويلىنىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. ھازىرقى دۇنيا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشەش دەۋرىدە تۇرماقتا. يېڭى نۆۋەتلىك پەن – تېخنىكا ۋە سانائەت ئىنقىلابى شەكىللىنىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئۈزلۈكسىز توپلىنىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى چوڭقۇر بىرلىشىپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش دەۋر ئېقىمىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ئۇزاق مەزگىل توپلىنىپ، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش يولىغا ئېرىشەلمىدى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئاساسى ئانچە مۇستەھكەم بولمىغاچقا، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق كۈچەيدى. ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە توقۇنۇش، تېررورىزم، مۇساپىرلار، كۆچمەنلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە كۆچۈشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا كۆرسەتكەن تەسىرى گەۋدىلىك بولدى.

 خىرىسلارغا يۈزلىنىش ئۈچۈن، ھەر قايسى دۆلەتلەر تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرلەشمەكتە، شۇنداقلا ناھايىتى كۆپ، ناھايىتى ياخشى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. لېكىن، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىر – بىرىگە تايىنىدىغان، دۇنياۋى خىرىس قايتا ئەۋج ئالغان بۈگۈنكى كۈندە، بىر دۆلەتنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا ۋەزىيەتنى ئوڭشىغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا دۇنيا يۈزلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد ئامىلى ۋە تەرەققىيات بايلىقىنى دۇنيادا تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بىرلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

 ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ يىلتىزى تارىخقا ئۇلاشسىمۇ، لېكىن كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن. قەدىمىي يىپەك يولى ئەجدادلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى مۇجەسسەملەپ، ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. بىز قەدىمىي يىپەك يولىدىن ئەقىل – پاراسەت ۋە كۈچكە ئېرىشىپ، تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق، ئېچىۋېتىش ۋە كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت يىپەك يولى روھىغا ئاساسەن ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەنىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى تامامەن ئورتاق يارىتالايمىز.

 ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› جۇڭگودىن باشلانغان بولسىمۇ، دۇنياغا مەنسۇپ. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ئوخشىمىغان رايون، ئوخشىمىغان تەرەققىيات باسقۇچى، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتتىن ھالقىغان، ئۇ ئوچۇق ۋە سىغدۇرۇشچان ھەمكارلىق سۇپىسى، ھەر قايسى تەرەپ ئورتاق بەرپا قىلغان دۇنياۋى ئاممىۋى مەھسۇلات. ئۇ ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتىكى بارلىق دوستلارغا ئېچىۋېتىلگەن، ئۇ ھەر قانداق بىر تەرەپنى چەتكە قاقمايدۇ، شۇنداقلا ھەر قانداق بىر تەرەپكە قارىتىلغان ئەمەس.

 ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى رامكىسى ئىچىدە، ھەر قايسى تەرەپلەر ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادى يۈزلىنىۋاتقان خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىنى يارىتىپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۆزلەپ، تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى يۆنىلىشىگە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلىشى كېرەك. بۇ، مېنىڭ بۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمدىكى ئەسلىي مەقسەت، شۇنداقلا بۇ تەشەببۇس ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان يۈكسەك نىشان.

 بۇ تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشقانلىقى ۋە كەڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇش بولدۇم. 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بۇنىڭغا قاتناشتى، زور بىر تۈركۈم ھەمكارلىق تۈرلىرى ئارقا – ئارقىدىن يولغا قويۇلدى، بەزىلىرى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. بىرىكمە ئۇل ئەسلىھە تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسى بويىدىكى كەسىپلەر ھەمكارلىقىدا ياخشى ۋەزىيەت يارىتىلدى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى، ئاۋام ھەمكارلىقتىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىپ، ئارىلىقى تېخىمۇ يېقىنلاشتى.

 بۇ ئاساستا، جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى باشلىقلار مۇنبىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىشىدىكى مەقسەت ھەمكارلىق بۈيۈك پىلانى توغرىسىدا ئورتاق كېڭىشىپ، ھەمكارلىق سۇپىسىنى ئورتاق قۇرۇپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش.

 5 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ھۆكۈمەت، كەسىپ، ئىلمىي ساھە ۋەكىللىرى ئاساسىي بار نۇرغۇن قاراش ۋە تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى، كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. كۆپچىلىكنىڭ بۈگۈنكى باشلىقلار يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ مۇجەسسەملەپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى خەلقئارا ھەمكارلىقىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىشىنى، پىلان تۈزۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، يىغىندا تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە ئىجابىي نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 بىرىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمكارلىق يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. تۇرنىلارنىڭ بوران – چاپقۇنغا قارىماي يىراقلارغا ئۇچۇپ بارالىشىدا، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، بىر – بىرىگە مەدەت بەرگەنلىكى سەۋەب بولغان. بۇ، بىزنىڭ خىرىسقا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا مۇھىم قائىدە بولالايدۇ.

 بىز ھەمراھلىق روھى بويىچە ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئالاقە، ئەسلىھەلەر ئالاقىسى، سودا، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئورتاق تىرىشىش نىشانى قىلىشىمىز كېرەك. ئېچىۋېتىش داۋامىدا ھەمكارلىشىش، ھەمكارلىشىش داۋامىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىزغان سىزىقتىن چىقماسلىقتىن ساقلىنىپ، شەرتنى يۇقىرى قىلىۋالماي، باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلماي، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.

 ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى تىنچ، مۇقىم مۇھىتقا موھتاج. ھەر قايسى دۆلەتلەر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق زىددىيەتنى تۈگىتىپ، ئىختىلاپنى كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىپ، رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

 ئىككىنچى، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك. سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قوشنىسىغا ئورا كولايدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم تەجرىبە ھەم ھازىرقى دۇنيا ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى. كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتتى، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىكى بولسىمۇ، نىشانى بىردەك، نۇرغۇن ئالاقە نۇقتىسى ۋە ئۆزئارا باغلىنىدىغان يېرى بار، بۇ ئارقىلىق ئۆزئارا ياردەملىشىپ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى، ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

 بىز مۇشۇ ئاساستا سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش، جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىشىمىز، ئۆزئارا ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك ئېلىپ، مۇشۇ ئاساستا ھەمكارلىق لايىھەسىنى بىرلىكتە تۈزۈشىمىز، ھەمكارلىشىش ھەرىكىتىنى بىرلىكتە قوللىنىپ، پىلان جىپسىلاشقان، تەرەققىيات يۇغۇرۇلغان، مەنپەئەت ھەمبەھرىلەنگەن ۋەزىيەت شەكىللەندۈرىشىمىز كېرەك. بىز ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى ب د ت نىڭ 2030 – يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، ئافرىقا ئىتتىپاقى، ياۋروپا – ئاسىيا ئىقتىسادى ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، لاتىن ئامېرىكىسى ئورتاق گەۋدىسى رايونىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشىمىز، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ماسلاشتۇرۇشىمىز، ‹‹بىرگە بىرنى قوشسا ئىككىدىن چوڭ بولىدۇ›› دېگەن ئۈنۈمنى ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.

 ئۈچىنچى، تۈرلەرنىڭ تۈرتكىسىگە تايىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يول ماڭغاندىن، ئىش قىلغاندىن شەكىللەنگەن. ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئىش قىلىش كېرەك.

 ئۇل ئەسلىھەنى راۋانلاشتۇرۇش جەھەتتە، تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىق قۇرۇقلۇق چوڭ يولى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېڭىز پورتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى، توك يەتكۈزۈش ۋە ئالاقە تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

 ئەمەلىي ئىقتىسادىي ھەمكارلىق جەھەتتە، ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىساد – سودا، كەسىپلەر ھەمكارلىق رايونىنى ياخشى قۇرۇش، مەبلەغ سېلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، كەسىپلەرنى توپلاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك.

 سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش جەھەتتە، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش، پىلان ۋە ئۆلچەم سىستېمىسىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىنى كۈچەيتىش، تېخىمۇ ياخشى تىجارەت مۇھىتى ۋە مېخانىزم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ۋە بىرلەشتۈرۈشنىڭ پائال ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

 پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى جەھەتتە، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ تۈرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.

 ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، بىز جەزمەن ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كەڭ قانات يايدۇرۇشىمىز، ھەمكارلىقتا كەڭ قورساق بولۇشىمىز، ھەمكارلىق ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىشىمىز، ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدىكى ئاۋانگارت قوشۇنغا، مەنپەئەتلەنگۈچىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

 كەسىپداشلار!

 يەنچى كۆلى تارىخىي مىراسلارغا ئىگە جاي، ئىدىيەنى ئويغۇتىدىغان جاي، شۇنىڭدەك ھەمكارلىق مۇقەددىمىسىنى باشلىغان جاي. نۇرغۇن كىشى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى كەڭ يېيىلغان بىر جۈپ قاناتقا ئوخشىتىدۇ. كۆپچىلىك يەنچى كۆلىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، بىر جۈپ قانىتىمىزنى كەڭ يېيىپ، بىپايان كۆككە، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىققا تولغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يىراق كەلگۈسىگە بىرلىكتە پەرۋاز قىلايلى!

 كۆپچىلىككە رەھمەت.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى)

 

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى ئويۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئېلېكترونلۇك مەمۇرىيەت ئىشخانسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش