首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شىنجاڭدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-05-17 12:41:44 :ۋاقىت

 گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى 2 – تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش سەپەرۋەرلىك يىغىنى 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ئېچىلدى، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جۇ جيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سەپەرۋەرلىك سۆزى قىلدى.

 جۇ جيەن بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى، پىلان – ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە كونكرېت تەلىپىنى ئېنىق چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈش خىزمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پايدىلىق، مەسىلىلەرنى بايقاش، تەپەككۇرنى كېڭەيتىش، تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك. تەكشۈرۈش خىزمىتىدە، تەكشۈرۈش مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دىققەتنى مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ تەلەپلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسىي ئوبيېكتى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەكشۈرۈش دائىرىسى شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار نۇقتىلىق كارخانىلارغىچە كېڭەيتىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۈزەشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ‹‹ياخشى تۈزىمىگەنلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلىق، تۈزەشنى تۇتمىغانلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىق›› دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەشكىلىي ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىنى پائال قوللاپ ۋە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىگە ماسلىشىپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ پۇختا، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 شۆھرەت زاكىر جۇ جيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغانلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي تەدبىر، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە بولغان كۈچلۈك ھەيدەكچىلىك، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرتكە. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى سىجىل ئېشىۋاتقان ئەھۋالدا ھادىسە ئومۇمىي مىقدارى، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردە ھادىسە يۈز بېرىش سالمىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نىسپىي كۆرسەتكۈچى روشەن ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى بىر قاتار يوليورۇق، كۆرسەتمىلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ‹‹قىزىل سىزىق›› ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا پارتكوم، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنى ئىككى مەسئۇلىيەتنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى، خىزمەت ئىدىيەسىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشى، خىزمەت تەدبىرىنى تېخىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ بۇ قېتىمقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈشىنى پۇرسەت بىلىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشتا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشتا، ‹‹تەرەققىيات ئۈچۈن بىخەتەرلىكنى بەدەل قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ›› دېگەن قىزىل سىزىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشى كېرەك.

 شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، ئالاقىدار تارماقلار تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەكشۈرۈشىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، پائال تۈزەپ، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، ياخشى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، پارتىيەنىڭ 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

 ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇتەللىپ قاسىم ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمەت ئەھۋالدىن دوكلات بەردى. گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى 2 – تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

 گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2 – تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شىنجاڭدا بىر ئاي بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇن – بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتلەردىكى خىزمەت ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ، شۇنداقلا شەھەر، ناھىيە، يېزا – بازار ۋە كارخانىلارغىچە بېرىپ تەكشۈرىدۇ. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈش جەريانىدا دوكلات ئاڭلاش، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، ئايرىم سۈرۈشتۈرۈش، ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش، نۇقتىلىق ئارىلاپ تەكشۈرۈش، پاش قىلغانلارنى كۈتۈۋېلىش، ئاگاھ بېرىپ سۆزلىشىش، تاراتقۇدا ئاشكارىلاش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىدۇ.

 2 – تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بۈگۈندىن باشلاپ پاش قىلىش تېلېفونى 15276520949، پاش قىلىش ئېلخەت ئادرېسى (163.com@xjzzqaq) ۋە پاش قىلىش پوچتا ساندۇقى (ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى ساغلاملىق يولى 253 – نومۇر، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئارقىلىق گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا تېگىدۇ، پوچتا نومۇرى 830002) تەسىس قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە ئالاقىدار تېلېفون، خەتلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. 

 

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى ئويۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئېلېكترونلۇك مەمۇرىيەت ئىشخانسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش