首页 > خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم–ئايرىم سۆھبەتلەشتى ۋە كۆرۈشتى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-05-17 12:24:27 :ۋاقىت

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى بېيجىڭدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بوئۇڭناڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇلار بىردەك ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتتىن ئورتاق نەپ ئېلىپ، جۇڭگو – لائوس مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 شى جىنپىڭ بوئۇڭناڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقانلىقى ۋە جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، لائوسنىڭ، بولۇپمۇ باش شۇجى بوئۇڭناڭنىڭ جۇڭگونىڭ بۇ مۇنبەرنى ئۆتكۈزۈشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇلتۇر مەن يولداش باش شۇجى بىلەن ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىرلىشىپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغىنى شۇكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، يۇقىرىقى مۇھىم ئورتاق تونۇشلار ئەمەلىيلىشىپ، جۇڭگو – لائوس مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. جۇڭگو لائوسنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى پائال قوللىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، لائوس بىلەن بولغان ئۆزئارا پايدا يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتتىن ئورتاق پايدا ئېلىپ، ئورتاق گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

 شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن لائوس ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە. ئىككى تەرەپ جۇڭگو – لائوس مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، جۇڭگو – لائوس ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمى، بولۇپمۇ ئالىي رەھبەرلىرى قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى زور مەسىلىلەر توغرىسىدا ۋاقتىدا پىكىرلىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەشنى كۈچەيتىشى كېرەك. مەن باش شۇجى بوئۇڭناڭ بىلەن يىلدا كۆرۈشۈپ تۇرۇش ئەنئەنىمىزنى ساقلاشنى خالايمەن، يولداش باش شۇجىنىڭ دائىم جۇڭگوغا كېلىپ تۇرۇشىنى قارشى ئالىمەن. ئىككى پارتىيەنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆرنەك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئورتاق ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ھەمكارلىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ئىمزالىغانلىقىنى پۇرسەت بىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ جىپسىلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىدە قويۇق ماسلىشىپ، خەلققە بەخت يارىتىشىمىز كېرەك. خەلقئارا ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو – شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ئومۇمىيىتى ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك.

 بوئۇڭناڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە مول نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: بۇ نەتىجىلەرنىڭ ئاسىيادا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، لائوسنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. لائوس لائوس – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى رامكىسى ئاساسىدىكى چوڭ تۈر ھەمكارلىقىدىكى يۈكسىلىشلەردىن بەك مەمنۇن. ئىككى پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە كادىر ئالماشتۇرۇپ تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، سودا، سېلىنما، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە يەرلىك ئالاقە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى، ھەتتا بۇ رايوندىكى خەلقلەرگە بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 ئىككى دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى، ئىقتىساد – تېخنىكا، مائارىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇش مۇراسىمىغا بىللە قاتناشتى.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ‹‹دياۋيۈتەي›› دۆلەت مېھمانسارىيىدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئاتانبايېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 25 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە بىر – بىرىگە يۈكسەك ئىشىنىدىغان، ئىقتىسادىي جەھەتتە قويۇق ھەمكارلىشىدىغان، خەۋپسىزلىك جەھەتتە بىر – بىرىگە تايىنىدىغان، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا بىر – بىرىنى ئۆرنەك قىلىدىغان، خەلقئارا ئىشلاردا بىر – بىرىنى قوللايدىغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. جۇڭگو قىرغىزىستان بىلەن بىرلىكتە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو – قىرغىزىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

 شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، قىرغىزىستاننىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىغان تەرەققىيات يولى ۋە يولغا قويغان ئىچكى – تاشقى سىياسەتلىرىنى قوللايدۇ. جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان مەزكۇر رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان مۇھىم كۈچ. ئىككى تەرەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە قانۇن ئىجراسى، خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرغان ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى تەرەپ نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.

 ئاتانبايېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن. ئۇلۇغ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئۆزئارا ئىشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق. جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ ياخشى قوشنىسى، ياخشى ھەمراھى، ياخشى دوستى، ھازىر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. قىرغىزىستان جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان كۈچلۈك قوللاپ كەلگەنلىكىگە ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ھەم بەك كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد – سودا، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، زور ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ‹‹دياۋيۈتەي›› دۆلەت مېھمانسارىيىدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشتى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيە بۇلتۇر 9 – ئايدا ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئاچتى. ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە بىر – بىرىنى قەتئىي قوللىدى، ئەمەلىي ھەمكارلىقتا ئەتراپلىق، كۆپ قاتلاملىق تەرەققىيات ياخشى ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە زىچ ھەمكارلىقنى ساقلىدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بېلارۇسىيەنى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ، بېلارۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، تەرەققىياتتىن ئورتاق پايدا ئېلىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا پىكىرلىشىش ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئىقتىساد – سودا ۋە سېلىنما ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ تەڭپۇڭ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو – بېلارۇسىيە سانائەت رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرلىك ھەمكارلىقنىڭ يېڭى موتورلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

 لۇكاشېنكو مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم نۇتقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. بېلارۇسىيە بىلەن جۇڭگو سەمىمىي ھەمراھ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 25 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىدىغان دوستلۇق ھەمكارلىقى كۈندىن – كۈنگە چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ. بېلارۇسىيە ئىقتىساد – سودا، سېلىنما، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، پەن – تېخنىكا، ئادىمىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردە جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو – بېلارۇسىيە سانائەت رايونى قاتارلىق بېلارۇسىيەدىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ.

 ئىككى دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى كۆرۈشۈشتىن كېيىن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى، ئىقتىساد – تېخنىكا ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەرگە ئالاقىدار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى خەلق سارىيىدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن سېربىيە زۇڭلىسى، يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ بىلەن كۆرۈشتى.

 شى جىنپىڭ ۋۇچىچنىڭ سېربىيەنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتى نامايان بولدى. جۇڭگو سېربىيە بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېز راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر – بىرىنىڭ مۇھىم كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىنى چۈشىنىپ ۋە ئۇنىڭغا ئېتىبار بېرىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك. ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا سىجىل ‹‹ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ›› قوشۇپ، نۇقتىلىق تۈرلەر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو سېربىيە بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپ قاتناشقان ئادىمىيەت ئالاقىسى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو سېربىيەنىڭ جۇڭگو – ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە ھەمكارلىق مەركىزىنى باش بولۇپ قۇرۇشىنى قوللايدۇ، سېربىيەنىڭ جۇڭگو – ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، مائارىپ، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەر ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن سېربىيە ‹‹<بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھۆكۈمەتلەر ئارا چۈشىنىش ئەسلەتمىسى››نى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدىكى يىرىك پىلان ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشى گۈللىنىشى كېرەك.

 ۋۇچىچ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سېربىيە جۇڭگونىڭ يېقىن دوستى ۋە ئىشەنچلىك ھەمراھى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشنىڭ سېربىيەگە پايدىسى كۆپ. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى سېربىيەنى جۇڭگو بىلەن زىچ بىرلەشتۈرىدۇ، سمېدېرېۋو پولات زاۋۇتى قاتارلىق ئىككى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىدە پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. سېربىيە جۇڭگونىڭ ئىزچىل قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا، كانچىلىق، ئۇل ئەسلىھە، پۇل مۇئامىلە، ئاۋىياتسىيە، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ‹‹دياۋيۈتەي›› دۆلەت مېھمانسارىيىدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ئىتالىيە زۇڭلىسى گېنتىلونى بىلەن كۆرۈشتى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەت، قەدىمىي يىپەك يولى ئىككى دۆلەتنى زىچ تۇتاشتۇرۇپ، شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرىدىغان ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان كۆۋرۈك شەكىللەندۈرگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارىتى كۆپىيىپ، ھەرقايسى قاتلاملاردىكى خادىملارنىڭ بېرىش – كېلىشى قويۇقلىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. جۇڭگو ئىتالىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو – ئىتالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

 شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئەزاسى، ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، پارتىيە، يەرلىك ھۆكۈمەت قاتارلىقلار ئارىسىدىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ 2017 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە بولغان ھەمكارلىق ھەرىكىتى پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، كەسىپلەر رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو ئىتالىيەنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا پائال قاتناشقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پورت، كېمىسازلىق، سۇ تىرانسپورتى جەھەتتە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ. كۆپ تەرەپلىك، چوڭقۇر قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋەزىيىتى يارىتىش كېرەك. جۇڭگو ئىتالىيە بىلەن بىرلىكتە زور خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدۇ. ئىتالىيەنىڭ داۋاملىق ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو – ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ۋە ياۋروپا سېلىنما پىلانىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، جۇڭگو – ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى كېرەك.

 گېنتىلونى مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. بۇ قېتىمقى يىغىن ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارا ئىقتىساد – سودا توغرىسىدا ناھايىتى ئىجابىي ئۇچۇر تارقاتتى. ئىتالىيە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى رامكىسى ئاساسىدىكى ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ھەمكارلىقلارغا قاتنىشىشنى خالايدۇ. كۆپ يىلدىن بۇيان، ئىتالىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىي قىلدى. ئىتالىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇڭگو بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىقتىساد، تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى، سەھىيە، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى خەلق سارىيىدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن بىرما دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭسەن سۇكى بىلەن كۆرۈشتى.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ۋە بىرمىنىڭ ‹‹قېرىنداشلارچە›› دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، كەڭ كۆلەملىك ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتكە ئىگە. زۇڭتۇڭ ۋۇ تىڭجۆ ئالدىنقى ئايدا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدى، ئىككى تەرەپ يېڭى دەۋردە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو بىرما بىلەن بىللە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو – بىرما مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد كارىدورى، ئۇل ئەسلىھە، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئەلئارا ئالاقىنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ خەلق تۇرمۇشى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىك، مەدەنىيەت، تاراتقۇ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ دوستلۇق ئەلرايى تىرىكىنى چىڭىتىشى كېرەك. جۇڭگو بىرمىنىڭ دۆلەت ئىچى تىنچلىق مۇساپىسىنى زۆرۈر ھەمكارلىق بىلەن داۋاملىق تەمىنلەشنى خالايدۇ، ئىككى تەرەپ جۇڭگو – بىرما چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىدۇ. جۇڭگو بىرما بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ئاساسىدا ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

 ئاڭسەن سۇكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت بولغانلىقى ۋە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى مەزكۇر رايون ۋە دۇنياغا تىنچلىق، يارىشىش، گۈللىنىش ئېلىپ كېلىدۇ. بىرما بىرما – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگونىڭ قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتىدۇ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، پارتىيەلىرىنىڭ ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ‹‹قېرىنداشلارچە›› دوستلۇق مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد – سودا، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. بىرما جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، چېگرا رايونلارنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى خەلق سارىيىدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن سىرىلانكا زۇڭلىسى ۋىكرېمېسىڭخې بىلەن كۆرۈشتى.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ سىرىلانكىغا قاراتقان دوستلۇق سىياسىتى ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك تاللاش. بۇ يىل جۇڭگو – سىرىلانكىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ۋە ‹‹گۈرۈچ – كاۋچۇك كېلىشىمى›› ئىمزالىغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى. جۇڭگو سىرىلانكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، سىرىلانكىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى، تىنچلىقى، مىللىي يارىشىشىنى قوغداش، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. بىز سىرىلانكا بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو – سىرىلانكىنىڭ دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن سىرىلانكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى بالداققا كۆتۈرۈشنى خالايمىز.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ جۇڭگو – سىرىلانكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو – سىرىلانكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە سىياسىي ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان دۇنياۋى مەسىلىلەر توغرىسىدا مەيدانىنى ماسلاشتۇرۇشى كېرەك. چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، دېڭىز – ئوكيان، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو – سىرىلانكا ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سېلىنمىنى قولايلىقلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو سىرىلانكا بىلەن ياشلار، ئاقىللار ئامبىرى، ئالىي مەكتەپ، تاراتقۇ، دىنىي ساھە، ساياھەتچىلىك، يەرلىك ئالاقە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو – سىرىلانكا دوستلۇقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشنى خالايدۇ.

 ۋىكرېمېسىڭخې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەمدىلا ئاياغلاشقان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى پائال قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، مەن بۇنى تەبرىكلەيمەن. سىرىلانكا جۇڭگو بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگونىڭ سىرىلانكىنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىگە، بولۇپمۇ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. سىرىلانكا جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، خامبانتوتا پورتى تۈرى ۋە كولومبو پورت شەھىرى تۈرىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. سىرىلانكا ئۆزىنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى خەلق سارىيىدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن فىجى زۇڭلىسى باينىماراما بىلەن كۆرۈشتى.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىجى يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلىتى. 2014 – يىلى ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتەك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جۇڭگو – فىجى مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. ھازىر جۇڭگو بىلەن فىجىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى كۈنسېرى كېڭىيىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. جۇڭگو فىجى بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە – ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر – بىرىنى قوللىشى كېرەك. جۇڭگو فىجى بىلەن بولغان سودا، سېلىنما، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىسىنىڭ فىجىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسپىنى گۈللەندۈرۈشىگە، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنىڭ فىجىغا ساياھەتكە بېرىشىغا ئىلھام بېرىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە – ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بېرىش – كېلىش قىلىشى ۋە ھەمكارلىشىشىغا داۋاملىق ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك. جۇڭگو فىجى بىلەن ب د ت رامكىسى ئىچىدىكى ماس ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە زىچ پىكىرلىشىش ۋە ماسلىشىشنى خالايدۇ.

 باينىماراما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمىز. فىجى بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 42 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى كۈچلۈك تەرەققىيات ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى. فىجى بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان سودا، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالاقە – ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق دۇنياۋى مەسىلىلەردىكى ماسلىشىش – ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ‹‹دياۋيۈتەي›› دۆلەت مېھمانسارىيىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى توشىخىرو نىكائى بىلەن كۆرۈشتى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: توشىخىرو نىكائى ئەپەندى جۇڭگو خەلقىنىڭ كونا دوستى، ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يىل جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتى نورماللاشقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. كېلەر يىلى جۇڭگو – ياپونىيە دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى پۇرسەتكە دۇچ كېلىپلا قالماي، بەزى گەۋدىلىك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشقىمۇ توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو بىلەن ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججەت ۋە تۆت نۇقتىلىق پىرىنسىپال ئورتاق تونۇش بويىچە تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشى كېرەك. ياپونىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بىر يولدا بولۇپ، كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. توشىخىرو نىكائى ئەپەندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى دوستانە زاتلارنىڭ ئىرادىسىدىن تەۋرەنمەي، داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ ئېنېرگىيە توپلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتى نورماللاشقان 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئوقۇمۇشلۇق زاتلارنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتى زور تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كېلىپلا قالماي، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىدا مۇھىم رول ئوينىدى. تارىخ تىنچلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ بىردىنبىر توغرا تاللىشى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش مۇساپىسىگە كاشىلا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ تۈگۈنى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ۋەزىيەتنى ئوڭشىشىمىز كېرەك. دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاق مەنپەئىتى بار. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى جۇڭگو بىلەن ياپونىيەگە ھەمكارلىشىپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى سۇپا ۋە ‹‹تەجرىبە ئېتىزى›› بولالايدۇ. ياپونىيە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. بىز ياپونىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قارشى ئالىمىز.

 توشىخىرو نىكائى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوبۇل قىلغىنىغا رەھمەت. جۇڭگونىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. ياپونىيە بىلەن جۇڭگو ھەمكارلىققا موھتاج. بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ياپونىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتى نورماللاشقانلىقىغا 45 يىل بولغان ھەم ياپونىيە – جۇڭگو دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالانغانلىقىغا 40 يىل بولغان پەيتتە، ئىككى تەرەپنىڭ تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ياپونىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى ئويۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئېلېكترونلۇك مەمۇرىيەت ئىشخانسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش