首页 > خەۋەرلەر

‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى باشلىقلار يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن سۆز

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-05-17 12:31:25 :ۋاقىت

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

 (2017–يىل 5–ئاينىڭ 15–كۈنى، بېيجىڭ)

 كەسىپداشلار:

 بايا ئەڭ ئاخىرقى يىغىننىڭ مۇزاكىرىسىنى تاماملىدۇق، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى باشلىقلار يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى يېپىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

 كۆپچىلىك دۇنيانىڭ جاي – جايلىرىدىن دوستلۇقنى كۈچەيتىش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى كۆزلەشتىن ئىبارەت سەمىمىي ئارزۇ – ئۈمىدلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، بۇ قېتىمقى يىغىنغا بېيجىڭغا كېلىپ جەم بولدى. قىزغىن، دوستانە ۋە ئىناق كەيپىيات ئىچىدە يىغىننىڭ باش تېمىسى ۋە قارالمىلىرىنى چۆرىدەپ، كەڭ – كۇشادە پاراڭلاشتى، ھەر كىم ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ، سىياسەت ئەمەلىيىتى ۋە ھەمكارلىق تەسىراتىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، كەلگۈسى ئىستىقبال ۋە تىرىشىش يۆنىلىشىگە نەزەر تاشلاپ، نۇرغۇن ياخشى تەكلىپ ۋە ئوبدان چارىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 يىغىن قارالمىسىغا نىسبەتەن بىر كۈن ئىنتايىن قىسقا بولسىمۇ، باش تېمىنى بىۋاسىتە نەزەردە تۇتۇپ، ئەمەلىي ۋە كەڭ – كۇشادە سۆھبەتلەشتۇق، چوڭقۇر قاتلامدىن، كەڭ دائىرىدە سۆھبەتلىشىپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بىز تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپتىن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق:

 بىرىنچى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرىمىز. كۆپچىلىك ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقتا قولغا كەلتۈرۈلگەن تەرەققىياتقا ئاكتىپ باھا بېرىپ، ھازىرقى دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتىدە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىش، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى سىغدۇرۇشچان ۋە ھەممىگە نەپ يەتكۈزىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق، دەپ قارىدى. بىز ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئالاقىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك، ئەسلىھە ئالاقىسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، سودا، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئەل ئالاقىسىنىڭ تېخىمۇ راۋان بولۇشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشىنى خالايمىز.

 ئىككىنچى، ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشكە مەدەت بېرىپ، ماسلاشقان ھەمتۈرتكە تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز. كۆپچىلىك بۇ جەھەتتە يۈكسەك ئورتاق تونۇشقا كەلدى، ھەممەيلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق سىياسەت جەھەتتىن ماسلاشقان، پىلان جەھەتتىن جىپسىلاشتۇرۇلغان بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىشتى. بىز ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، سودا، سېلىنما قاتارلىق ساھەلەردىكى ماكرو سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە تاشقى تەرەققىياتقا پايدىلىق مۇھىت بەرپا قىلىشنى خالايمىز. بىز ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنى قوللاپ، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلىقلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، شۇنداقلا خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتى تۈزۈپ چىققان ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى چۆرىدەپ، ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىكلەردىن ئۆزئارا پايدىلىنىپ، ماسلىشىپ تەڭ ئىلگىرىلەشنى خالايمىز. ئىجادىي تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، چوڭ سانلىق مەلۇماتلار، ئاقىل شەھەر، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات قاتارلىق ئىلغار ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قوللاپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى ھالەت، يېڭى ئەندىزىنى يېتىلدۈرۈپ، ئېشىش يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قېزىپ چىقىمىز.

 ئۈچىنچى، ئورتاق تونۇشنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا داۋاملىق يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز. كۆپچىلىك ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى چەكلەپ قويۇۋاتقان بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاشقا ياردىمى بار، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش، خەلققە بەخت يارىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارىدى. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىق ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى سىجىل مۇھىم نۇقتا، چوڭ تۈر ۋە نۇقتىلىق قۇرۇلۇشنى يېتەكچى قىلىپ، تاشيول، تۆمۈريول، پورت، ئاۋىياتسىيە، نېفىت ۋە گاز تۇرۇبىسى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش تورى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە ئالاقە تورىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. بىز ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد – سودا، كەسىپلەر ھەمكارلىق رايونىنى ياخشى قۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلدۇق. مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، پۇل مۇئامىلە بازارلىرىنى ئۆزئارا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنى قوللاپ، ئېچىۋېتىلگەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، خەۋپنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان پۇل مۇئامىلە كاپالەت سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

 تۆتىنچى، بىز ھەر قايسى ئەللەر ئارىسىدا ئالاقە كۆۋرۈكى سېلىپ، خەلققە تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ بېرىشنى خالايمىز. ھەممەيلەن مەدەنىي ئالاقە، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى قەدىمىي يىپەك يولى قالدۇرغان مەنىۋى بايلىق، دەپ قارايمىز، ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش چوقۇم ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى خەلقئارا ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمىغا ئايلىنىشى كېرەك. بىز كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەدىكى ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە – ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق يوللىرىنى ئېچىشنى خالايمىز. بىز پائال شارائىت يارىتىپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى قاتلام، توپلارنى ھەمكارلىققا قاتناشتۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك، ھەمتۈرتكە بولىدىغان، ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلغان ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋەزىيىتىنى يارىتىشنى خالايمىز. بىز خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، مۇھىت ئاسراشنى كۈچەيتىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىمىز. بىز ۋىزا ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرىنى ياخشىلاپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلئارا ئالاقىسىنى تېخىمۇ راۋان، تېخىمۇ ئازادە قىلىمىز.

 بەشىنچى، بىز ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان تەرەققىيات سۇپىسى ئىكەنلىكىگە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باراۋەر قاتناشقۇچى، تۆھپە قوشقۇچى ۋە نەپكە ئېرىشكۈچى ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىمىز. بىز كەڭ قورساق بولۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، دېموكراتىك كېڭىشىپ، ئورتاق تەدبىر بەلگىلەپ، ئېچىۋېتىش داۋامىدا ھەمكارلىشىپ، ھەمكارلىشىش داۋامىدا ئورتاق پايدا ئالىمىز. كۆپچىلىك ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. مەن جۇڭگونىڭ 2019 – يىلى 2 – نۆۋەتلىك ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلايمەن.

 بۇ قېتىمقى باشلىقلار مۇنبىرى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە سۇپا ھازىرلاپ بەردى. مۇنبەر مەزگىلىدە، نۇرغۇن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدۇق، نۇرغۇن ھەمكارلىق تۈرىنى ھاسىل قىلدۇق، بىر قاتار ھەمكارلىق تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىز مۇشۇ ئاساستا بۇلارنى جەملەپ نەتىجە تىزىملىكى تۈزۈپ، مۇنبەر يېپىلغاندىن كېيىن ئېلان قىلىمىز. بۇ نەتىجىلەرنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››قۇرۇلۇشى خەلقئارا ھەمكارلىقىنىڭ كۈچلۈك تىرىكى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

 كەسىپداشلار!

 تارىخ ھامان كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش قەدىمىگە ئەگىشىپ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. 2000 يىللاردىن بۇرۇنقىنى ئەسلەيدىغان بولساق، ئەجدادلىرىمىز مانا مۇشۇنداق توختىماس قەدىمى، قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادىسى بىلەن ئالغا ئىنتىلىش روھىغا تايىنىپ، ئاسىيا، ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان يىپەك يولىنى ئېچىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن.

 بۈگۈنكى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى لىنىيەسى بويىدىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنى بىر – بىرى بىلەن زىچ باغلاپ، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنى تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىلەندۈرىدۇ، بۇ، جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم نىشان. بىز ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى خەلقئارا ھەمكارلىقىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، قەدىمىي يىپەك يولىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچنى قايتا ئۇرغۇتىشىمىز كېرەك. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، بىز مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىشىمىز كېرەك.

 مەن يىغىن يېپىلىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن. سىلەرنىڭ ماڭا ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ئىشەنگىنىڭلارغا رەھمەت، سىلەرنىڭ يىغىننىڭ تەييارلىق مەزگىلى ۋە يىغىن مەزگىلىدە جۇڭگونى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىڭلارغا رەھمەت.

 ئاخىرىدا مەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ يېپىلغانلىقىنى جاكارلايمەن!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى)

 

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى ئويۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئېلېكترونلۇك مەمۇرىيەت ئىشخانسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش